ئۇيغۇرسوفت تور دەرسخانىسىدا (سىناق) دەرس سۆزلەندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت تور دەرسخانىسىدا (سىناق) دەرس سۆزلەندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى (دۈشەنبە) ئۇيغۇرسوفت تور دەرسخانىسىدا (سىناق) دەرس سۆزلەندى، 61 ئوقۇغۇچى قاتناشتى. ئەسلىدىكى پىلاندا 30 مىنۇت سىناق دەرس سۆزلەپ تور دەرسخانىسى مۇھىتى بىلەن تونۇشۇش ئىدى، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن 2 سائەت داۋاملاشتى. دەسلەپتە 4 تامنىڭ ئىچىدە دەرس سۆزلىگەندەك ھېسياتقا كېلىپ قالغان ئىدىم، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزەمنىڭ دەرس سۆزلەۋاتقانلىقىمنى بىلدىم، تور دەرسخانىسى(يۇمشاق دېتالى)مۇ دەسلەپكى سىناقتىن ئۆتتى، ئوقۇغۇچىلار ھەرۋاقىت مەندىن سوئال سورىيالايدىكەن، باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاڭلاپ تۇرىدىكەن، ھەممىمىز كامېرا ياكى مىكروفوننى تەڭ ئېچىۋالساق سىن سۈرئىتىگە تەسىرى بولىدىكەن، ئەمما بىرنەچچە ئوقۇغۇچى ئارىلاش سوئال سورىغاندا ھېچقانداق تەسىرى بولمىدى. توردا دەرس سۆزلەشنىڭ تەلىپىگە يېتىدىكەن.
ئەگەر بىرنەرسە يازماقچى بولساڭلار، ئالدىنقى تېمىغا يېزىڭلار
==================== تۆۋەندىكىسى كونا ئۇچۇر، كۆرمەڭ =======================
ئۇيغۇرسوفت تور دەرسخانىسى بۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:00 دە سىناق قىلىنىدۇ. تىزىملاتقان ۋە تىزىملاتمىغان تورداشلارنىڭ قاتنىشىپ بېقىشىنى قارشى ئالىمەن. ھېچقانداق مەخپىي نومۇر تەلەپ قىلمايدۇ.

ئادرېسى: http://www.cr.cm/ysxgdu

كومپيۇتېرىڭىزدا توردا دەرس ئاڭلاش يۇمشاق دېتالى قاچىلانمىغان بولسا، بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
http://dl-4.cloudroom.com/Update/1.11.8/Win32_setup/CLOUDROOMMeeting_1.11.8.exe

resim

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
46 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئەمما لىكىن ساۋاقداشلار مەن بەك ھاياجانلىنىپ بەك خوشال بولدۇم جۇمۇ سىلە ئوخشاش ! كۈتكۈن مېنۇتلار ئاخىرى كەلدى !

    مۇئەللىم دەرسنى رەسمى قاچان باشلايمىز !

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى am 10:06
  • تىر قېتىم كەچتە بىر قېتىم سىناققا قاتناشتىم ، ئالىم مۇئەللىم دەرىسنى راستىنلا چۈشىنىشلىك سۆزلەيدىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى am 04:32
    • ئۆزىرە ،،،،، خەت خاتا چىقىپ قاپتۇ
      تۈنۈگۈن چۈشتە بىر قېتىم كەچتە بىر قېتىم سىناققا قاتناشتىم ، ئالىم مۇئەللىم دەرىسنى راستىنلا چۈشىنىشلىك سۆزلەيدىكەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى am 04:33
  • دەرسلىك ناھايىتى ياخشى بولدى، قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئاۋازنى قانداق تاقىۋېتىشنى بىلمەيقالدىمۇ بىلمىدىم، تۇلا ئارلاش ئاۋاز چىقىرىپ قويدى. لىكىن كىيىن بۇ ئىشلارمۇ رەتكە چۈشۈپ كەتتى.
    مەن مۇنداق سېلىشتۇرۇپ باقسام، توردا ئۈتۈلگەن دەرسنىڭ ئۈنىمى سىنىپتا ئولتۇرۇپ دوسكىغا قاراپ ئاڭلىغان دەرستىن ياخشى بولىدىكەن.
    ئىشقىلىپ، بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇ تور دەرىسىگە يۈزلەنسەك ھەقىقەتەن توغرا تاللاش بولىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 22:09
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    بۇگۇنكى دەرس راسلا ياخشى بولدى! دەرسكە تۇلۇق قاتنىشىپ تىرىشىپ ئۇگۇنىمەن! ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنى دەرسلەرنى ياخشى ئۇگەنگىنى نىسىپ قىلسۇن!
    ئالىم مۇئەللىمنىڭ تىنىنىڭ سالامەت، كۈنلىرىنىڭ كۆڭۇللۈك ئۆتۇشىنى ئۇمىد قىلمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 21:53
  • بۈگۈنكى دەرس ناھايتى مۇۋەپىقىيەتلىك بولدى ، ئامال بار دەرسلەرگە تولۇق قاتنىشىپ ، مۇستەققىل پۇراگرامما لاھىلىيىگىدەك سەۋيەگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن …

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 21:22
  • بۇ قېتىملىق سېناق دەرس ھەقىقەتەن ياخشى بولدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 21:07
  • كۇرۇسقا قاتناشقانلار بىر چ چ توپى بۇلۇپ مەسىلنى مۇزاكىرلىشىپ ئۈگەنسەك، مۇئەللىم بۇنىڭغا قانداق قارايدىكىن ؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 21:04
  • دەرس ناھايتى ياخشى بولىۋاتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 19:37
  • دەرھال سىناق دەرىس ئاڭلاشقا ئاتلىناي

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 19:12
  • مەن قاتنىشىپ كۆرۈپ باقاي …

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:48
  • ساقلاپ تۇردۇم ئەمسە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:32
  • تەپسىلاتى بولسا بولاتتى دەرىس ئاڭلاش دىتالىنى تازا چۈشىنەلمىدىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:25
  • مۇئەللىم سېلىنى كۈرۈپ بەك خۇشال بولۇپ كەتتىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:24
  • تىزىملىك نۇمۇرى ، مەخپىي نۇمۇرچۇ مۇئەللىم دەرىس ئاڭلاش دىتالىنىڭ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:22
  • ماقۇل مۇئەللىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:19
باھا بېتى: 1 2