نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

«تەرجىمانلار ياردەمچى قورالى» بارلىققا كەلمەكچى

[ IT خەۋەرلىرى ]

 

بۇ پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولماستىن، كومپيۇتېر ياردىمىدە ئادەملىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئالدى بىلەن تەرجىمە قىلىنماقچى بولغان خالىغان تىلدىكى تېكىستلەرنى ئابزاس ۋە جۈملىلەرگە پارچىلايدۇ، ئىلگىرى تەرجىمانلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلغان جۈملە ئامبىرىدىن تېپىلغانلىرى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىنىدۇ. تېپىلمىغانلىرىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان تەرجىمە جۈملىلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ. جۈملە تەركىبىدىكى مۇھىم ئاتالغۇلار، يەر-جاي ناملىرى، كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىسى ئاپتوماتىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تېپىلمىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ تەرجىمىسى لۇغەتتىن تەۋسىيە قىلىنىپ تۇرىدۇ.

biaoti

(ئىزاھات: بۇ رەسىم پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى)

بۇ دېتالغا يەنە لۇغەت، ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، خەۋەر- ماقالە تەرجىمە قىلىدىغان ۋە يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرىدىغانلار بۇ قورال ئارقىلىق نۇرغۇن زېھنىنى، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئىلگىرى ئۆزلىرى تەرجىمە قىلغان ئامبارغا ساقلاپ قويغان جۈملىلىرىدىن ئاپتوماتىك پايدىلىنالايدۇ.
بۇ قورال پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، 1 ئاي ئىچىدە تارقىتىشنى پىلانلاۋاتىمىز. ئەمما ئالدى بىلەن ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەزا بولغانلارغا تارقىتىلىپ ئۇلاردىن تەكلىپ-پىكىرى قوبۇل قىلىنىدۇ.

تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»نى قوشۇۋېلىڭ، بولمىسا بۇ تەرجىمە قورالىنى چۈشۈرەلمەيسىز.

ulogo

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
60 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:31
  • مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىدارىدىكى دېتالدىن بىرنى vb.net2005تە 4 يىل بۇرۇن بىر دوستۇمغا ياساپ بەرگەنتىم (ئۇ دوستۇم مەخسۇس ماتېرىيال تەرجىمە قىلىش، خەت ئۇرۇش، كۆپەيتىش ئىشى قىلاتتى). ئۇندىن كېيىنرەك دادام تۈگەپ كەتتى، مەن ئوغۇلنىڭ چوڭى بولغاچقا ھەممە ئىشقا باش قاتۇرۇپ، پالاقلاپ يۈرۈپ چوڭ ئۆينى باقىمەن، دەپ يەنە باشقا پروگرامما توغرىلىق نۇرغۇن پىلانلىرىم كاللامدىن غايىپ بولغان ئىدى (يېزىق تونۇتۇشنىمۇ خېلى ياخشى ئۈنۈمدە سىناق قىلىپ بولغان، سۈنئىي نېرۋا تورىغا ئەكىرىشنى ئويلىشىۋاتقان ئىدىم)… ئەپسۇس، ئۇندىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى (ئىنىمنىڭ بىر كۆزى ھادىسە سەۋەبىدىن كۆرمەس بولۇپ قالدى، توي قىلدىم، خىزمەتكە چىقتىم…) بۇنىڭ باشقىلارنىڭكىدەك تەرجىمە دېتالى بولمىغان شارائىتتا ياخشى دېتال بولۇشىنى ئىلگىرى ھېس قىلىغان، لېكىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىمكان بولمىغانتى. ئالىم مۇئەللىم مەندىنمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىشىنىمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 14:25
  • بۇ ساھەنى جىق چۈشەنمەيدىغانلار 13 خىل تىلنىڭ ئىشىنى پۈتۈنلەي مۇمكىن دەپ ئويلىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن. ھازىرقى تېخنىكا بەك تەرەققىي قىپ كەتكەن تۇرسا دەپ .
    ئومۇمى خەلقنىڭ پەن تېخنىكا ئېڭى قانچىلىك؟ نەزەر دائىرىسى قانچىلىك؟ مالارنى ئويلىشىش كېرەك. ئۆزىمۇ راستمۇ يالغانمۇ بىلمىدىم دەپتۇ ئەنە.
    بۇنى قاخشاپ، دۈشكەللەپ، تەنە قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 13:57
  • نەدىكى ئاقماس يالغان گەپنى بۇ يەرگە سۆرەپ كەلمىسەڭلا بولمامدۇ. تېگى تەكتىنى بىپلراق سۆزلەڭلا باللا. 13 تىل ئەمەس ئۈستىدە مۇئەللىم دېگەندەك بىر خىل تىنى تولۇق تەرجىمە قىلالايدىغان دېتال تۈزۈشكىمۇ كېتىدۇ بىرەر ئىككى يۈزمىڭ كوي. 13 خىل تىل دېگەن ئاز گەپمۇ؟ تاينى يوق پاراڭنى قىلىپ بۇ يەرنى پاخاللاشتۇرماڭلار ئەڭ ياخشىسى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى am 10:24
  • توردا كىشىلەرنى(بولۇپمۇ كومپىيۇتىرنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپىنى چۈشەنمەيدىغانلار)تاققا-تۇققا گەپلەر بىلەن قايمۇقتۇرىدىغانلارنى ئېتىۋەتسە دەيمەن. نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار. تىخى 13 خىل تىلنىڭ تاۋۇشلىرىنى دەل جايىدا ئايرىپ،تەرجىمە قىلىپ بىرەلەيدىكەن.مەنغۇ بىر قۇرمۇ كود يازالمايمەن. لىكىن بىلىشىمچە ئاۋازنى(مىكرافۇندىن چىققان يۇقىرى تۆۋەن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان توك بىسىمىنى رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ) كومپىيۇتىرغا ساقلاش ۋە كاناي ئارقىلىق ئاڭلاش ئاددى جەريان بولغان بىلەن، 0ۋە 1گە ئايلاندۇرۇلغان تاۋۇشلارنى پەرقلەندۇرۇپ ھىسابلاش جەريانى ئۇنداق ئاسان ئىش بولماسلىقى مۇمكىن. ياكى ئاۋاز دىگەن يىزىق بولمىسا مۇقىم كىملىكى بار. ھە ماۋۇ كود نومۇرى مانچىنچى نومۇرلۇق ماندا تىلنىڭ يىزىقى ئىكەن، بۇنى ماندا دەپ تەرجىمە قىلىۋىتەي دەپلا تەرجىمە قىلىدىغان. ھەم كومپڭيۇتىرلارنىڭ سۈنئى ئەقلى ئىقتىدار بىلەن ئۈگىنىش،ئەستە ساقلاش،تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى تىخى ئۇ چەككە يەتكىنى يوققۇ دەيمەن. مىنىڭچە ئالىم مۇئەللىم خىلى ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ جاۋاب بىرىپتۇ. ئۇنداق يالغاننى توقۇپ،باشقىلارنىڭ ھىسياتىدىن پايدىلىدىغانلارنى ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا ئەكەلسە،ئالىم مۇئەللىم ئۆزىنىڭ بوران چىقسا ئۇچۇپ كەتكۈدەك(چاقچاق ھە مۇئەللىم،ئارتۇق كەتكەن بولسا كەچۈرگەيسىز) قول-پۇتلىرى بىلەن تازا ئۇرۇپ-دەسسەپ(شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ شۇنداق قىلاتتىم)چالا ئۆلۈك قېلىپ قويارمىكىن.
    مىنىڭچە ئۇنى كەلگۈسىدە يەتمەكچى بولغان نىشان،ئارزۇ دەپ تەشۋىق قىلسا بولاركەن. ياكى ئۇ ياقنىڭ سەۋىيسى ھازىرقى سەۋيەدىن بەكلا ئېلگىرى كەتتىمۇ بىلمىدىم،ئىشقىلىپ مەن ئىشەنمىدىم. ئەگەر راستلا شۇنداق تىخنىكىنى بارلىققا كەلتۈرەلىسە،ھازىرقى دەۋىردە مەبلەخدىن قىينىلىش نىسبىتى ھەقىقەتەن بەكلا تۆۋەن. لىكىن بۇمۇ خىلى قىززىق يۇمۇر بوپتۇ. ئادەم ئويلىسىلا كۈلگەچ بىر تەرەپتىن ئېچىنىدىغان. ھەممىگە قارا قويۇق ئىشىنىۋەرمەيلى قىرىنداشلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى am 00:40
  • ھە سىلە بۇنداق دىگەن يەردە يالغان ئىشلا ئوخشايدۇ ،مەنمۇ خوش بوپ يۈرۈپتىمەن تېخى بۇ سېستىما پۈتۈپ قالسا دەپ ..نۇرغۇنلىغان خام خىياللارنى ئويلاپ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:38
  • بۇ دىتالنىڭ ئېلان قىلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتمەن، رەھمەت سىز گە جاپا تارتىپسىز .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:15
  • بۇ راسمۇ يالغانمۇ بىلمىدىم ،لىكىن ئالاقىلشىش نۇمۇرى ۋە دىتالنىڭ سىناق قىلغان فىلىمۇ باركەن ،ئىسمى ئابدۇراخمان تۇرغۇن ئالاقە نۇمۇر 18699128278 ئېلخەت a@xju.biz تېمىدا يىزىشچە مەبلەغ يىتىشمەي تاشلاپ قويغىلى ئۈچ يىل بوپتۇ ،ئەگەر ئۈسۈملۈك قەرىز بىرىپ تۇردىغانلار ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلشىڭ دەپ يۇقارقى ئالاقىلشىش ئادىرسىنى قالدۇرۇپتۇ،ئۇندىداردىكى شۇ تېمىنى مۇشۇ يەرگە يوللاي دىسەم ئامال بولمىدى ،ئەگەر ئالىم مۇئەللىم ئالاقىلشىش نىيتىڭىز بولسا ئۇندىدار نۇمۇرڭىزنى دەپ بەرسىڭىز سىزنى قېتىپ يوللاپ بەرسەم بۇلدۇ شۇ تېمىنى …لىكىن ھەقىقەتەن تەرجىمە قىلغان كۆرىشنىڭ فىلىمى باركەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 18:45
    • سىز دېمىسىڭىزمۇ مەن بۇ ئىشلارنى ئۆزۈمنىڭ بەش بارمىقىمدىنمۇ ئوبدان بىلىمەن، بۇنىڭدىن 21 يىل بۇرۇن يەنى 1994-يىلى 3-ئايدا (بەلكىم سىز تىلغا ئالغان يىگىت تۇغۇلمىغان ياكى بۆشۈكىدە) چاغدىلا مەن ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىدا مۇشۇ ئىشلارغا ياردەملەشكەن، دىلشات ھېۋىزۇللا (قېينىئاكام) بۇ ئىشلارنى قول سېلىپ ئىشلىگەن. 1200 بۇغۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خالىغان سۆزلەرنى تونۇيتتى. يەنى چەكلىمىسى بار ئىدى.
      ھازىر بۇ ئىشلار ھەددى ھېسابسىز ئاسان بولۇپ كەتتى. كومپيۇتېرنىڭ سىغىمى، تېزلىكى،….دېگەندەك ھېچقانداق قاتتىق دېتال چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايمىز، نۇرغۇن تېخنىكىلارمۇ ئاشكارە بولۇپ كەتتى. ئەمما مەن يۇقىرىدا شۇنداق ئېنىق دېدىمغۇ؟ بۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، ئېغىزدىن چىققان ئاۋازنى دېمەي تۇرايلى جىم مۇقىم تۇرغان خەنزۇچە جۈملىلەرنى 13 تىلغا ئەمەس، پەقەت ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈنمۇ 5 مىليون مەبلەغ كېتىدۇ. 13 تىلنىڭ ئاۋازىنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن 100 مىليون خەلق پۇلى ئەسلا يېتىشمەيدۇ. مەندە ئۇنداق مەبلەغ يوق، كەچۈرۈڭ ياردەم قىلالمايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:37
  • ئاللا ،مېنىڭ ئۈندىدارىم قىشتىن چىقالماي توڭلاپ قاپتىكەن،ئۈندىدار ئىشلەتمەيۋاتقانتىم،ئەمدى قانداق قىلامەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 16:36
  • مېنىڭچە بۇنىڭغىمۇ ماۋۇ سۆزنى مۇنداق دەپ تەرجىمە قىلىنسۇن دەپ بەلگۈلىگىلى بولسا ياخشى بولاتتى.تەرجىمە قىلالمىغان سۆزلۈكلەرنىمۇ بىر يەرگە يىغىپ ماڭالىسا .ھارمىغايسىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 16:25
  • بىزدەك ئۈندىدار نۇرمال ئېچىلمايدىغان يەردىكىلەر قاندا ق چۈشۈرەمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى am 11:00
  • يامان بەك ئىسىل ئىش بوپتۇ ئالىم مۇئەللىم . مەنمۇ بىر ئىشتن سىرتقى تەرجىمان ، بۇ قورال ئېلان قىلىنسا مىنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىمغا بەك كۆپ ياردىمى بولاتتى ! مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى am 10:34
  • بارىكاللا!
    جەنابىي ئاللاھ مىڭ مەرتىبە رازى بولغاي، ئامىين!
    باسقان قەدىمىڭىزدىن قىزىل گۈللەر ئۈنۈپ كەتكەي، ئىلاھىم!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 23:14
  • مەن ئۈندىداردا بىر ئويغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇيغۇرچىنى 13خىل تىلغا ئاۋازلىق تەرجىمە قىلدىغان سېستىما توغۇرلۇق تېمىنى كۆرگەنتىم ،بولسا شۇ قېرىندىشىمىز بىلەن كۈرۈشۈپ ئىككى سېستىمىنى بىرلەشتۈرسەڭلار تېخىمۇ ياخشى بۇلاكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 22:46
  • مەن ئۈندىداردا بىر ئويغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇيغۇرچىنى 13خىل تىلغا ئاۋازلىق تەرجىمە قىلدىغان سېستىما توغۇرلۇق تېمىنى كۆرگەنتىم ،بولسا شۇ قېرىندىشىمىز بىلەن كۈرۈشۈپ ئىككى سېستىمىنى بىرلەشتۈرسەڭلار تېخىمۇ ياخشى بۇلاكەن،

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 22:46
    • ھېلىغۇ ئاۋاز ئىكەن جىم تۇرغان خەنزۇچە تېكىستنى ئۇيغۇر تىلىغا ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن 5-10 مىليون مەبلەغ، 4-5 يىل ۋاقىت ۋە 40-50 ئادەم كۈچى كېتىدۇ. ئاۋازنى تەرجىمە قىلىمەن دېيىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە مەبلەغ كېتىدۇ. بىر ئادەم ئۈچۈن بۇ ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس ئىش، خۇددى ئۆزەم يالغۇز ئاۋىياماتكا ياسايمەن دېگەندەك ئىش.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى am 08:13