ئورنىڭىز » باش بەت » ھەيران قالارلىق » چىڭلۇڭنىڭ جان بىلەن ئويناشقان 10 ماھارىتى

چىڭلۇڭنىڭ جان بىلەن ئويناشقان 10 ماھارىتى

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ھەيران قالارلىق | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل12-ئاي25-كۈنى |4,628 قىتىم

ھەممىمىز بىلىمىز، چىڭلۇڭ دۆلىتىمىزدىن چىققان دۇنياغا تونۇلغان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش شاھى دەپ نام ئالغان تەۋەككۈلچى ئارتىس،ئۇنىڭ ھەرقانداق فىلىمى ئادەمنى بەزىدە ھەيران قالدۇرسا بەزىدە ئادەمنى كۈلدۈرۈپ خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ، مىنىڭچە ئۇنىڭ فىلىمىنى چوڭ كىچىك ھەرقانداق ئادەم ياقتۇرسا كىرەك، چىڭلۇڭ ھازىر ھۆلىتىمىزدىكى ئەڭ كۆپ كىرىم قىلىدىغان ئارتىس، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاڭلىشىمچە ئۇنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 200 مىلىيوندى ئاشار ئىكەن، ھازىر بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولسا كىرەك، مانا مۇشۇنداق پۇل تىپىش ئۈچۈن مانا فىلىمدىكىدەك تەۋەككۈلچىلىك بىلەن فىلىم ئىشلەپ دۇنياغا تونۇلدى، بۇ كىشىگە ھەقىقەتەن قايىلمەن، بۇكىشىدىن يەنە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، يەنى تەۋەككۈلچىلىك قىلالىغاندىلا ئاندىن تەرەققى قىلىپ بىيىش يولىغاقەدەم باسقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكىلى بولىدۇ. ئەكىسچە كۆمسەم پىشارمۇ ياپسام پىشارمۇ دەپ ئولتۇردىغان كىشىلەر دەل شۇنىڭ ئەكىسچە بولىدۇ.



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:,
يازما ئادرىسى:2939.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 4 پارچە ئىنكاس بار!
  1. ئۆزقان  ( 2011.12.26 02:55 ) : -14-قەۋەت

    بىلىشىمچە چېڭ لوڭ ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۆز رولىدىكى ئالاھىدە ماھارەتنى بىۋاستە ئۆزى ئورۇندايدىغان تالانتلىق سەنئەتكار!
    ئۇنىڭ ئادەمنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرىدىغان يەنە بىر مۇھىم تەرىپى: ئۇنىڭ خەلقئارالىق خەير-ساخاۋەت ئەلچىسى بولۇپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىدۇر!

    جاۋاب
  2. چەۋەندازلار  ( 2011.12.26 21:54 ) : -13-قەۋەت

    چىڭلوڭنىڭ ماھارەتلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندە خەتەرلىك ماھارەتلەرگە كۆپۈنچى ئەھۋاللاردا زاپاس ئەزا ئىشلەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا ئىتراپ قىلىدۇ. ماھارەتلىرىنى ئوبرازلىق چىقىرىش ئۈچۈن فىلىم تەھرىرلىگەندە ئازراق تىزلەشتۈرىدىكەن. گەرچە ئۆزىنىڭ ھەركىتى چاققان بولسىمۇ.

    جاۋاب
  3. تۇران تېكىن  ( 2011.12.27 00:27 ) : -12-قەۋەت

    ئەلشات ئىنىمنىڭ بۇ فىلىمگە بەرگەن تەۋەككۇلچىلىق ھەققىدىكى ئىزاھاتىدىن، مۇنداق بىر سۆز ئېسىمگە كىلىپ قالدى: بىر قانچە يىل ئىلگىرى دۆلىتىمىزنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، ئىسلاھات روھى ھەققىدە توختۇتۇلۇپ: تەۋەككۈل قىلىش روھىغا باي كىشىلەر ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بۇلىدۇ؛ تەۋەككۈل قىلىش روھى يوق كىشىلەر نەزەرىيىۋى تەجرىبىگە مول بۇلىدۇ دەپ ئوتتۇرغا قويغان ئىدى. مەن شۇندىن كېيىن تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىساممۇ، لېكىن ئەمەلىي پائالىيەتلەرگە كۆلرەك قاتنىشىشقا نتىرىشىپ كەلدىم.

    جاۋاب
  4. لوپنۇرى  ( 2011.12.27 21:06 ) : -11-قەۋەت

    خەنزۇ ئارتىسلار ئىچىدە بۇ گۇيغا رەسمىي قول قويىمەن.ئىشلىگەن كىنولىرىدىن كۆرمىگىنىم يوق.ئۇ ھەركەتلىك فىلىمنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپ قويىدۇ.ئۇنىڭدىكى تەۋەككۇلچىلىق روھى،جىددىي پەيىتلەردىكى ماھىرلىق بىلەن ئىشلىگەن ھەركەتلىرى مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ.

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif