ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ۋەقە ۋە مۇلاھىزە >> تەپسىلاتى

ئوتتۇرا شەرق نېمە ئۈچۈن قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالدى؟

          يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى سىياسىي قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالدى. بۇنداق بولۇشىدا تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بار.

            بىرىنچى، ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى بىر قەدەر قالايمىقان بولغان بىرقانچە دۆلەتنىڭ ھەممىسىدە مۇستەملىكىچىلىك، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش داۋامىدا شەكىللەنگەن ئىنقىلابىي ئەنئەنە بار بولۇپ، مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىيدىن كېيىنكى سىياسىي رامكا ۋە سىياسىي ھوقۇقتا بىر قەدەر چوڭ ئوخشاشلىق ساقلانغان. بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق قالايمىقانچىلىقىنىڭ مەركىزى ئاساسلىقى شىمالىي ئافرىقىدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى ئەرەب دۆلەتلەر بولدى. تارىخىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ دۆلەتلەردىكى ئامما مۇستەملىكىچىلىك، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئىنقىلابقا ماھىر بولۇش ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، مىسىر، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىي ياكى مۇستەقىللىق ئىنقىلابىيدىن كېيىن، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئىنقىلاب قوزغىشى بىلەن قۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى كۆپىنچە كۈچلۈكلەر ھاكىمىيىتى ۋە ھەربىي ھاكىمىيەت قاتارلىق ھاكىمىيەت ئەندىزىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، دۆلەت رەھبىرى بىر ئۆمۈر ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئۆمۈرلۈك ھاكىمىيەتنى شەكىللەندۈرگەن، مەسىلەن: كازافى 41 يىل، مۇبارەك 30 يىل، بېن ئەلى 23 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن.

            ئىككىنچى، ھازىر سىياسىي قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغانئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر مەۋجۇت. ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئوتتۇرا شەرقتىكى كۆپ ساندىكى دۆلەت تەدرىجىي سەپتىن چۈشۈپ قېلىپ، خەلقئارادا كۈنسېرى چەتكە قېقىلىپ، دۆلەت ئىقتىسادى قاتمۇ قات قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، ئەمەلدارلار ئارىسىدا پارىخورلۇق ئەۋج ئالدى، جەمئىيەتتە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش كۆرۈلدى، ئىشسىزلار كۆپەيدى، ياشلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر داۋالغۇش ئىچىدە قالغان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى دۇچ كەلگەن ئورتاق مەسىلىدۇر. غەربلىك ئالىم ئىئان برېمېر مۇنداق قارىدى: ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئوتتۇرا شەرقتىكى مىسىرغا ئوخشاش دۆلەتلەر ‹‹قېيىن ئەھۋالدا قالدى››، يەنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنياۋىلىشىش تېخىمۇ كۆپ ئەرەب ياشلىرىنى تەربىيىگە ئىگە بولۇش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ھۆكۈمران گۇرۇھلار ئۇچۇر ۋە ھوقۇقنى تىزگىنلىيەلمەي قالدى. مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئەگەر باشقۇرۇش – تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى مەيلىگە قويۇپ بەرسە ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن جىپسىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا مەدەت بەرسە، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار داۋاملىق بېكىنمىچىلىك قىلسا، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەيدۇ، ھالبۇكى، گۈللىنىش دەل مەزكۇر ھاكىمىيەتنىڭ ئۇزاققىچە قانۇنلۇق بولۇشىنىڭ ئۇل تېشى. گۈللىنىش بولمىسا مۇقىمسىزلىق پەيدا بولىدۇ.

