بۈگۈندىن باشلاپ بىۋاسىتە دەرس ئۆتۈشنى باشلىدىم.
[ IT خەۋەرلىرى، تاغدىن-باغدىن ]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقداشلار:
9-ئاينىڭ 30-كۈنى سۆزلەپ يوللىغان دەرسلىرىممۇ تېخىچە تەستىقلانماپتۇ، مەندە باشقا ئامال بولمىدى. نېمە سەۋەبلىكىنىمۇ بىلمەيمەن.
شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە مەن بىۋاسىتە دەرس ئۆتۈشنى تاللىدىم. ئەمما سىنغا ئېلىنمايدۇ، قايتا يوللانمايدۇ، ۋاقتىدا كېلىپ دەرس ئاڭلاڭلار، بۈگۈن 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دە Visual Basic.NET سىنىپىدا دەرس سۆزلەيمەن. بۇ ھەپتىلىك دەرس پىلانى مانا:
ئەگەر باشقا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىسا، ئەمدى مۇشۇ پىلان بويىچە بولىدۇ، يەنى بىۋاسىتە سۆزلەيمەن. ئەمما دەرسلىرىم تەستىقلىنىپ قالسا ئەلۋەتتە بۇرۇنقىدەك بولىدۇ، باشقا ساۋاقدىشىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,212 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:03
- ئالدىنقى يازما :Just how to Publish an Essay
- كېيىنكى يازما :THE Financial Wonder IN To the west GERMANY
تېخىمۇ كۆپ
71 پارچە باھا يېزىلدى
شۇندامۇ ئامدان بۇلاپتۇ!
دەرس توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلىپ خوش بولدۇق ئالىم مۇئەللىم.
بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن ئىلگىرلەش !
تېڭشۈن بىلەن سۆزلىشىۋاتىمەن، ئاساسىي سەۋەب مەندە ئىكەن. يوللىغان سىننىڭ سۈزۈكلۈكى 1080p بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتېرىدا سىن فورماتىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىشكە ۋە تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىدىكەن، بۇ جەريان ئاپتوماتىك تاماملىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلار فورماتىنى ئۆزگەرتىپ بولالماپتۇ، ئاندىن ئادەم ئارقىلىق تەستىقلاش باسقۇچىغا كېلىدىكەن.
مەن شۇ خۇشاللىقتا ھازىر يوللىغان سىن دەرسلىرىمنى قايتىدىن 720p ئايلاندۇرۇۋاتىمەن، ئاندىن قايتا يوللايمەن، بەلكىم مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ياكى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ھەممە ئىشلار جايىغا چۈشىدىغان قىلىدۇ، كۆڭۈل بۆلگەن تورداشلارغا رەھمەت.
خەيرىلىك ئىش ھامان ھۇجۇتقا چىقىدۇ، پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس. شۇنچە ئۇزۇن يىل ساقلىدۇق، ئەمدى ئاز قالدى، يەنە بىر نەچچە كۈن تەخىر قىلايلى، ئالىم مۇئەللىم چۇقۇم ياخشى چارە تاپالايدۇ.
تېڭشۈن بىلەن سۆزلەشتىم، ئاساسىي سەۋەب مەندە ئىكەن. يوللىغان سىننىڭ سۈزۈكلۈكى 1080p بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتېرىدا سىن فورماتىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىشكە ۋە تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىدىكەن، بۇ جەريان ئاپتوماتىك تاماملىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلار فورماتىنى ئۆزگەرتىپ بولالماپتۇ، ئاندىن ئادەم ئارقىلىق تەستىقلاش باسقۇچىغا كېلىدىكەن.
مەن شۇ خۇشاللىقتا ھازىر يوللىغان سىن دەرسلىرىمنى قايتىدىن 720p ئايلاندۇرۇۋاتىمەن، ئاندىن قايتا يوللايمەن، بەلكىم مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ياكى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ھەممە ئىشلار جايىغا چۈشىدىغان قىلىدۇ، كۆڭۈل بۆلگەن تورداشلارغا رەھمەت.
دەرسلىكنى كۆرۈپ باققان ئىدىم، ئاۋازمۇ سۈزۈك، مەشغۇلاتلارمۇ ئېنىق، ئەستايىدىل سۆزلەپتىكەنسىز. بەك ئەپسۇسلاندىم. ئەگەر تېڭشۈن ناچارلىق قىلغان بولسا، دەرسلەرنى سىنغا ئېلىپ يوۋكۇغا يوللاپ باقسىڭىزچۇ؟ لېكىنغۇ بۇلار مىڭ جاپادا قىلغان ئەمگەكنى بىرلا مەشغۇلات بىلەن يوق قىلىۋېتىۋېرىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ.
ناۋادا بۇلارمۇ بولماي قالسا Adobe Connect نى ئويىلىشىپ باقامسىز يا؟ بىز يىراقتىن ئوقۇيدىغان بەزى دەرسلەرنى مۇشۇ ۋاستە ئارقىلىق ئوقۇيمىز.
توردا دەرس سۆزلەشتىن توختاپ قالمايمەن، ھازىر VB ۋە C# دىكى ئاساسىي بىلىملەرنى سۆزلەپ بولاي دېدىم. سىن ئېنىقلىقى 1080P (Blue ray ئۆلچىمىدە)، ئۈن ئېنىقلىقى ئۈچۈنمۇ SONY نىڭ ئەڭ ياخشى مىكروفونىنى سەپلىدىم، قېنى مەن باشقا ئۇسۇللارنى سىناپ باقاي
تېڭشۈن بىلەن سۆزلەشتىم، ئاساسىي سەۋەب مەندە ئىكەن. يوللىغان سىننىڭ سۈزۈكلۈكى 1080p بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتېرىدا سىن فورماتىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىشكە ۋە تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىدىكەن، بۇ جەريان ئاپتوماتىك تاماملىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلار فورماتىنى ئۆزگەرتىپ بولالماپتۇ، ئاندىن ئادەم ئارقىلىق تەستىقلاش باسقۇچىغا كېلىدىكەن.
مەن شۇ خۇشاللىقتا ھازىر يوللىغان سىن دەرسلىرىمنى قايتىدىن 720p ئايلاندۇرۇۋاتىمەن، ئاندىن قايتا يوللايمەن، بەلكىم مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ياكى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ھەممە ئىشلار جايىغا چۈشىدىغان قىلىدۇ، كۆڭۈل بۆلگەن تورداشلارغا رەھمەت.
ئەسلىدە مۇنداق ئىشكەندە!
مېنىڭچە ئالىم مۇئەللىمنىڭ كىتاب يېزىشقا ۋاقتى يىتىشمەسمىكى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ياشلار ئارىسىدىكى پىروگرامما لايىھەلەشنى جىددىي ئۆگىنىشتىكى مۇشۇ قىزغىن ئېھتىياجنى دەرھال قاندۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەنگەن بىر يۈرۈش سىن دەرسى بولسا ئەڭ ياخشى بولاتتى. ئۆزۈمنى مىسال ئالسام، مەندىمۇ خېلى كومپيۇتېر كىتابلىرى بار. لېكىن مەلۇم بىر بىلىمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسام كىتاب ۋاراقلاپ يۈرگەندىن كۆرە دەرھال ئۇنىڭ سىن ماتېرىيالىنى ئىزدەپ تېپىپ بىر-ئىككى قېتىم كۆرۈپلا ھېلىقى ئىشنى قىلىپ كېتىمەن. سىن دەرسىنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭغا دېگەن ئادەمنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ۋە ئاڭلاش سەزگۈسى تەڭلا قاتنىشىدۇ. شۇڭا ھازىر كىتابخانىلاردا سېتىلىۋاتقان كومپيۇتېرغا ئائىت نۇرغۇنلىغان كىتابلارنىڭمۇ ئىچىدە ئۆگىتىش دىسكىسى بىرگە چىقىدىكەن. ئۇنىڭدا كىتاب ئىچىدە سۆزلەنگەن مەشىقنىڭ ئەمىلى سىن ماتېرىيالى ۋە ئۈلگە خام ماتېرىياللىرى بولىدىكەن.
شۇنداق، سىن دەرسلىكى تېخىمۇ مۇھىم، چۈنكى ئۇنىڭدا ئەڭ يېڭى بىلىملەرنى، ئەڭ جانلىق شەكىلدە، بەك كۆپ ئادەمگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ، كۆپ چىقىم كەتمەيدۇ، سالمانخان بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
300-400 بەتلىك كىتاب يېزىش ئۈچۈن نومۇر ھەققى، تەھرىرلىك، كوررېكتورلۇق، شۇنداقلا 3000 تىراژنىڭ باسما ھەققى ھەممىسى قوشۇلۇپ 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن چىقىم كېتىدۇ، كىتابخانا يېرىم باھادا ئېلىۋېلىپ، 5 يىلدىن كېيىن بەك كۆپ يالۋۇرتۇپ بېرىدۇ. بۇ ھېسابتا ئىنتايىن بىر قالاق ئۇسۇل، ھەم تېخى ئاسانلىقچە شەخسلەرگە نومۇر بەرمەيدۇ.
تېڭشۈن بىلەن سۆزلەشتىم، ئاساسىي سەۋەب مەندە ئىكەن. يوللىغان سىننىڭ سۈزۈكلۈكى 1080p بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتېرىدا سىن فورماتىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىشكە ۋە تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىدىكەن، بۇ جەريان ئاپتوماتىك تاماملىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلار فورماتىنى ئۆزگەرتىپ بولالماپتۇ، ئاندىن ئادەم ئارقىلىق تەستىقلاش باسقۇچىغا كېلىدىكەن.
مەن شۇ خۇشاللىقتا ھازىر يوللىغان سىن دەرسلىرىمنى قايتىدىن 720p ئايلاندۇرۇۋاتىمەن، ئاندىن قايتا يوللايمەن، بەلكىم مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ياكى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ھەممە ئىشلار جايىغا چۈشىدىغان قىلىدۇ، كۆڭۈل بۆلگەن تورداشلارغا رەھمەت.
مۇئەللىم، دەرسلىرىڭىزنى P2P دىگەندەك ئۇسۇللار بىلەن تارقىتىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
تېڭشۈن بىلەن سۆزلەشتىم، ئاساسىي سەۋەب مەندە ئىكەن. يوللىغان سىننىڭ سۈزۈكلۈكى 1080p بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتېرىدا سىن فورماتىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىشكە ۋە تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىدىكەن، بۇ جەريان ئاپتوماتىك تاماملىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلار فورماتىنى ئۆزگەرتىپ بولالماپتۇ، ئاندىن ئادەم ئارقىلىق تەستىقلاش باسقۇچىغا كېلىدىكەن.
مەن شۇ خۇشاللىقتا ھازىر يوللىغان سىن دەرسلىرىمنى قايتىدىن 720p ئايلاندۇرۇۋاتىمەن، ئاندىن قايتا يوللايمەن، بەلكىم مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ياكى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ھەممە ئىشلار جايىغا چۈشىدىغان قىلىدۇ، كۆڭۈل بۆلگەن تورداشلارغا رەھمەت.
ھازىر قەغەز كىتابلار 3000 تىراژدا چىقىرىلىدىكەن. ھازىر تىزىملاتقان ئەزا 7500 ئەتراپىدا بولسا، بۇلاردىن ئاز دېگەندىمۇ يېرىمى سېتىۋالدى دېسەكمۇ، 3000 تىراژ يېتىشمەي، يەنە قايتا نەشىر قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن تېخى…
سۈرە خىيال دېگەننى…
تېڭشۈن بىلەن سۆزلەشتىم، ئاساسىي سەۋەب مەندە ئىكەن. يوللىغان سىننىڭ سۈزۈكلۈكى 1080p بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتېرىدا سىن فورماتىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىشكە ۋە تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىدىكەن، بۇ جەريان ئاپتوماتىك تاماملىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلار فورماتىنى ئۆزگەرتىپ بولالماپتۇ، ئاندىن ئادەم ئارقىلىق تەستىقلاش باسقۇچىغا كېلىدىكەن.
مەن شۇ خۇشاللىقتا ھازىر يوللىغان سىن دەرسلىرىمنى قايتىدىن 720p ئايلاندۇرۇۋاتىمەن، ئاندىن قايتا يوللايمەن، بەلكىم مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ياكى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ھەممە ئىشلار جايىغا چۈشىدىغان قىلىدۇ، كۆڭۈل بۆلگەن تورداشلارغا رەھمەت.
تورداش «تەنەپپۇس» نىڭ پىكىرىنى قاتتىق قوللايمەن. ھەم ئالىم مۇئەللىمنىڭمۇ قەغەز كىتاب چىقىرىش ئىشىنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا دېيىش ئارتۇقچە دەپ قارالغان قەغەز كىتابنىڭ ئەھمىيىتى، قىممىتى… توغرىسىدىكى 5000 سۆز قىسقارتىلدى )…
كىتاب ئىشكابىمدا ئالىم مۇئەللىم ياش ۋاقىتلىرىدا تۈزگەن« كومپيۇتېر ئىنگلىزتىلى» دېگەن كىتابى ھېلىھەم ساقلاقىلق، ئەگەر پىروگرامما تىلى توغرىسىدىكى كىتاب نەشىر قىلىنىپلا قالسا، ئۇنىڭدىن بىر يۈرۈشنى ئەتىۋارلاپ ساقلايمەن…
ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم :(ئەستايىدىل ئۇقۇپ بىقىشىڭىزنى ئۆمىد قىلىمەن)
ئىدىرىس ئىسرائىلنىڭ«java پىرۇگىرامما تىلىدىن ئاساس» ناملىق كىتابى 2010 -يىلى نەشىردىن چىققانىدى ،بۇ كىتابقا سىزمۇ تەكلىپ پىكىر بىرىپتىكەنسىز ،بۇ كىتاب ھازىرمۇ تىخى قىممىتىنى يۇقاتقىنى يۇق ، بۇ بىزدە نەشىر قىلىنىغان پىرۇگىرامما لاسىيلەش تىلى تۇغىرسىدىكى تۇنجى كىتاب ،خەنزۇ تىلىدا ھەر يىلى يىڭىدىن پىرۇگىرامما لاھىيەلەش تۇغىرسىدىكى كىتابلار نەشىردىن چىقىپ تۇرىدىكەن ،پىرۇففىسۇر تەن خاۋ چىياڭنىڭ 《C程序设计》 ناملىق كىتابى يىزىلغىنىغا ئۇزۇن بولسىمۇ يەنىلا قىممىتىنى يۇقاتقىنى يۇق ،ھىلىمھەم نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ ،چۈنكى پىرۇگىرامما تىلىنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسىي ئۆزگەرمەيدۇ ،بۇ قىتىمقى سىزنىڭ تۇر دەرسىڭىزگە تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 7500دىن ئىشىپ كەتكەن ،بۇ سانننىڭ ئۆزى بىرىنجىدىن ،سىزنىڭ بىلىمڭىزدىن تەلىم ئىلىشنى ئارزۇلايدىغانلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلدۈرسە ،ئىككىنجىدىن ،پىرۇگىرامما تىلىغا قىزىقىدىغانلارنىڭ ساننىڭ كۆپلىكىنى بىلدۈرسە ئۈچىنجىدىن ، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئىھتىياجى تەمىنلىگۈدەك
شارائىتنىڭ بىزدە تولىمۇ كەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،ىىز سىزنىڭ پىرۇگىرامما تىلى بىلىم ىرىبىڭىز ۋە ئۆگىنىش،قۇللىنىش ئۇسۇلىڭزىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس بوپ قىلىشىنى بەك بەك بەك ئۆمىد قىلىمىز ،شۇنىڭ ئۈچۈن ،بىز سىزنىڭ كىتاب يازسا ۋاقىتى ئۆتۈپ كىتىدۇ دىگەن قارىشىڭىزنى تاشلىۋىتىشىڭىزنى ئۆمىد قىلىپ ىرىبىلىرىنى ئىقىتماي تىمىتماي بىر ياكى بىر نەچچە پارچا پىرۇگىرامما تىلى توغىرسىدا كىتاب نەشىر قىلىشىڭىزنى ئۆمىد قىلىمىز ۋە تەشەببۇس قىلىمىز. بىز سىزنىڭ پىرۇگىرامما تىلى تۇغىرسىدىكى كىتابىڭىزغا تەشنا ، مەندەك ئادەتتىكى ئۇقۇغۇچىڭىزنىڭ پىكىر تەكلىپىمنى ئەستايىدىل ئۇيلىنىپ بىقىشىڭىزنى ئۆمىد قىلىمەن .
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
مۇئەللىم بىز يەنىلا بەل قويۋەتمىز، تېڭشۇن دېگە گۇيلا خەپ قىنى قاراپ تۇرسۇن ،ھەي…خەپ!!!!
ئالاقىلىشىپ ئېنىقلاپ باقاي.
نىمە چىقمايدۇ دەپ ئولتۇرۇپ كىتىپتىمەن.بىر دەمدە 26-چىسلانىڭ دەرس تىزىملىكىمۇ يوقاپ كەتتى.ئەسلى مۇنداق ئىشكەندە،بىكارلىق ئۈگۈنۈشمۇ يوق بۇلامدۇ نىمە؟
تېڭشۈن بىلەن سۆزلەشتىم، ئاساسىي سەۋەب مەندە ئىكەن. يوللىغان سىننىڭ سۈزۈكلۈكى 1080p بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتېرىدا سىن فورماتىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىشكە ۋە تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىدىكەن، بۇ جەريان ئاپتوماتىك تاماملىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلار فورماتىنى ئۆزگەرتىپ بولالماپتۇ، ئاندىن ئادەم ئارقىلىق تەستىقلاش باسقۇچىغا كېلىدىكەن.
مەن شۇ خۇشاللىقتا ھازىر يوللىغان سىن دەرسلىرىمنى قايتىدىن 720p ئايلاندۇرۇۋاتىمەن، ئاندىن قايتا يوللايمەن، بەلكىم مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ياكى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ھەممە ئىشلار جايىغا چۈشىدىغان قىلىدۇ، كۆڭۈل بۆلگەن تورداشلارغا رەھمەت.
كەچۈرۈڭ مۇئەللىم، ئېنىق تەسىلاتىنى مەنمۇ بىلمەيمەن، html نى شۇ توردىكى دەرسلەردىن ئۆگىنىۋاتىمەن «www.bilig.cc»