سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

قەدىمقى يۇرت-ئىلى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-11 20:48مەنبە:ئاستانە يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

 

بىز مەملىكىتىمىزدە نەشر قىلىنغان تارىخنامىلاردىن  ئىلى ۋادىسىنىڭ تارىخى ۋە بۇيەردە ياشىغان قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا دائىر بايانلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىمىز .يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان «شىنجاڭدا ھاكىميەت تەسىس قىلىش تەزكىرىسى »دىگەن ئەسەرنىڭ 2-كىتابىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ :«ئىلى ...سۇي سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈركلەرنىڭ ،يەنى غەربتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېرى بولغان .» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1978-يىلى نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ تارىخى»دا مۇنداق دىيىلىدۇ :«بەش دەۋر مەزگىلىدە ئىلى خۇيخېلىرى(ئۇيغۇرلىرى) قارلۇق بىرلەشمە قاراخانىلار دۆلىتىگە قارىغان .»(1-توم 22-بەت)خەن دەۋرىدىكى سەيياھ ۋاڭ يەندى مۇنداق دەپ يازغان :«ئۇيغۇرلار ئوچۇق-خۇشخۇي،ئادىل خەلق ،ئۇلار چىۋەر ماھىر ئۇستا بولۇپ ،ئالتۇن ،كۈمۈش ،مىس ،تۆمۈردىن تۈرلۈك ئەسۋاپلار ياسايدۇ .ئۇلارنىڭ 637-يىلى ياسىغان ئاجايىپ چوڭ ،گۈزەل تارىخىي ئىبادەتخانىسى(خرامى )بار .ئۇلار دىھقانچىلىق ،باغۋەنچىلىك ئىشلىرىغا ماھىر. ئۆزلىرى مۇزىكا سازنى ياخشى كۆرىدۇ .ھەممىسى دىەۈدەك سازەندە .نۇرغۇن مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ ئىچىدە بەرباب ،غوڭقا (25تارلىق ھالغۇ ئەسۋابى )ئوخشاش مۇرەككەپلىرىمۇ تولا .ئۇلاردا سودا-تىجارەت تەرەققى ئەتكەن بولۇپ ،چەتكە ئالتۇن ،كۈمۈش ۋە ئىسىل تاشلاردىن ياسالغان نەپىس ئەسۋاپلىرى ،گۈللۈك رەختلەر،قۇندۇز ،قاما ۋاھاكازالارنى چىقىرىدۇ .» بۇ نەقىلدىكى مۇزىكا ھەققىدىكى بايانلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىغىمۇ ئورتاقتۇر . ئىلىنىڭ قەدىمقى تارىخىدا فارابى ،يۈسۈپ سەككاكىدەك  ئاتاغلىق ئاتاغلىق مۇزىكا ئۇستازلىرى ئۆتكەن .تاڭ دەۋرىنىڭ تارىخچىسى خۇيلىننىڭ «مۇزىكا تەزكىرىسى »ۋە شاڭ دا ئەپەندىنىڭ «تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي دىيار ۋە چاڭئەن مەدىنيىتى »ناملىق كىتاپلىرىدا نورۇز بايرىمى «ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان بايرام » دەپ كۆرسىتىلىدۇ .نورۇز بايرىمى  ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىمۇ شۇ مەزگىللەردىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ،ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە .ئىلى ئۇيغۇرلىرى بۇ بايرامنى  گۈزەل مەنزىرلىك -قاملاشقان ئورۇنلاردا ئۆتكۈزگەن. مۇنداق ئورۇننىڭ تاللىنىشى ئۇلارنىڭ دىھقانچىلىق ،باغۋەنچىلىككە كۆچكەن مەزگىلىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ .يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ھازىرقى غۇلجا ناھىيە تەۋەسىدىكى «قويلۇق (ئاي يورۇق)»،«مۇقام شەھىرى »دىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى ھازىرقى تۇرپانيۈزى يېزىسى جىرغىلاڭ مەھەللىسىدە جىرغىلاڭدا ئۆتكغزۈپ كەلگەن .غۇلجا شەھەر قارادۆڭ يېزىسىغا قاراشلىق جىرغىلاڭ مەھەللىسىمۇ   قەدىمدىن تارتىپ غۇلجا ئاھالىسىنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان ئورنى بولغان .     

         غۇلجا ئىلى ۋادىسىدىكى قەدىمقى شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .غۇلجا(جۈملىدىن ئىلى)توغرىسىدا ئۆز ئەسىرىدە تەپسىلى بايان قىلغان چەتئەل تارىخچىلىرىدىن بىرى روسىيىلىك پروفىسسور  -دوكتور ۋىلھىلىم رادلوۋ. ئۇ 1837 -يىلى يازغان «سىبىرىيىدىن تاللانمىلار » دىگەن ئەسىرىنىڭ 306-بېتىدىن 401-بېتىگىچە بايان قىلىنغان «ئىلى ۋادىسى»دىگەن بابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ :«تارانچى غۇلجىسىدا ئولتۇرغان ھاكىمبەگ بىلەن ئۇنىڭ ياردەمچىسى شاغىبەگ   تارانچىلارغا بېرىلگەن ئەمەلنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ئىدى .مۇنداق ئەمەل غۇلجىدا قەدىمدىن يولغا قويۇلغان ،دەرىجە ئىشارىتى قىلىپ ھەر ئىككىسىگە يالتىراپ تۇرىدىغان كۆك رەڭلىك ئوتغاچلىق  باش كىيىم كىيدۈرلەتتى ،يەنى كاپىتان دەرىجىىسىدە ئىدى،(ئوكىرداي مەنىسىدە)ھاكىمبەككە قىزىل شەپكە تۈگمىسى (ئامبال ياكى گېنىرال دەرىجىسى ) بېرىلەتتى .چۈنكى ھازىرقى ھاكىمبەك ھەقىقەتەن شۇنداق ئۇنۋان ئالغان . بۇ ئىككى مەمۇرى ئۇنۋانى بارلار مەيلى شەھەر- يېزىدا بولسۇن  ،پۈتۈن تارانچى ئاھالىسىنى باشقۇراتتى ،ئۇلار پائاليەتلىرى توغرىلىق جاڭجۈنگەياكى مۇئاۋىنىغا مەلۇمات بېرىشەتتى .جاڭجۈنمۇ تارانچى ئاھالىسىگە ئائىت بۇيرۇقىنى ئۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن بىلدۈرەتتى .ساقچى ۋە ئىدارە سالاھىيىتىدىن باشقا جىنايى ۋەقەلەر يالغۇز تارانچىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەغدىردە ،ئۇلار ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇنىي ئورۇن ھىساپلىناتتى .»    رادلوۋ بۇ ئەسىرىدە  غۇلجا ئاھالىسىنىڭ جايلاشقان مەمۇرى رايونلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىدارە قىلىنىش ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ :«ئىدارە جەھەتتىن غۇلجا تارانچىلىرى سەككىز ناھىيەگە بۆلۈنەتتى . بۇلارنىڭ ئالتىسىنىڭ بېشىدا شاڭ بەگ بىلەن بىر مىراب ،باشقا ئىككىسىنىڭ بېشىدا بىر رەسنىچى مىراپ بولاتتى .دەسلەپكى 6ناھىيە مۇنۇلار : 1.جىرغىلاڭ،2. بورۇ-بورغۇسۇن،چولبۇرقاي،بىلەكەي،3.نىلقا ۋە ئۇلاستاي ،4.قاشنىڭ ئۇ تەرىپى ،5.بۇغرا،قاينۇق،ياغۇستاي،قوغۇنچى،6. دادامتۇ،دولاتۇ،خۇنىخاي. ئۇنىڭدىن سىرت ،ئىككى ناھىيە توققۇزتارا  ،ئارا ئۆستەڭ -بايتوقايدۇر.رەسنىچى بىلەن شاڭ بېگىنىڭ دەرىجە بەلگىلىرى -يالتىراپ تۇرىدىغان تۈگمىلىك ئاق باش كىيىمى بولاتتى (جەركى ياڭگىن -يۈز بېشى دەرىجىسى ).مىرابنىڭ دەرىجە بەلگىسىمۇ ئەينى شەكىلدە بولاتتى .رەسنىچىلەرنى مۇكاپاتلىغان ۋاقىتتا ،تۈگمىلىك كۆك شەپكە بېرىلەتتى .»«بۇ ناھىيەلەرنىڭ ھەر بىرى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ ،مىڭ بېگىنىڭ (مىڭ بېشى )ئىدارىسىدا بولاتتى  بۇنىڭ بەلگىسى تۈگمىلىك تۇچ باش كىيىمى ( كوندۇ-بوشقۇ)بولاتتى .ھەر يۈز دىھقان ئائىلىسىنىڭ ئۈستىدە بىر يۈز بېگى(يۈز بېشى) بىلەن ئەللىك بېشى بولاتتى .ئەڭ ياشانغان 12 يۈز بېشىنىڭ بەلگىسى تۈگمىلىك تۇچ باش كىيىمى ئىدى . ئاخىردا ھەر ئون ئائىلىنىڭ بېشىدا بىر ئون بېشى نازارەتچىلىك قىلاتتى .پۈتۈن مەمۇرلار تەشكىلاتى بىر ھاكىم ،بىر شاغا، ئىككى رەسنىچى،ئالتە شاڭ بەگ،سەككىز مىراب ،16 مىڭ بېگى ،80 يۈز بېگى ،80 ئەللىك بېشى ،ۋە 800 ئون بېشىدىن ئىبارەت بولۇپ ،994كىشىدىن قۇرۇلاتتى .ئون بېشىدىن باشقا پۈتۈن مەمۇرلارنى مانجۇ ۋالىسى تەستىق سالاتتى .ئون بېشىلارنى ھاكىمبەك ئۆزى تەيىن قىلاتتى .ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن ئۆزگەرتەتتى .» «يۇقىردا دىگەندەك ، غۇلجا شەھرى چىن ھاكىميىتىدىن تېخىمۇ بەك قەدىمىيدۇر .خەلقنىڭ كۆپ قىسمى ئىلى ۋادىسىنىڭ قەدىمىي ئىلى ئۇيغۇر ئاھالىسىدىن (ئىلى ۋادىسىدا قەدىمدىن ئۇيغۇرلار ئولتۇراتتى، ئۇلار قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى-كېيىن چاغاتاي تىلى بىلەن سۆزلىشەتتى ).    باشقا غۇلجىدا سۈرگۈنلەردىن ئالتە شەھەر رايۇنى ئاھالىسىدىن ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ يەردە تىجارەت قىلىپ ،كېيىنرەك تەۋەلىككە ئۆتكەن قەشقەر ،قوقەنت،تاشكەنت،ۋە بۇىارا تۇججارلىرىدىن ئىبارەتتۇر .نوپۇسنىڭ سانىنى ئۈزۈل -كېسىل بىلدۈرەلمىسەممۇ ،ئاز دىگەندە  80مىڭ ئىكەنلىگى سۆزلەنمەكتە.»

        بەزىلەر ئىلى ۋادىسىدىكى «ئىلى»،«غۇلجا»غا ئوخشاش يەر-جاي ناملىرىنى موڭغۇللار قويغان دەپ قارايدۇ  .ئۇلارنىڭ مۇنداق دىيىشىدىكى بىردىنبىر ئاساسى بۇ ناملارنىڭ موڭغۇل تىلىدا مەنا بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. راست، بۇناملار موڭغۇل تىلىدا مەنا بېرىدۇ ،ئەمما بۇيەردە بۇ سۆزلەرنىڭ موڭغۇل تىلىدا ئەزەلدىن بارلىقى ياكى باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغانلىغىنى ئېنىقلاش زۆرۈر. بۇ ھەقتە سوۋىت ئىتىپاقى تىلشۇناسى ،پروففىسۇر ئا.ك.بوروۋكوۋ(1904-1962)«ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ مەدىنىي تۇرمۇش تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقان ئورنى » دىگەن ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ :«موڭغۇللار قەدىمىي ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى بەزىبىر ئۆزگۈرۈشلەر كىرگۈزۈپ  ئۆزلەشتۈرۋالدى .ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى بولسا ،دۆلەت ئىشلىرىدا چوڭ مەنسەپلەردە كەڭ يوسۇندا ئىشلىتىلگەنىدى .» « شۇنىڭ بىلەن بىللە ،ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلىنىپ كەلگەن نۇرغۇن سۆزلەر موڭغۇل تىلىدىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىغانىدى.» دىمەك ، ئىلى ۋادىسىدىكى يەر-جاي ناملىرى ئىچىدە موڭغۇلچە مەنا بېرىدۇ دەپ قارالغان يەر-جاي ناملىرىنىڭ نامى ئەسلى ئۇيغۇرچە قويۇلغان ،ئەمدى «ئىلى » دىگەن نامغا كەلسەك   ،بۇنام چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىشتىن ئىلگىرىلا بار ئىدى ،ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى  مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۇركىي تىللار دىۋانى »ناملىق ئەسىرىدە (11-ئەسىردە يېزىلغان )«ئىلى دەرياسى »نىڭ تىلغا ئېلىنغانلىغى بۇنى ئىسپاتلايدۇ .

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(17)
85%
دەسسەش
(3)
15%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !