سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايان

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-26 12:29مەنبە: يازغۇچى:Wasil زىيارەت سانى: قېتىم

ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايان

چاغاتاي موڭغۇل خانلىقىنىڭ گۇمران بولۇپ،سەئىدىيە خانلىقىنىڭقۇرۇلۇشىغا يول ئېچىلغانلىقى

             ئېستىلاچى چىڭگىزخان ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى 1225-يىلىئاستانە قارا قۇرۇمدا داغدۇغىلۇق قۇرۇلتاي چاقىرىپ ئىككىنجى ئوغلى چاغاتايغا ئوتتۇرائاسىيا ۋە شىنجاڭنى مىراس سۈپىتىدە بۆلۈپ بەردى،چاغاتاي ئىلىدىكى ئوردىسىدا سەلتەنەتتاجىنى كىيدى.چاغاتاي موڭغۇل خانلىقىدىكى ﻫۆكۈمالار ،دۆلەت خادىملىرى ۋە ئەسكەرلەر ئاساسەنموڭغۇللار بولۇپ،ئوردا قائىدىسى،تەشكىلى،ﻫەرخىل مۇراسىملىرى موڭغۇل ئەنەنىسىگە سادىقئىدى.تۇغلۇق تۆمۇرخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئەمىر تۆمۈر كوراگان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغۇللىرىخىزىر خوجا بىلەن ئىلىياس خوجىنى كۆزگە ئىلماي ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتتى،شۇكۈندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى پارچىلىنىشقا يۈز تۇتتى.ئىچىكى ئىختىلاپ كۈچەيدى،خان،بەگزادىلەرئوتتۇرىسىدا تەخىت ﻫوقۇق،زېمىن ماجىراسى بېسىقمىدى،ئەلدە ئەنسىزلىك،ۋەيرانچىلىق ئەۋجئالدى.بۇ سورۇقچىلىقتىن قەشقەردىكى زېمندار مىرزا ئابابەكرى پايدىلىنىشقا باشلاپ قەشقەريەكەنلەردە نوپۇز تىكلەپ،ئۆز ئالدىغا قوشۇن قۇردى.ئەﻫمەدخان چاغاتاي خانلىقىنى ئەسلىگەكەتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتى،لېكىن مۇرادىنى ﻫاسىل قىلالماي ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى،مەﻫمۇدخاننڭۋاپاتىدىن كېيىن ئىككى ئوغلى مەنسۇرخان بىلەن سەئىدخانمۇ پېتىشمىدى،سەلتەنەت تالشىپئۆز ئارا سوقۇشتى ،سەئىدخان مىززا ئابابەكرى بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ئورتاق ﻫۇجۇمىغا تەڭكېلەلمەي تاغىسى بابۇر شاﻫتىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ﻫىندىستانغا يول ئالدى،شۇندىنكېيىن مىرزا ئابابەكرى ئالتە شەﻫەرنىڭ رەسىمى ﻫۆكۈمدارى بولدى،ئۆز ئىنتايىن زالىم بولغانلىقىئۈچۈن ئۆز خاﻫىشى بويىچە جاﻫان سوراپ خەلقنى قاتتىق ئەزدى،سەئىدخاننىڭ قارارگاﻫى ئاقسۇبولغاچقا ئاقسۇ خەلقىنى دەﻫشەتلىك باستۇردى،ئاقسۇ شەﻫىرى 16 يىلغىچە قاغا-قۇزغۇنلارنىڭماكانىغا ئايلىنىپ،بىرمۇ ئادىمىزات ئاياق بېسىپ باقمىدى.سەئىدخان ﻫىندىستانغا بارماقىنىنىيەت قىلىپ ئاۋال پەرغانىگە يول ئالدى،بۇنىڭ ۋەجى دادىسى ئەﻫمەدخان پەرغانە تەرەپتىنباش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆزىگە تەﻫدىت سېلىۋاتقان شەيبانىخان بىلەن كۆپ سوقۇشقان ئىدى،بۇئۇرۇشقا ئامراق ئوغلى سەئىدخانمۇ قاتناشقان ئىدى،بۇ ئۇرۇشتا ئەﻫمەدخان يارلىنىپ ئەسىرىگەچۈشتى ،كېيىن شاﻫبەگ خان ئەﻫمەدخاننى ئەسىردىن بوشىتىپ ئاقسۇغا چىرايلىق يولغا سېلىپقويدى،لېكىن سەئىدخان نەمەنگاندا بىر يىلدىن ئارتۇق زىنداندا ياتتى،كېيىنكى يىلى ئەندجانغاجانبەگ سۇلتان ۋە ئۆزبېكلەر خان بولغاندىن كېيىن سەئىدخاننى زىنداندىن بوشىتىپ نازارەتئاستىغا ئالدى،ياش سەئىدخاننىڭ جاسارىتى ۋە شىجائىتىدىن تەسىرلەنگەن يەرلىك بەگلەرئۇنىڭغايوشۇرۇنچە ﻫىسداشلىق قىلدى ۋە 18 ئادىمى بىلەن قاچۇرۋەتتى،سەئىدخان قېچىپ ئىسسىقكۆلﻫۆكۈمرانى مۇﻫەممەدخاننىڭ ﻫوزۇرىغا باردى،لېكىن سەئىدخان مۇﻫەممەدخاننىڭ چېرىكلىكىدىنبىزار بولۇپ ئۇنى ئاغدۇرماقنى نىيەت قىلدى،لېكىن سېزىلىپ قالغاچقا 200دەك ئادىمى بىلەنمۇﻫەممەدخاننىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ يارىلنىپ ئەسىرگە چۈشتى،سەئىدخان بۇ يەردەئىككى يىل زىنداندا ياتقاندىن كېيىن 1507-يىلى يەتتە سۇغا قېچىپ باردى،ﻫەم ئىنىسى خېلىلسۇلتان بىلەن بىرلىشىپ ئۆنى يەتتە سۇ خانى دەپ جاكارلىدى،كېيىن مۇﻫەممەدخاننى ئاغدۇرۇپزېمىنىنى ئىسسقكۆلگىچە كېڭەيىتتى،ئاكىسى مەنسۇرخان سەئىدخاننى بۆشۈكىدە ئوجۇقتۇرۇشئۈچۈن يەتتە سۇغا زور قوشۇن تارتىپ سەئىدخاننىڭ قوشۇنىنى تېرىپىرەن قىلدى،بارلىق قوشۇنلىرىدىنمەﻫرۇم قالغان سەئىدخان چۆل-باياۋاندا جېنىنى جان ئېتىشكە مەجبۇر بولدى،ئىنىسى خېلىلسۇلتان جانبەگ ﻫۇزۇرىغا بېرىپ پاناﻫلاندى،لېكىن جانبەگ سۇلتان ﻫوزۇرىدىكى مەنسۇرخاننىڭيېقىنلىرىنىڭ قەستىگە ئۇچىراپ باقى دۇنيا بىلەن خوشلاشتى،سەئىدخان نارىن جاڭگاللىقىدىنئۆتۈپ تارىم دەرياسى بويىدىكى دولانلىقلار ئارىسىغا يوشۇرۇندى ۋە دولانلىقلاردىن كۈچ توپلاپمىرزا ئابابەكرى بىلەن قارىشىلىشىشىنى مەقسەت قىلدى،لېكىن دولانلىقلار سەئىدخانغا ۋاپاقىلمىدى،ئەكىسچە ئادەملىرىنى ئۆلتۈردى،سەئىدخان بۇ يەردىنمۇ قېچىپ نارىن جاڭگاللىقىغاقايىتتى ۋە جاڭگالدا پاناﻫلىنىپ يۈرگەن خوتۇن-باللىلىرىنى يايلاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىنكېيىن پەرغانىدىكى جانبەگ سۇلتان ﻫوزۇرىدىكى ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان بەگلەرنى پاناﻫتارتىپ، ﻫىندىستانغا بېرىش ئۈچۈن پەرغانىگە يول ئالدى،سەئىدخان پەرغانىدىكى يېقىلىرىنىڭياردىمىدە ئامان-ئېسەن ئەندىجانغا بېرىۋالدى ، ئەندىجاندا جانبەگ سۇلتان تەيىنلىگەنﻫاكىم خوجا باتۇر سەئىدخاننى ئىززەت -ئېكىرام بىلەن كۈتىۋالدى ۋە بەدەخشانغا يولغاسېلىپ قويدى،بەدەخشان خانى سەئىدخاننى پايتەخىت زوپەردە بىر نەچچە كۈن پاناﻫلاندۇرغاندىنكېيىن كابۇلغا يولغا سالدى،1510-يىلى سەئىدخان كابۇلدا تاغىسى بابۇر شاﻫ بىلەن ئاخىرىدىدارلاشتى

سەئىدخان بابۇر شاﻫنىڭ ﻫوزۇرىغا بارغاندىن كېيىن بابۇرشاﻫ بۇ باتۇر،قەيسەر،جەسۇر سەئىدخاندىن تولىمۇ ئېﻬتىيات قىلدى ۋە پايلاقچى قويۇپ نازارەتقىلدى،سەئىدخان كابۇلدا ئىككى يىلدەك تۇرۇپ كۈچ توپلىدى،پەرغانە ۋە ئالتە شەﻫەردىكىيېقىن-تەرەپدارلىرى بىلەن يوشۇرۇن ئالاقە قىلىپ تۇردى،ئۆز ۋاقتىدا مىرزا ئابابەكرىنىڭسۈيقەستىدىن قوتۇلدۇرۇپ قاچۇرۋەتكەن يېقىنلىرى سەئىدىخانغا تۇشمۇ-تۇشتىن ياردەم قىلىشقاباشىلىدى،مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلىمىدىن قېچىپ پەرغانىگە كەلگەنلەرمۇ سەئىدخاننىڭ ﻫاكىمىيەتنىقولغا ئېلىشىنى ئۇمىد قىلدى،بابۇرشاﻫ ئوتتۇرا ئاسىياغا ﻫوجۇم قىلغاندا سەئىدخانمۇ ﻫەمدەمبولدى،ئىككەيلەن ئۆزبېكلەرگە قارشى دەﻫشەتلىك ئۇرۇشلارنى قىلغان بولسىمۇ غەلبە قىلالمىدى،بابۇرشاﻫنائىلاج كابۇلغا قايىتتى،سەئىدخانمۇ باشقا ئۈمىدلىرىدىن ئامالسىز ۋاز كېچىپ بابۇر شاﻫتىنزور ئەسكىرى كۈچ ئېلىپ 1514-يىلى نارىنغا كەلدى،قوشۇنلىرنى تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن 10 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشقا ﻫازىرلاندى.

 

سەئىدخان بىلەن مىرزا ئابەكرى ئوتتۇرىسىدا دەﻫشەتلىكسوقۇشلارنىڭ بولغانلىقى،سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى

مىرزائابابەكرى سەئىدخاننىڭ ﻫەربىي يۈرۈشىدىن خەۋەر تېپىپ قەشقەرنى قاتتىق مۇداپىئە قىلدى،لېكىنسەئىدخان قەشقەرگە ﻫۇجۇم قىلىشى بىلەن مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلىمىدىن جاق تويغان قەشقەرخەلقى قوزغىلىپ سەئىدخان تەرەپكە ئۆتتى،مىرزا ئابابەكرى ئىچىكى،تاشقى ﻫۇجۇمدا تېزلاﻫالىدىن كەتتى ،قوشۇنلىرى بىرلا ﻫۇجۇم بىلەن تىرىپىرەن بولۇپ چېچىلىپ كەتتى،مىزرا ئابابەكرىتىبەتكە قاراپ قاچتى ۋە چۆلدە ﻫالاك بولدى.سەئىدخان يەكەنگە كىرگەندىن كېيىن 1514-يىلىرەجەپ ئېيىنىڭ 30-كۈنى قۇرۇلتاي چاقىردى،قۇرۇلتايدا سەئىدخان خانلىق تاجىنى كىيىدى،دۆلەتنىڭنامىنى ""سەئىدىيە دۆلىتى"" دەپ ئاتىدى،يەكەن شەﻫىرى دۆلەتنىڭدائىمى پايتەختى قىلىپ بېكىتىلدى،دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكىلى نۇقۇت رەڭ ئۈچ بۈرجەكلىكبايراققا ئۆزگەرتىلىپ بايراقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە""لائىلەللاﻫۇ مۇﻫەممەدۇن رەسۇلىللە""دىگەنئايەت ئالتۇن ﻫەل بىلەن يېزىلدى،سول تەرىپىگە دۆلەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى يېزىلدى.سەئىدىيەجانلىقى پارس تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتتى،ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلدى،مەدىرسلەردە 70% دەرسىلك پارس تىلىدا ئۆتۈلدى،يەتتە سۇ،ئىسسىق كۆل ۋە ئالتە شەﻫەرگىچە بولغان كەڭزېمىن سەئىدىيە خانلىقىغا مەنسۇپ بولدى،لېكىن شىمالى شىنجاڭ ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ قولىدابولغاچقا،سەئىدخان ئاكىسىغا تىنچ بىرلىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ مەكتۈپ ئەۋەتتى،سەئىدخانمەكتۇبىدا""دۆلەت قۇرۇشتىكى مەقسەت:زېمىن ئىگىلەپ،تاج كىيىپ،شەخسى ئارزۇنىقاندۇرۇش ئەمەس،بەلكى،ئۇزۇندىن بېرى راﻫەت كۆرمىگەن خەلقنى راﻫەتكە چىقىرىشتۇر.""دىگەن،سەئىدخانتەقۋادار،رەﻫىمدىل،خەلقچىل نسان بولغاچقا تەخىتكە ئولتۇرۇپلا باجنى 10 يىلغىچە كەچۈرۈمقىلغان،مىرزا ئابابەكرى بۇلاپ توپلىغان بايلىقىنى خەلقكە ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن،ئۇرۇشنىخوپ كۆرمىگەن.سەئىدخان ﻫاكىمىيەتنى مۇستەﻫكەملەپ كۈچەيگەندىن كېيىمۇ ئاكسى مەنسۇرخانغادۈشمەنلىك قىلمىدى،ئەكىسىچە داۋاملىق ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆز سەمىمىيىتىنى بىلدۈردى،مەنسۇرخانسەئىدخاننىڭ سەمىمىيىتى،جاسارىتىدىن تەسىرىلىنىپ ئاخىرى بەيەت ئىجىدە سەئىدىيە خانىلىقىكۈندىن كۈنىگە زورىيىپ نوپۇزلۇق،كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى،زېمىنى يەتتەسۇ،توقماق،تىبەت،كەشمىر،قۇمۇل،بەدەخشانغىچەكېڭەيدى.دۆلەت بىرىككە كېلىپ خەلق ئەمىن تاپتى،ئىگىلىك گۈللىنىپ دۆلەت روناق تاپتى،خەلقباياشات ئىچىدە ئۆتتى،شۇڭا بۇ دەۋردە كىشلەر قۇمۇلدىن بەدەخشانغىچە سەپەرگە چىقسا ئوزۇقتۈلۈك ئالماي ئۆيدىن ئۆيگە كىرىپ مېﻬمان بولۇپ بارار ئىكەن.سۇلتان سەئىدخان تىبەتكەقوشۇن تارتىپ تىبەتنى بويسۇندۇرۇپ قايتاشىدا كېسەل تېگىپ 1533-يىلى 47 يېشىدا ۋاپاتبولدى.مىيىتى يەكەندىكى ئالتۇنلۇق مازارغا دەپنە قىلىندى.سۇلتان سەئىدخان 16 يېشىدىنباشلاپ 47 يېشىغىچە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ زېمىنى كەڭ،قۇدىرەتلىك، باي سەئىدىيەخانلىقىنى قۇردى ۋە مۇستەﻫكەملىدى،19 يىل سەلتەنەت سۈردى.

 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(23)
92%
دەسسەش
(2)
8%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !