Win8/8.1/10 لارنىڭ خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىش دېتالى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]Win8/8.1/10 لارنىڭ خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىش دېتالى
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،
ھەممىمىزگە مەلۇم 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىپ، زور كۆپلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى خۇش قىلىۋەتتى. بۇ خۇشاللىقنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىزگە ئاتا قىلدى. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە نەچچە يىلدىن بېرى يات تىلدىكى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىز، مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئانا يېزىقىمىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتىمىز. خەنزۇچە بىلمىگەن ئەمما ئانا تىلىمىزنى بىلگەنلا كىشى بۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستمىسىنى بىمالال ئىشلىتىپ كېتەلەيدىغان ھالغا كەلدى. بىزگە مۇشۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ۋە ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
بۈگۈن ئەنە شۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ خېتىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسىدىكىلەر مەخسۇس Windows8/8.1/10 لارنىڭ خېتىنى چىرايلىق قىلىدىغان يۇمشاق دېتالنى تۈزۈپ چىقتۇق.
دېتال كۆرۈنمە يۈزى:
مەزكۇر ئەپ ئاددىي، پاكىز تۈزۈلگەن بولۇپ، سىز سىستېمىڭىزنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ بولغان بولسىڭىز، مۇشۇ دېتالدىكى قايسى خەت نۇسخىسنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى قاچىلاپ كومپيۇتېرنى بىر قېتىم تىزىمدىن چىقىرىپ (ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە قايتا قوزغىتىسىز) كىرسىڭىزلا سىستېمىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق ھالەتكە كېلىدۇ.
قاچىلاش كۆرسەتمىلىرى:
بۇ يەردىكى تاللاشقا بەلگە قويمىز.
ئەمدى ھەئەنى باسىمىز.
خەت نۇسخىسىنى قاچىلاۋاتىدۇ.
قاچىلاش تاملاندى، قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. (كومپيۇتېرنى تىزىمدىن چىقىرىدۇ، شۇ چاغدىلا ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز)
ئۈنۈمى كۆرۈلگەندىن كېيىنكى ھالەتلەر:
دېتالنى چۈشۈرۈش
http://www.shopurluq.com/WindowsFontsInstaller_For_Alkatip.zip
دېتال نەشرى: 1.0
دېتال تۈزگەن ئورۇن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
دېتال تۈزگۈچى: مۇھەممەدجان سوپۇر (Smart)
UI لايىھەسىدە: يۈسۈپجان تۇرسۇن (Kulke)
مەزكۇر دېتال ھەقسىز، سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دېتالنىڭ بارلىق ھوقۇقى قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسىغا تەۋە، ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىق ئۇيغۇرلارغا تەۋە. مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقايسى تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سالونىدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ.
دېتالغا قارىتا تەكلىپ پىكىرلەر بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا بەرسەڭلار بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
2015-يىلى 31-ئاۋغۇست
- يازما كۆرۈلۈشى: 7,701 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 08-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 20:56
- ئالدىنقى يازما :Require help formulating a Eulogy?
- كېيىنكى يازما :Artcile: THE Results OF Human being Tools IN Functionality
مۇنداق دىسەم خاپا بولماڭلار توردىن چۈشۈرگەن ھەرقانداق GOOSTھالەتتىكى ۋېندوۋىس10نىمۇ بىۋاستە ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولىدىكەن. ئالدىنقى يىلى يوللانغان ۋىندوۋىس8نىڭ ئۇيغۇرچە خەت شەكلىنى چىرايلىق قىلىش دىگەن تېمىدىكى فونىد ھۆججەتلىرىنى قاچىلىسام ئۇيغۇرچە پېچەت چىقىپ كەتتى، مەركۇز تېمىدىكىدەك خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە دېتال قاچىلاش ياكى مەشخۇلات قىلىشتىكى سوئال بەلگە مەسىلىسىمۇ يوق، ئىشقىپ شۇنداق رازى بولدۇم، لېكىن بۇ ۋېندوۋىس8 دەك بىرقەدەر مۇكەممەل تولۇق ئەمەسكەن چېسلا ۋە كونتۇرۇل تاختىسىدىكى بەزى جايلار يەنىلا خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلساق بولا ئالىم ئەخەت ئەپەندى سىزگە ئامەت تىلەيمەن… رەخمەت…
مۇنداق دىسەم خاپا بولماڭلار توردىن چۈشۈرگەن ھەرقانداق GOOSTھالەتتىكى ۋېندوۋىس10نىمۇ بىۋاستە ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولىدىكەن. ئالدىنقى يىلى يوللانغان ۋىندوۋىس8نىڭ ئۇيغۇرچە خەت شەكلىنى چىرايلىق قىلىش دىگەن تېمىدىكى فونىد ھۆججەتلىرىنى قاچىلىسام ئۇيغۇرچە پېچەت چىقىپ كەتتى، مەركۇز تېمىدىكىدەك خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە دېتال قاچىلاش ياكى مەشخۇلات قىلىشتىكى سوئال بەلگە مەسىلىسىمۇ يوق، ئىشقىپ شۇنداق رازى بولدۇم، لېكىن بۇ ۋېندوۋىس8 دەك بىرقەدەر مۇكەممەل تولۇق ئەمەسكەن چېسلا ۋە كونتۇرۇل تاختىسىدىكى بەزى جايلار يەنىلا خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلساق بولا ئالىم ئەخەت ئەپەندى سىزگە ئامەت تىلەيمەن
مەمەت : كە ئىنكاس:
ئۇنداق بولۇپ قالمايدۇ. سىز قارىغاندا كونترول تاختىسى ئىچىدىكى رايوننىڭ ئىچىدىن Unicode نى قوللىمايدىغان تىل دېگەن يەرنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلىۋالغان ئوخشايسىز. شۇنى ئۇيغۇرچە قىپ قويغان بولسىڭىز خەنزۇچە ھالەتتىلا ئەمەس ئۇيغۇرچە ھالەتتىمۇ خەنزۇچە دېتاللارنىڭ خېتى سوئال بەلگىسى ياكى قالايمىقان كود شەكلىدە كۆرۈنۈۋالىدۇ. قاراپ بېقىڭ قېنى.
ماۋڭ 101010دىگەن كىم بول. ماۋۇ تىمىغا قالايىمقان ئىنكاس يىزىپ، ئوخشىغان تائامغا چىۋىن چۈشكەندەك ئىش قىلۋاتسەن.
ساڭا ئوخشاش نام ئاتاق ئۈچۈن ياشايدىغان ئادەمگە، بەلكىم ئۈزۈڭنىڭ دىگەنلىرى توغرىدۇ
بۇنى ئىشلەتسە خەنزۇچە قىلسا خەتلىرى ئوقۇغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدىكەن بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز؟
ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئۇنداق قارا يۈز بوپ كەتمىگەندۇ،،،،،،،،،،،،،،،،ياخشى ياماننى ،ھەق ناھەقنى ئايرىيالايدىغان ، مىللەتنىڭ ئىشقىدا ھەقىقى شەخسىيەتسىز ۋە ئۈن تىنسىز شام بولۇپ كۆيىۋاتقانلارنى بىلىدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز ھىلىھەم با،،،،،،،،،،،،،،،،بۇنىڭغا خەلق ئۆزى ئادىل باھا بىرىدۇ،،،،،،ۋاقىت كىرەك
101010 بۇرادەر، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ھەممىنى ئۇنداق بىر تاياقتا ھەيدىۋەتمىگۈلۈك، گەپ سۆزىڭىزدىن قارىسام مۇئەللىمنى خېلى ئوبدان بىلىدىكەنسىز، راست، سىز دېگەندەك مۇئەللىمنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇردىن بىرەر نام ئاتاققا ئېرىشەرمەنمىكىن دەپ قىلغان ئىش ئەمەس، شۇڭا ئۇ بىر قاتار شىكايەتلىرىڭىزنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. ئۇ سىز دېگەن «پەزىلەتلەر» ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ياكى باشقا بىر مىللەتكە خاس ئىش ئەمەس، شۇڭا ئۇيغۇر ئۇچى بۇچى دېگەن گەپنى ئەمدى قىلماڭ ( مەيلى بۇ بلوگتا ياكى باشقا يەردە) … ئۇيغۇرنىڭ قانداقلىقىنى ھەممىمىز كۆكڭلىمىزگە ئايان، ھەممىمىز ئۇيغۇر بولغاندىكىن. شاگىرتلىرى ئانداق مانداق دېگەن گەپنىمۇ شۇ، بۇ يەردە يېزىپ يۈزگىنڭىزگە قارىغاندا تۇرمۇشتا چاي پاراڭلىرىىدىمۇ دەپ قويىدىغان چېغىڭىز، بولسا بۇنداق گەپنىمۇ قىلماڭ. بىر ئېغىز گەپ، ياخشى ئىش ئەمەس. رەھمەت.
ئا ئاداشنىڭ كاللىسىنىڭ سۈيى بامۇ نېمە؟ ئوڭشىلىپ قالار بىر كۈنى، تونۇيدىغانلار بولسا ئوقۇتۇپ باقساڭلار بولغۇدەك جۇمۇ.
مەيلى كىمسە، ما ئاداش پونى ئەجايىپ ئېتىپ قويىدىكەن دېسە مەيلى پەرۋايىم پەلەك.
ئەمما ، مالىمىمنى غۇلجىغا ئېلىپ كېتەي دەپ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە تۇرغان 18 كۈنۈمدە، ئاران 2 قېتىم تېلېفۇن قىلالىدىم. چېچىدىن تولا ئىش.. ئىش.. ئىش…
بەرىبىر ئۇيغۇرنى رازى قىلىپ بولامايسىز مالىم سىزگە دەپ قوياي.. سىزنىڭغۇ پەرۋايىڭىز پەلەك..
ئامما، غۇلجىنىڭ ھاۋالىرى شۇنداق پەيزە بولاپ كەتكەن ما ۋاقتىنى، قىشتىن قىزغىنىپ سىزگە ئېيتىۋاتىمەن..
ئەختەم ئۆمەر ئۇيغۇرنى ئوپراتسىيە قىلىمەن دەپ نېمە ئاتاقتا…
يالقۇن روزى ئۇيغۇرغا چىراق بولىمەن دەپ نېمە تۆھمەتتە..
ئەلى قۇربان ئۇيغۇرغا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ چىقىرىقىنى يېقىپ بېرىمەن دەپ نېمە سوتلاردا..
سىزمۇ بەرىبىر يامان بولىسىز.. خۇددى بىرلىرى ، ئالىم ئەھەد ئەينى ۋاقتتا بېل گېيتىس كەلگەندىلا ، مايكرو سوفتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش شېركىتىنى قۇرۇشقا گەپ قىلمىدى، دەپ سىزدىن باتناپ يۇرگەندەك..
ئاناڭنى……
ھەممىسى نۆل بولۇپ كېتىدۇ.. ئۇيغۇر ئۈچۈن قان تۆككەن، ياش تۆككەن ، تەر تۆككەن نىڭ ھەممىسى گۆرىدە تىك ئوتتۇرىدۇ ، ئەۋلادلىرىنىڭ تۆھمەتلىرىنى ئاڭلاپ..
ئەڭ ياخشىسى.. سىز شېركىتىڭىزنى تاقىۋىتىپ ، كۆزنەك پۆزنەكنىڭ ئىشىنى تاشلاپ ، ما ھاجىم دادام ، ھاجىم ئاپاملارنىڭ ھايات ۋاقتىدا كۆپرەك بىللە بولىۋىلىڭ،… بولمىسا، ماڭا ئوخشاش، … ئاغزىڭىزغا دادا.. دادا ،.. دادا.. دېگەن گەپلەرنى مەڭگۈلۈك ئالالمايسىز..
ئۇيغۇر سىزدىن تانىدۇ…بۇ گېپىمگە ئاچچىقى ھەممىدىن يامان، ئاللاھنى قەسەم قىلىپ تۇرۇپ دەلەلەيمەن.. ئامما، دادا ئاپىمىز بىزنى مەڭگۈ باغرىغا باسىدۇ.. چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ باغرى ۋە بارلىقى..
سىز بۇ ئىشلارنى قىلسىڭىز يالغۇر قىلىۋىرىسىز..[
قولىڭىزدا ئادەمنىڭ تايىنى يوق.. سىزنىڭ يۈرىكىڭىزدىكى دەرتلىرىڭىزنى بىلمايدۇ.. قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزدىن پەخىرلەنمەيدىغىنىڭىزنى بىلىمەن. سىزنى سېتىۋەتكەن، پىلانلىرىڭىزنى خەققە دەپ سىزگە خەيرەندىلىك قىلغانلارمۇ سىزنىڭ شاگېرتلىرىڭىزدىن چىققان… سىز ھازىر سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنىڭ سىرىنى ساقلىيالايدىغان ئادەمگە موھتاج. بىراق.. يېنىڭىزدىكى ھەممىسى شاكالل….. سىزنى بىر پۇلغا سېتىۋىتىدۇ.. پىلانلىرىڭىزنى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋىتىدۇ….
كېلىڭ… باغرى ئىللىق تەلكىگە كېلىڭ….. مەككە بىلەن مەدىنىدىن ئالالمىغان ساپ ھاۋانى كېلىپ ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بىللە ئېلىڭ…..
قۇرۇق ئايروپىلانغا سېلىپ قويۇپ، ھەرەمگە يولغا سېلىپ ، قاق ئىسسىققا يەم قىلىپ بەرگەن ئاتا ئانىڭىزنىڭ غۇلجىنىڭ ئىللىق. دىلغا ھوزۇر، روھقا قۇۋۋەت بولىدىغان غۇلجىغا كېلىڭ…..
40كېچە كۈندۈز ئاتا ئانىڭىزنىڭ ھەققى ھۆرمىتىگە توي ئۆتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان ئىلى خوغا كېلىڭ….
قۇرۇق سۆلەتۋازلىق قاپلىغان، قويمىچىلىق قاپلىغان…. جازانە قاپلىغان يۇرتىمىزغا بىر كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ….
بىز ھەممىمىز ئالىم ئەھەدكە تۇگىمەس غەلىبە، نۇسرەتلەرنى تىلەپ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتۇق. ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن ئىشلارغا سۈكۈت قىلىۋىلىشىمىز كېرەكتى. ئالىم ئەھەد تېخى ئۇيغۇرنى دۇنياغا تولۇق ئەمەس، ئازراقمۇ تونىتالمىدى. قىسقىسى، ما غۇلجىدىكى نۇرغۇن كومپيۇتېرچىلار ئالىم ئەھەدنى تونىمايدۇ. ئالىم ئەھەدكە قۇرۇق ماختاش، مەدھىيىلەر كېرەك ئەمەس، ئامما ئەلنىڭ پىكىر بېرىش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئۇيغۇرنىڭ كومپيۇتېرچىلىقىنى دۇنياۋى سەۋىيىگە كۆتۈرۈش پەقەت يالغۇز كىشىنىڭلا مەسئۇلىيىتى بولۇپ قېلىپ، كىينكى دوقاللاردا ئالىم مالىمنى ئۆزىنى يالغۇز، تەنھا ھېس قىلىپ، ‹سۈنۋۇكۇڭ›نى ئالقان تېغىغا كۆمىۋەتكەندەك، كۆمىلىپ قېلىشىدىن خاۋاتىرلىنىمەن.
ئالىم مالىم، غۇلجىلىقلارنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېرغا بەك ئۇستا ئوخشايدۇ، ئۇيغۇر سوفتنىڭ بىرەرمۇ ۋاكالەتچىلىسى يوق غۇلجىدىن ، دېگەن گېپىنى يۈرۈكۈمگە قان بىلەن يېزىۋالغانمەن.
بىز بىر گۇرۇپپا، يەنى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىرى گۇرۇپپىسى. بىز بىر چوڭ بىنا، ھەر بىرىمىز شۇ بىنانىڭ خىش ۋە باشقا ماتىرىياللىرى….
شۇڭلاشقا ھەممىنى ئالىم ئەھەدكە تاشلاپ قويماي، ئالىم ئەھەدنىڭ يۈكىنى بوينىغا ئالىدىغان بىرسى چىقسا، ئالىم ئەھەد مايكرو سوپت ئۆزىدىن بىلىم ئېلىپ كەلسە نېمە دېگەن ئېسىل ئىش بولاتتى، ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئاپام ئۆزىنى ھەرەمگە ئاپىرىپ كەبىنى 70 قېتىم چۆگىلەتكىنىمدىنمۇ بەك خۇش بولاتتى، دادام رەھمىتىمۇ گۆرىدە تىك تۇرۇپ ئالىم مالىم ئۈچۈن قىيامەتكىچە دۇئا قىلغان بولاتتى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ پەقىر ئوغلىدىن كۈتكەن ئۈمىدى بەك چوڭ بولغاچقا، ئالىم مۇئەللىمنىڭ يېنىغا شاگىرتلىققا ئاپىرىپ بەرگەنلىكىگە تۈمەن قېتىم رازى بولاتتى. مەنمۇ، قۇرۇق پەخىرلىنىش بىلەنلا قالماي، ئالىم مۇئەللىمنىڭ يۈكىنى بوينۇمغا قورقماي ئالاتتىم. ئېسىت.. ھاياتىم.. ئۇيغۇرغا پوقچىلىكمۇ پايدام بولامايۋاتقىنىمنى ئويلىسام، ئوبۇرخانغا باشچىلاپ ئېتىپ 40 كۈن شۇ پوختا مىلىنىپ ياتقىم كېپ كېتىدۇ. ھەي….
مەنمۇ قىلىۋالدىم سىستىمىنى 电脑管家ئارقىلىق كوتۇردۇم ئۇيغۇرچە پەچەت چىكەتتى
ئويغۇرسوفت چوڭ لوغىتىنىڭ يانفون نۇسخسىنى ئىشلەپ بازارغا سالغان بولسىڭىز. بىرقانچە يانغون نۇسخسىدىكى لوغەتلەرنى ئىشلىتىپ باقدىم، لىكىن يىڭى ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى يوقكەن.
قۇتىيار گوروپپىسىدىكى قېرىنداشلار سىلەرگە چىن دىلىمىدىن ئاپرىن ئېيتىمەن. ئانا تىلىمىزىدىكى شوپۇرلۇق سېتىمىسى خېلى كۆپىيىپ قالغان بولسىمۇ، سىلەرنىڭ خېلى ياخشى دەپ قارايمەن.
مەن ئىشلەتكەندىن كىيىن ناھايىتىمۇ خوشال بولدۇم ،لىكىن پەقەت رەھمەت دىيىشكىلا يارايمەن ……دىتالنى ياسىغۇچىغا رەھمەت !
تىلبولىقنى سىستىمىنىڭ ئۆزدىن چۈشۈرسىز كونتىرول تاختىسىغا كىرىپ تىل دىگەن يەردىن چۈشۈر سىز؟