بۈگۈندىن باشلاپ بىۋاسىتە دەرس ئۆتۈشنى باشلىدىم. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

بۈگۈندىن باشلاپ بىۋاسىتە دەرس ئۆتۈشنى باشلىدىم.

[ IT خەۋەرلىرى، تاغدىن-باغدىن ]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقداشلار:
alim

9-ئاينىڭ 30-كۈنى سۆزلەپ يوللىغان دەرسلىرىممۇ تېخىچە تەستىقلانماپتۇ، مەندە باشقا ئامال بولمىدى. نېمە سەۋەبلىكىنىمۇ بىلمەيمەن.
testiq
شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە مەن بىۋاسىتە دەرس ئۆتۈشنى تاللىدىم. ئەمما سىنغا ئېلىنمايدۇ، قايتا يوللانمايدۇ، ۋاقتىدا كېلىپ دەرس ئاڭلاڭلار، بۈگۈن 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دە Visual Basic.NET سىنىپىدا دەرس سۆزلەيمەن. بۇ ھەپتىلىك دەرس پىلانى مانا:
jedwel
ئەگەر باشقا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىسا، ئەمدى مۇشۇ پىلان بويىچە بولىدۇ، يەنى بىۋاسىتە سۆزلەيمەن. ئەمما دەرسلىرىم تەستىقلىنىپ قالسا ئەلۋەتتە بۇرۇنقىدەك بولىدۇ، باشقا ساۋاقدىشىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
71 پارچە باھا يېزىلدى
  • دەرس جەدىۋىلىدە شۇنداقكەن ئەمەسمۇ !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى am 09:52
    • سۆزلىگەن دەرسلىرىمنى QQ بوشلۇقىغا چىقىرىپ قويدۇم، شۇ يەردىن كۆرگەچ تۇرۇڭلار، QQ غا توپىغا ئەزا بولالمىغانلار دەرسلىكنىڭ تەستىقلىنىشىنى ساقلاپ تۇرۇڭلار. مەن يەنىلا ئەسلىدىكى پىلانىم بويىچە سىنغا ئېلىپ سۆزلەشنى قارار قىلدىم، بىر ئىككى ھەپتە راۋرۇس يۈرۈشكەندە مەن ئاندىن ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم توردا بىۋاسىتە تەكرار قىلىپ بېرىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 17:58
  • مۇئەللىم ،دەرسلىكلىرىڭىزنى ئۇن-سىن پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلەپ ،شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشىرياتى ياكى باشقا نەشىرياتلار ئارقىلىق نەشىر قىلىشنى ئۇيلىشىپ باقسىڭىز ،بۇنىڭ كىتاب يىزىشقا قارىغاندا ئۇنداق جىق جاپاسى ۋە ئاۋارىگەرچىلىكى يۇق ،پىرۇگىرامما لاھىيلەش ئۈن -سىن دەرسلىكىڭىز نەشىر قىلىنسا بىزمۇ ھەر ۋاقىت ھەرقاچان قايتا قايتا ئۆگىنەلەيمىز ،ھەم سىزمۇ ئىقتىسادى كىرىم قىلىۋالالايدىكەنسىز،ئۇيلىشىپ باقسىڭىز !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 22:00
  • مالىم بۈگۈن دەرىس سۆزلەنمەپتىغۇ ؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 21:25
  • بۈگۈن دەرس يوقمۇ نېمە؟ ھېچ ئاۋاز چىقمايۋاتىدىغۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:17
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، بۈگۈن دەرس بارغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:04
  • مۇئەللىم بۈگۈن جۈمە دەرىس يوققۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:02
  • بۆگۈنكى دەرس ئۇچۇرى تېخىچە جىمغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 17:47
  • QQ توپىغا قوشۇلالمىغانلار بىۋاستە دەرسنى ئاڭلىيالمامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 17:21
  • ئالىم مۇئەللىم مىنىڭچە دەرسلىرىڭىزنى سىنغا ئىلىپ بولۇپ ،شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشىرياتى ياكى باشقا نەشىرياتلاردىن پىرۇگرامما لاھىيەلەش توغىرسىدىكى پىلاستىنىكىڭىزنى چىقارسىڭىز قانداق؟تەكلىپىمنى ئۇيلىنىپ باقسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 16:46
  • ئەمىسە بۈگۈن كەچتە (29-چىسلا، پەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10دىن 10 يىرىمغىچە يەنە بىر نەق مەيدان دەرىسى بار دىگەن گەپكەندە! بۇنداق چاغدا چوقۇم قاتنىشالايمەندە… كۆپ رەھمەت ئالىم مۇئەللىم. جاپا چەكتىڭىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 18:02
  • مۇئەللىم، دەرىسلىكلەر سىنغا ئىلىنمىسا قايتا يوللانمىسا بولمايدۇ دەيمە،

    بىلسىلىرى سەھرادا، توردىن يىراق بىز بار يەردە نۇرغۇن باللا سىلىنىڭ دەرىسلىكلىرىنى كۈتىۋاتىمىز، بىزدە ھىچ بىر تور شارائىتى يوق، تۇرمۇشىمىز شۇنچە جاپالىق، كۈندۈزى ھاشاردا ئىشلەپ كەتمەن چىپىپ كەچتە ئۆيگە كىرگەندە سىتىۋالغان دەرىسلىكلەرنى ئۈگىنىمىز، سىلىنىڭ دەرىسلىكلىرى بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن مۇھىم، ئەگەر سىلى بىزگە ھەم بىزگە ئوخشاش نۇرغۇن باللىغا ئىتىبارسىز قارىسىلا مەيلى، بوپتۇ،
    يادىلىرىدا بارمۇ، مەن بىر ۋاقىتلاردا سىلىگە ئىلخەت يوللاپ سىلىگە چوڭقۇر ھۆرمىتىم بارلىقىنى، پروگرامما تىلى ئۈگىنىش ئۈچۈن نىمىلا قىلسام مەيلى ئىكەنلىكىنى، پروگرامما ئۈچۈن توي قىلمايدىغانلىقىمنى دىگىنىمدە سىلى ماڭا قانداق قىلغاندا ياخشى پروگراممىر بولغىلى بولىدۇ دىگەن تېمىنى تەۋسىيە قىلدىلا، يەنە تىخى توي قىلىپ بولۇپمۇ ياخشى پروگرامما يازغىلى بولىدۇ دىدىلە،
    مەن بۇلارنى ئۇنتۇپ قالمىدىم،
    لىكىن دەپ قوياي، دەرىسلىكلىرىنى سىنغا ئىلىپ چۈشۈرۈشكە تەمىنلىمىسىلىمۇ مەن بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايمەن ھەم توختاپ قالمىغان.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى am 09:47
    • بۇ ئىشلار ئېنىق بولدى، سەۋەب مەندە ئىكەن، ئېنىقلىقىنى سەل تۆۋەنلىتىپ ئىككى خىل فورماتتا يوللىسام، تەستىقلىنىشى تېز بولىدىكەن، ئاندىن سۈزۈك فىلىمى تەستىقلانغاندا شۇنىڭغا ئالماشتۇرۇۋېتىش چارىسىنى تاپتىم، خاتىرجەم بولۇڭلار مەن ھەممىنى سىنغا ئېلىپ يوللايمەن، پەقەت ھەپتىدە بىر قېتىم (ئادەتتە جۈمە كۈنى) بىۋاسىتە نەقمەيدان سوئاللارغا جاۋاب بېرىمەن، ئۆگىنىدىغان ئادەم بولسىلا مەن ساۋات خاراكتېرلىك ئاساسىي بىلىملەرنى ھەقسىز سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ بۇ ساھەگە كىرىشىگە ئىلھام بېرىمەن. ئەمما ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئاڭلاپ ئۆگەنمىسەڭلار، يېڭى دەرسلىكلەرنى چىقىرىش ئۈچۈن كونا دەرسلەرنى توردىن چۈشۈرۈۋېتىشىم مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى am 10:47
  • ئىشلارنىڭ ئېزىغا چۈشكىننى بلىپ، ئۆزى ئېشى ھەل بولغاندەك خوش بۇلۇپ كەتتىم دىسە، ھارماڭ مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى am 00:28
  • بۈگۈن دەرىس يوقمۇ نىمە؟ سەككىزيېرىم بۇلۇپ كەتتى. جىملا

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:26
    • ياق، بۈگۈن دەرس يوق، ھەممە ئىش ئەسلىدىكى پىلانغا كېلىۋاتىدۇ، خۇدايىم بۇيرىسا جۈمە كۈنى كەچتە بىۋاسىتە سۆزلەيمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:25
  • مۇئەللىم جاپا چېكىۋاتىسىز. رەھمەت سىزگە! ھامان بىر كۈنى بۇ ياخشى ئىشىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:36
  • بۇلارنىڭ نېمە قىلغىنىدۇر دەيمەن. مۇشۇنداق ياخشى نەرسىنىمۇ ۋاقتىدا تەستىقلاپ بەرمىسە قانداق قىلساق بۇلار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:25