![]() 2–مارت ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 100 كۈنلۈك تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى ، دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دىباندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى . جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تەييارلىقىغا 33 مىليارد راند ( 3 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ) مەبلەغ سالغان . نۆۋەتتە ، 10 پۇتبول مەيدانى پۈتكەن بولۇپ ، 95 مىڭ كىشىلىك پۇتبول مەيدانى بىر ئاي ئىچىدە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن . ئۈچ ئايرودروم قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان ، دىبان يېڭى ئايرودرومى 1–ماي يولۇچىلارنى كۈتۈۋالىدىكەن . مۇسابىقىنىڭ 2 مىليون 290 مىڭ كىرىش بېلىتى سېتىلىپ بولغان . (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |