ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى تىجارەت باشلىدى (تىجارەت قىزىپ كەتتى!)
[ IT خەۋەرلىرى ]ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى (سىناق) تىجارەت باشلىدى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك،
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى» سىناق تىجارەت باشلىدى.
بۇ دۇكاندىكى ماللارنى كۆرۈش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، ئۇيغۇرسوفت مۇلازىمەت سۇپىسىنى قوشۇۋېلىڭ. ئاندىن ئۈندىدار سۇپىمىزدىكى «دۇكان» دېگەن تىزىملىكنى بېسىڭ ياكى بىز ئەۋەتكەن توپ ئۇچۇردىكى ئادرېسنى باسسىڭىز بولىدۇ.
بانكا كارتىمىزغا ئۈندىدارىمىزنى قانداق باغلايمىز؟ ../?p=4320
ھازىر بۇ دۇكانغا شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشرى قىلغان خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» (ئېلېكتىرون نۇسخىسى) سېلىنغان بولۇپ، خېرىدارلار ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق دۇكانغا كىرەلەيدۇ. ئۈندىدارىغا باغلانغان بانكا كارتىسى بىلەن مال سېتىۋالالايدۇ. بانكا كارتىڭىزنى ئۈندىدارىڭىزغا باغلاشنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ../?p=4320 دېگەن مەزمۇننى كۆرسىڭىز بولىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»، « ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى»، «ئۈندىداردا ھەق تاپشۇرۇش» قاتارلىق مۇلازىمەتلەر تېڭشۈن ئورگان تەرەپنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۈندىداردا تاپشۇرغان پۇلىڭىز ئاۋۋال تېڭشۈن شىركىتىدە تۇرىدۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇيغۇرسوفتنىڭ شىركەت ھېساباتىغا ئاغدۇرۇپ بېرىدۇ.
(ئىزاھات: بۇ رەسىم پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى، ئۈندىدار دۇكىنىمىزدىكى بۇ لۇغەت «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نىڭ ئېلېكتىرونلۇق چۈشۈرۈلمە نۇسخىسى (电子下载版) بولۇپ، سېتىۋالغاندا توردىن چۈشۈرۈپلا ئىشلىتىسىز، لۇغەتنىڭ دىسكىسى، قېپى، سومكىسى پوچتىدىن ئەۋەتىلمەيدۇ.)
2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» بۇلۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۈندىدار دۇكىنىمىزدىكى مەھسۇلاتلار 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە پۈتۈنلەي يېرىم باھادا سېتىلىدۇ.
ئۈندىدار دۇكىنىمىزدا «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نى سېتىۋالسىڭىز، سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسى ۋە مۇلازىمەت نومۇرىنى ئۈندىدارىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىپ بېرىمىز، مەھسۇلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى(0991-2813300)گە تېلېفون قىلىپ، تاپشۇرۇپ ئالغان مۇلازىمەت نومۇرى ئارقىلىق يۇمشاق دېتالنىڭ تىزىملاش نومۇرىغا ئېرىشىڭ.
===========
بۇ تىزىملىك يېڭىدىن قوشقانلارغا كۆرۈنىدۇ، كونا ئەزالارغا 24 سائەت ئىچىدە كۆرۈنىدۇ، ناۋادا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى سېتىۋېلىشقا ئالدىراپ كەتسىڭىز، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»دىن چېكىنىپ، قايتا قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۈندىدار سۇپىڭىزدا بۇ تىزىملىك كۆرىدۇ.
==============
==============
==============
==============
==============
==============
==============
==============
==============
قېنى كىم «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى»دا تۇنجى مال سېتىۋالغۇچى بولالايدۇ؟ يولۇڭلارغا قاراپ قالدۇق ئەمىسە، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىزمۇ ھېس قىلىپ باقايلى، قېنى مەرھەمەت.
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,600 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 01-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 18:25
- ئالدىنقى يازما :Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ!!!
- كېيىنكى يازما :مانا مال كەلدى، HP Stream
مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلاپ بولدۇم
سىز تۇنجى خېرىدارىمىز شۇغۇ دەيمەن، بايا بىرەيلەن تېلېفون قىلىپ قاچىلىدى دەيدۇ. مۇبارەك بولسۇن!
بايا مەن تۇنجى بولۇپ تېلفۇن قىپتىمەن،(ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)
سالام ئالىم ئەھەت مۇئەللىم،
ئۈندىداردا ئېچىلغان دۇكىنىڭىزنىڭ تىجارەت باشلىغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بارچە ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي!
مەن ھازىر ئىككى تىللىق لۇغەتنى سېتىۋالدىم، پەقەت بىرلا كومپىيوتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ
بىزنىڭ بۇ يۇرۇتتا(خوتەن)ئۈن دىدارنىڭ تاقالغىنىغا بىر يىل بۇلاي دەپ قالدى .ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىغىدا بۇلىۋاتقان يېڭىلىقلار ھەقىقەتەن كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.بىزلەرگىمۇ بۇنداق ياخشى پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىدىغان كۈلەرنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.ئالىم مۇئەللىم ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ،تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن
رەھمەت سىزگە.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، ئالىمجان، مۇبارەك بولسۇن!
ئاۋۇ ئېتىۋار باھارىڭىز قانچە پۇل ؟
نەچچىنچى بولۇپ سېتىۋېلىشىمدىن قەتئىينەزەر بىرنى سېتىۋالدىم لۇغەتتىن ، 669 يۈەنلىك كومپيۇتېرىم قولۇمغا تەگكەندە قاچىلاپ ئىشلىتەي دەپ .
مەندە 2007 نۇسخىسى بار ئىدى ، لىكىن ئۇ ھەقسىز ئىدى ، ئۇنى سىز ھەقسىز قىلغانمۇ ياكى باشقىلار شۇنداق قىلغانمۇ بىلمىدىم ، خېلى ئۇزۇن بولدى ئىشلىتىۋاتقان ، 2008 نۇسخىسىنىڭ 2007 گە قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى قايسىلار ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن .
ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئۈندىدار لۇغىتى ھەقسىز، تور لۇغىتى ھەقسىز، ئەمما ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005، 2007 ، 2008 نەشرى ئەزەلدىن ھەقسىز بولۇپ باققان ئەمەس.
ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىمىزنى ئىشلەۋاتقان شۇ جاپالىق مەنزىرلەرنى ئويلىغىنىمدا ھەم يەنە گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتسام، مەن ئۇلاردىن قىلچە رازى ئەمەس. ئۇنىڭ ئوغرىلىقتىن باشقا پەرقى يوق، كىشىنىڭ ھەققىنى يېۋالغاندەكلا ئىش.
ھازىرقى باھا ھەرگىز قىممەت ئەمەس، 90 يۈەنگە سېتىۋالسىڭىز، ئىككى كومپيۇتېرغا قاچىلايسىز تېخى، جەمئىي 2 مىليونغا يېقىن سۆز-ئىبارە بار.
ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 نىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەقىقەتەن كۆپ.
ئالىم مۇئەللىم ، تۇنجى مال سېتلىدىما ؟ بولمىسا مەن سېتىۋالاي دىگەن .
ھە راسىت، ماۋۇ ئۈندىدارنى ئىشلەتمەيدىغانلار ئۇيغۇرسوفىتنىڭ تور بېتىدىنمۇ سېتىۋالالايدىغاندىمىز؟
تۇنجى مال سېتىلىپ بولدىمۇ؟
ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، تىجارىتىنىڭ كۈنسىرى گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
موبارەك بولسۇن.ئەسلى خېلى بۇرۇنلا موشۇ ئىشلارنى باشلىساڭلا سىلەرگىمۇ بىزگىمۇ كۆپ ياخشى بولاتتى.ھېلىمۇ بىزلەر ئۈچۈن كۆپ ھەقسىز ئەمگەكلەرنى قىلدىڭلار، رەھمەت.
تەكلىپىم ئەمىلي تۇرمۇشىمىزدىكى ئېلىكتىرۇنلۇق مەھسۇلاتلار كۆپرەك بازارغا سېلىنسا.
ئالىم مۇئەللىم . دۇككىنىڭىزنىڭ ماللىرىنى تىخىمۇ تولۇقلىسىڭىز ، مىكروسوفىت مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاستە سىزدىنلا سېتىۋالساق ، ھەم ئىشەنچىلىك ھەم تىز بولاتتى ، بەلكىم سىزمۇ بۇ پىلانلارنى تۈزگەنسىز ، لىكىن سىزنىڭ دۇككان ئاچقانلىقىڭىزدىن چەكسىز سۆيۈندۈم ، سىزنى قوللايمىز ، ماللىرىڭىزنى تالىشىپ سېتىۋالىمز، سىزبىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىمىزنى تولۇق قاندۇرالايىسىز ، ئىگەم ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ، بەرىكەت بەرسۇن !
مەن بىرىنچى بولۇپ سېتىۋالاي،قوشۇمچە سوۋغات بۇيۇملارمۇ بارمۇ يا؟
ھازىرچە يوق، دۇكاندىكى ماللار ئاز. كېيىنچە بولۇپ قالار