سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ زىببۇ~زىننەت ئادىتىگە نەزەر!(ئايسىز~كېچ

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-16 18:00مەنبە: يازغۇچى:ئايسىز~كېچە زىيارەت سانى: قېتىم

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى زىبۇ زىننەتلىرى دۇنياغا داڭلىق . ئۇيغۇر ئاياللىرى تەبىئەتتىكى ھەر خىل ئالتۇن ، كۈمۈش ، قاشتېشى ۋە ياقۇتقا ئوخشاش قىممەتلىك مېتال ۋە تاشلاردىن زىننەت ئۈچۈن ئىنتايىن كۆركەم ، سىپتا سەنئەت بويۇملىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ئۇلار بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ ، تېخىمۇ جەزبىدار ۋە گۈزەل كۆرۈنۈشكە تىرىشقان . ئاسماننىڭ بېزەكلىرى بولغان يۇلتۇزلار ، كېچىنى يورۇتقۇچى ئاي ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈل - گىياھلار خوتۇن - قىزلارنىڭ بويۇن ۋە قۇلاقلىرىدا زىننەت بويۇمى بولۇپ ئەكس ئەتكەن . تۆۋەندە بۇ زىننەت بويۇملىرى ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز :

   بىرىنچى : بارماققا ئالتۇندىن ئۈزۈك ياساپ ، ئۇنىڭغا ياقۇت ۋە قاشتېشىلاردىن كۆز سالدۇرۇپ ، بۇنى : يۈزۈك" دەپ ئاتىشاتتى . كىمنىڭ يېنىدا قاشتېشى بولسا ، ئۇنىڭغا چاقماق تەگمەيدۇ ، دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بولغان . شۇڭا ، سۈزۈك ئاق قاشتېشىدىن كۆز قويۇلغان ئۈزۈكنى ئەرلەرمۇ بارماقلىرىغا سېلىۋالاتتى . ئەرلەرنىڭ بۇ ئۈزۈكنى تاقىشى زىننەتلەش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى چاقماق سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر . قاشتېشىنى بۆزگە ئوراپ ئوتقا تاشلىغاندا بۆزمۇ ، تاشمۇ كۆيمەيدۇ ، ئۇسسىغان ئادەم ئۇنى ئاغزىغا سالسا ئۇسسۇزلىقنى باسىدۇ .

 
ئىككىنچى ، ئەرلەر ئۈزۈكتىن باشقا زىننەت بويۇمى تاقىمايدىغان بولۇپ ، كەمەرلەرگە ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان توقىلارنى بېكىتەتتى ، خانلارنىڭ كەمەرلىرى تېخىمۇ ئېسىل بولاتتى . ھەتتا گۆھەردىن كۆز قويۇلاتتى . ئۇنىڭدىن باشقا زۇلپىقار ۋە ئېگەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ساپلىرىمۇ ئېسىل تاشلار ۋە ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن زىننەتلىنەتتى ، بۇنداق زىننەتلەش ئۇسۇلى --- " ئۇستەم " دىيىلەتتى .


ئۈچىنچى ، " بوز مۇنچاق " دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل زىننەت بويۇمى بولۇپ ، بۇ ئىپار سۆكتىن ياسىلىپ ، قىز - ئاياللار تاقىشىدۇ .

  تۆتىنچى ، خوتۇنلار قۇلىقىغا سالىدىغان بىر خىل زىرە بولۇپ ، بۇ ھالقا زەنجىرلىك بولىدۇ . شۇڭا ، ئۇنى " كۈپە" دەپ ئاتىشاتتى . خۇددى زەنجىرلىك ساۋۇتنى " كۈپە يارىق" دېگەنگە ئوخشاش .

  بەشىنچى ، نىكاھ كېچىسى كېلىنگە تاقاپ قويۇلىدىغان بىر خىل قىممەت باھالىق زىننەت بويۇمى بولۇپ ، ئۇ ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىپ ، ئۈستىگە قىممەت باھالىق تاش ۋە مەرۋايىت ئورنىتىلىدۇ . بۇ " بوغماق " دەپ ئاتالغان .

  ئالتىنچى ، قۇلاققا سېلىنىدىغان ھالقىنىڭ " تولغاق " سۆكە دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىرقانچە خىلى بار بولۇپ ، ئۇنى " يىنچۇ تولغاق " (ئۈنچە ھالقا) دەپ ئاتاشقان .

  يەتتىنچى ، خوتۇن - قىزلار دوپپىلىرىغا ئالتۇن قاداق تۇتىدۇ . بۇنى " بۆرك بورتىلاندى" دەپ ئاتىلاتتى ، بۇنىڭ مەنىسى بۆككە ئالتۇن قاداق تۇتتى دېگەننى بىلدۈرەتتى .

  سەككىزىنچى ، يۇقۇرقىلاردىن باشقا ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرى ھەر خىل ياقۇت ۋە تاشلاردىن بوينىغا مارجان ئاسىدىغان ۋە ئالتۇندىن بۇلاپكا تاقايدىغان ئادەتلىرىمۇ بار . مەسىلەن ، " باقان " دەپ ئاتىلىدىغان بىر زىننەت بويۇمى بار ئىدى . بۇ ئالتۇن ۋە ئالتۇنغا ئوخشاش نەرسىلەردىن ياسالغان بويۇن ھالقا ياكى ئالتۇن چەمبەر . بۇنى " ئالتۇن باقان " دەپ ئاتىشاتتى . مارجاننى بولسا " ساتا" دەپ ، قىممەتلىك تاشلاردىن ياسالغىنىنى " مۇنچۇق" دەپ ئاتاشقان .ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى قەدىمدىن تارتىپلا گۈزەللىككە ئىنتىلىپ كەلگەن .

     ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى قەدىمدىن تارتىپلا گۈزەللىككە ئىنتىلىپ كەلگەن . ېۇلارنىڭ گىرىم قىلىش ئادىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم ئۈلگىلەرنىڭ بىرى . قەدىمقى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىشلەتكەن گىرىم بويۇملىرىدىن :


1 . ئەڭلىك . بۇ ئاياللار يۈزىگە سۈرتىدىغان ئاچ قىزىل بوياق . يەنە ئۇپىمۇ بار .

  ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىدە قەدىمدىن تارتىپ ماڭىزنىڭ قىزىل بولۇشى ساغلاملىق ، گۈزەللىك ، نومۇسلۇق ۋە ئۇياتلىقنىڭ ئىپادىسى ، دەپ قارىلىدۇ . يۈزىدە قېنى بولمىغان ئادەملەر يامان خاراكتېرلىك ياكى كېسەل ، دەپ قارىلىدۇ . شۇڭا ، يۈزىنى قىزارتىدىغان كۈچلۈك تاماقلارنى كۆپرەك ئېستىمال قىلاتتى .

2 . ئۇلاش ۋە كۆپتۈرۈش شەكلىدىكى پەرداز .

  ئۇيغۇرلار چاچنى گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى قىلغان ھەم چاچنى قەدىرلىگەن . ھەممە كىشىنىڭ چېچى كۆڭۈلدىكىدەك قويۇق ھەم ئۇزۇن بولۇشى ناتايىن . شۇڭا ، بۇنداق كەملىكنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چاچنى كۆپتۈرۈش ۋە چاچقا سۈنئىي چاچ ئۇلاش ئارقىلىق تولۇقلىغان . بۇنداق چاچ ئۇلاش 2 خىل بولۇپ ، بىرى ، چېچىغا چۇپۇردىن چاچ ياساپ ئۇلاپ ، چېچىنى ئۇزۇن ھەم توم كۆرسىتەتتى . بۇنداق يالغان چاچ "ئۆڭىك" دېيىلىدىكەن . ئاياللار ئۆزىنىڭ ئۆرۈمە چېچىنى بولسا "ئۆرگۈچ" دەپ ئاتايدىكەن . ئەگەر چېچى يوق ياكى چېچى شالاڭلار ئۆچكە چۇپۇرىدىن ماڭلاي چاچ ياساپ ، ئاز چاچنى كۆپتۈرۈپ كۆپ قىلىپ كۆرسىتىدىكەن .

3 . سىلىقلاش شەكلىدىكى پەرداز

  ئۇيغۇر ئاياللىرى يۈزىدىكى ۋە بەدىنىدىكى تۈكلەرنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تازىلاپ سىلىقلاشقا قەدىمدىن تارتىپ ئادەتلەنگەن . قاشلىرىنى موچىن بىلەن تېرىپ ئىنچىكلەشتۈرۈش ، يۈزىدىكى تۈكلەرگە يىپ سېلىپ سىلىقلاپ تۇرۇشنى ئۇلار "مەڭدەشتى" دەپ ئاتىغان . يۈزىگە يىپ سېلىپ تازىلاش ئۇسۇلىنىڭ پايدىسى ، يۈزلىرىنى سىلىق، پارقىراق قىلىش رولىغا ئىگە بولغان . بەدەندىكى مويلارنى چۈشۈرۈشكە بولسا ، "ئودۇتال" دەپ ئاتىلىدىغان مەخسۇس تۈك چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ھاك ئارلاشمىسى بولۇپ، شۇنى ئىشلەتكەن .

  ئاياللار ئۇزۇن چاچ قويۇشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ، چاچلىرىغا جىگدە يېلىمى سۈرتۈپ چاچلىرىنى قۇۋۋەتلەپ كەلگەن . دېمەك ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەدىمقى گىرىم قىلىش ئادەتلىرىدىن قارايدىغان بولساق ، ئۇلاردىكى گۈزەللىككە بولغان قارىشى ئېنىق بولۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ ئۆرپ - ئادەت نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ ئۆزلىرىدىكى چاچنىڭ توم ۋا قارا بولىشىغا ، ئۇزۇن بولىشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز . ھازىرقى گرىم بويۇملىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گىرىم قىلىش سەنئىتىگە قارايدىغان بولساق ، ئۆزگىرىش ئىنتايىن چوڭ . ئۇزۇن چاچلىقلاردىن قىسقا چاچلىقلار كۆپ . قارا چاچلىقلاردىن رەڭلىك چاچلىقلار كۆپ . گۈزەللىك --- ئۇ ئۆزىمىزدە . ئوزىمىزدىكى خاسلىقنى ھەرگىزمۇ يوقىتىپ قويمايلى !

 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(0)
0%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !