نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ!!!

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

بۈگۈن مىكروسوفت تور دۇكىنىغا كىرىپ ھەيران قالدىم، Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ 669 يۈەنلىك كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىپتۇ، ئۇلار راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ. ئىچىدە تېخى ھەقلىق Windows 8.1 بار ئىكەن، ئېسىڭلاردا بولسۇن بۇ Windows 8 RT ئەمەس ئىكەن، يەنى بۇ بىر تاختا ئويۇنچۇق ئەمەس، بىر ھەقىقىي كومپيۇتېر ئىكەن، شۇڭا Photoshop نى، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ، ئېنىق ئېيتساق كومپيۇتېردا ئىشلەيدىغان بارلىق يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ. ئۇلار راستتىنلا ساراڭ بولۇپ قاپتۇ. بۇنچىلىك پۇلغا كومپيۇتېر ئەمەس، تېلېفونمۇ كەلمەيدىغان تۇرسا.
مىكروسوفت تور دۇكىنىنىڭ ئادرېسى: store.microsoft.com

HPStream-0

سەپلىمىسى:
4 يادرولۇق Intel بىر تەرەپ قىلغۇچ
نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار قاچىلاپ قويۇلغان
كۆڭۈل ئېچىش\ئىشخانا ئىشلىرىنى قىلىشنىڭ بىرسىمۇ كەم ئەمەس
سۈزۈك IPS ئېكران سەپلەنگەن.
Windows 8.1 قاچىلانغان بۇنى تېخى ئۇيغۇرچە قىلالايسىز.
ئېكرانى: 7 دىيۇم
سىغىمى: 32 گېگابايت (ئەنسىرمەڭ ھازىر بۇلۇت دەۋرى نەچچە 100 گېگابايتلىق دىسكىنى نېمە قىلىسىز ئىشلىتىپ)
ئىچكى ساقلىغۇچ: 1 گېگابايت (كەلگۈسىدە Windows 10 نى قاچىلىسىڭىزمۇ چاتاق يوق)
ئېغىرلىقى: ئاران 350 گىرام (تېلېفوندەكلا، لېكىن بۇ كومپيۇتېر جۇمۇ)
====================
src="../wp-content/uploads/2015/01/HP-stream-1.jpg" alt="HP-stream-1" width="750" height="777" class="aligncenter size-full wp-image-4364" />
==============
HP-stream-1
قاراڭ ماۋۇلارنى، Photoshop نى ئويناپ كېتىپتۇ.
==============
HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HPStream-11
====================
باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 669 يۈەندىن ساتقان ئوخشايدۇ، ئەسلىي باھاسى 999 يۈەن ئىكەنتۇق.
ئالىم مۇئەللىممۇ دەرھال بىرنى سېتىۋالدى مانا، مىكروسوفتتىكىلەر ئالىم مۇئەللىم بىلوگىڭدا ئېلان بەرگىن دېمىگەن بولمىسا، شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ قوياي، سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار بىۋاسىتە مىكروسوفت تور دۇكىنىدىن سېتىۋېلىڭلار. بەلكىم بىزمۇ ئانچە مۇنچە كەلتۈرۈپ، پايدا ئالماي ئۆز باھاسىدا سېتىشىمىز مۇمكىن.

بۇ كومپيۇتېرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ كومىتېتى پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارغا تەۋسىيە قىلىپتۇ يەنە ھازىرقى زاماندا ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش ھوقۇقى بار دەپتىمىش، بۇ گەپنى تاپسام ئۇلانمىسىنى قالدۇرۇپ قويىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
145 پارچە باھا يېزىلدى
  • Vidko يەنى 599 يۈەنلىكى قانداقراق چقىدىغاندۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 12:04
  • كومپىيوتىرنى ئۆچەسىڭىز شامالدۇرغۇچ يەنىلا ئۆچمەي تۇرىۋالدىمۇ ؟ ئەسلى ئوڭشىلىشى كېرەك ئىدى , ئۇلار ماڭا يەنە ئوڭشالمىسا ئاساسىي تاختىتىڭ ئىشى دىگەن؟ راس يەنىلا ئۆچمەي تۇرىۋاتامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى am 10:29
  • ياخشى گەپكەن مەنمۇ ئوغلۇمغا بىرنى سىتىۋالاي،

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى am 01:03
  • بۇنىڭ gps (ئورۇن بەلگىلەش) ئىقتىدارى بارمىدۇ. 高得 قاتارلىقلارنى قاچىلاپ ئورۇن بەلگىلەپ ئىشلتىشكە بولامدىغاندۇ؟؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 22:51
  • بۆرە تېكىن قىرىندىشىم ،،،،سىز دىگەندەك مەشخۇلات قىلسام قوزغىلىشى ئوڭشالدى ،،،،،رەھمەت،،،،ئەمدى ئۆچىشىدىمۇ مەسىلە بار ،،،،بۇنىڭغىمۇ ئامالىڭىز بامىدۇ؟

    ئۆچۇرگەن ۋاقىتىمۇ ئىكراندا ئۆچتى دەپ چىقىپ ئىكران ئۆچىدۇ ،لىكىن ئاساسى ماشىنا (جۇجى)نىڭ چىرىغى ئۆچمەي سى پىيۇنىڭ شامالدۇرغۇچى مىڭىۋىردۇ،،،،ئاندىن ئامال يوق توك مەنبەسىدىن ئۆچۇرۋاتىمەن، ئاساسى تاختىدىن تەڭشەپمۇ ئوڭشىيالمىدىم ،،،،،ئۇستازلارنىڭ ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئامال چارە كۆرسىتىپ بىرشىنى سورايمەن،،،،،،،،،،

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 21:45
  • ئىزچى قانداق ئوخشالغاندەك قىلدىمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 21:34
  • 50يۈەنلىك ئېتىبار باھادا مەنمۇ بىرنى سېتىۋالدىم،تىزراق كەلسۇن دەپ كەلگەندە پۇل بېرەي دەپ قويدىم ئۆزەمچە

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:53
  • بالىلار، 599 سوملۇق vido دېگىنى خېلى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ، ماركىسىدىن باشقا يېرى. 2g ئىچكى سالىغۇچ بىلەن 8 سۇڭ ئىكرانى ماۋۇ خۇيپۇدىن ياخشىدەك تۇرىدۇ. سېستىمىسىمۇ win8.1 ئىكەن. exe ھۆججەتلىرىنى بىمالال قاچىلاشقا بولىدۇ، دەيدۇ. ئەمما سۈپىتىگە سەل گۇمانىم بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:41
  • رەھمەت ،،،،بۆرە تېكىن قىرىندىشىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:28
  • بادەك قىلىدىغۇ ، micro-USB دەپ تۇرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 13:34
  • مۇئەللىم ، USB ئېغىزى بارمىدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 13:25
  • سالام ئالىم ئەھەت مۇئەللىم،
    سىزنىڭ مېلىڭىز قولىڭىزغا تەگدىمۇ ؟ سىزنىڭ تەسىراتىڭىزغا ساقلاپ قالدۇق. مەن مەزكۇر كومپىيۇتېرنى پەرزەنتىگە كۆيىدىغان ھەر بىر ئائىلىدە بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىدىم. بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ خىزمەت، تۇرمۇش شۇنداقلا پۈتۈن ھاياتىدا ھەمراھ بولىدىغان Windows سىستېمىسىنى تونۇشىغا پايدىلىق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:51
  • كونترول تاختىسى – قاتتىق دىتال ۋە ئاۋاز – توك مەنبە تاللانمىلىرى- سېستىما تەڭشەكلىرى ئىچىدىن «نۆۋەتتە ئىشلەتكىلى بولمايدىغان تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتىش» نى چىكىپ ، «تىز قوزغىتىشنى ئېچىش »دىگەن تاللانمىنى ئېلىۋىتىمىز .ئاندىن ساقلاپ قويسىڭىزلا بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئوڭشىلىدۇ ،قىنى سىنىپ بېقىڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:49
  • ئىزچى ، سىزدىگەن مەسىلە مەن deel خاتىرە كومپىيوتىردا ئۇچراتقان مەن شىركەتكە تىلفۇن قىلىپ بۇنى ھەل قىلغان ،دەپ بېرەيمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:39
  • مۇشۇ windows 10 چىقسا تىلفۇنغا كومپىيوتىرغا سوگو خەت كىزگۈزگۈچكە ئوخشاش ،ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچنى قاچىلغىلى بۇلامدىغانغۇ ياكى يەنىلا پەرق بۇلامدۇ؟ windows 8.1 غا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بۇلامدۇ؟
    مۇشۇ سەۋەپتىن ھېلىقى بىز بىرلىكتە ئىلتىماس قىلغان windows تىلفۇنغا ئۈيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قۇشۇش ئىلتىماسىمىزنى ئارتوقچە پىكىر بولغاچقا چىقىرۋەتتىمۇ تېخى؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:32