نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

دۇنيادا ئۆزىنى داڭلىسا بىرىنچى ئەخمەق، خوتۇنىنى داڭلىسا ئىككىنچى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن، ئۆزىنىڭ ئانا تىل-يېزىقىنى داڭلىسا، قانچىنچى ئەخمەق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. شۇڭا، پىكىرىم سەل تېيىز بولسىمۇ، ھاياجان سەل ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىۋاسىتە تەھرىرلىمەي يازغان بولغاچقا كەچۈرۈڭلار، قېنى باشلاي ئەمىسە.

10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى لايىھىلەپ، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ كودىنى بېكىتىپ (ئۇ چاغلاردا تېخى بىرەر ئورۇن بېكىتىپ بەرمىگەن بولغاچقا)، كىرگۈزگۈچ ياساپ، كېيىن ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە لۇغەت ياساپ باققان بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىم يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ باردى. ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىم ۋە ئىشلىتىدىغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم، ئاددىي سەۋەبى مۇنداق:

(1) كومپيۇتېردا پىروگرامما يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا مەلۇمكى، كومپيۇتېردا ئىككىلىك سىستېما قوللىنىلىدۇ، شۇڭا، ساقلىغۇچنىڭ سىغىمىمۇ 2 گېگابايت، 4 گېگابايت، 8 گېگابايت،..32 گېگابايت دېگەندەك ئايرىلىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدا 32 ھەرپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 8 سوزۇق تاۋۇش بار. بۇلار دەل ئىككىنىڭ دەرىجىلىرىدۇر(2،4،8،16،32). ASCII كودىدا لاتىنچە چوڭ-كىچىك ھەرپلەرنى پاراللېل رەتلىك قىلىش ئۈچۈن زورمۇ-زور ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلار بار ئىدى، ناۋادا، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئايرىم رايوندا كود بېكىتىلىدىغان بولسا، ASCII كودىدىنمۇ رەتلىك ئورۇنلىشىپ، بىر رايونىغا شۇنداق چىرايلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ گۈلى-گۈلىگە كېلىدۇ. (مەن ئەلكاتىپ 1.0 دە شۇنداق قىلىپ، USCII كودى دەپمۇ ئاتاپ باققان ئىدىم). بۇنداق يېزىقنى يەنە تاپالامسىز؟

(2) سۆز قوشۇمچىلىرى
ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان چېغىمدىلا I am from Xinjiang دېگەن جۈملىدىكى from (دىن، تىن) نى بەك تەستە قوبۇل قىلغان، تېخى ئالدىدىكى am دېگەننىچۇ؟ ئەگەر بۇ جۈملىنى ئۇيغۇرچە دېيىشكە توغرا كەلسە، «مەن شىنجاڭدىن» (ئىككى سۆز بىلەن) دەيمىز، ئىش تامام. تېخى ئۈرۈمچى خانتەڭرى مەسچىدى يېنىدىكى «جۇڭگو بانكىسى» دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچىسى Bank of China بولۇپ، «of» دېگەن نېمە ئۇ؟ كومپيۇتېرغا ئىنگلىزچە Windows نى قاچىلىغاندا، My Computer دەپ چىقاتتى. ئۇيغۇرچە «كومپيۇتېرىم» دېسەكلا تامام. بىزدە بۇنداق شەخس، كېلىش قوشۇمچىلىرى بىۋاسىتە سۆزنىڭ ئارقىسىغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ، بۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە تىلدىن يەنە قانچىسى بارلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن، ئىنگلىز تىلىدا بۇنداق ئالاھىدىلىك يوق. ئۇيغۇرچە جۈملىدە نەچچە سۆزنىڭ بارلىقىنى ساناش توغرا كەلسە، بەك توغرا تېپىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئىنگلىزچىدە ئۇنداق ئەمەس. of, the, to, from,…. دېگەنلەر ساناشقا تەسىر قىلىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدەك باشقا تىل-يېزىقنى تاپالامسىز؟

(3) مىقدار سۆز
خەنزۇ تىلىدا بىر دانە ئۈستەل، بىر نەپەر ئادەم دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەردە زورمۇ-زور مىقدار سۆز ئىشلىتىشكە مەجبۇرىي بولىمىز، لېكىن، ئۇيغۇرچىدە بۇنداق زورمۇ-زور ئىشلىتىدىغان ئىش يوق. پەقەت بىر ساپاق ئۈزۈم، بىر خالتا سۈت ،…دېگەندەك جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا مىقدار سۆزنى زورلاپ ئىشلەتمەيمىز، بۇنداق قۇلايلىقلار يەنە قانداق تىللاردا بار؟

بەلكىم، يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردا ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان تېيىز كۆز قارىشىم سەۋەبىدىن سىڭگەن چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ئۆزىنىڭ تىلىنى ماختاش، سۆيۈش ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن تىلىمىزغا باشقىچە قارايدىغانلارغا ھەيران قالىمەن.

يېقىندىن بۇيان تىلىمىزغا بولغان ھەر خىل خىرىسلار مەۋجۈت بولۇپ، بەزىلەر «ھەمزە»نى تاشلىۋېتەيلى دېسە، يەنە بەزىلەر ھەرپ شەكىللىرىمىز ئېنىق ئەمەس دەپ، يەنە بەزىلەر ئېلىپبە تەرتىپىمىز توغرا ئەمەس دېيىشمەكتە. يەنە بەزى نوپۇزلۇقلار مۇنداقمۇ دېيىشمەكتە، ئالىم ئەھەت كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرۈپتىكەنتۇق، بۇ جەدىۋەلدە، «ژ» بىلەن «ف» نىڭ تەكرارلىقى بەك تۆۋەن، شۇڭا، بۇ ئىككىنى ھەرپنى قىسقارتىپ، «ژ» نى «ج» بىلەن، «ف» نى «پ» بىلەن ئىپادىلەيلى، ھەمزە بىلەن جەمئىي ئۈچ ھەرپنى تاشلىۋېتەيلى دېگەن قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ باقتى. مەن 2004-يىلى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھەرگىزمۇ بۇ مەقسەت ئۈچۈن ھېسابلاپ چىقمىغان ئىدىم، يەنە بەزىلەر ئىنگلىز تىلىدا 48 تاۋۇش 26 ھەرپ بار ئىكەن، ئۇيغۇر تىلىنى ئىسلاھ قىلىپ 32 ھەرپ 16 تاۋۇش قىلايلى دىگەنلەرمۇ بار ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق بىلمىگەن بەزى چالا تەرجىمانلارنىڭ دائىم مۇنداق تەرجىمىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

(1) ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرەش يۈز بەردى.
(2) دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى.
(3) يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى.
(4) دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى.
(5) سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
(6) ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن

مېنىڭچە،
(1)-جۈملە «ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 يەر تەۋرەش يۈز بەردى» دىكى «يۈز بەردى»دېگەن قانداق گەپ؟ ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ ھەرخىل دەرىجىلىرى، شەخس ،..نى ئىپادىلەيدىغان قوشۇمچىلار ئىنتايىن مول، بىر پېئىلنى 5040 خىل تۈرلەشكە بولىدۇ، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرىدى (توغرا)

قايسى كۈنى تېلېۋىزوردىكى خەۋەردە تېخى مۇنداق دەيدۇ: «ئىچكىردە سۇ ئاپىتى يۈز بەردى»، توۋا دەپ قاپتىمەن. «ئىچكىردە كەلكۈن كەلدى» دېسە تامام. «كەلكۈن» دەپ مەخسۇس بىر ئاتالغۇ تۇرسا، ئېلان ئورنىدا دەپ قوياي، ئۇلار «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نى ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنداق بولماس ئىدى بەلكىم. (يازما ئارىسىغا ئېلان قىستۇرۇش مودا ھازىر).

(2)-جۈملە «دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى» دىكى «نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى»دېگەن قانداق گەپ؟ خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانما؟ كومپيۇتېردا تەرجىمە قىلغانمىكىن دېسەم، بۇنداق خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە دېتال تېخى ئېلان قىلىنمىدى. مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىنى داۋالىدى (توغرا)

(3)-جۈملە «يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى» دىكى «چوڭقۇر قانات» دېگەن قانداق گەپ؟ بۇنىما خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانما؟ «ناۋادا، قاناتنى چوڭقۇر يايدۇرساق، يۇقىرىدىن-تۆۋەنگە يېيىلىپ، يەرگە چوڭقۇر سانجىلىپ كېتىدۇ»، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
يىغىن روھىنى كەڭ قانات يايدۇرايلى (توغرا)

(4)-جۈملە «دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى» دىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەن قانداق گەپ؟ ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى «يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي» دېگەن سۆزنى«يەر تەۋرەشكە چىداملىق» دەپ ئۆزگەرتتى، ئەمما، ئالدىدىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەننىڭ ئورنىغا، «پۇل خەجلەپ» دېسە بولماسمىدى؟ ياكى بۇلارنىڭ ئىچىدە خەجلىمىگەن ئەمما، كەنت باشلىقلىرىغا پارا بەرگەن پۇللارمۇ بولغاچقا، «خەجلەش»نىڭ ئورنىغا «پۇل سەرپ قىلىپ»دەمدۇق؟ بۇنى مەن بىلمىدىم. مېنڭچە، مۇنداق دېيىش كېرەك:
دېھقانلار ئاز پۇل خەجلەپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالدى (توغرا)

(5)-جۈملە «سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دىكى «سىزنىڭ…بولدى»دېگەنگە قارىغاندا، بۇ ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىق. مەن ئۈستىدە دەپ ئۆتكەندەك، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئىنگلىز تىلىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى تەرەپلىرى بار، مەن يەنە بۇلارنى بىلوگىمدا داۋاملىق يېزىشىم مۇمكىن، بۇ جۈملىنى مۇنداق تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى
ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى
سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز.
ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز

«مۇۋەپپەقىيەتلىك» دېگەن سۆزنىڭ ئىملاسىنى مانا مەن دېگەن ئادەممۇ توغرا يازالمايدۇ، شۇڭا، «غەلبىلىك» دېگەننى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا چۈشىنىشلىك بولىدۇ ۋە ئۈچ بوغۇم قىسقىراپ، سۆز مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ، يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىمۇ جىق ئورۇننى ئېگەللىمەيدۇ. لېكىن، «سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز» ياكى «ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز»نىمۇ ئويلىشىپ باققاننىڭ زېيىنى يوق. «غەلبىلىك بولدى»، «غەلبىلىك ھالدا»،…دېگەندەك ئىبارىلەرنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن زامان قوشۇمچىلىرىنى ئۇلاپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

(6)-جۈملە «ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دىكى «رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن»دېگەن قانداق گەپ؟ «رەھمەت» دېسەكلا تامام، مېنىڭچە يۇقىرىدىكى جۈملىنى مۇنداق دېيىش كېرەك:
ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن (توغرا)

ئۆز ئانا تىلى ساۋادى چالا بولغان يېڭى تەرجىمانلىرىمىز، خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىنى بەك پىششىق ئۆگىنىپ كەتتىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ تىل ئىپادىلەش ئادىتىنى ئۇيغۇر تىلىغا سىڭدۈرمەكچىمۇ بولدىمۇ، سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش سېھرىي كۈچىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. بۇنداق ئىپادىلەش خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا بەك كام تېپىلىدۇ، بۇنى يازغانسېرى، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببەت قايتىدىن كۈچەيدى، شۇڭا، «ئۇيغۇر تىلى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزەيلى، بەزى نەرسىلەرنى تاشلىۋېتەيلى، زامانغا ماسلاشمايدۇ، كومپيۇتېرغا بولمايدۇ،…دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ قالسام بىئارام بولىمەن. شۇڭا، ئۇنداق نەرسىلەرنى ئەمدى بىلوگىمدا بولسىمۇ ئاڭلاپ قالمىغايمەن.

مېنىڭچە، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، ئالاھىدىلىكلەرنى قېزىپ چىقىپ، ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىش كېرەك ھەم ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساق، «دوپپا مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى»-دەپ خەۋەر بېرىپ، دوپپا كەيمىگەندەكلا ئىش يەنى تېخى شۇ يىغىن تۈگەپ 10 مىنۇتتىن كېيىنكى ئايرىم شەخسلەرنى زىيارەت قىلغاندا، نوپۇزلۇقلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ بېشىدا دوپپا يوق (ئەلكۈيىدىكى زىيارەتنى كۆرۈپ بېقىڭ). لېكىن، دوپپا دېگەن مۇنداق ياخشى نەرسە دەپ بىر پاتمان سۆزلەپ بەرسەكمۇ، ئۆزىمىز ئەمەل قىلمىساق، زورمۇ-زور ئۆتكۈزگەن بايرامدەك، رەسىمگە چۈشۈپ، ساياھەت قىلىپ، ئۆپچە تاماق يەپلا يېنىپ كېلىمىز، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى ھەم قايىل قىلالمايمىز. نۇرغۇن چىقىم قىلغاننى ئاز دەپ يەنە باشقىلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئالىمىز.

تىلىمىزغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى توغرا تەتقىق قىلايلى، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنايلى!

دىققەت: بۇ تېخى دەسلەپكى ئىزدىنىش بولۇپ، تولۇق پۈتمىدى. شۇڭا، باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماي تۇرۇڭ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
118 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، بۇ يازمىڭىزنى بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز.
    ئەسئەت سۇلايمان «نەۋايى ۋە ئانا تىل غورۇرى» دېگەن ماقالىسىدىن ئۈزۈندە:
    «نەۋايى ئۆز ئەسەرلىرىدە تۈركىي تىلىنىڭ ئۆلگەن جىسمىغا جان كىرگۈزۈپ ، جانلىق تىلدىلا قوللىنىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان بەزى لېكسىكىلىق سۆزلەرنى بەدىئىي ئەدىبىياتقا ئېلىپ كىردى ۋە چاغاتاي تۈركچىسىنىڭ ئەدەبىي سۆز بايلىقىنى ئاشۇردى . ئۆزبېكىستان«پەن»نەشرىياتى نەشىر قىلغان تىلشۇناس بەھرام باقايېفنىڭ«نەۋايى ئەسەرلىرى لېكسىكىسى»ناملىق ئەسەردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، پۇشكىن ئۆز ئەسەرلىرىدە جەمىي 21197 سۆز ، شېكىسپىر 20 مىڭدىن كۆپرەك سۆز ، سېرۋانتېس 18 مىڭ سۆز ، ئابدۇللا توقاي 14 مىڭ سۆز ، ئاباي 6 مىڭ سۆز ئىشلەتكەن . ئەلىشىر نەۋايىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدە تەخمىنەن 1 مىليون 378 مىڭ 67 سۆز ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئۇلار 26 مىڭ 35 لېكسىكىلىق بىرلىكتە ئومۇملاشقان . نەۋايى پەقەت«فەرھاد – شېرىن»داستانىدا 5431 سۆز ئىشلەتكەن .
    نەۋايى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە تۈركىي تىلىنى فونېتىكا ، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردىن پارس تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، تۈركىي تىلىنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچىنى نەزەرىيە جەھەتتىن دەلىللىدى . تۈركىي تىلىنىڭ بەزى جەھەتلەردىن پارس تىلى مۇمكىن بولمىغان ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، لېكىن تۈركىي ئاپتورلارنىڭ بۇ خىل ئىمكانىيەتلەرگە سەل قارىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ . نەۋايى بۇ ئەسىرىدە ئۆز دەۋرىدىكى پارسگۇي ئەدىبلەرگە قارىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ« . . . بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ، مۇخالىپ ۋە دەۋاگەرلىرىم نەۋايىنىڭ تەبىي تۈركىي تىلىغا مايىل بولغىنى ئۈچۈن بۇ تىلنىڭ تەرىپىدە مۇبالىغا قىلىۋاتىدۇ . پارس تىلى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى چەتكە قېقىپ ئىنكار قىلىۋاتىدۇدەپ قالمىسۇن ، ھالبۇكى ، پارسچىنى ئەتراپلىق ئىگىلەش ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش يولىدا ھېچكىم مەندىن ئارتۇق ئىش قىلغان ئەمەس . ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىق – كەمچىلىك تەرەپلىرىنى ھېچكىم مېنىڭدىن ياخشىراق بىلگەن ئەمەس ».
    ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىككى ۋە ئۈچ بوغۇملۇق سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ھەقىقىي نامايان قىلغان ئىدى. ھازىر بولسا تىلىمىزدىكى ئىككى ۋە ئۈچ بوغۇملۇق سۆزلەر بەكلا ئازلاپ كەتتى، ھەتتا بەزى سۆزلەرگە تىلىمىزدىن سۆز چىقمىغاندەك باشقا تىللاردىكى سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمىز. بۇ ھادىسە تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
    ئەڭ ئاددىيسى بىز ئاشخانىلادا يېگەن تاماقلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى خەنزۇچە ئاتاپ كېلىۋاتىمىز. بولسا بۇلارنى ئۇيغۇرچە ئاتىساق، ئاشخانىلارمۇ تاماق تېزىملىكىگە مۇشۇ ئۇيغۇرچىسنى كىرگۈزسە بولاتتى. مەن بىر نەچچىنى ئۇيغۇرچە ئاتاپ مىسال كەلتۈرەي :
    خەنزۇچە ئاتىلىشى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى
    1. سومەن (خەنزۇچە ئاتىلىشى : چاۋمىيەن) —– —- چۆپ قورىمىسى
    2. گەنبىيەن سومەن ————————- قۇرغاق چۆپ قورىمىسى
    3. دىڭ-دىڭ سومەن ———————— مەرۋايىت چۆپ قورىمىسى
    4. مىفەن ——————————— ئاق ئاش
    5. داپەنجى ——————————- چوڭ تەخسىلىك توخۇ قوردىقى
    دېگەندەك .
    يەنە پويىزغا ياكى ئۇزۇن يۇللۇق ئاپتۇبۇسلارغا چىقىدىغان چاغدا دىققەت قىلىپ قارايدىغان بولساق، «ئاسان سۇنىدىغان، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتىلايدىغان بويۇملارنىڭ ئېلىپ چىقىش مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۇچرىتىمىز. مۇشۇ يەردىكى «ئاسان ئوت ئالىدىغان بويۇم» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «كۆيۈشچان بويۇم» دەپ ئالساق ، «ئاسان سۇنىدىغان بويۇم » دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «سۇنۇشچان بويۇم» دەپ ئالساق، «ئاسان پارتىلايدىغان بويۇم» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «پارتىلاشچان بويۇم» دەپ ئالساق ناھايىتى ئىخچام چىقاتتى ھەم «چان» قوشۇمچىسىنى ناھايىتى جايىغا ئىشلەتكەن بۇلاتتۇق.

    تۆۋەندە تىلىمىزدىكى ھۈنەر – كەسپكە ئائىت قىسمەن ئالغۇلارنى كۆرۈپ بېقىڭلار :
    1-تۆمۈرچىلىككە ئائىت قىسمەن ئاتالغۇلار

    1) ئاتەشكۈ _____ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىدىكى ئوچاقنىڭ شامال كۆزىنى ئاچىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.
    2) پوتال ______ ھەر خىل ئەسۋابلارنى زىننەتلەش، پەردازلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇيۇم.
    3) تولۋۇر ____ تۆمۈرچىلىكتە تۆشۈك تېشىلىدىغان تۆمۈرنىڭ ئاستىغا قويىدىغان تۆشۈكلۈك ياپىلاق تۆمۈر.
    3) تېكىنەك ___ تاقا مىخنىڭ ئۇچىنى قايتۇرىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
    4) تىغچى ____ ئات ئۇلاغلارنى تاقىلىغاندا ، قېقىلغان مىخنىڭ ئۇچىنى كېسىدىغان قەلەم.
    5) جەندىر ____ تۆمۈرگە بۇرما چىقىرىدىغان ئەسۋاب.
    6) جۈپتەك ____ ئىنچىكە ۋە كىچىك نەرسىلەرنى قىسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قىسقۇچ.
    7) دوكپايە ____ تۆمۈرچى ، تاقىچىلار ئىشلىتىدىغان بىر خىل سەندەل، “ مىخ سەندەل“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    8) سەندەل ____ تۆمۈرچىلەر تۆمۈرنى ئۈستىدە قويۇپ، بولقاياكى بازغان بىلەن ئۇرۇپ بىرنەرسە ياسايدىغان قۇيما ئەسۋاب.
    9) سىركا ____ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىنىڭ ئوچىقى.
    10) قەللە ____ قەلەي بىلەن ئاليۇمىننىڭ قېتىشمىسى، تۆمۈر ئەسۋابلارنى پاياتلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
    11) قۇيۇچ ___ پولات، گاڭ.
    12) قىسقاچ ___ چوغلانغان تۆمۈرنى قىسىپ ئالىدىغان قايچىسىمان تۆمۈر ئەسۋاب.
    13)قىلات ____ چاقلانغان پىچاقنىڭ بىسىدىكى سۈيى يانغان ناھەيىتى نېپىز قىسمى.
    14) كۆرۈك ___ تۆمۈرچىنىڭ ئوتنى پۈۋلەپ يالقۇنلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، كۆپىنچە ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدىغان قاپسىمان پۈۋلەش ئەسۋابى.
    15) گوشا ____ چۆگۈننى قاپقاق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان جايى، ئاستى گىرۋەكلىك بولىدۇ.
    16) مورىگۈل ___ تۆمۈرچىلىكتە يوغانراق تۆمۈرلەرنى قىسىدىغان قىسقۇچ.
    17) ئوچاقنەيزە ___ ئىككى تەرىپىدىن شامال ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان تۆمۈرچىلىك ئەسۋابى.

    2-موزدۇزلۇق كەسپىگە ئائىت بىر قىسىم ئاتالغۇلار

    1)ئاپقۇت ___ كۆن ۋە خۇرۇم قاتارلىقلاردىن تىكىلگەن ئاياغلارنىڭ پاشنا ئۈستىدىكى تاش بىلەن ئەستەر ئارىسىغا ئېلىنىدىغان قاتۇرما. كۆپىنچە تارىشا ياكى قېيىش چەمىدىن ئىشلىنىدۇ. بەزى جايلاردا “ ئاخپۇت “ مۇ دېيىلىدۇ.
    2) ئاپقۇتچى ___ ئاپقۇت ياسىغۇچى ، تەييارلىغۇچى كىشى، ئاپقۇت ساتقۇچى كىشى.
    3) بەلچە ____ ئاياغ كىيىمىنىڭ پاشنا ۋە چەم چۆرىسىنى تۈزلەپ سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
    4) بۈرەندە ___ موزدۇزلارنىڭ كۆن، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان، تىغى ئاي شەكىللىك ، ئەگرى ساپلىق ئەسۋابى.
    5) بىگىز ___ موزدۇزچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ، مېتالدىن يىڭنىگە ئوخشاش ئۇچلۇق قىلىپ ياسالغان ياغاچ ساپلىق ئەسۋاب.
    6) ئۆكچە ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسى.
    7) پاشنا ___ ئاياغ كىيىمنىڭ تاپىنىغا قويۇلىدىغان ، چەم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان قاتۇرما، ئۆكچە.
    8) پالقان __ ئاياغ كىيىمنىڭ سوڭىغا ئورنىتىلغان قەلەي.
    9)پوركاپ ___ ئۆتۈكنىڭ قونچىغا سېلىپ، پاشنىسىنى مىخلايدىغان دۆگىلەك ياغاچ كالتەك.
    10) تۆمۈنە ___ ئۇچى نەيزىسىمان ، ئۆتكۈر كېلىدىغان ، يىپنى ئىلىپ تارتىدىغان تۆشۈكى بار، تۇتقۇچلۇق چوڭ بىگىز.
    11) چەتنو ___ ئامبۇرنىڭ بىر خىلى.
    12) چوپسا ___ خۇرۇم، چەم قاتارلىقلارنى سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.
    13) دىستە ___ ئاياغنىڭ پاشنىسى.
    14) مۇلغۇي ___ موزدۇزنىڭ شىلىمى .
    15) سەيدۇ ___ تېرە، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان پىچاق.
    16) كاسىۋال ___ ئۈچ قىرلىق ئېكەك.
    17) دەستەك ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا چاپلانغان ، باشلىقىغا ئۇلاپ تىكىلىدىغان قىسمى.
    18) ئۇلتاڭ ___ ئاياغ كىيىمنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى، دەسسىلىدىغان يېرى؛ تاپان، چەم.
    19) نال ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا ياكى چەمنىڭ ئۇچىغا قېقىلىدىغان تۆمۈر بۇيۇم، كىچىك تاقا.
    20) ئىسمائىلتاپ ____ موزدۇزلۇقتا يىپنى ئىلىپ قويۇپ ئىشلىتىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.
    21) يانتوقا ___ ئاياغ كىيىمنىڭ ئاياغنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يان تەرەپتىكى توقىسى.
    22) روپچىك ____ موزدۇزلۇقتا ئىچ چەم بىلەن باشلىقنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تىكىلىدىغان تاسما.
    23) دەزگىل ____ موزدۇزچىلىقتا تىكىلىدىغان كۆن ، خۇرۇم قاتارلىقلارنى قويۇپ، ئۈستىدىن باستۇرۇپ تۇتۇپ تۇرىدىغان تاسما.
    24) دۇپىي ___ موزدۇزلۇقتا ئاياغنى چەملەش ، مىخلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، شەكلى پۇتقا ئوخشايدىغان، بىر تەرىپىنى يەرگە ياكى كۆتەككە قېقىپ قويۇدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
    25) كوۋا ___ موزدۇزلار رەختنى تۈزلەش، چىڭداش، پاشنا قاتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ، تاپىنى كەڭ مېتال ئەسۋاب.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:45
  • ھەي ئۈرۈمچىدە بەزە ئېلان ،ۋىۋىسكا تاختىلارغا قارىسا ئادەمنىڭ كۆڭلى يىرىم بۇلىدۇ. بىر ئاددى مىسال :ئۈرۈمچى دۆڭكۆرۈك ئىخلاس تاللا بازىرنىڭ يىنىدا ئۇيغۇرچە خەنچە« دۆڭكۆرۈك ئەسلىدىكى بازىرى »دەپ خەت ئېسىغلىق.سىزچە بۇنداق ئاتاش ئۇيغۇت تىلى گىرامماتكىسىغا ئۇيغۇنمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 14:01
    • ئۇيغۇت تىلى دىگەن قانداق تىل

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:42
    • كەچۈرۈڭلار! ئۇيغۇر كېرەك ئىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:58
    • سىزمۇ كەچۈرۈڭ، ئېنىق دېمەپتىمەن. UG دەپ ئالغاندا ئوراگۇۋاي بىلەن توقۇنۇشوپ قالىدىكەن،

      كېيىنكى Windows نىڭ تىل تاللاش ئىستونىدا تىل-يېزىقنىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بولغاندا 4 ھەرپ-بەلگە قالدۇرۇلغان، شۇڭا، ئۆزىمىزنىڭ تىلى بۇيىچە بولغاندا ئۇي(ئۇيغۇر دەپ پاتمىغاچقا) دەپ بېكىتىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەنزۇچە 维 ۋە ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپ ئاتىلىشىمۇ بار، ئاخىرىدا ئۇلار قايسىنى تاللايدۇ، ئۇلارغا باغلىق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى am 09:44
    • خاتا بىسىلغان تىل

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 13:22
  • ‹‹دۇنيادا ئۆزىنى داڭلىسا بىرىنچى ئەخمەق، خوتۇنىنى داڭلىسا ئىككىنچى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن، ئۆزىنىڭ ئانا تىل-يېزىقىنى داڭلىسا، قانچىنچى ئەخمەق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن.››

    ئاڭلىمىغان بولسىڭىز مەن دەپ بېرەي:
    ئۆز ئانا تىل-يېزىقىنى داڭلىغان نۆلىنچى ئەخمەق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 17:59
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئۇستاز ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئالدى تېنىڭىزگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭىزغا بەخىت، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    ئانا تىل ھەققىدىكى يازمىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ سۆيۇندۈم، ئانا تىل -يېزىقنى سۆيۈش ئىغىزدا ئەمەس، گەرچە ئەمەلىي ھەركىتىدە بولۇشى كېرەك. ئانا تىل ھەققىدە تالاي-تالاي شېئىرلار، نەسىرلەر يېزىلدى، ھىلىھەممۇ ئانا تىل ئۈچۈن كۈيلەر ياڭرىماقتا، مىليۇن قەلىبلەر سۈيۈنمەكتە، يۈرەكلەر ئۆرتەنمەكتە، پەخىرلىك ئانا تىلمىز مەڭگۈ روناق تاپقۇسى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 22:31
  • ئانا تىلنى داڭلاشقا ھەممە ئادەمنىڭ ھەققى بار ، لېكىن بەزىلەر كوچا ئاپتۇبۇسىدىمۇ باشقا تىلدا سۆزلىشىپ ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بىزنى تۇڭگانلاردىن پەرقى يوقكەن دىگەن ئويغا سېلىپ قويىۋاتىدۇ . قانداق قىلغاندا مۇشۇنداق ئىشلار ئوڭشىلار !

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى am 08:02
    • ئۇنداقلار غا داۋا يوق….

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:34
  • ئالىم ئاكا سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بولدۇم، ئانا تىلىمغا بولغان ھۆرمىتىم تىخىمۇ ئاشتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى am 01:14
  • Allah sizge koplap rehmet kilsun

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 18:33
  • ئالىم مۇئەللىم، بولسا مۇشۇنداق ماقالىلەرنى كۆپرەك يېزىپ تۇرسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 15:11
  • ئاخىرقى نەپسىمىزگىچە ئانا تىلىمىزنى جان تىكىپ قوغدايلى!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 21:40
    • ‹نەپسىمىزگىچە› بىلەن ‹نەپىسىمىزگىچە›دىگەننىڭ پەرقى بارمۇ قانداق . مۇشۇنى تىنىقىمىزغىچە دەپ ئالساق ياخشىراق بۇلامدۇ؟؟؟؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 17:16
  • بۇ يازمىلارنى كۆرۈپ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ قانچىلىك قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى تىخىمۇ تونۇپ يەتتىم، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلى يوقاپ كىتەرمۇ دەپ ئەنسىرگەن ئەنسىرەشلىرىممۇ سەل جايىغا چۈشتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:45
    • ئەنسىرمەندىغان دوستۇم، ئەنسىرەش كېرەك! ئەنسىرمىگەنلىكنىڭ زىيانىنى جىق تارتتۇق بىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 22:00
  • ياخشىمۇسىز ئالىم ئەھەتكا ،
    ئۆمرىڭىزگە ئوقۇيمەن دۇئا .
    قولىڭىزغا سۇ قۇيۇپ ئۆتەي ،
    ئىشلەتسىڭىز ھەم بولاي چوكا .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 22:05
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم،
    ماقالىنىڭ تېمىسىغا قاراپلا ماۋۇ ئالىم مۇئەللىم كىملەرنى تىللاپ كەتكەندۇ؟ دەپ ئالدىراپ كىرىپتىمەن (ماقالىڭىزنى دەسلەپ كۆرگەندە، ئىنكاس يازالمىغان، شۇڭا ئەمدى تۇلۇقلاۋاتىمەن.) ماقالە مەزمۇنى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. بولسا ۋاقتىڭىز يار بەرسە مۇشۇنداق ماقالىلەرنى يېزىپ تۇرغايسىز….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى am 11:28
  • مەن يېقىندا تىلىمىزدا يېڭىدىن ياسالغان سۆزلەرنى رەتلەپ كېلىۋاتقان ئىدىم.
    مەسىلەن:
    زامانقۇل (بۇ سۆزنى بۇرۇن ئاڭلاپ ھەم كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، يېقىندا بىر يازمىدا ئۇچرىتىپ قالدىم. قارىسام بۇنداق دېسە ھەقىقەتەن چىرايلىق ئاڭلىنىدىكەن ھەم ئىخچام بولىدىكەن.)
    خەنزۇۋان (民考汉) نىڭ ئۇيغۇرچىسى
    كۆتبەل ئىشتان (低腰裤) نىڭ ئۇيغۇرچىسى
    دېيىلمىلەر (بۇمۇ مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان ھەم يېڭىلىق تۇيغۇسى بەرگەن سۆز)
    ….
    بولسا تورداشلار مۇشۇنداق يېڭى سۆزلەر بولسا (مەن ئاڭلاپ باقمىغان، ئىخچام) تەمىنلەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن. تىلىمىزدا بۇنداق سۆز ياسىسىمۇ بەك ياخشى چىقىدىكەن بولمىسا….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى am 11:37
  • شۇ بىر قىسىم تەرجىمانلىرىمىزنىڭ كاساپىتىدىن بەزىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش گېپى بولۇنسىمۇ ۋاراق ئىسراپچىلىقى دەپ تەرجىمە قىلىنمايدىغان ئىشلارمۇ بار.
    ئادەتتە خەنزۇچە 小三 نومۇرلۇق بىر بەت تېكىستنى ئۇيغۇرچە ئۆرىگەندە ئەلكاتىپ كىتاپ خەت نۇسخىسىدا %90 قىسىپ، 小四 نومۇردا بەت ياسىسا نەق بىر بەت كېلىدىكەن. ھەتتا بەزىدە ئۇنچىلىكمۇ بولمايدىكەن. باشقىلارغا بىر بەت خەنزۇچە ماتىرىيال بىر بەت بوپتۇ دىسەم سەن قىسقارتىۋېتىپسەن، گەپلەرنى تولۇق تەرجىمە قىلماپسەن دەپ مەندىن رەنجىپ كەتكەن يەرلەرمۇ بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 12:50
  • جانلىق مىسالدىن بىرنى كەلتۈرەي،
    http://news.alkuyi.com/show.php?mid=9614
    «ئۈرۈمچىدە قاتتىق بوران چىقىش ھادىسىسى يۈز بەردى» دېگەن جۈملىنى تېخىمۇ راۋان ئىپادىلەشكە بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى am 08:36
    • ئۈرۈمچىدە قاتتىق بوران چىقتى؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 13:24