ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەدەنىيەت - تارىخ >> تەپسىلاتى

غەربنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

         (ئىسپانىيە ‹‹قوزغىلاڭ گېزىتى ›› نىڭ 21–مارتتىكى ماقالىسى ، تېمىسى : مىسىر ، تۇنىس ۋە لىۋىيە ــــ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ، سىنپىي كۈرەش ۋە ئىسلام دىنى (ئاپتور نىستور . ئاپانتى)

           2011- يىلى كىرگەندىن بۇيان، ياۋروپا–ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەرەب دۇنياسىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلمەكتە. ئامېرىكىنىڭ ئۇ يەردىكى قىلغان–ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئاخىرىدا جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى چەكلەشكە ئوڭاي بولۇشى ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسى بازىرىنى تىزگىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىسلام دۇنياسى بىر غايەت زور بازار، گەرچە يېڭى مۇستەملىكىچى كاپىتالىستىك سودا قارىشى ئىچىدىكى دېگەندەك تەرەققىي تاپمىغان بازار بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادنى تىرىشىپ قايتىدىن بەرپا قىلىۋاتقان غەرب جاھانگىرلىكى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر ‹‹مۇكەممەل ›› بازار بولۇپ، ئۇ غەرب جاھانگىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. مۇبادا ئىسلام دۇنياسى بازىرىنى تىزگىنلىسە، غەرب ئىمپېرىيەسى ئىسلام رايونلىرىنىڭ بازىرى ۋە باشقا بازارلاردىن پايدىلىنىپ، سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە رۇسىيە بىلەن جۇڭگونى چەكلەيدۇ. غەربنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسى ئىچىدە، ئىسلام بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا باھانە تېپىشتىن باشلانغان بولۇپ، دومىنو ئېففېكتى ۋە ‹‹كېڭىيىش نەزەرىيەسى›› قىياسىنى پەيدا قىلىشقا ئوڭاي بولۇشى ئۈچۈن، غەرب تۇنىس بىلەن مىسىرنىڭ ئىچكى قىسمىدا چەكلىمىلىك ھالدا زىددىيەت پەيدا قىلدى، ھەمدە تەدرىجىي ھالدا يەمەن، ئالجىرىيە ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىرانغا تەسىر كۆرسىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رۇسىيە ۋە جۇڭگوغا داۋاملىق كېڭەيمەكچى.

              ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئسىتراتېگىيەسى لىۋىيە. لىۋىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغۇچى كۈچلەر غەربنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە ھەرىكىتىنىڭ ئاشكارا قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى يالغۇز ئۆزلىرىنىڭ رەھبىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشلا بولماستىن، بەلكى يەنە ئىراننى يېتىم قالدۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسلام بازىرىنى ئىگىلەش ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن توسالغۇلارنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت. گەرچە لىۋىيە ھازىر قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا ئىمپېرىيەسى ئىتتىپاقىمۇ پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىغا سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى بىتەرەپلىكنى ساقلاشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. غەرب ئىمپېرىيەسى ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتىدە ‹‹دومىنو ئېففېكىتى ۋە كېڭىيىش نەزەرىيەسى›› نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئەرەب دۇنياسىغا قاراتقان ھەربىي ھۇجۇمىنى دۇنيا خەلقى ئالدىدا قىپيالىڭاچ ھالدا ئاشكارىلىدى. بۇ ۋەقە ھەل بولغاندىن كېيىن غەرب ئىمپېرىيەسى تىغ ئۇچىنى چوقۇم ئىران ۋە ئۇنىڭ مول نېفىت بايلىقىغا قارىتىدۇ . ناھايىتى روشەنكى، بايلىق توپلاش—تەرەققىي تاپمىغان بازارلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئېھتىياجى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىمپېرىيەلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ بازار ۋە كۈچ دائىرىسىنى بۆلۈشىۋېلىش ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرىقى نىشانىنى رۇسىيە بىلەن جۇڭگوغا قارىتىلىدۇ.

         ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

              بۇ يازما تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىن كۈچۈرۈپ، بلوگىمىزدا يوللاندى. ئەگەر بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ بايدىلانماقچى ياكى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلغايسىز:

          بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

     زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ

ئالاقىلىشىش تېلېفونى : 13899973182 ، 8521981–0991

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: