سىنا تەنتەربىيىسى خەۋىرى : 2010-يىللىق F1 بەيگە ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى __ 1-بېكەت مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن بەھرەيىندە ئۆتكۈزۈلدى . نەتىجىدە فارارى ماشىنا ئەترىتىدىن ئالونسو ۋە ماسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1- ۋە 2- بولدى ، ماكلارېن ماشىنا ئەترىتىدىكى ھامىلتون 3-لىككە ئېرىشتى . مېرسېدىس ماشىنا ئەترىتىگە قاتنىشىپ بەيگە مەيدانىغا قايتىدىن يېنىپ كەلگەن سابىق ئاپتوموبىل شاھى شۇماخېر ئاران 6-بولۇپ مۇسابىقىنى تاماملىدى . |