ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل يۈەن سۇلالىسىدە ئوينىغان رولى چىڭگىزخان (مىلادىنىڭ 1206– يىلىدىن 1227– يىلىغىچە قاغان بولغان) ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئوكتاي خان (1228–1241)، گويۇك خان ()1246–1248) مۇنىكى خان (1251–1259)نىڭ ۋاقتىدا (مىلادىنىڭ 1206–1259– يىلىغىچە) شەرقتە تىنچ ئوكياندىن تارتىپ غەربتە دۇناي دەرياسىنىڭ دېڭىزىغا قويۇلىدىغان جايغىچە ۋە شىمالدا سىبىرىيە دالالىرىدىن تارتىپ جەنۇبتا كىچىك ئاسىياغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان يەرلەرنى ئىگىلەپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. |