Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ!!!
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]بۈگۈن مىكروسوفت تور دۇكىنىغا كىرىپ ھەيران قالدىم، Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ 669 يۈەنلىك كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىپتۇ، ئۇلار راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ. ئىچىدە تېخى ھەقلىق Windows 8.1 بار ئىكەن، ئېسىڭلاردا بولسۇن بۇ Windows 8 RT ئەمەس ئىكەن، يەنى بۇ بىر تاختا ئويۇنچۇق ئەمەس، بىر ھەقىقىي كومپيۇتېر ئىكەن، شۇڭا Photoshop نى، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ، ئېنىق ئېيتساق كومپيۇتېردا ئىشلەيدىغان بارلىق يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ. ئۇلار راستتىنلا ساراڭ بولۇپ قاپتۇ. بۇنچىلىك پۇلغا كومپيۇتېر ئەمەس، تېلېفونمۇ كەلمەيدىغان تۇرسا.
مىكروسوفت تور دۇكىنىنىڭ ئادرېسى: store.microsoft.com
سەپلىمىسى:
4 يادرولۇق Intel بىر تەرەپ قىلغۇچ
نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار قاچىلاپ قويۇلغان
كۆڭۈل ئېچىش\ئىشخانا ئىشلىرىنى قىلىشنىڭ بىرسىمۇ كەم ئەمەس
سۈزۈك IPS ئېكران سەپلەنگەن.
Windows 8.1 قاچىلانغان بۇنى تېخى ئۇيغۇرچە قىلالايسىز.
ئېكرانى: 7 دىيۇم
سىغىمى: 32 گېگابايت (ئەنسىرمەڭ ھازىر بۇلۇت دەۋرى نەچچە 100 گېگابايتلىق دىسكىنى نېمە قىلىسىز ئىشلىتىپ)
ئىچكى ساقلىغۇچ: 1 گېگابايت (كەلگۈسىدە Windows 10 نى قاچىلىسىڭىزمۇ چاتاق يوق)
ئېغىرلىقى: ئاران 350 گىرام (تېلېفوندەكلا، لېكىن بۇ كومپيۇتېر جۇمۇ)
====================
==============
قاراڭ ماۋۇلارنى، Photoshop نى ئويناپ كېتىپتۇ.
==============
====================
باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 669 يۈەندىن ساتقان ئوخشايدۇ، ئەسلىي باھاسى 999 يۈەن ئىكەنتۇق.
ئالىم مۇئەللىممۇ دەرھال بىرنى سېتىۋالدى مانا، مىكروسوفتتىكىلەر ئالىم مۇئەللىم بىلوگىڭدا ئېلان بەرگىن دېمىگەن بولمىسا، شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ قوياي، سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار بىۋاسىتە مىكروسوفت تور دۇكىنىدىن سېتىۋېلىڭلار. بەلكىم بىزمۇ ئانچە مۇنچە كەلتۈرۈپ، پايدا ئالماي ئۆز باھاسىدا سېتىشىمىز مۇمكىن.
بۇ كومپيۇتېرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ كومىتېتى پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارغا تەۋسىيە قىلىپتۇ يەنە ھازىرقى زاماندا ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش ھوقۇقى بار دەپتىمىش، بۇ گەپنى تاپسام ئۇلانمىسىنى قالدۇرۇپ قويىمەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 16,360 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 01-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:46
- ئالدىنقى يازما :Microsoft پۈتۈن تەسۋىرلىك كۆزئەينىكى (كۆرمەي تۇرۇڭلار)
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى تىجارەت باشلىدى (تىجارەت قىزىپ كەتتى!)
50 يۈەنلىك ئىتبار قىلىش پائالىيتى ئاللىقاچان ئاخىرلىشىپتۇ . ئەمدى شۇ ئەسلى باھا بۇيۇنچە ئالساڭلار بۇلىدىكەن. بازار چاققاننىڭ ئەمەسمۇ . بولسا ئۇيغۇر سوفىت ئوندىدار سۇپىسدىن سېتۋالساڭلار ئەڭ بىخەتەر بۇلىدۇ.
ھەقىقەتەن بەلەن بوپتۇ.ئەگەر ئىچكى ساقلىغۇچىنى 2 گېگا بايت قىلۋەتكەن بولسا 200يۈەن قىممەت قىلغان بولسىمۇ بۇلاتتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ، مەنمۇ ئالاي دىگەن ئىدىم ئىتىبار نۇمۇرنى قەيەردىن تاپىمىز مەن پەقەتلا تاپالمىدىمغۇ ؟
蓝魔平板Ramos 8.9寸 i9s (32G)(白色)
مەن بۇ مەھسۇلاتنى كۈزۈمنى يۇمۇپلا ئېلۋەتتىم، ئالىم مۇئەللىم دىگەندەك بۇنى ئۇچۇر كۈرۈش ئۈچۈن ئىشىلتىدىغان قۇشۇمچە قۇرال سۈپتىدە ئىشلتدىغان بولغانلىقتىن كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساسى ئۇرۇنغا قۇيۇپ كىنو، مۇزىكا قاتارلىقلارنى يۇقۇرى ئېنىقلىقتا كۈرەلەيدىكەنمەن، شۇنداقلا باشقا دىتاللارنىمۇ قاچلاپ ئىشلتەلەيدىكەنمەن، ھەم سىغىممۇ يامان ئەمەسكەن، شۇنداقلا قاتتىق دىسكىنمۇ چىتىپ ئىشلەتكىلى بۇلدىكەن، شۇڭا مەن مۇشۇنى سېتۋالدىم، مال قاچان كىلدۇ بىلمەيمەن ،مال كەلسە سىناپ كۈرۈپ ئەمەلىي ئەھۋالنى يەنە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشمەن. 50 يۈەن ئىتبار نۇمۇرى ئارقىلىق مەن 1099 يۈەنگە سىتۋالدىم تىخى بىر تىرە قاپچۇق سوغا قىلدىكەن ھەقسىز.
مۇئەللىم مەن سورغان مەسلىگە تىخى جاۋاپ بەرمەپسىز، 599 يۈەنلىك كۆمپىيتىر 500 سىغىمدىكى يۆتكەلمە قاتتىق دىسكىنى ئۇقيالامۇ ؟
usb ئېغىزغا قاتتق دىسكىنى چاتساق؟
ئالماشتۇرۇش ئېغىزى بىلەن چاتالايسىز ئەلۋەتتە
سالام مۇئەللىم:
Vido原道W8A 8英寸平板电脑
باھاسى: 599 يۈەن
بۇنىڭ سەپلمىسى سەل يۇقىرى تۇرىدۇ تېخى،
ئىچكى ساقلىغۇچ 2 گېگابايت، قاتتىق دىسكا سىغىمى 16 گېگابايت ئىكەن
ۋەھشىي ئويۇنلارنىمۇ سۆرىگۈدەك، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ ماركىسى،
بۇ كومپىيوتېر 500g سىغىمدىكى 移动硬盘 نى چاتسا ئۇقيالامۇ؟ ئەگەر ئۇقيالىسا ئۇ چوڭ سىغىمدىكى قىممەت كومپىيوتىرلارنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوقتى. بۇنىڭمۇ ئوخشاشلا hdmi ئېغىزى باركەن.
HDMI ئېغىزىنى ئويلاشمىدىم ھازىرچە، چۈنكى Wifi بىلەن تېلېۋىزورغا سىمسىز تارقىتىشقا بولىدۇ. بارماق دىسكىغا ئوخشايدىغان شۇنداق ئايرىم ئۈسكۈنە بار، تېلېۋىزورغا چېتىپ قويسىڭىزلا تامام. ئىچىدە 3G ئۆزەك بارنىمۇ ياقتۇرمىدىم، ھەممە يەردە WiFi بار، ياكى ئايرىم WiFi تارقاتقۇچ تولا ھازىر.
مۇشۇنداق ياسىيالمىغان زاۋۇتلار ئۇ نەرسىسى ئارتۇق، بۇ نەرسىسىى ئارتۇق دەپ ساتىدۇ. خۇددى 30 مىڭ كويلۇق QQ ماشىنىدا دېرىزىنى ئاپتوماتىك چۈشۈرىدۇ، 150 كويلۇق نىسسان ماشىنىدا مۇنداق ئىقتىدار يوق دەپ ساتقانغا ئوخشايدۇ، ئەمما مەن مۇشۇنداق چىچا-پىچا ئەمەس، تولا تىقىدىغان، سانچىيدىغان ئېغىزى يوق، ساغلام نەرسىگە ئامراق ئۆزەمچە
مەنمۇ 蓝魔平板Ramos 8.9寸 i9s 32G غا قىزىقىپ تۇرۇۋاتىمەن. بۇنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى 2 گىگابايىت ئىكەن ھەم hdmi ئېغىزى بار ئىكەن.
ئۇيغۇر سوفىت 2008 لۇغىتىنى قاچىلاپ، ئوغلۇمغا تاشلاپ بەرسەم، تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە ئىشلەتسە، بەزىدە hdmiئارقىلىق چوڭ تېلۋىزورغا ئۇلاپ كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرىغا ئىشلەتسەك.
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟ يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ! مەن بۇ 蓝魔平板Ramos 8.9寸 i9s 32G تىپتىكىنى سېتىۋالاي دىگەن بولارمۇ ؟
سالام مۇئەللىم مەن مىكروسوفىت تور دۇككىندىن 原道平板Vido 8寸W8S (64G) دىگەن بۇ مەھسۇلاتنى كۆردۇم قارسام ئىقتىدارى خىلى يامان ئەمەستەك قىلىدۇ، لىكىن بىر يىرنى چۈشەنمىدىم، 该产品标配Office 365个人版一年订阅权益 بۇ نىمە گەپتۇ ئەمدى، دىمەك بىر يىل ئىشلتىپلا ئاندىن Office 365 بۇ دىتالنى بىر يىلدىن كىيىن ئىشلتەلمەيمىز دىگەن گەپمۇ بۇ؟ باھاسىمۇ 1549يۈەنكەن، ئادەتتە بازارلاردىكى ئوتتۇرھال باھادىكى بىر تىلفۇننىڭ باھاسى بىلەن تەڭكەن. بۇ مەھسۇلات خۇيپۇغا قارغاندا ئىقتىدارى بەلەن چىقارمۇ؟ بۇلۇپمۇ Office 365 نىڭ ئىشلتىش ھۇقۇقى توغرىسدا تەپسلىرەك چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم. (خىجىل بولغان چىراي)
ئاۋۇ Office 365 كە بىر يىلدىن پۇل تۆلەيسىز، ھەريىلى مۇشۇنداق ئۇزارتىپ ماڭىسىز دېگەن گەپ. قاتتىق دېتالنى مۇشۇنداق ئەرزان قىلىپ ياكى بىكارغا بېرىپ، يۇمشاق دېتالدىن خۇددى سۇ پۇلى،، توك پۇلى ئالغاندەك پۇل ئالىدىغان ئوخشايدۇ.
ئالىم مۇئەللىم ،مال كەلگەندە پۇل تاپشۇرۇش شەكلىنى تاللاپ 1-ئاينىڭ 29-كۈنى سىتىۋالغانتىم .مەن 50يۈەنلىك ئىتىبار نومرىنى ئەمدى ئىلتىماس قىلدىم ، مال يەتكۈزۈش ئورۇندىكىلارگە 50يۈەننى كەم بەرسەم بولامدۇ ؟(خىجىل بولغان چىراي)
ئالىم مۇئەللىم تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بىر سىناپ تەسىراتىنى يېزۋەتسە مەنمۇ بىرەنى ئالايمىكىن.لېكىن ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ بۇنى كۇمپىيوتىر دىسە
惠普Stream 7 7寸平板 بۇ ئامرىكىنىڭ ماركىسى ئەمەسمۇ؟ ياكى ئالىم مۇئەللىم بۇنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن دىمەكچىمىدۇ؟
ئامېرىكىنىڭ ماركىسى، بەلكىم دۆلىتىمىزنىڭ شېنجېن شەھىرىدە ئىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن، مەيلى نېمىلا بولمىسۇن HP دېگەن ماركا ئادەتتىكى ماركا ئەمەس، دۇنيادىكى 5 خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ بىرسى دەل HP دۇر. SONY مۇ خاتىرە كومپيۇتېر ساھەسىدە مەغلۇپ بولدى. Dell نىڭمۇ بەك ئومۇملىشلالمىدى.
