سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئالمىزار تور بېكىتى > خەۋەرلەر >

شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى بۈگۈن (30 – ئاپرېل) كەچتە داغدۇغىلىق

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-30 22:10مەنبە:未知 يازغۇچى:admin زىيارەت سانى: قېتىم

 شىنخۇا تورى ، شاڭخەي ، 29–ئاپرېل تېلېگراممىسى : يۈز يىلدىن بۇيانقى كۈتۈش ، سەككىز يىلدىن بۇيانقى تەييارلىق ئارقىلىق ، جۇڭگو 2010–يىللىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى 30–ئاپرېل كەچتە خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى دۇنيا يەرمەنكىسى باغچا رايونىدا داغدۇغىلىق ئېچىلىدۇ . پۈتۈن يەر شارىدىن كەلگەن 189 دۆلەت ۋە 57 خەلقئارا تەشكىلات يەرمەنكىگە قاتنىشىپ ، دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ 159 يىللىق تارىخىدىكى<< ئەڭ >> نى يارىتىدۇ ،  جۇڭگو شاڭخەيدە دۇنيادىكى مىسلىسىز كاتتا ئۇچرىشىش بولىدۇ.

   بۇ، 1851 – يىلى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا بارلىققا كەلگەن دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە تۇنجى قېتىم كىرىشى ھېسابلىنىدۇ. ماسلىشىشچانلىق، ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرگەن دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە كېلىشى جۇڭگولۇقلارنىڭ يۈز يىلدىن بۇيانقى ئارزۇسى، بولۇپمۇ 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا يەرمەنكىسى جۇڭگوغا بىر قېتىملىق دۇنيانى يېقىندىن بىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ، دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن ئىناق دۇنيا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

   جۇڭگو تەييار بولدى، شاڭخەي تەييار بولدى. بىر مەيدان كاتتا يىغىلىش ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى بىرلەشمە رېژىسسورلار كوللېكتىپى مەسئۇل بولىدىغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدىكەن: بىرى، ئۇچار تەخسىگە ئوخشايدىغان دۇنيا يەرمەنكىسى مەدەنىيەت مەركىزىدە مۇراسىم ئەدەبىيات – سەنئەت ئويۇنى قويۇلىدىكەن؛ يەنە بىرى، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى رايوندا تالا چىراغ نۇرى، فونتان، ساليوت نومۇرى كۆرسىتىلىدىكەن.

   ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، 1 – ماي شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى باغچا رايونىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، 184 كۈن داۋاملىشىدىغان يەرمەنكە مەزگىلىدە، تەخمىنەن 70 مىليون ئادەم (قېتىم) جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئېكىسكۇرسىيەچى كۈتۈۋېلىنىدۇ.

   5.28 كىۋادرات كىلومېتىرلىق دۇنيا يەرمەنكىسى باغچا رايونىدا، رەڭدار دۇنيانى نامايان قىلىپ بېرىدىغان ھەشەمەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك مەيدان – سارايلار بار: دانىيە ‹‹ساھىبجامال بېلىق››ىنىڭ برونزا ھەيكىلى، ليۇكسىمبۇرگنىڭ ‹‹ئالتۇن رەڭلىك قىزچاق›› ھەيكىلى، فىرانسىيەنىڭ دۆلەت تەۋەرۈكى دەرىجىلىك يەتتە پارچە ماي بوياق رەسىمى، ھەيكىلى... ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ‹‹دۆلەت گۆھىرى›› سانالغان بۇ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇنجى قېتىم دۆلەت ئاتلىغان؛ دۇنيانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن 800 نەچچە نومۇر نۆۋەت بىلەن تەخمىنەن 20 مىڭ مەيدان (قېتىم) قويۇلىدۇ. ‹‹چېگرىدىن چىقماي تۇرۇپلا دۇنيانى كۆرگىلى بولىدۇ››، جۇڭگو يېرىم يىلغا يېقىن سوزۇلىدىغان، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن كاتتا مۇراسىمنى كۈتۈۋالىدۇ.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(3)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !