Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ!!! | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ!!!

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

بۈگۈن مىكروسوفت تور دۇكىنىغا كىرىپ ھەيران قالدىم، Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ 669 يۈەنلىك كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىپتۇ، ئۇلار راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ. ئىچىدە تېخى ھەقلىق Windows 8.1 بار ئىكەن، ئېسىڭلاردا بولسۇن بۇ Windows 8 RT ئەمەس ئىكەن، يەنى بۇ بىر تاختا ئويۇنچۇق ئەمەس، بىر ھەقىقىي كومپيۇتېر ئىكەن، شۇڭا Photoshop نى، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ، ئېنىق ئېيتساق كومپيۇتېردا ئىشلەيدىغان بارلىق يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ. ئۇلار راستتىنلا ساراڭ بولۇپ قاپتۇ. بۇنچىلىك پۇلغا كومپيۇتېر ئەمەس، تېلېفونمۇ كەلمەيدىغان تۇرسا.
مىكروسوفت تور دۇكىنىنىڭ ئادرېسى: store.microsoft.com

HPStream-0

سەپلىمىسى:
4 يادرولۇق Intel بىر تەرەپ قىلغۇچ
نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار قاچىلاپ قويۇلغان
كۆڭۈل ئېچىش\ئىشخانا ئىشلىرىنى قىلىشنىڭ بىرسىمۇ كەم ئەمەس
سۈزۈك IPS ئېكران سەپلەنگەن.
Windows 8.1 قاچىلانغان بۇنى تېخى ئۇيغۇرچە قىلالايسىز.
ئېكرانى: 7 دىيۇم
سىغىمى: 32 گېگابايت (ئەنسىرمەڭ ھازىر بۇلۇت دەۋرى نەچچە 100 گېگابايتلىق دىسكىنى نېمە قىلىسىز ئىشلىتىپ)
ئىچكى ساقلىغۇچ: 1 گېگابايت (كەلگۈسىدە Windows 10 نى قاچىلىسىڭىزمۇ چاتاق يوق)
ئېغىرلىقى: ئاران 350 گىرام (تېلېفوندەكلا، لېكىن بۇ كومپيۇتېر جۇمۇ)
====================
HP-stream-1
==============
HP-stream-1
قاراڭ ماۋۇلارنى، Photoshop نى ئويناپ كېتىپتۇ.
==============
HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HPStream-11
====================
باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 669 يۈەندىن ساتقان ئوخشايدۇ، ئەسلىي باھاسى 999 يۈەن ئىكەنتۇق.
ئالىم مۇئەللىممۇ دەرھال بىرنى سېتىۋالدى مانا، مىكروسوفتتىكىلەر ئالىم مۇئەللىم بىلوگىڭدا ئېلان بەرگىن دېمىگەن بولمىسا، شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ قوياي، سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار بىۋاسىتە مىكروسوفت تور دۇكىنىدىن سېتىۋېلىڭلار. بەلكىم بىزمۇ ئانچە مۇنچە كەلتۈرۈپ، پايدا ئالماي ئۆز باھاسىدا سېتىشىمىز مۇمكىن.

بۇ كومپيۇتېرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ كومىتېتى پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارغا تەۋسىيە قىلىپتۇ يەنە ھازىرقى زاماندا ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش ھوقۇقى بار دەپتىمىش، بۇ گەپنى تاپسام ئۇلانمىسىنى قالدۇرۇپ قويىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
153 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 8
  • بەك ياخشى بوپتۇ بولسا سىزمۇ كەلتۈرۈپ تەمىنلەپ قويسىڭىز توردىن سېتىۋېلىشنى بىلمەيدىغانلارغا ئاسان بولارئىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 14:46
  • ئالىم مۇئەللىم مەن بىربى سىتىۋالاي دىگەن ياردەم قىلارسىزمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:05
    • بولىدۇ، ئاۋۋال مەن سېتىۋالغان ئاۋۇ نۇسخىسى كەلسۇن، مەن بىر تەسىراتىمنى يېزىپ باقاي، ئاندىن ئويلىشىڭلار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى am 10:57
  • ئىچكىي ساقلىغۇچى بەكمۇ كىچىكمۇ نىمە، windows10 ماڭامۇ ئۇنىڭدا؟
    سىستېمىسى surface pro غا ئوخشامدۇ يا surface RT غىمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:52
    • چوڭلىرىمۇ بار ئىكەنغۇ، شۇ ئاقچىسى قىممەت ئىكەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 19:57
    • بۇنىڭ سىستېمىسى Windows RT ئەمەس ئىكەن، 30 يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان، مىكروسوفت مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسىنى قوللايدۇ دېگەن گەپ.
      ئىلگىرى گۇگۇل ۋە ئالما شىركىتى بىزنىڭ ئەپ دۇكىنىمىزدا 500 مىڭ ئەپ بار، سېنىڭكىدە يەنى مىكروسوفتنىڭ ئەپ دۇكىنىدا ئاران 100 مىڭ ئەپ بار دەپ مەسخىرە قىلاتتى. مانا ئەمدى بۇ كارامەتنى كۆرۈڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 22:43
  • نېمە دېگەن ياخشى ئىش بۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:03
  • مەنمۇ بىرنى ئالاى مۇئەللم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:15
  • مەنمۇ بىرنى سېتىۋالاي دىگەن، بىراق قەيەردىن قانداق ئۇسۇلدا سىتىۋىلىشنى بىلەلمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:23
  • بىرنى سېتۋالدىم بالام ئۈچۈن ^_^
    ئالىم مۇئەللىمگە كۆپ رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:56
  • تىلفۇن كارتىسى دىمەكچىتم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:42
    • ھە مۇنداق دەڭ، ياق. بۇ دېگەن كومپيۇتېر تۇرسا، كومپيۇتېرغا تېلېفون كارتىسى سالىدىغان ئىش بارلىققا كەلمىگەندۇ-تېخى؟ تېلېفوننى تېلېفوندەك قىلىپ، كومپيۇتېرنى كومپيۇتېردەك قىلىپ ئايرىپ ساتسا كۆپ پايدا ئالمامدۇ؟ تېخى ئۇلار تېلېفوننى تېخىمۇ ئايرىپ، قولغا تاقايدىغان سائەتتەك قىلىپ پارچىلىۋەتتى، ھەر ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ئۈسكۈنە قىلىشنى ئەلۋەتتە ئۇلار ياساپ چىقالايدۇ، ئەمما زاۋۇت ھازىرچە بۇنداق ئەخمەق ئىشنى قىلمايدۇ،
      بۇ خەقنىڭ زادى قۇلىمىزنى، پۇتىمىزنى، بېشىمىزنىمۇ بىكار قويغىسى يوق. بىرەر ئۈسكۈنىنى ياساپ تاقاپ قويساق دېيىشىۋاتىدۇ. ھېلىمۇ ئۈستەل ئۈستىنى(ئۈستەل كومپيۇتېر)، سومكىمىزنى(خاتىرە كومپيۇتېر)، يانچۇقىمىزنى (تېلېفون) بىكار قويمىدى. ئاندىن ھەربىرىدىن مۇلازىمەت ھەققى ئېلىپ پۇل تاپساق دەپ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 22:51
  • vb.net دا پىروگرامما يازغىلى بولامدىغاندۇ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:34
  • تور كارتىسى قوللامدىغاندۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:24
    • تور كارتىسىنى؟؟ راستتىنلا چۈشەنمىدىم. سىمسىز تور سىگىنالى ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان تور كارتىسى بار ئىچىدە يەنى WiFi غا ئۇلىنالايدۇ دەپتىغۇ. بولمىسا ئاۋۇلار سوۋغا قىلغان بۇلۇت بوشلۇقىنى قانداق ئىشلىتىمىز؟ بولمىسا ئاۋۇ بۇلۇت مۇلازىمىتى Office 365 نى قانداق ئىشلىتىمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 22:48
  • 569 سوملىقىمۇ تۇرىدۇ بەك ئەرزانچىلىقكەن
    569 سوملىقىمۇ windows10 غاكۆتۈرگىلى بۇلامۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:09
  • ئۇنداق بولسا، مەن دەرھال بىرنى سېتىۋالايچۇ…
    ئالىمجان مۇئەللىم، سىز ئەۋەتىپ بېرەلەمسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:22
    • بىۋاسىتە ئالسڭىز، ئاقسۇ قاراتالغا بارىدىغۇ دەيمەن، ئەگەر بارمايدۇ دېسە مەن ئاپتوبۇستىن ماڭدۇرۇپ بېرەي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:31
  • نىمانداق ياخشى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:20
  • ھەجەپ ياخشى ئىش بولۇپتۇ. مەنمۇ بىرنى سىتىۋىلىپ ئىشلىتەي ئەمدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:06
  • نېمە دىگەن ياخشى ھە! مەندەك نامراتلارمۇ كومپىيۇتېر ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇقتە. دەرھال سىۋىۋالاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:02
باھا بېتى: 1 2 3 8