Speed bump يەنى 减速带 نى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟
[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]
2011-يىل 14-سېنتەبىردە Windows8 Developer Preview (ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشىرى) ئېلان قىلىندى. نۇرغۇن تورداشلار بۇنى سىناپ ئىشلىتىپ بېقىپتۇ، مەنمۇ ئەڭ بۇرۇن سىناپ باققانلارنىڭ بىرسى. بۇ Windows نىڭ ئېكران يۈزىدىكى بىر نەچچە ئاتالغۇنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشۇۋېتەي دېگەن ئىدىم، ئەمما، مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆز بېشىمنى قاتۇردى. كېيىن بۇ سۆزلەر ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا چوقۇم ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يېڭى ئاتالغۇلار ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلار Start screen, Charms, Apps, Tiles, Speed bump دىن ئىبارەت. مەن بۇ جەھەتتە كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى، ئاۋۋال بۇ رەسىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئاندىن بۇ ئاتالغۇنى چۈشەندۈرەي:
(رەسىمنى ئېلىۋەتتىم)
(1) Charms
چۈشەندۈرۈش: بىر خىل كۇنۇپكا بولۇپ، Windows نىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن: ئىزدەش، ئورتاقلاشتۇرۇش، باشلاش، ئۇلىنىش ۋە تەڭشەك دېگەندەك.
تەۋسىيە (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق): يولباش؛ كۇنۇپكا؛ تۈگمە؛ مەپتۇن؛ ئەپچىلەم؛ تېز كۇنۇپكا؛ …
خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 快捷按钮
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 按鈕
تۈركچە: düğme (تۈگمە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: تميمة (ئادەملەر بويۇنلىرىغا خەتەردىن ساقلايدۇ دەپ ئېسىۋالىدىغان تىلتۇمار، تۇمارنى كۆرسىتىدۇ)
(2) Speed bump
چۈشەندۈرۈش: باشلاش ئېكرانىنى يۆتكىگەندە، Speed bump ئۇنى ھەر بىر گۇرۇپپا يېيىلمىلار(Tiles)نىڭ بېشىغا كەلگەندە تورمۇزلاش(ۋاقىتلىق توختاش)نى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
تەۋسىيە (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق): تورمۇز رايونى(دائىرىسى)؛ ۋاقىتلىق توختاش رايونى(دائىرىسى)؛…
خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 减速带
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 捲動減速區
تۈركچە: hız kesici (سۈرئەت كەسكۈچى، تېزلىك ئاستىلاتقۇچى دېگەن مەنىدە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: مساحة إيقاف التمرير (يۆتكىلىشنى توختىتىش بوشلۇقى دېگەن مەنىدە)
(3) Apps
ئۇيغۇرچە: ئەپلەر (ئەپ دېگەن تۈپ سۆز ئۇيغۇرچىدە بار، شۇڭا، ئەپلىك دېتال، ئەپتال،…دېگەندىن ئومۇملىشىۋاتقان بويىچە ئەپ دەپ ئالساق، بىزدەك جايىدا، ئىخچام تەرجىمە قىلغان يەنە بىر مىللەتنى تاپقىلى بولمايدۇ)
(4) Tile
چۈشەندۈرۈش: باشلاش ئېكرانىدىكى يۆتكەشكە بولىدىغان ئوبيېكىتلار، مەسىلەن: ئېچىلغان ئەپلەر، ئىختىيارى بەلگىلىۋالغان مەزمۇنلار، تور بېكەتلەر، ھاۋا رايى، قاتناش ئۇچۇرى،…
ئۇيغۇرچە تەۋسىيە: يېيىلما (كۆپلۈكى يېيىلمىلار)
خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 图块
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 動態磚
تۈركچە: karo (خىش، كاھىش، كېسەك دېگەن مەنىدە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: مساحة إيقاف التمرير (كىچىكلىتىلگەن نۇسخا ياكى كىچىك رەسىم دېگەن مەنىدە)
مەن يەنە Cloud Computing (بۇلۇت ھېسابلاش) دېگەندەك ئادەتلەنگەن ئاتالغۇنى «لەيلەك» دېگەندەك ئۆزگەرتىشنى قوللىمايمەن، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن چىقماقچى بولغان ئاتالغۇنى تېزىرەك بېكىتىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. قېنى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي.