                ئۈچىنچى، ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر مىللەت، دىن قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق ئەنئەنىگە ئىگە بولۇشتەك ئىچكى ئامىلغا ئىگە بولۇپ، بۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنى تىپىك ئاسان پارچىلىنىش، ئاجىز بولۇش، ئاسان سىڭىپ كىرگىلى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلغان. ئوتتۇرا شەرقنىڭ تارىخىدا مىللەت بىلەن دىن ئوخشاش قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئەرەب مىللەتچىلىكى، پان ئىسلامىزم، ئىسلام ئىپتىدائىي دىنىي ئەقىدىچىلىكى قاتارلىق سىياسىي ئىدىيەلەر تىپىك دۆلەت ھالقىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ھەممىسى كەڭ كۆلەمدىكى رايون خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى. شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر توپى، دىن، مەزھەپ قاتارلىق سىياسىي ئۆكتىچىلەر تەشكىلاتى دۆلەت ھالقىغان، دۆلەتكە تەۋە بولمىغان ھەرىكەت گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. بۇ دەل مەلۇم ئالىم ئېيتقاندەك: ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر ھەر ۋاقىت ئۆز دۆلىتى تەۋەلىكى سىرتىدىكى سىياسىي ياكى دىنىي مەركەزگە سادىقلىقىنى بىلدۈرەلەيدۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قانداق بىر رەھبەر قوشنا دۆلەتنىڭ گېزىتى ياكى ئۆكتىچىلىرىگە مەبلەغ ياردىمى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوللىشىنى ئاسانلا قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، بۇ ھەممە قوبۇل قىلغان ناھايىتى تەبىئىي ئىش. بۇ قېتىم ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىمۇ مۇشۇنداق تىپىك دۆلەت ھالقىش ئالاھىدىلىكى كۆرۈلدى.

             تۆتىنچى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن، كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەر مۇستەملىكىچىلىك، جاھانگىرلىك ۋە ھازىر ئوتتۇرا شەرقتە ئەۋج ئالغان ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشئېقىمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاقلىققا ئىگە بولدى. 20 – ئەسىردىن بۇيان، ئەنگلىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئەرەب دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشماسلىقتىن تارتىپ يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا مەدەت بېرىلگەنگە قەدەر، ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەلەستىن – ئىسرائىلىيە ئادالەتسىز زېمىن تەقسىماتىدىن تارتىپ ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئىسرائىلىيەگە يان باسقانغا قەدەر، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋاكالەتچىلەر ئۇرۇشى قوزغاشتىن تارتىپ ئىزچىل ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان پىراگماتىزم ئىتتىپاقىغىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدىن پارس قولتۇقى ئۇرۇشى يۈز بەرگەن ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقنى تولۇق ئىگىلىگەنگە قەدەر، ‹‹ئىسلام تەھدىتى نەزەرىيەسى›› ۋە ‹‹مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيەسى›› نىڭ قەستەن دۈشمەنلىشىشىدىن تارتىپ ‹‹لۈكچەك دۆلەت››، ‹‹مۇتتەھەم دۆلەت››، ‹‹رەزىللىك مەنبەسى›› نىڭ بېكىتىلىشىگىچە، ئافغانىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن ‹‹ئالدىن قول سېلىش››، ‹‹سىياسىي ھوقۇقنى ئۆزگەرتىش›› تىن ئىبارەت ئىراق ئۇرۇشىغىچە، ئاندىن ‹‹دېموكراتىك ئۆزگەرتىش›› قىلغان ‹‹بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق پىلانى›› غىچە ئوتتۇرا شەرق رايونى ھەر ۋاقىت خەلقئارا سىستېمىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان غەربتىكى زومىگەرلەر ۋە زوراۋانلارنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا قالدى. ‹‹غەربنىڭ نەچچە ئەسىردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان زومىگەرلىكىگە غەربكە داۋاملىق تايىنىش قوشۇلۇپ، ئۇنىڭدىن قالغىنى چوڭقۇر يارا ۋە ئۆچمەنلىك بولدى. بۇ ناھايىتى تېزلا جەمئىيەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ بىر خىل باھانىسى ۋە مۇسۇلمانلار سىياسىتىنىڭ ئوت پىلتىسىغا ئايلاندى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: