نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (بۇلۇت) يېڭى نەشرى پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ

[ IT خەۋەرلىرى ]

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىر نەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا ئىشلەنگەن بولۇپ، كوررېكتورلۇق ئامبىرىغا يەنە نۇرغۇن يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى (شەخسلەر) يېڭى نەشرى بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، 2014-يىلى 12-ئاي ئىچىدە ئېلان قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، بۇ يۇمشاق دېتال ئىنتېرنېتكە ئۇلانغان Windows مۇھىتىدىكى كومپيۇتېردا ئىشلەيدۇ، بۇ دېتالنى توردىن چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرسوفت ھېساباتى ئىلتىماس قىلغان دەسلەپكى 1000 خېرىدارلار ھەقسىز ئىشلىتەلەيدۇ. ھەر قېتىم مۇشۇ ھېسابات (ئىشلەتكۈچى نامى ۋە پارول) بىلەن تىزىملاپ كىرىدۇ. ھەربىر ئىشلەتكۈچى يېڭى سۆزلەرنى ئۆز ئالدىغا ساقلاپ، ئۆز دائىرىسى ئىچىدە خالىغانچە ئىشلىتەلەيدۇ. بۇنداق سۆزلەرنىڭ سانى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، قەرەللىك تەستىقلىنىپ ئاساسىي ئامبارغا قوشۇلىدۇ، باشقا ئىشلەتكۈچىلەر ئورتاق پايدىلىنالايدۇ.

كوررېكتورلۇق زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەقلىي ئەمگەك بولۇپ، بۇنداق جاپالىق خىزمەت ئەمدى بولسىمۇ ئاپتوماتلاشسۇن، ئىش ئۈنۈمى ئاشسۇن، پېشقەدەم كوررېكتورلارنى ئاسرايلى، تور بېكەتلەردىكى ئىملا خاتالىقى ئەمدى بولسىمۇ ئازايسۇن، ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئىملاسى توغرا ۋە راۋان بولسۇن. ھەممىمىز ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى پىششىق ئۆگىنەيلى.

ئۇنداق بولسا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، بۇ يۇمشاق دېتالنى كۆرۈپ بېقىڭلار، چۈشەندۈرۈشلەرنى ئالدىرىماي يازاي.

===========================================
USPELL-0
(1) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-1
(2) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-4
(3) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-3
(4) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-5
(5) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-6
(6) ئەمەلىي مىسال ئۈچۈن ئىزدىنىش تور بېكىتىدىن ئەڭ يېڭى تېمىدىن بىرنى كۆچۈرەيلى
===========================================
USPELL-7
(7) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا چاپلايلى
===========================================
USPELL-9
(8) ئىملا تەكشۈرۈش نەتىجىسى يۇقىرىقىدەك بولۇپ، نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدا مەسىلە بار ئىكەن. قىزىل رەڭدە بويالغانلىرى ئىملاسى گۇمانلىق بولۇپ، ئىملا ئامبىرىغا كىرمىگەن سۆزنى كۆرسىتىدۇ، يېشىل رەڭدە بويالغانلىرى ئىملاسىدا دائىم خاتالىشىدىغان سۆزنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ.
===========================================
USPELL-8
(9) ئىملا تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ مەزمۇننىڭ توغرىلىقى %81.25 بولۇپ، گۇمانلىق سۆزلەر %18.75، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدىغان سۆز %38.89 ئىكەن، يەنى %38 خىزمەتنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك بېجىرىدۇ.
===========================================
USPELL-10
(10) ئۇنداق بولسا ئىملا توغرىلاپ باقايلى
===========================================
USPELL-11
(11) «توغرىلاش»نى باسسىڭىز، ئەسلىي سۆزنى نامزات سۆز «ئۇسۇلىنىڭ»غا ئۆزگەرتىدۇ.
===========================================
USPELL-12
(12) «ئاپتوماتىك لۇغەتكە قوشۇش»نى باسسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق ماقالىلەردە ئەسلىي سۆز «شېركەتلەرنىڭ»نى كۆرگەن ھامان «شىركەتلەرنىڭ»گە ئالماشتۇرىدۇ، ھازىرقىدەك توختاپ سىزگە نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ يۈرمەيدۇ، ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش ئۈنۈمى ئېشىپ بارىدۇ.
===========================================
USPELL-13
(13) «ئۆتكۈزۈش»نى باسسىڭىز، بۇ سۆزنى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، ئەمما كېيىنكى قېتىم بۇ سۆزنى ئۇچراتسا يەنە توختاپ نامزات سۆزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
===========================================
USPELL-14
(14) «ھەممىنى توغرىلاش»نى باسسىڭىز بۇ سۆزنى توغرىلايدۇ ھەمدە مۇشۇ ماقالىدە بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق سۆزنى كۆرسە، ئاپتوماتىك توغرىلايدۇ، سىستېمىدىن چېكىنىپ قايتا كىرسىڭىز، بۇنداق ئۆزگەرتىش ئەمەلدىن قالىدۇ.
===========================================
USPELL-16
(15) «ئاپتوماتىك لۇغەتكە قوشۇش»نى باسسىڭىز، بۇ سۆزنى توغرىلايدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق سۆزنى كۆرسە، ئاپتوماتىك توغرىلايدۇ، سىستېمىدىن چېكىنىپ قايتا كىرسىڭىزمۇ بۇنداق ئۆزگەرتىش ئەمەلدىن قالمايدۇ.
===========================================
USPELL-17
(16) «ھەممىنى توغرىلاش»نى باسسىڭىز، مۇشۇ بىر ماقالە ئىچىدە بۇنداق سۆزلەرنى داۋاملىق توغرىسىغا ئۆزگەرتىپ ماڭىدۇ، قايتا-قايتا توختاپ سىزگە نامزات سۆز تەۋىسيە قىلمايدۇ
===========================================
USPELL-18
(17) «توغرىلاش»نى باسسىڭىز، ئەسلىي سۆزنى تاللانغان نامزات سۆزگە ئۆزگەرتىدۇ.
===========================================
USPELL-19
(18) مائۇس ئىسترېلكىسىنى يېشىل رەڭدە بويالغان سۆزنىڭ ئۈستىگە يۆتكەپ، سول كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى %100 ئاپتوماتىك توغرىلاپ، كۆڭ رەڭگە ئۆزگەرتىدۇ. كوررېكتورلۇق قىلغاندا خۇددى ئويۇن ئوينىغاندەكلا ھېس قىلىسىز.
===========================================
USPELL-20
(19) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-22
(20) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-23
(21) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-24
(22) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-25
(23) ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارىنى كۆرۈپ باقايلى
===========================================
USPELL-26
(24) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-27
(25) كۆك رەڭدە بويالغان سۆزلەر پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلانغان سۆز.
===========================================
USPELL-28
(26) سېرىق رەڭدە بويالغان بۇ يەردىكى تىنىش بەلگىلەردە مەسىلە بار ئىكەن، بوش ئورۇندىن كېيىن تىنىش بەلگىسى كەلمەيدۇ
===========================================
USPELL-29
(27) تىنىش بەلگىلەردىكى بۇنداق خاتالىقلارنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ. قېنى كۆرۈپ باقايلى
===========================================
USPELL-30
(28) يېشىل رەڭدە بويالغان جايدىكى تىنىش بەلگىلەر پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلاندى.
===========================================
USPELL-31
(29) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-32
(30) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-33
(31) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-34
(32) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
95 پارچە باھا يېزىلدى
  • رەخمەت، قانداق تېزىملىتىمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 09:00
  • ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت ئالىم مۇئەللىم. يۇمشاق دېتال ساھەسىدە توختىماي ئىزدىنىپ، كۆپلىگەن ئەمگەك مىۋىڭىزنى خەلقىمىزگە سۇنۇۋاتىسىز. ئەجرىڭىزنى خەلقىمىز ھەرگىزمۇ ئۇنۇتمايدۇ. مەن بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ بىرنەچچە پىشقەدەم يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەقسىز تەھرىرلەپ بېرىۋاتىمەن. تەھرىرلىك خىزمىتى ھەقىقەتەن جاپالىق. مەنمۇ مۇشۇنداق بىر تەھرىرلەش دېتالىغا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 22:41
  • ئەجرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت!
    مەنمۇ بىرنەچچە پىشقەدەم يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەقسىز تەھرىرلەپ بېرىۋاتىمەن. ئىملادىكى خاتالىقلارنى ئوڭشاش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر دېتالغا بەكلا موھتاج ئىدىم. بۇ ئارزۇيۇممۇ سىزنىڭ ئەجرىڭىز بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئوخشايدۇ. سىزنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەت سەپىرىڭىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 22:31
  • رەھمەت ئالىم مۇئەللىم، پۇرسەت بولسا دەرسىڭىزنى ئاڭلاشقا تەشنامەن. مۇمكىن بولسا تېخنىكىلق ماقالىلەرنى كۆپرەك يېزىپ ئۆز بىلوگىڭىزدىلا ئەمەس ئىلىم-پەن ئىلمىي ژورناللىرىدا ئېلان قىلىپ تۇرسىڭىز بىزدەك ئىزدەنگۈچىلەرگە سىتاتا مەنبەسى بولۇپ قالاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 18:38
  • ۋاھ ماۋۇ بولدىكەنغۇ.
    بىر مۇمكىن بولسا سىناق قىلىپ كۈرۈپ باققان بولسام بوپتىكەن ھەي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 15:16
  • ئالمجان مۇئەللىم بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ. بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ يەككە نۇسىقىسى ( يەنى تورىغا ئۇلىمايمۇ ئىشلەتكىلى بولدىغنى بولسا ياخشى بولاتتى. چۈنكى مەن سوت مەھكىمىسىدە ئىشلەيمەن. بىزنىڭ كومپىيۇتىرلار ئادەتتە ئىچىكى تور ھالىتىدە ئىشلەيدۇ. بۇ يۇمشاق دىتال قانۇن ھۆججەتلەرنىڭ سۈپتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مىنىڭىچە ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە بىر كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز… رەخمەت. ئاخىردا ئىشلىرىىڭىزغا تىغىمۇ ئۇتۇق، تىنىڭىزغا سالامەتلىك تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 14:52
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
      مەن بۇنى شەخسلەر ئۈچۈن ياساپ چىقتىم، ناۋادا سىلەرنىڭ قانۇن ئورگانلىرى ئېھتىياجلىق بولسا بىزنىڭ يەنە ماقالە سىستېمىمىز بار، سىلەرنىڭ ئىشلىتىشىڭلارغىمۇ ماس كېلىدۇ، بۇنىڭدىمۇ كوررېكتورلۇق ئىقتىدارى سەپلەنگەن، ئىدارىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقساڭلار بىز ئورنىتىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ. تەكلىپ-پىكىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 19:03
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، سىلىنىڭ ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىقىغا قوشقان تۆھپىللىرى ھەقىقەتەن زور بولىۋاتىدۇ. ئالدى بىلەن تەنلىرىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا بەرىكەت ھەم ئائىلىلىرىگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
    سىلىدىن سورايدىغان بىر نەچچە سۇئالىم بارئىدى، ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇراي.
    مەن بۇيىل شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كومپىيوتېر تىلشۇناسلىقى (少数民族计算语言学) كەسپى بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغانىدىم، كومپىيوتېردا پىروگرامما تۈزۈشكە شۇنداق قىزىقىمەن،C#تىلى بويىچە ئازراق ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگەللىدىم لېكىن بەزى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يەنىلا خام. ئەمدى گېپىمنىڭ نەق يېرىنى دېسەم ئۈچ ئاي بولدى ئوقۇش باشلىغىلى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىمىز بەرگەن سۆز جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلىپ يۈرۈپتىمىز،لېكىن تېخى كەسىپ توغرىلىق ئېنىق بىر چۈشەنچىنى بىلەلمەي يۈرۈپتىمەن. قارىسام سىلىنىڭ ئۇيغۇرتىلىدىكى 22 مىليون سۆزلۈك، بىر ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىدىن كۆرگەن ئۇيغۇرتىلىدىكى پېئىللارنىڭ 5040 خىل تۈرلىنىشى قاتارلىق ماقالىللىرىدە مۇشۇ ساھە توغرىلىق ئازراق گەپ-سۆزلەر بولۇنۇپتىكەن،شۇڭا سىلىدىن سوراپ باقسام بۇ كەسىپ (كومپىيوتېر تىلشۇناسلىقى ) كەسىپى ئاساسلىقى نېمىنى تەتقىقات ئوبىيكتى قىلىدۇ ؟ ئاخىرقى تەتقىقات نەتىجىسى نېمىگە ئىشلىنىدۇ ؟
    يەنە بىر سۇئالىم سىلى ئۆتكەندە بىر ماقالىلىرىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئاجىزلىشىش ۋە چۈشۈپ(قوشۇلۇپ) قېلىش ئەھۋالىنى ئادەتتە كومپىيوتېردا قايسى ئۇسۇل ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلساق ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ ؟ تەلىملىرىگە تەشنامەن.
    ئاۋارە قىلدىم، رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 22:03
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
      كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى كومپيۇتېر ئارقىلىق (پىروگرامما يېزىپ) تىلدىكى قانۇنىيەتلەرنى بايقايدۇ (ھېسابلايدۇ)، ئاخىرقى تەتقىقات نەتىجىسىنى شۇ تىلنىڭ قائىدە قاۇنىيەتلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: بەزى قوشۇمچىنى سۈپەت قوشۇمچىسى دەپ ئېلان قىلدى، ئەمما بۇ بارلىق سۈپەتلەرگە ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا بۇنى سۈپەتنىڭ قوشۇمچىلىرىدىن چىقىرىپ تاشلاش كېرەك. ئىلگىرى كومپيۇتېر يوق زاماندا تىلشۇناسلىرىمىز ھېسسىي تۇيغۇ ئارقىلىق ياكى 50-60 سۆزنى تۈرلەپ بېقىپ بەزى قانۇنىيەتلەرنى بېكىتكەن ئىدى، ئەمما بۇنى نەچچە مىليون سۆزلۈك ئىچىدىن ھېسابلاپ كۆرگەندە بەزى قانۇنىيەتلەرگە ماس كەلمىدى، شۇڭا بۇلارغا ياماق سېلىش زۆرۈر.
      ئاۋۋال تىلشۇناسلىق نەزەرىيىسىنى پۇختا ئۆگەنسىڭىز ئاندىن ئاۋۇ سىز دېگەن نەرسىنى كومپيۇتېردا قىلالايسىز. شۇڭا ئاۋۋال ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇشىڭىز كېرەك، ئاندىن مەلۇم كومپيۇتېر پىروگرامما لايىھەلەش تىلىغا پۇختا بولۇشىڭىز كېرەك، بىرەرسىگە چالا بولۇپ قالسىڭىز قىينىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 17:21
  • ئۇيغۇر سۇفىت شىركىتىدىكى باركىق ئىشچى-خىزنەتچىلەرگە بۇلۇپمۇ ئالىم مۇئەللىمگە ئاپىرىن،

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى am 09:53
  • مۇئەللىم ئۇقۇغۇچىلىرىغا ئىتۋار قىلىپ ئالدىن سان بەرمەملا ؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:39
  • http://bbs.izdinix.com/thread-61220-1-1.html
    ئالىم مۇئەللىم بۇ OCR مۇ ئەمەسمۇ ?؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 14:23
  • ھازىر Word 2013 ۋە ئۇنىڭ ئىلگىركى نەشىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە خەتلەرنىڭ (ياكى داڭلىق بولغان باشقا بىرقانچە تىللارنىڭ) ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغىرلاش ئىقتىدارى بار (ئىملاسى گۇمانلىق سۆزلەرنىڭ ئاستىغا قىزىل سىزىق سىزىلىدىغان، تۈزىتىش – تۈزەتمەسلىكنى بىزدىن سورايدىغان ھىلىقى ئىقتىدار شۇ ). مەن ئويلايمەن، ئەگەر مۇمكىن بولسا، Office2013 دىن كىيىن چىقىدىغان Word قا بىۋاستە ئۇيغۇرچە تەھرىرلىگۈچ قىتىۋىتىلسە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخى خاراكتىرلىك چوڭ ئىش بولاتتى.
    شۇڭا، ئالىم مۇئەللىم قانداق قارايدىكىن بۇ ئىشقا. مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ كىلەر قىتىمقى windows10 مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىشلىرىنى قىلىدىغان چاغدا، windows10 بىلەن تەڭ ئىلان قىلىندىغان Office2013 دىن كىيىن چىقىدىغان يېڭى نەشىردىكى Word قا ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرگۈچ قىتىۋىتىلسە بەك ياخشى بولاتتى. مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق ئالىم مۇئەللىم بىر كۈچەپ قويسا دىگەن ئۈمۈدتىمەن. رەھمەت.
    مىنىڭچە ئالىم مۇئەللىم ھازىر ئۆزىدە بار بولغان ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرىدىغان سۆزلۈك ئامبىرى ئارقىلىق يۇقارقى ئىشنى %100 ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 16:43
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم، تور لۇغىتىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۆزلۈك ئامبىرىنى كۆپەيتىپ، توردا ھەقلىق ئېچىۋېتىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ مەسىلەن يىللىق ئىشلىتىش ھەققى ئېلىش دېگەندەك، ئەگەر شۇنداق بولسا لۇغەت ئىشلىتىشتە ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايتتۇق.
    تور بەت كوررېكتورىنىڭ بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 01:44
  • بەك ياخشى ئىش بوپتۇ ، بۇ دېتالننى ھەقلىق بولسىمۇ تور بېكەتلەرگە تەمىنلىسە بولىدۇ ، زادى توربەت نۇسقىسىدېكى كوررېكتور قالغانتى …..

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:40
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ تىمىنى كۆرۈپ بەك سۆيۈندۈم ، مىنىڭ ئې بىلەن ئى نى ئانچە پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بىر ناچار ئادىتىم بار ،بولسا نۇرقۇتتەك مۇنبەرلەردە سىناق قىلىپ ئىملا قىستۇرمىسى تارقىتىلسا ئىملانى ئاستا ئاستا تۈزىۋالاركەنمىز .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى am 10:14
    • مەنمۇ ئۇلارغا ھەقسىز ئېغىز ئېچىپ بېرىشنى خالايمەن، ئۇلار ئاۋۋال بىرنەرسە دېمىسە مەن ئۇلارغا بۇ نەرسىنى زورلىسام بولماس دەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 15:37
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، بۇ تېمىنى كۆرۈپ بەك سۆيۈندۈم، ھازىر نۇرقۇت تورىدا مۇشۇ توغرىسىدا مۇنازىرە بولىۋاتىدۇ، ئەگەر مۇمكىن بولسا بىرلىكتە تىرىشىپ مۇنبەر ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سېستىمىلارغا ئىملا تەكشۈرەش قىستۇرمىسىنى ئېچىپ ھەقسىز تارقاتقان بولسا ياخشى بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 20:54