ئاددىي پىرىنسىپ: ئىمكان قەدەر يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلماسلىق، ئامال بار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ (دىققەت: قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەس) ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەردىن تولۇق پايدىلىنىش، قېزىپ چىقىش، يېڭى مەنا يۈكلەش. بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىغاندا، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئاتالغۇسىدىن پايدىلىنىش، مەسىلەن: ئۆزبېكىچە، تۈركچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە. بۇلاردىنمۇ مۇۋاپىق ئاتالغۇ تېپىلمىغاندا، يېڭىدىن ياساپ بېقىش، لېكىن ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. يېڭىدىن ياساپمۇ چىقالمىغاندا ئىنگلىزچە ئاتاش، مەسىلەن: كومپيۇتېر دېگەندەك، ئەمما، بۇنى خېلە بىر مەزگىلگىچە چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
================== 18-دېكابىر
دەسلەپكى بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇلار
charm تۈگمىلەر
tiles يېيىلمىلار
Apps ئەپلەر
ئويلىنىش باسقۇچىدىكى ئاتالغۇ
speed bump
نامزاتلار (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق) بەلدەم، بەلدەڭ، ئاتلاق
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,882 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:09
- ئالدىنقى يازما :قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
- كېيىنكى يازما :بىز مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا
减速带 : توختاش بۆلىكى(رايۇنى) ياكى ئاستىلاش بۆلىكى(رايۇنى) دىسەك قانداق بولار.سۈرئەتكە مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ بولغىنى ئۈچۈن ياكى ئاستىلاتقۇچ،ئاستا سۈرئەت رايۇنى ياكى ئاستىلاش رايۇنى دىسەك.
خو مۇشۇ بولىدۇ.
减速带نى مىنىڭچە دوقۇرتقۇ دىسەك بىرقەدەر مۇاپىق
سۈرئەت ئاستىلىغۇچ دىسەك بولىدۇ
speed bump نى بەلدەم دەپ ئاتاشقا قوشۇلىمەن .
charm-سىھېر،دەپ ئالسىچۇ؟ئەسلى مەنىسى شۇكەن…
ئىزدەش سېھرىنى بېسىڭ، ئۈسكۈنە سېھرىنى بېسىڭ دەپما؟ بۇ ئەمەلىيەتتە كۇنۇپكا، Windows 8 نىڭ ئېكراندا مۇقىم تۇرىدىغان 5 كۇنۇپكىسى، خۇددىي چاپاننىڭ تۈگمىسىدەك
减速带 : ئاستىلاتقۇ
charm: يولباش
ئىتتىك سۈرئەتنى ئاستىلاتتۇق،ياكى باستۇق دەپ چۈشۈنەيلى،،ئۇنداق بولغاندا سۈرئەت باسمىسى بولشى كىرەك.
ياكى سۈرئىتى ئاستىنى ئاستا ،ياكى سۈرەلمە دەيمىز ،شۇنداق بولغاندىكىن سۆرەلمە دىسەكمۇ بولىدۇ.
Speed bump
تىرگەن دىسىچۇ…(ئېتىزغا سالغان قىرنى تىرگەنمۇ دەيمىز)،شۇڭا…
دوڭغاش……دەيمىز
مېنىڭ ئوغلۇم ئەمدىلا تىلى چىققاندا….دادا «دوڭغاش»….باركەن……دەيتتى
تەبىئى تىلدا ياسالغان، تەبىئى ساپ سۆز
سۇرئەت ئاستىلاتقۇچ دىسەك قاملاشماي قالارمىكى سۈرئەت ئاستىلاتقۇچ دىسەك خۇددى ئۇ نەرسە ماشىننىڭ ئۈزىگە سەپلەنگەندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.
؟؟؟توسقۇچ ياكى سۇرئەت ئاستىلاتقۇچى توساق دىسەك . سەل ئۇزۇن بوپ قالغىدەك….
شۇنداق، بەزى گېزىتلەردە يەنە داداق دەپتۇ
减速带 نى مېنىڭچە داقاق دەپ ئالساق قانداق ؟
گېزىتلەردە كۆپىنچە شۇنداق ئاتىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم .
يوللاردىكى قاتناش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدىغان 减速带نى قەشقەردە ياتقان جوتۇڭ (قاتناش ساقچىسى) دەيدىكەن، چاقچاق بولسۇنمۇ دەپ قويدۇم. بولسا مۇشۇنداق ئاتالغۇلار ئۈچۈن خەلق ئاسان قوبۇل قىلىدىغان سۆزلەرنى تاللىساق، تىل ئۇستىلىرىدىن سورىساق.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
apps بولسا app نىڭ كۆپلۇك شەكلى، app نى ئەپ دەپ ئالغانكەنمىز، apps نى ئەپلەر دەپ كۆپلۈك شەكلىدە ئالساق مۇۋاپىق بولىدۇ.