جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن سۇلالىلەر ۋە خانىدانلىقلار غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن لەشكەر تۇرغۇزۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوننى قوغداشنى ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى قىلغان. ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭغارلار ئۆز مەركىزىنى قوبۇقساردىن تەبىئىي شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئىلىغا كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مەلۇم مەزگىل گۈللەنگەن. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى - جۇڭغار خانىدانلىقىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ،، دېھقانچىلىققا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە. جۇڭغار خانلىقى ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر، قوبۇقساردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تېرىقچىلار، شۇنداقلا، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنى ئىلىدا تېرىقچىلىققا سالغان. بۇ ئەھۋال غالداندىن كېيىنكى سېۋان ئارابتان بىلەن غالدان سېرىننىڭ دەۋرىدە ئەۋج ئالغان بولۇپ، كۆچۈرۈپ چىققانلارنىڭ كۆپ قىسمى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئاز ساندىكىلىرى سودا- مۇلازىمەت كەسىپلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇلار جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي بويلىرىدا دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەڭ غوللۇق كۈچلىرى بولغان. بەزى تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، 1755- يىلى ئىلىغا كەلگەندە خاتىرىلەنگەن ئابدۇل مۆمۈن باشلىق 12 نەپەر ئۇيغۇر زايساننىڭ ئاغزاكى بايانىدا: « بىز 2000 نەچچە تۈتۈن ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ قاش دەرياسى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىدىكى چاغانئوسۇ غىچە بولغان جايلاردا ئولتۇرغان ئۇيغۇرلار غالدان غالدان سېرىنگە تەۋە ئىدۇق. داۋاچى جېنىمىزدىن جاق تويغۇزىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، بەكمۇ نامراتلىشىپ كەتتۇق. بۇ قېتىم بىز 300 ئەسكەر چىقىرىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋاچىنى يوقىتىشىغا ياردەملىشىشنى خالايمىز » دېيىلگەن. بۇنىڭدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي بويلىرىدا خېلى بۇرۇنلا تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. |