سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

پەرزەنت يىتىشتۇرۇشنىڭ مەخپى رىستىپى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-24 17:11مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئابرال زىيارەت سانى: قېتىم

"بىزنىڭ بالىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ئەقللىق بالا"  بۇ سۆز ﻫەر بىر ئاتا - ئانىنىڭ بالىسى توغرىسىدا دېيىشكە تېگىشلىك سۆزدۇر. بىر پىسخولوگىيە ئالىمى:"كىچىك بالىلارنىڭ زېﻬنى ئاپئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، ئۇ قەغەزگە نېمە يېزىلسا، بالا چوڭ بولۇپ شۇ قەغەزگە يېزىلغاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ياشايدۇ، ﻫەر قانداق كىچىك بالىنىڭ زېﻬنى جەﻫەتتىن بولسۇن ياكى جىمسانى جەﻫەتتىن بولسۇن ياخشى يېتىلىشى ئۈچۈن 80 پرسەنتى ئاتا - ئانىسى بەرپا قىلغان مۇﻫىتنىڭ تەسىرگە باغلىق بولىدۇ. ئانىنىڭ قوچىقىمۇ بالىنىڭ تۈنجى مەكتىپى ﻫېساپلىنىدۇ. بىز تۆۋەندە ئانىلار ئۈچۈن بىر قانچە تەۋسىيلەرنى تەقدىم قىلىمىز. بۇ تەۋسىيەلەرنىڭ، بالىلارىنىڭ زېﻬنى ۋە جىسمانى جەﻫەتتىن ساغلام يېتىلىشىگە پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئانا بولغۇچى ئۆز بالىسىغا يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ كۆڭۈل بۆلىشى لازىم، بالىسىغا مېﻬرى مۇﻫەببەت بىلەن گەپ قىلىش لازىم، ئەگەر ئۇ بالا كىچىك بولغانلىقتىن ئانىسىغا جاۋاپ بېرەلمىسىمۇ، كۈلۈش، ياكى پۈت - قولىنى ﻫەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق مۇﻫەببەت ئىزﻫار قىلالايدۇ.

كىچىك بالىنىڭ زېﻬنى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپلىگەن نەرسىلەرنى كۆرسىتىڭ، ئوخشىمىغان نەرسە، ئوخشىمىغان رەڭلەرنى كۆرسە تىز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئاشىدۇ. ئوخشىمىغان ئويۇنچۇقلارنى ئويناش ئارقىلىق كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئۆگۈنىدۇ. ﻫەر خىل ئويۇنچۇقلارنى ئويناش بالىنىڭ ﻫوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگۈنۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

كىچىك بالىنى كىچىكىدىنلا يۇيۇنىشقا ئادەتلەندۇرۇڭ، ﻫەر كۈنى يۇيۇندۇرۇپ، پاكىز كىيىملەرنى كىيىندۈرۈشنى كۈندىلىك ئادەت قىلىۋېلىڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىز، بالىڭىزنىڭ تىز چوڭ بولۇشقا، جىسمانى جەﻫەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە كۆپ پايدىسى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا پاكىزلىققا ئەﻫمىيەت بىرىدىغان ئادەت پەيدا بولىدۇ. ﻫەر كۈنى مەلۇم ۋاقىت باغچىغا ياكى مەيدانغا ئاپىرىپ ئايلاندۇرۇڭ، يېشىللىق بالىلارنىڭ زېﻬنى ۋە جىسمانى ساغلاملىقى ئۈچۈن پايدىلىق.

كىچىك بالىغا تىل چىقىپ سۆزلەشكە باشلىغاندا ئوخشىمىغان سۆزلەرنى ئۆگۈتۈپ سۆزلەشكە ئۈندەڭ، ﻫەر كۈنى مەلۇم ۋاقىت ئۇنىڭ سۆزلىشىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىڭ، يېڭى - يېڭى يېقىملىق سۆزلەرنى ئۆگۈتۈڭ، بالىڭىز سىز ئۆگەتكەن سۆزلەرنى باشقىلار ئالدىدا سۆزلەيدىغانلىقىنى ﻫەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.

بالىڭىز ئويۇنغا بېرىلىپ كەتكەندە ئۇنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقى ۋە قانداق ئويۇننى ياقتۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا قارار چىقىرىشىڭىزدا پايدىسى بولىدۇ. چۈنكى كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرى ئۇنىڭ نېمىگە ﻫەۋەس قىلىشى، نېمىنى ياقتۇرۇشى، نېمىنى ئارزۇ قىلىشى، نېمىگە يۈزلىنىشىنى ئاشكارىلايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ قىزىقىشىدا مۇناسىپ يول ئۇچراپ قالسا ئۇنىڭ قىزىققان شۇ نەرسىدە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدا ﻫېچقانداق شەك يوق.

كىچىك بالىلارنىڭ سورىغان سوئالىغا ﻫەرگىز سەل قارىماڭ، بالىلار سوئال سوراش ئارقىلىق ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئاشكارىلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ سوئالىغا ئەستائىدىللىق بىلەن جاۋاپ بېرىڭ ، ئۇنى جۈرئەتلىك بولۇشقا ئۈندەڭ، ئاپىرىن ئوغلوم، يارايسەن، دېگەن سۆزلەرنى كۆپ قىلىڭ.

بالىلارنى ياخىشى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن توغرا بىلەن خاتانىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈڭ، ئۇنىڭ ئالدىدا ﻫەرگىز يالغان سۆزلىمەڭ، داۋاملىق ئۆزىڭىزنى ئېسىل، ئالى جاناپ كۈرسىتىڭ، ئۆزىڭىزنى بالىڭىزغا ئۆلگە قىلىڭ، ﻫەتتاكى ئۇ سىز ماڭغان يولنى ئۆزلەشتۈرۈپ، شۇ يۈلدا مېڭىشتىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولسۇن.

بالىڭىزغا تارىختا ئۆتكەن مەشﻬۇر شەخىسلەرنىڭ ﻫېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىڭ، مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالامنىڭ ﻫاياتى توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلارنى، قىسسىلەرنى ئوقۇپ بېرىڭ، بەزىدە ئۆزىڭىزمۇ ياخشى ﻫېكمەتلىك ﻫېكايىلەرنى سۆزلەپ بىرىڭ. ئۆزى ئوقۇيالايدىغان بولغاندا شۇ خىلدىكى كىتابلارنى ئەكىلىپ بېرىڭ.

بالىڭىزنى ﻫەرگىزمۇ بىر نەرسىدىن قورقۇتماڭ، ئۇنىڭ زېﻬنىغا بىر نەرسىدىن قورقۇش كىسىلىنى ئورناتماڭ، ئۇنى بىر باﻫادىر ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈڭ.

بالىڭىزنىڭ ئالدىدا ۋاقىراپ گەپ قىلماڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن جەڭگە - جىدەل قىلماڭ، جەڭگە جىدەلدىن ئىمكان بار يىراق قىلىڭ. ئۇنداق قىلمىسىڭىز بالىڭىزنىڭ چۈشەنچىدە پىكرى چېچىلاڭغۇلۇق ئېشىپ كېتىپ، ﻫاياتقا بولغان تونۇشى چۈشكۈنلىشىدۇ.

بالىڭىز بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنى جۈرئەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپىرىن، يارايسەن ئوغلۈم دەڭ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوغلىڭىزنىڭ ياخشى ئىش قىلغانلىقىنى ماختاڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ كەلگۈسىدە ياخشى ئىش قىلىشقا تىرىشىدىغان بولغۇسى.

بالىلارنى تەربىيەلەش ئاتا - ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتى، لېكىن ئاللاﻫ تائالا جەننەتنى ئانىنىڭ قەدىمىنىڭ ئاستىدا قىلدى، چۈنكى بالىلارنى قاتارغا قوشۇش، تەربىيەلەشتە دادىغا قارىغاندا ئانىنىڭ ئەجىر كۆپ بولىدۇ ۋە ئۇنى تەربىيىلەپ يېتىلدۈرۈش باشقىلارنىڭ قوچىقىدا ئەمەس دەل ئانىنىڭ قوچىقىدىكى ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشىڭ ۋە بۈگۈنكى ئانىلارنىڭمۇ كىشىلەرنىڭ ﻫەۋىسىنى قوزغىغىدەك بالىلارنى تەربىيىلەپ چىقالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىڭ، ﻫەمدە كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا: "شۈبﻬىزكى، گۈدەك بالىلارنىڭ جەميەتكە ياراملىق، پايدىلىق بولىشىدا، جەميەتتە مۇﻫىم رول ئوينىيالىشىدا ئانىلارنىڭ خاسىيىتى بار ئىكەن، دېگەن چۈشەنچە ئورۇن ئالغاي.

مەنبە : ئابرال بىلوگى

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(4)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !