ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]دۇنيادا ئۆزىنى داڭلىسا بىرىنچى ئەخمەق، خوتۇنىنى داڭلىسا ئىككىنچى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن، ئۆزىنىڭ ئانا تىل-يېزىقىنى داڭلىسا، قانچىنچى ئەخمەق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. شۇڭا، پىكىرىم سەل تېيىز بولسىمۇ، ھاياجان سەل ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىۋاسىتە تەھرىرلىمەي يازغان بولغاچقا كەچۈرۈڭلار، قېنى باشلاي ئەمىسە.
10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى لايىھىلەپ، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ كودىنى بېكىتىپ (ئۇ چاغلاردا تېخى بىرەر ئورۇن بېكىتىپ بەرمىگەن بولغاچقا)، كىرگۈزگۈچ ياساپ، كېيىن ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە لۇغەت ياساپ باققان بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىم يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ باردى. ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىم ۋە ئىشلىتىدىغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم، ئاددىي سەۋەبى مۇنداق:
(1) كومپيۇتېردا پىروگرامما يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا مەلۇمكى، كومپيۇتېردا ئىككىلىك سىستېما قوللىنىلىدۇ، شۇڭا، ساقلىغۇچنىڭ سىغىمىمۇ 2 گېگابايت، 4 گېگابايت، 8 گېگابايت،..32 گېگابايت دېگەندەك ئايرىلىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدا 32 ھەرپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 8 سوزۇق تاۋۇش بار. بۇلار دەل ئىككىنىڭ دەرىجىلىرىدۇر(2،4،8،16،32). ASCII كودىدا لاتىنچە چوڭ-كىچىك ھەرپلەرنى پاراللېل رەتلىك قىلىش ئۈچۈن زورمۇ-زور ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلار بار ئىدى، ناۋادا، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئايرىم رايوندا كود بېكىتىلىدىغان بولسا، ASCII كودىدىنمۇ رەتلىك ئورۇنلىشىپ، بىر رايونىغا شۇنداق چىرايلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ گۈلى-گۈلىگە كېلىدۇ. (مەن ئەلكاتىپ 1.0 دە شۇنداق قىلىپ، USCII كودى دەپمۇ ئاتاپ باققان ئىدىم). بۇنداق يېزىقنى يەنە تاپالامسىز؟
(2) سۆز قوشۇمچىلىرى
ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان چېغىمدىلا I am from Xinjiang دېگەن جۈملىدىكى from (دىن، تىن) نى بەك تەستە قوبۇل قىلغان، تېخى ئالدىدىكى am دېگەننىچۇ؟ ئەگەر بۇ جۈملىنى ئۇيغۇرچە دېيىشكە توغرا كەلسە، «مەن شىنجاڭدىن» (ئىككى سۆز بىلەن) دەيمىز، ئىش تامام. تېخى ئۈرۈمچى خانتەڭرى مەسچىدى يېنىدىكى «جۇڭگو بانكىسى» دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچىسى Bank of China بولۇپ، «of» دېگەن نېمە ئۇ؟ كومپيۇتېرغا ئىنگلىزچە Windows نى قاچىلىغاندا، My Computer دەپ چىقاتتى. ئۇيغۇرچە «كومپيۇتېرىم» دېسەكلا تامام. بىزدە بۇنداق شەخس، كېلىش قوشۇمچىلىرى بىۋاسىتە سۆزنىڭ ئارقىسىغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ، بۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە تىلدىن يەنە قانچىسى بارلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن، ئىنگلىز تىلىدا بۇنداق ئالاھىدىلىك يوق. ئۇيغۇرچە جۈملىدە نەچچە سۆزنىڭ بارلىقىنى ساناش توغرا كەلسە، بەك توغرا تېپىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئىنگلىزچىدە ئۇنداق ئەمەس. of, the, to, from,…. دېگەنلەر ساناشقا تەسىر قىلىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدەك باشقا تىل-يېزىقنى تاپالامسىز؟
(3) مىقدار سۆز
خەنزۇ تىلىدا بىر دانە ئۈستەل، بىر نەپەر ئادەم دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەردە زورمۇ-زور مىقدار سۆز ئىشلىتىشكە مەجبۇرىي بولىمىز، لېكىن، ئۇيغۇرچىدە بۇنداق زورمۇ-زور ئىشلىتىدىغان ئىش يوق. پەقەت بىر ساپاق ئۈزۈم، بىر خالتا سۈت ،…دېگەندەك جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا مىقدار سۆزنى زورلاپ ئىشلەتمەيمىز، بۇنداق قۇلايلىقلار يەنە قانداق تىللاردا بار؟
بەلكىم، يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردا ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان تېيىز كۆز قارىشىم سەۋەبىدىن سىڭگەن چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ئۆزىنىڭ تىلىنى ماختاش، سۆيۈش ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن تىلىمىزغا باشقىچە قارايدىغانلارغا ھەيران قالىمەن.
يېقىندىن بۇيان تىلىمىزغا بولغان ھەر خىل خىرىسلار مەۋجۈت بولۇپ، بەزىلەر «ھەمزە»نى تاشلىۋېتەيلى دېسە، يەنە بەزىلەر ھەرپ شەكىللىرىمىز ئېنىق ئەمەس دەپ، يەنە بەزىلەر ئېلىپبە تەرتىپىمىز توغرا ئەمەس دېيىشمەكتە. يەنە بەزى نوپۇزلۇقلار مۇنداقمۇ دېيىشمەكتە، ئالىم ئەھەت كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرۈپتىكەنتۇق، بۇ جەدىۋەلدە، «ژ» بىلەن «ف» نىڭ تەكرارلىقى بەك تۆۋەن، شۇڭا، بۇ ئىككىنى ھەرپنى قىسقارتىپ، «ژ» نى «ج» بىلەن، «ف» نى «پ» بىلەن ئىپادىلەيلى، ھەمزە بىلەن جەمئىي ئۈچ ھەرپنى تاشلىۋېتەيلى دېگەن قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ باقتى. مەن 2004-يىلى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھەرگىزمۇ بۇ مەقسەت ئۈچۈن ھېسابلاپ چىقمىغان ئىدىم، يەنە بەزىلەر ئىنگلىز تىلىدا 48 تاۋۇش 26 ھەرپ بار ئىكەن، ئۇيغۇر تىلىنى ئىسلاھ قىلىپ 32 ھەرپ 16 تاۋۇش قىلايلى دىگەنلەرمۇ بار ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق بىلمىگەن بەزى چالا تەرجىمانلارنىڭ دائىم مۇنداق تەرجىمىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
(1) ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرەش يۈز بەردى.
(2) دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى.
(3) يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى.
(4) دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى.
(5) سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
(6) ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن
مېنىڭچە،
(1)-جۈملە «ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 يەر تەۋرەش يۈز بەردى» دىكى «يۈز بەردى»دېگەن قانداق گەپ؟ ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ ھەرخىل دەرىجىلىرى، شەخس ،..نى ئىپادىلەيدىغان قوشۇمچىلار ئىنتايىن مول، بىر پېئىلنى 5040 خىل تۈرلەشكە بولىدۇ، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرىدى (توغرا)
قايسى كۈنى تېلېۋىزوردىكى خەۋەردە تېخى مۇنداق دەيدۇ: «ئىچكىردە سۇ ئاپىتى يۈز بەردى»، توۋا دەپ قاپتىمەن. «ئىچكىردە كەلكۈن كەلدى» دېسە تامام. «كەلكۈن» دەپ مەخسۇس بىر ئاتالغۇ تۇرسا، ئېلان ئورنىدا دەپ قوياي، ئۇلار «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نى ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنداق بولماس ئىدى بەلكىم. (يازما ئارىسىغا ئېلان قىستۇرۇش مودا ھازىر).
(2)-جۈملە «دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى» دىكى «نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى»دېگەن قانداق گەپ؟ خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانما؟ كومپيۇتېردا تەرجىمە قىلغانمىكىن دېسەم، بۇنداق خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە دېتال تېخى ئېلان قىلىنمىدى. مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىنى داۋالىدى (توغرا)
(3)-جۈملە «يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى» دىكى «چوڭقۇر قانات» دېگەن قانداق گەپ؟ بۇنىما خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانما؟ «ناۋادا، قاناتنى چوڭقۇر يايدۇرساق، يۇقىرىدىن-تۆۋەنگە يېيىلىپ، يەرگە چوڭقۇر سانجىلىپ كېتىدۇ»، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
يىغىن روھىنى كەڭ قانات يايدۇرايلى (توغرا)
(4)-جۈملە «دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى» دىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەن قانداق گەپ؟ ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى «يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي» دېگەن سۆزنى«يەر تەۋرەشكە چىداملىق» دەپ ئۆزگەرتتى، ئەمما، ئالدىدىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەننىڭ ئورنىغا، «پۇل خەجلەپ» دېسە بولماسمىدى؟ ياكى بۇلارنىڭ ئىچىدە خەجلىمىگەن ئەمما، كەنت باشلىقلىرىغا پارا بەرگەن پۇللارمۇ بولغاچقا، «خەجلەش»نىڭ ئورنىغا «پۇل سەرپ قىلىپ»دەمدۇق؟ بۇنى مەن بىلمىدىم. مېنڭچە، مۇنداق دېيىش كېرەك:
دېھقانلار ئاز پۇل خەجلەپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالدى (توغرا)
(5)-جۈملە «سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دىكى «سىزنىڭ…بولدى»دېگەنگە قارىغاندا، بۇ ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىق. مەن ئۈستىدە دەپ ئۆتكەندەك، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئىنگلىز تىلىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى تەرەپلىرى بار، مەن يەنە بۇلارنى بىلوگىمدا داۋاملىق يېزىشىم مۇمكىن، بۇ جۈملىنى مۇنداق تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى
ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى
سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز.
ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز
«مۇۋەپپەقىيەتلىك» دېگەن سۆزنىڭ ئىملاسىنى مانا مەن دېگەن ئادەممۇ توغرا يازالمايدۇ، شۇڭا، «غەلبىلىك» دېگەننى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا چۈشىنىشلىك بولىدۇ ۋە ئۈچ بوغۇم قىسقىراپ، سۆز مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ، يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىمۇ جىق ئورۇننى ئېگەللىمەيدۇ. لېكىن، «سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز» ياكى «ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز»نىمۇ ئويلىشىپ باققاننىڭ زېيىنى يوق. «غەلبىلىك بولدى»، «غەلبىلىك ھالدا»،…دېگەندەك ئىبارىلەرنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن زامان قوشۇمچىلىرىنى ئۇلاپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
(6)-جۈملە «ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دىكى «رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن»دېگەن قانداق گەپ؟ «رەھمەت» دېسەكلا تامام، مېنىڭچە يۇقىرىدىكى جۈملىنى مۇنداق دېيىش كېرەك:
ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن (توغرا)
ئۆز ئانا تىلى ساۋادى چالا بولغان يېڭى تەرجىمانلىرىمىز، خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىنى بەك پىششىق ئۆگىنىپ كەتتىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ تىل ئىپادىلەش ئادىتىنى ئۇيغۇر تىلىغا سىڭدۈرمەكچىمۇ بولدىمۇ، سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش سېھرىي كۈچىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. بۇنداق ئىپادىلەش خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا بەك كام تېپىلىدۇ، بۇنى يازغانسېرى، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببەت قايتىدىن كۈچەيدى، شۇڭا، «ئۇيغۇر تىلى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزەيلى، بەزى نەرسىلەرنى تاشلىۋېتەيلى، زامانغا ماسلاشمايدۇ، كومپيۇتېرغا بولمايدۇ،…دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ قالسام بىئارام بولىمەن. شۇڭا، ئۇنداق نەرسىلەرنى ئەمدى بىلوگىمدا بولسىمۇ ئاڭلاپ قالمىغايمەن.
مېنىڭچە، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، ئالاھىدىلىكلەرنى قېزىپ چىقىپ، ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىش كېرەك ھەم ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساق، «دوپپا مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى»-دەپ خەۋەر بېرىپ، دوپپا كەيمىگەندەكلا ئىش يەنى تېخى شۇ يىغىن تۈگەپ 10 مىنۇتتىن كېيىنكى ئايرىم شەخسلەرنى زىيارەت قىلغاندا، نوپۇزلۇقلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ بېشىدا دوپپا يوق (ئەلكۈيىدىكى زىيارەتنى كۆرۈپ بېقىڭ). لېكىن، دوپپا دېگەن مۇنداق ياخشى نەرسە دەپ بىر پاتمان سۆزلەپ بەرسەكمۇ، ئۆزىمىز ئەمەل قىلمىساق، زورمۇ-زور ئۆتكۈزگەن بايرامدەك، رەسىمگە چۈشۈپ، ساياھەت قىلىپ، ئۆپچە تاماق يەپلا يېنىپ كېلىمىز، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى ھەم قايىل قىلالمايمىز. نۇرغۇن چىقىم قىلغاننى ئاز دەپ يەنە باشقىلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئالىمىز.
تىلىمىزغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى توغرا تەتقىق قىلايلى، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنايلى!
دىققەت: بۇ تېخى دەسلەپكى ئىزدىنىش بولۇپ، تولۇق پۈتمىدى. شۇڭا، باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماي تۇرۇڭ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 7,312 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 07-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 17:21
- ئالدىنقى يازما :دۇنيادىكى تىللار
- كېيىنكى يازما :ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز نۇسخىسى) لازىممۇ؟
ئالىم ئەپەندىم، مەنچە «ئۈرۈمچىدە قاتتىق بوران چىقىش ھادىسىسى يۈز بەردى» دېگەن جۈملىنى «ئۈرۈمچىدە قاتتىق بوران چىقتى»دىسەكلا بولىدۇ. بۇ تەرجىماننىڭ سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان خاتالىق.
لوگىكا جەھەتتىن قاتتىق بوران دەمدۇق ياكى كۈچلۈك بوران دەمدۇق؟
قاتتىق ئوت ئاپىتى؟ كۈچلۈك ئوت ئاپىتى؛
قاتتىق يەر تەۋرىدى؟ كۈچلۈك يەر تەۋرىدى؟
خەۋەردىن قارىغاندا «ئۈرۈمچىدە قارا بوران چىقتى» دىمەكچىكەن.
بىزدە «قارا» سۆزى ئىستىمالدىن قالمىدى، مەسىلەن؛ قارا كۈچ، قارا قۇيۇن، قارا بوران…دىگەندەك، ياكى بۇنداق دىيىشنى توغرا تاپمىسا «ئۈرۈمچىدە بوران چىقتى» دىسىلا تامام.
بۇ جۈملىدە «قاتتىق» دىگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چوڭقۇر ئويلانغىنىمىزدا لوگىكا جەھەتتىن خاتادەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمما،ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئادىتى ۋە مەدەنىيەت تارىخىغا ئاساسلانغاندا،بەلگىلىك تىل شارائىتىدا «قاتتىق»دىگەن سۆز «كۈچلۈك» دىگەن كۆچمە مەنىدە ئىستىمال قىلىنىپ كەلگەن. مەسلەن «بوينى قاتتىق» دىگەن سۆز «غۇرورى كۈچلۈك، ئاسان باشقىلارغا باش ئەگمەيدىغان» دىگەندەك مەنىلەردە. يەنە ئېغىز تىل ئادەتلىرىمىزدە «قاتتىق يەر تەۋرەپتۇ»، «قاتتىق سىلكىۋەتتى»، «توپنى قاتتىق تەپتى»، «قاتتىق سوقۇلۇپتۇ» دەپمۇ ئىشلىتىمىز. «كۈچ» تەلەپ قىلىدىغان نەرسىلەرنى «قاتتىق» دەيمىز. مەسلەن، «قاتتىق نان»، «تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقى»…دىگەندەك.
بۇ جۈملىنى لوگىكا جەھەتتىن«كۈچلۈك بوران»، «كۈچلۈك يەر تەۋرىدى» دىسەك بولىدۇ. تىل ئادىتىمىز بويىچە«قاتتىق بوران»، «قاتتىق يەر تەۋرىدى» دەيمىز. ئەمما، ئوتنى «قاتتىق ئوت ئاپىتى» دىمەيمىز.
ئالىم ئەھەت ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىغىنى ئالاھىدە قەدىرلەش كېرەك! جەنابىي ئاللاھ بۇ مۇبارەك ئوغلانىمىزنىڭ شان-شەرىپىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرسۇن، ئامىن!
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەزەللىكى توغرىسىدا سۆزلەشكە توغرا كەلسە توننىلاپ ئەسەر يېزىپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ!
ئەپسۇس، مۇشۇ يېقىنقى مەزگىللەردە يېزىق ۋە ئىملا جەھەتتىكى تەلۋىلەرچە تاشلانغان قەدەملەر ۋە قارارلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەۋزەللىگىگە داغ چۈشۈرىۋاتىدۇ. بۇ، تاۋۇش بىلەن ھەرپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى خاتا بىر تەرەپ قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا تۈۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ باققايسىلەر:
http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=7567
دېمەكچىمەنكى، ھازىرقى ئاتالمىش «كۆمپيوتېر يېزىقى» تىل-يېزىق تارىخىدىكى ئەشەددىي جىنايەتچى، خالاس!
قۇددۇس ئاكا، تولا زامانغا تەتۈر بىرنەرسىلەرنى يېزىپ ، باشقىلارنىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرمىسىلا .
ئانا تىلىم -جان تىلىم!!
ئانا تىل ئۈچۈن قولىمىزدىن كىلىشىچە، ئاز بولسىمۇ ياردەم قىلساق دەپ ئويلايمەن.مانا بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرى تېنچلىق يولى مەھەللە باشقارمىسى ئەرداۋەن ئاھالە كومتىتنىڭ ئىشخانا ئىچىگە،خەنچىلا يېزىپ قويغان كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇرچە قوشۇپ يازدۇرۇپ قويدۇم.
ئانا تىلىمىزنى سۆيىدىغانلار يەنىلا نۇرغۇن، بىز تىلىمىزنى بىشىمىزدا كۆتۈرۈپ پەخىرلىنىپ سۆزلەيمىز. ئانا تىلىم!!!
ئانا-تىلىمغا بولغان مۇھاببىتىم تىخىمۇ ئۇلغايدى! بىر ياخشى دەرىس!!!
3-ئەخمەق.
قەدىرلىك ئۇستاز، ماقالىڭىز دىلغا ئوزۇق بولغۇدەك يېزىلىپتۇ. مەنمۇ خەنزۇتىلى، ئېنگىلىزتىلى، ياپون تىلى قاتارلىق بىرنەچچە خىل تىلنى ئۆگەندىم. بۇ جەر ياندا شۇنى ھىس قىلدىمكى ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتى ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ قايىل قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى تىل ھوزۇرى باشقىچە. بۇ تەرىپىنى تېلىۋىزورخۇمار دوستلىرىمىز كۆرگەن تەرجىمە فىلىملىرىدىمۇ ناھايتى ئېنىق ھېس قىلالايدۇ.
لېكىن ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بەزى مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىمىزنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى مىللىي مائارىپىمىزدا ئانا تىلىمىزغا نىسبەتەن ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمى توپلاشقان يېزا مائارىپىدا خەتەر خىلىلا چوڭ. ئەڭ قورقۇنۇشلۇقى ئاشۇ ئانا تىلىنىڭ يېزىقىنى سەبىيلەرنىڭ دىلىغا تۇنجى سالىدىغان مۇئەللىم ۋە مۇئەللىمەلىرىمىزنىڭ كۆپ قسمى ( مەن بىلگەن ئەھۋالدا %90 تىن كۆپرەكى دىسەممۇ بولىدۇ) ئانا تېلىمىزنىڭ توغرا ئىلا قائىدىسىنى بىلمەيدۇ ھەم ئۆگىنىشنىمۇ خالىمايدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى تولۇق تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالىسىدىن ئىملا خاتالىقى تېپىش قىيىن ئەمەس (بەلكىم مېنىڭ مۇشۇ يوللانمامدىمۇ بولىشى مۇمكىن، تۈزىتىش بېرىپ ئۆگەنگۈچىڭىزگە تەلىم بەرگەيسىز). تەكلىپىم، ئۇستاز ۋە ئۇستازدەك نوپۇزى بار كىشىلىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا پىكىر تەكلىپ بېرىپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلرىنىڭ مۇشۇ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا ئۇستازغا ۋە كۆپچىلىككە كۆپ تەشەككۈر .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئالىم ئاكا !
ئۆزۈم كومپىيۇتىرغا ھەۋەس قىلغاندىن تارتىپ ئۇيغۇر كومپيۇتىر ساھەسىگە قوشقان تىرىشچانلىقىڭىز ۋە تۆھپىڭىزدىن سۆيۈنۈپ كېلىۋاتىمەن !
ھەقىقەتەن ھازىر ئەتىراپىمىزغا قارايدىغان بولسا بەزى ئىسىملارنى «نىمە» دېگەن سۆز ئىشلىتىلىش ئومۇملىشىۋىتىپتۇ .
بۇرۇن ئۆزۈمنى ئۇيغۇرتىلىغا خېلى پىشىق دەپ ھېسابلايتىم . لېكىن ھازىر ھەقىقەتنى بىلگەندىن كىيىن ئۆزۈمنىڭ ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم .
كىيىنچە اللە خالىسا تور بېكەت قۇرۇشقا مۇيەسسەر بولۇپ قالسام مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى گىراماتىكىسى سەھىپىسىدىن بىرنى ئېچىپ سۇسلىشىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىمىزغا ئازىراق بولسىمۇ ھەسسە قوشۇش ئارزۇيۇم بار .