سالام مۇئەللىم بۇگۈن بىلوگىڭىزغا كىرىپ بۇ بىر تۈرنى تەپسلى ئۇقۇپ چىقتىم بېسىم راسلا ئېلشىپ كەتتى، توردىن باشقا تور دۇكانلىرنى ئارلاپ كۆردۇم، مەسلەن تاۋ باۋ ،جىڭ دۇڭ دىگەنلەرنى، جىڭ دوڭدا تەي دىيەن ماركىسدىكى قوش سىستىملىق تاختا كۆمپىيوتىرنى كۆردۇم، بۇ ھازىر بۇ يەردە دىيىلۋاتقان خۇيپۇ تاختا كۆمپىيوتېرى بىلەن قانداق پەرقلىندۇ بۇنى بىلمىدىم. win8.1 سىستىمىسى قاچلانغان ھەر قانداق تاختا كۆمپىيوتىرغا باشقا ئادەتتىكى كۆمپىيوتېرغا قاچلغان دىتاللارنى خالغانچە قاچلاپ ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ،مۇشۇنىڭغا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز كۆپ مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم.
باشقا ماركا دېسىڭىز بۇرۇنلا مۇشۇنداق نەرسە بار ئىدى، ئەمما ماۋۇ HP بىلەن مىكروسوفتنىڭ مۇنداق ئەرزان باھادا سېتىشى مېنى ھەيران قالدۇردى، بۇ نەچچە يىل بۇرۇن خەۋەر قىلىنغان 100 دوللارلىق كومپيۇتېر دېگەن نەرسە شۇ ئىكەن. مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 8.1 دەپتۇ، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن بۇنى كومپيۇتېر دەيمىز، مەن 1-ئاينىڭ 28-كۈنى سېتىۋالغان بۇ مال ئەتە كېلىشى مۇمكىن، كەلگەن ھامان مەن ئەلكاتىپ، لۇغەتنى قاچىلاپ سىناپ باقاي. يەنە 1-2 كۈن بىلوگىمنى يوقلاپ تۇرۇڭ.
شۇنداق ، ئاساسى ماشىنا (جۇجى)نىڭ چىرىغى ئۆچمەي ، شامالدۇرغۇچنىڭ ئاۋازى بار ،،،،،،،،
ئالىم ئاكا مەن شۇ Vido原道W8A 8英寸平板电脑 蓝色 ماركىلىقىنى يەنى 599يۈەنلىكىنى سېتىۋالاي دىگەن HP ياخشىمۇ ياكى مۇشۇ ماركىلىقىمۇ ؟ بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز ؟
Vido原道W8A 8英寸平板电脑
باھاسى: 599 يۈەن
بۇنىڭ سەپلمىسى سەل يۇقىرى تۇرىدۇ تېخى،
ئىچكى ساقلىغۇچ 2 گېگابايت، قاتتىق دىسكا سىغىمى 16 گېگابايت ئىكەن
ۋەھشىي ئويۇنلارنىمۇ سۆرىگۈدەك، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ ماركىسى،
—————
惠普Stream 7 7寸平板
باھاسى: 669 يۈەن
ئىچكى ساقلىغۇچ 1 گېگابايت، قاتتىق دىسكا سىغىمى 32 گېگابايت ئىكەن
بۇمۇ ۋەھشىي ئويۇنلارنى سۆرەيدۇ، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ ماركىسى،
ئالىم ئەھەت بىلوگىغا ئىشلەتكەن مۇلازىمىتېرنىڭ سەپلىمىسى تېخى ماۋۇ 669 يۈەنلىك كومپيۇتېردىن تۆۋەن، بۇ يېڭى مال كەلمىدى، كەلگەن ھامان ئۇنى تېخى مۇلازىمىتېر قىلىپ ئويناي دەيمەن.