نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

«تەرجىمانلار ياردەمچى قورالى» بارلىققا كەلمەكچى

[ IT خەۋەرلىرى ]

 

بۇ پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولماستىن، كومپيۇتېر ياردىمىدە ئادەملىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئالدى بىلەن تەرجىمە قىلىنماقچى بولغان خالىغان تىلدىكى تېكىستلەرنى ئابزاس ۋە جۈملىلەرگە پارچىلايدۇ، ئىلگىرى تەرجىمانلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلغان جۈملە ئامبىرىدىن تېپىلغانلىرى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىنىدۇ. تېپىلمىغانلىرىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان تەرجىمە جۈملىلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ. جۈملە تەركىبىدىكى مۇھىم ئاتالغۇلار، يەر-جاي ناملىرى، كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىسى ئاپتوماتىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تېپىلمىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ تەرجىمىسى لۇغەتتىن تەۋسىيە قىلىنىپ تۇرىدۇ.

biaoti

(ئىزاھات: بۇ رەسىم پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى)

بۇ دېتالغا يەنە لۇغەت، ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، خەۋەر- ماقالە تەرجىمە قىلىدىغان ۋە يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرىدىغانلار بۇ قورال ئارقىلىق نۇرغۇن زېھنىنى، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئىلگىرى ئۆزلىرى تەرجىمە قىلغان ئامبارغا ساقلاپ قويغان جۈملىلىرىدىن ئاپتوماتىك پايدىلىنالايدۇ.
بۇ قورال پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، 1 ئاي ئىچىدە تارقىتىشنى پىلانلاۋاتىمىز. ئەمما ئالدى بىلەن ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەزا بولغانلارغا تارقىتىلىپ ئۇلاردىن تەكلىپ-پىكىرى قوبۇل قىلىنىدۇ.

تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»نى قوشۇۋېلىڭ، بولمىسا بۇ تەرجىمە قورالىنى چۈشۈرەلمەيسىز.

ulogo

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
58 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • مۇشۇ ئىزدەش ماتورى توغرىسىدا بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى بارمۇ؟ سىز چە قانۇنلۇق بۇلارمۇ؟ سانداق يوق ئىدى ،پەقەت تېپىپ بىردۇ ،لىكىن شۇ بەزى بىخەتەرسىز نەرسىلەرنى .ئىزدسە مەسئولىيەت كىمگە ئارتىلدۇ. جاۋاپ بەرگەن بولسىلا. بىڭ ئىزدەش ماتۇرىدىن تۇتۇپ ئەكىلەتتى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 22:41
    • نوپۇستىن ئۆتمىگەن ماشىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە بىرسىگە ساتسىڭىز، ناۋادا بۇ ماشىنا ئىلگىرى ئوغرىلانغان ماشىنا بولسا، سىزگىمۇ يانداشما مەسئۇلىيەت كەلگەندەك ئىش. تۆت كوچا دوقمۇشىدا ئالدىڭىزدىكى بىر ماشىنا قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتسە، سىزمۇ ئۇنى دوراپ بۆسۈپ ئۆتسىڭىز يەنى سىزمۇ ئۇنى دوراپ خىلاپلىق قىلغان بولسىڭىز، سىزگىمۇ مەسئۇلىيەت كېلىدۇ.

      چۆپىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى، سۈيىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى.
      —-ئۇيغۇر خەلق ماقالى

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى am 08:18
  • ئۆزىمىزدە بار بولغان تەييار تەرجىمە ماتىرياللارنى قوشقىلى بولىدىغان ئىقتىدارمۇ قوشۇلسىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:50
  • ھەجىم، تېزلىك، تۈر قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن ئۆلچىنىدىغان چوڭ مەلۇمات Big data دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، ئۇچۇرلار شىددەت بىلەن توپلانغانسېرى ئۇلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق توغرا نەتىجىگە ئېرىشىش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ، ھازىرقى ئىزدەش موتورلىرى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ ئىزدىگەن سۆزنىڭ مەنىسى بويىچە ئىزدەيدىغان بولۇپ كەتتى، ئاددىي بىر مىسال، «لەغمەننى قانداق ئېتىدۇ» دەپ يېزىپ ئىزدىسەك «لەغمەن ئېتىشنىڭ ئۇسۇللىرى» دېگەننى تېپىپ بېرەلەيدۇ(ھازىرچە ئۇيغۇرچىگە ئىشلىمەيدۇ)، دېمەك سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ئارىلىقلىرىدىكى باغلىنىشنى خەرىتىسىنى(تورىنى) تېپىپ چىقىپ مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.
    ئالىم مۇئەللىم ئىلگىرى ئەدەبىي ئەسەر يازالايدىغان يۇمشاق دېتالنىڭ تەسەۋۋۇرىنى دېگەندە ماڭا مۇمكىنسىز بىر ئىش بىلىنگەن ئىدى، شۇ تاپتا چوڭ مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ قىلىنىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ بۇ ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە بارغانسېرى ئىشىنىپ مېڭىۋاتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:31
  • سالام،
    يەنە بىر ئېسىل ئىشتىن بىرسى روياپقا چىقىدىغان بولۇپتۇ . ئالىم مۇئەللىمنىڭ بارچە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۈشلۇق بولىشىنى، تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيمەن. ئالىم مۇئەللىمگە رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:05
  • بەك ياخشى بوپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:52
  • رەخمەت ئالىم ئاكا ئۇيغۇر سوفىت ۋە سىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىڭىز ھەقەتەن زور ئىشلىرىڭىز روناق تاپقاي بەخىتلىك خاتىرجەم تۇرمۇش يار بولغاي چىن كۆڭلۇمدىن چەكسىز رەخمەت ئىيتىمەن سىزگە

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 19:51
  • نىمە دىگەن ياخشى ئىش بۇ!مەن بۇ خەۋەرنى ئۈندىداردا ئاڭلاپ قانچىلىك تەسىرلەنگىنىمنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىمەن،ھىسياتىمنى باسالماي شۇ ھامان سىزگە تېلفون ئۇرۇپ رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم.ئەمگىكىڭلارغا ئاپىرىن،سىلەرگە يەنە بىر رەھمەت!
    جۈملە تەرجىمە ساندانى يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن بۇ ياردەمچى تەرجىمە قۇرالى ھازىر ئانچە مۇكەممەل بولماسلىقى مۇمكىن،ئەمما كەڭ ئۇيغۇر ئۇچۇر ئامسىنىڭ ئىشىلتىشىگە ۋە قولىشىغا ئەگشىپ،جۈملە تەرجىمە
    ئامبىرى موللاشقانسىرى بۇ سۆيۈملۈك بوۋاقنىڭ ساغلام يىتىلىپ كەلگۈسىدىكى بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان ئۇيغۇر ئاپتوماتىك تەرجىمە قۇرالىغا ئايلىنىشىغا ئىشىنىمەن ۋە تىلەكداشمەن.
    ئاخىردا بۇ نەتىجەڭلار بىلەن تىزدىن ئەسرا بولسام دەيمەن………..

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 19:04
  • گوگىل تەرجىمانغا قاتقىلى بولامۇ بۇ دىتاللانى ؟ دىمەكچىمەنكى دۇنىيانىڭ ھەممە يىرىدە بىمالال ئىشلىتىش ئىمكانىيتى بارمىدۇ ………..

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:58
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاللاھ رازى بولسۇن.
    مۇمكىن بولسا گۇگۇل تەرجىمانىدىكى بىزلەر كۆپراق ئىشلىتىدىغان تىللارنى ئۆز – ئارا تەرجىمە قىلىشنى قوشۇپ قويساڭلار. ھامىنى تور بار شارائىتتا ئىشلىتىمىزغۇ بۇ دېتال پۈتسە. (ھا ھا ھا)
    ئۆتكەندە ئىزدىنىش تور بېتىگە بىر توردىشىمىز يوللاپتىكەن، ئۇيغۇرچە – ئۆزبەكچە تەرجىمان دەپ. ئۇنىڭدا ئۈستىدە مەن دېگەن ئىقتىدارنى قوشۇپ قويۇپتىكەن. بولسا سىلەرمۇ قوشۇپ قويساڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:22
  • ما ئىشىڭلار دەھشەت ئىش بوپتۇ ئەمما!تەرجىمانلارنىڭ90%ئىشى ھەل بولغاندەك قىلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:20
  • ۋاھ قالتىس بىر ياردەمچى بولغۇدەك، ئۇستازلارنىڭ ئەجىرىگە ئاپىرىن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:15
  • بەك ياخشى بولۇپتۇ. بولسا توربەت يۈزىدىكى يازمىلارنىمۇ تەرجىمە قىلىغىلى بولغان بولسا. بەك ياخشى بولارئىدى.قوللايمەن ھارمىغايسىزلەر.تېخىمۇ تىرىشىڭلار قېرىنداشلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:07
  • مۇبارەك بولسۇن !!! ھارمىغايسىز !
    ئاخىرى جۈملە تەرجىمە قىلىدىغان قورال بارلىققا كەلگۈدەك. شۇ نەرسە كام ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 17:59
  • ئالىم مۇئەللىم بۇ سىستىمىدا ئىزدەپ تىپىلمىغن سوزلىكلەر بارا-بارا تولۇقلىنىپ ماڭامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 17:58
  • تەشنامىز!
    مۇشۇنداق بىرەر يۇمشاق دېتالنى كۈتكىلى ئۇزۇن بولغان.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 17:52
باھا بېتى: 1 2 3 4