ھازىر ئارىمىزدا ھەر تۈردىكى خەۋەر ، ئۇچۇر ، شەخسىي بىلوگ ۋە مۇنبەرلەر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ . مۇمكىن بولسا توردا ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى سۇپا شەكلىدە تورغا ئېچىۋېتىلسە ، ئېھتىياجى بار بېكەت باشلىقلىرىنىڭ مۇۋاپىق مۇلازىمەت ھەققى تۆلەپ بۇ مۇلازىمەتنى كۆپچىلىككە ئېچىۋەتسە ! بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن خەۋەر ، ئۇچۇر ، تېما يوللىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىملاسىدا قانچىلىك مەسىلە بارلىقىنى بىلىۋالسا ، خاتا ئىشلىتىۋاتقان سۆزلەرنى تۈزىتىشكە تۈرتكە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن . يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى خاتا سۆزلەرنىڭ ئازىيىشىغا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ دەپ ئويلايمەن .
ا ە و ۆ ۇ ھەرپلىرىگە ھەمزەنى قوشۇۋېلىشتىن ئەڭ چوڭ ئەخمەقلىق باشلانغان. بۇ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەخلەت ھەم ئېغىر يۈك. بۇ پەقەت يامان ئادەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس خالاس…
ئابدۇلمەجىد ئۇكام!
سالامەتمۇسىز؟
ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ كۈلگۈم كەلدى. سىز كىنايە قىلىۋاتامسىز ياكى…..
مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ھەق گەپنى قىلىپ قويدۇم. ئەگەر دېگەنلىرىمنى قوبۇل قىلالمىسىڭىز ، بۇ جەھەتتە ئارتۇق «جىدەللىشىپ» ئولتۇرمايلى. ئەمما كېيىنچە دېگەنلىرىمگە بەرىبىر قايىل بولىسىز. شۇنىڭدىمۇ مەن تىل -يېزىق كومىتېتىدىن قاتتىق ئاغرىنىمەن….! ئۇلار قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندەك ھە دېگەندە يېزىق ئۆزگەرتمەك، ھە دېگەندە ئىملا ئۆزگەرمەك بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كاللىمىزنى ئۇماچ قىلىۋەتكىلى تۇردى!!! ئۇلار بۇنىڭ ھېساۋىنى بىركۈنى بولمىسۇن بىر كۈنى بېرىدۇ!!!
دىگەنلىرىڭىزگە قۇشۇلمەن،نىمشقىكى ئويغۇرچە يىزىق ۋىندوۋىس دەيمىز ،ئايفون دەيمىز،ئاندىرويد دەيمىز،كۆرىنىشى ئادەمنى بەك سۇيۈندۇردۇ.بەك چىرايلىق…….
ياخشىمۇ سىز ئالىم ئەھەت ئۇستاز ؟
ئانا تىل توغرىسىدا يازغان بۇ تىمىڭىزنى كۈرۈپ ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم .
مەنمۇ ئۇزۇندىن بىرى ئەتىراپىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان چاڭلىشىپ كەتكەن سۆزلىرىمىزگە قاراپ كۈندىن كۈنگە ھەيرانلىقىم كۈچىيىپ كىتىپ بېرىۋاتىدۇ ، ئەتىراپىمىزدىكى بەزى بىر ئۈزى ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۈزىنىڭ ئانا تىلىنى ئوڭشاپمۇ قىلالمىغايدىغانلارنى كۆرسەم تىنىم بىر نەرسىدىن سەسكىنگەندەك ئىختىيارسىز نۇمۇس قىلىپ كىتىمەن . تەرجىمانلىقنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزغا كەلتۈرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقىنىغۇ دىمەيلا قۇياي .
تۈرلۈك تىل يېزىقلارنىڭ ئانا تىلىمىزغا كەلتۈرىۋتقان قالايمىقانچىلىقى ئاز ئەمەس .
مەخسەتكە كەلسەك ، مۇشۇنداق ياخشى يېزىلغان ھەممىمىز ئانا تىلىمىز ھەققىدە ئۇيلىنىشقا ، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مەزمۇنلار بىلەن تۇيۇنغان ئەسىرىڭىزنى ھەر قايسى مۇنبەرلەرگە يوللاپ تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنى خەۋەردار قىلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى .
قانداق قارايسىزكىن ؟
مەن بۇنى مۇنداقلا يېزىپ قويغان ئىدىم، پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان جايلىرى بار ئىدى، باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويسىڭىز، ئۇلارغا جاۋاب يېزىپ بولالماي تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ قالارمەنمىكىن، ۋاقتىنچە مۇشۇنداق تۇرۇپ تۇرسۇن، ناۋادا پۈتۈپ قالسا، كېيىن مەن خەۋەر قىلارمەن.
ئەمىسە خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن .