ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى تىجارەت باشلىدى (تىجارەت قىزىپ كەتتى!) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى تىجارەت باشلىدى (تىجارەت قىزىپ كەتتى!)

[ IT خەۋەرلىرى ]

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى (سىناق) تىجارەت باشلىدى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك،
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى» سىناق تىجارەت باشلىدى.
بۇ دۇكاندىكى ماللارنى كۆرۈش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، ئۇيغۇرسوفت مۇلازىمەت سۇپىسىنى قوشۇۋېلىڭ. ئاندىن ئۈندىدار سۇپىمىزدىكى «دۇكان» دېگەن تىزىملىكنى بېسىڭ ياكى بىز ئەۋەتكەن توپ ئۇچۇردىكى ئادرېسنى باسسىڭىز بولىدۇ.
qrcode_for_gh_594dd778d31a_258
بانكا كارتىمىزغا ئۈندىدارىمىزنى قانداق باغلايمىز؟ ../?p=4320

ھازىر بۇ دۇكانغا شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشرى قىلغان خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» (ئېلېكتىرون نۇسخىسى) سېلىنغان بولۇپ، خېرىدارلار ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق دۇكانغا كىرەلەيدۇ. ئۈندىدارىغا باغلانغان بانكا كارتىسى بىلەن مال سېتىۋالالايدۇ. بانكا كارتىڭىزنى ئۈندىدارىڭىزغا باغلاشنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ../?p=4320 دېگەن مەزمۇننى كۆرسىڭىز بولىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»، « ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى»، «ئۈندىداردا ھەق تاپشۇرۇش» قاتارلىق مۇلازىمەتلەر تېڭشۈن ئورگان تەرەپنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۈندىداردا تاپشۇرغان پۇلىڭىز ئاۋۋال تېڭشۈن شىركىتىدە تۇرىدۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇيغۇرسوفتنىڭ شىركەت ھېساباتىغا ئاغدۇرۇپ بېرىدۇ.
mmexport1421917049579

mmexport1421917065053

mmexport1421918857040

mmexport1421918860981(ئىزاھات: بۇ رەسىم پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى، ئۈندىدار دۇكىنىمىزدىكى بۇ لۇغەت «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نىڭ ئېلېكتىرونلۇق چۈشۈرۈلمە نۇسخىسى (电子下载版) بولۇپ، سېتىۋالغاندا توردىن چۈشۈرۈپلا ئىشلىتىسىز، لۇغەتنىڭ دىسكىسى، قېپى، سومكىسى پوچتىدىن ئەۋەتىلمەيدۇ.)
2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» بۇلۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۈندىدار دۇكىنىمىزدىكى مەھسۇلاتلار 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە پۈتۈنلەي يېرىم باھادا سېتىلىدۇ.
ئۈندىدار دۇكىنىمىزدا «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نى سېتىۋالسىڭىز، سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسى ۋە مۇلازىمەت نومۇرىنى ئۈندىدارىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىپ بېرىمىز، مەھسۇلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى(0991-2813300)گە تېلېفون قىلىپ، تاپشۇرۇپ ئالغان مۇلازىمەت نومۇرى ئارقىلىق يۇمشاق دېتالنىڭ تىزىملاش نومۇرىغا ئېرىشىڭ.
===========
01
بۇ تىزىملىك يېڭىدىن قوشقانلارغا كۆرۈنىدۇ، كونا ئەزالارغا 24 سائەت ئىچىدە كۆرۈنىدۇ، ناۋادا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى سېتىۋېلىشقا ئالدىراپ كەتسىڭىز، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»دىن چېكىنىپ، قايتا قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۈندىدار سۇپىڭىزدا بۇ تىزىملىك كۆرىدۇ.
==============
01
==============
01
==============
01
==============
01
==============
01
==============
01
==============
01
==============
01
==============
قېنى كىم «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى»دا تۇنجى مال سېتىۋالغۇچى بولالايدۇ؟ يولۇڭلارغا قاراپ قالدۇق ئەمىسە، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىزمۇ ھېس قىلىپ باقايلى، قېنى مەرھەمەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
89 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەمما ئالىم مۇئەللىم ، مەن بەك ساقلاپ كەتتىم جۇمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى am 09:29
  • لۇغەتنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، تىزىملاش تور بېكىتى http://www.xjhql.com/tizimlash دىگەن تور پەقەتلا ئېچىلمىدى، مەن تىزىملىتالمىدىم ، تىزىملىتىدىغان باشقا ئۇسۇل بارمۇ، يا؟ مەن خاتا قىلدىممۇ؟ كۆرسەتمە بەرگەيسىلەر، رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى am 11:55
  • مەن سېتىۋالدىم ئۇ لۇغەتنى. 3 تىللىق لۇغەت، بەك ياخشىكەن. بىرىنجىدىن خىزمەتتە پايدىلىنىش، ئىككىنجىدىن ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تور مەھسۇلاتلىرىنى قوللاش، ئىلھام بىرىش زۆرۈر دەپ ئويلىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 22:46
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ، ئۈندىدار دۇككىنىدىن بۇ لۇغەتنى سىتىۋالغاندىن كىيىن ئىككى كومپىيۇتېرغا قانداق قاچىلايمىز ؟
    يەنە بىر سۇئال ، ئەگەردە كومپيۇتېرغا قايتا سېستىما قاچىلاش توغرا كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا سېتىۋالغان لۇغەتنى قايتا نورمال قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ ؟؟ دىمەكچى بولغىنىم دېتال ئۈسكۈنە نۇمۇرىنى خاتىرلىۋالامدۇ ياكى ؟؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:02
  • ئالىم مۇئەللىم، يا ئۈندىدار دۇكىنىغا 40يۈەن قىممەت تولۇقلاش تۈرىنى قوشمىدىڭىز، يا ئەلى چىقىمدانىڭىزنىڭ نومۇرىنى قالدۇرمىدىڭىز ، ئۈندىدار دۇكىنىغا قوشۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن ، ئۈچ تىللىق لۇغەت لازىم بولىۋاتاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 21:30
  • مۇمكىن بولسا ئېلخەت ساندۇقىغا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار ياخشى بولاتتى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 14:59
  • ئۈندىداردىكى ئىسمىم: palwan

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى am 09:51
  • ئىسمىم: سادىر تۇردى تېلىفۇن:13619984844

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى am 09:47
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم مۇئەللىم، مەن سېتىۋالغان ئۈچ تىللىق لۇغەتنى تېخى قاچىلىمىغان، سېتىۋالغان چاغدا ئۈندىداردىن ئەۋەتىلگەن ئۇچۇر تېلىفۇننى ئالماشتۇرۇپ يوقاپ كەتتى، قانداق قىلىشىم كېرەك؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 21:09
  • ئاشۇنداق ئۈندىدار دۇكنى ئىچىشنى نۆلدىن باشلاپ ئۈگۈتىدىغان دەرسىلىك بولسا مەنمۇ بىرنى سىتۋالاتتىم، مەنمۇ بىر دۇكان ئاچاي دىگەن ئۈندىداردىن،

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 13:34
  • ئالىم مۇئەللىم ،ھازىر ئۇندىدار دۇكىنى ئېچىش نىيىتى بار ، لېكىن تېخنىكىدىن قىينىلىپ قېلىۋاتقانلارمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن ، بولسا مۇشۇنى دەرسلىك قىلىپ ھەقلىق قىلىپ تارقاتساڭلارمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلىدىم ئۆزەمچە . شەخسەن مەن بىرنى سېتىۋالاتتىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى am 08:51
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مەنمۇ ئۈندىدارنى بانكا كارتامغا باغلاپ بايام سېتىۋالدىم ھەم مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا تېزىملىتىپ بولدۇم
    ئەمدى ئەرەپچە تۈرۈكچە تىل بارلىرىنىڭ تىزرەك چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 13:00
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەخەت ئاكا! ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن تىنماي تۆھپە قوشۋاتقانلىقىڭىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن بىر دۆلەت مەمۇرى، ئىدارىمىزنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى بېشىمغا يۈكلەنگەندىن كېيىن بۇ سۇپىنى ئۇيغۇر-خەنزو قوش تىللىق ئۈندىدار سۇپىسى قىلىپ چىقىش ئارزويىم بارئىدى. لېكىن مۇشۇ تىزىملىك قېتىش ئىشىغا كەلگەندە چەكلىمە تۈپەيلىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك تىزىملىككە تۆت ھەرىپتىن ئارتۇق كىرگۈزگىلى بولمايۋاتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن «ئۇيغۇرچە» دىگەن سۆزنىمۇ كىرگۈزەلمىدىم. مەن يېقىندا قارىسام ئۇيغۇر سوفىت ئۈندىدار سۇپىسى بۇ چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئۇيغۇرچە تىزىملىكنى نورمال قېتىپتۇ. ئەگەر لايىق تاپسىڭىز بۇخىل ئۇسۇلنىڭ دەرىسلىكىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز. ھەممىمىز ئورتاق پايدىلانساق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:33
  • مۇئەللىم ئۇيغۇرسوفىت كورىكتورىدىكى لۇغەت بار دىگەن تۈر قايسى لۇغەتنى كۆرسىتىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى am 09:37
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىمجان مۇئەللىم ، كىيىن سىلەر لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى يېڭىلىساڭلار ، بىز سېتىۋالغان لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىمۇ يېڭىلىنىپ ماڭىدۇ ، شۇنداقمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى am 00:24