سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

كۈلكىلەر ئۈزۈلمىگەي!(ئايسىز~كېچە)

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-01 12:27مەنبە: يازغۇچى:ئايسىز_كېچە زىيارەت سانى: قېتىم

 

مۇھىم خىزمەت


ئا : مېنىڭ ئاكام ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتتە ئۇنىڭ قول ئاستىدا بەش مىڭ ئادەم بار.
ب: نېمە ؟ ئۇ زاۋۇتتا ئىشلەمدۇ ؟
ئا: ياق ،قەبرىستانلىققا قارايدۇ .
‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-


                                           ئوق ئۆتمەس مايكا
خېرىدار : بۇ ئوق ئۆتمەس مايكا ئىشەنچىلىكمۇ؟
خوجايىن: ئەلۋەتتە ، شۇنچە كۆپ ساتتۇق ،ئەمما بىرەرسى ياندۇرغىلى كېلىپ باقمىدى.
خېرىدار : ئەگەر مەن بۇنى كىيىپ تۇرۇپ ئوق تېگىپ ئۆلسەم قانداق قىلىمەن ؟
خوجايىن: ئۇ چاغدا مەن چو قۇم پۇلىڭىز نى قايتۇرۇپ بېرىمەن. 

‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-


                                           ئا لاھىدە ئىمزا
ئوقۇتقۇچى: ئىمتىھان قەغىزىڭنى ئاتا-ئاناڭغا كۆرسەتمەپسەنغۇ؟
ئوقۇغۇچى: كۆرسەتتىم .
ئوقۇتقۇچى: ئەمىسە ئائىلە باشلىقىنىڭ ئىمزاسى يوققۇ ؟
ئوقۇغۇچى ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ دېدى:
_ئىمزانى بۇ يەرگە قويۇپ بەردى. 
‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-


                                          ئەسلەش
100ياشتىن ئاشقان بىر جۈپ بوۋاي-موماي ياشلىقىنى ئەسلەپ قاپتۇ .
موماي: ئەينى يىللاردا چېچىمنى سىلاپ قويغىنىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟_دەپتىكەن ،بوۋاي موماينىڭ چېچىنى سىلاشقا باشلاپتۇ.
_كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىغىنىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟_دەپتىكەن ،بوۋاي موماينىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپتۇ .
يەنە تېخى قۇلىقىمنى بوشقىنا چىشلەپ قوياتتىڭىز ._دەپتىكەن ،بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپتۇ .موماي:
_نەگە بارىسىز؟_دېگەنىكەن ،بوۋاي :
_توختاڭ ،سۇخانىدىن يالغان چىشىمنى ئەچىقىۋالاي،_دەپتۇ . 
‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-


                                                چاشقاننىڭ قاۋىشى
بالىلىرى بىلەن سەيلە قىلىپ يۈرگەن ئانا چاشقان مۈشۈككەئۇچراپ قېلىپ ئىتنى دوراپ، ئوخشاش قاۋىغانىكەن،مۈشۈك شۇئان قېچىپتۇ .چاشقان قورقۇپ كەتكەن بالىلىرىغا تەربىيە قىلىپ دەپتۇ :
_كۆردىڭلارمۇ ،بالىلىرىم ،مانا بۇ چەت ئەل تىلى ئۆگەنگەننىڭ پايدىسى. 

‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-

                                    ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ
ئىككى ياش ئاتقا مىنىپ كېتىۋاتسا ،ئالدىغا ئىككى ئېشەكنى يېتىلىۋالغا بىر ئايال چىقىپ قاپتۇ .
ئۇلار ئۇ ئايالنى مەسخىرە قىلىپ:
_ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن ،ئېشەك ئانا،_دەپتىكەن،ئۇ ئايالمۇ جاۋابەن:
_ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن ، بالىلىرىم ،_دەپتۇ . 
‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-


                                               سېغىز چايناش
بىر بالا بىلەن بىر بوۋاي باغچىدىكى ئورۇندۇقتا ئۇدۇل قارىشىپ ئولتۇرۇپتۇ قاپتۇ .
بىر چاغدا بوۋاي بالىغا توۋلاپتۇ :
_ھەي بالا ،سەن ماڭا نېمىلەرنى دەۋاتىسەن ؟ گەپلىرىڭنى ئاڭلىيالمايۋاتىمەن،مېنىڭ قۇلىقىم ئېغىر.
بالا: مەن سىزگە گەپ قىلمىدىم ،_دەپتۇ بالا يۇقىرى ئاۋازدا،_مەن سېغىز چايناۋاتىمەن.  
‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-


                                                  ئاق خالات
بالىسى :ئاپا ،قاسساپ تاغام نېمىشقا ئاق خالاتكىيىۋالىدۇ ؟
ئانىسى:سويغان قوي،كالىلارغا ماتەم تۇتۇش ئۈچۈن _دە.
_مەن سىزگە گەپ قىلمىدىم ،_دەپتۇ بالا يۇقىرى ئاۋازدا،_مەن سېغىز چايناۋاتىمەن. 
‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-


                                                   كۆيۈپ كەتمەمدۇ
_ئاداش، بەزىلەر ئايغا چىقىشنى بەك قىيىن چاغلايدىكەن، مېنىڭچە بىز كەلگۈسىدە ئايغا ئەمەس ،ھەتتا كۈنگىمۇ چىقالايمىز.
_كۈن شۇنچە ئسسىق تۇرسا كۆيۈپ كەتمەمدۇق؟
_سەن تازا ئەخمەق ئىكەنسەن.ئاخشاملىرى ھاۋاسالقىن بولىدۇ. شۇ چاغدا «دىككىدە» چىقىپ چۈشسەڭ بولىدۇ ،ئەمەسمۇ؟
 

‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-



                                      مۈچۈل  
بالىسى :ئاپا ، مەن نىمە مۈچەللىك ؟
ئاپىسى :سەن توخۇ مۈچەللىك .
بالىسى :دادامچۇ؟
ئاپىسى :داداڭ يولۋاس مۈچەللىك .
بالىسى :شۇڭا دادام مېنى كۆرسىلا ئالىيىدىكەندە_دە. 
‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-


                                              يېنىدىن ئۆتۈپتۇ
بىر ئادەم ھە دېسىلا ئۆزىنىڭ بەك كۆپ جايلارغا بارغانلىقىنى ئېيتىپ ماختىنىدىكەن.يەنە بىر ئادەم ئۇنىڭدىن:
_ئەپەندىم ئۇنداق بولسا سىز جۇغراپىيەنى بەك ياخشى بىلىدىكەنسىزدە؟_دەپ سوراپتىكەن ،ئۇ :
_ھازىرغىچە جۇغراپىيە دېگەن مەملىكەتكە بېرىپ باققىنىم يوق ، شۇنداقتىمۇ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتىم،_دەپ جاۋاپ بېر
ىپتۇ .

‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-

بىر كۈنى، ئىككى گىرى ئادەم "كىم سۇنىڭ ئاستىدا ئۇزاق تۇرالىسا شۇ رېستۇراندا مېھمان قىلىنىدۇ" دەپ بەسلىشىپتۇ. ئەمما، تا بۈگۈنگىچە ئىككىسىنىڭ بىرەرسىمۇ سۇ ئاستىدىن چىقماپتۇ!

‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-
بىر گىرى ئادەم ئۆز پۇلىغا مەسجىد ساپتىكەن، ئادەملەرنىڭ جىق كىرىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، ئۇنى دەرھاللا رېستۇرانغا ئۆزگەرتىۋاپتۇ.

-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-
بىر كۈنى، بىر لالما ئىت ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىر ئاپشاركىنى كورۇپتۇ-دە ، چوڭقۇر ئۇھسىنىپ دەپتۇ «ھەي ئىسىت... مەنمۇ ئوقۇغان بولسام» .

-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-
بىرسى دوستىدىن «نىم بولدۇڭ، ئەجەپ روھسىز كۆرۈنىسەنغۇ؟» دەپ سوراپتىكەن، دوستى مۇنداق دەپتۇ: «بىر يەردە ئۇچرىشىشقا ۋەدە بەرگەن، لېكىن بىر قىز بىلەن سائەت ئىككىدىمۇ ياكى ئىككى قىز بىلەن سائەت بىردىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن».

-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏--
بىر كۈنى ھىسامكام ئورۇندۇققا ئۆزىنى باغلاپ ئولتۇرۇپتىكەن. باشقىلار بۇنى زادى چۈشىنەلمەي تۇرغاندا ئايالى چۈشەنچە بېرىپتۇ: «ۋوي، ھەيران بولمىسىلا، بۇ ئادەم  يېڭى ئالغان ماشىنىسدا بەلباغ باغلىماي ماشىنا ھەيدەپ بىر كۇندە ئۈچ جەرىمانە يىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق ئورۇندۇقتا ئولتۇرسا ساقچى كەپ قالامدىكىن دەپ ئۆزىنى تاسمىنى ئۆزىدىن ئايرىمايدىغان بولدى». <script type="text/Javascript" src="dpjs.php_mod=bbscms&name=addview&tid=307.html">

 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(5)
71.4%
دەسسەش
(2)
28.6%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !