Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقى ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقىنىڭ تېزرەك ئەمەلگە ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ ياكى بېلەت تاشلاڭ.
ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى بەتنى زىيارەت قىلىڭ.
http://windowsphone.uservoice.com
ئاندىن سەل ئاستىغا سۈرۈپ، Please enter your feature suggestion (تەۋسىيەلىك تەكلىپلەرنى كىرگۈزۈڭ) دېگەن جايغا ئىنگلىزچە تەكلىپ يازسىڭىز بولىدۇ. ياكى ئىدىيەيىڭىزنى كىرگۈزۈڭ (Enter your idea here) دېگەن جايغا Uyghur دەپ كىرگۈزۈپ، ئىلگىرى باشقىلار بەرگەن تەكلىپلەرگە بېلەت تاشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىر قېتىمدا كۆپ بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە قوللاش جەھەتتە Microsoft شىركىتى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇپ، Windows نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن باشقا قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ ھەم بۇ جەھەتتە بىزگە (ماڭا) بەرگەن ئېنىق ئىپادىسى بار. ئەمەلىيەتتە Windows Phone ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ھامان قوشىدۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تەكلىپ بېرىشى ۋە بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشنى تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن. بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بۇ يەردە بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
ئىنگلىزچە بىلمىسىڭىزمۇ ماۋۇ رەسىمدىكىدەك جايغا ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ، ئاۋۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىكى Vote 3 نى (يەنى 3 بېلەت تاشلاش)نى بېسىۋەتسىڭىزلا تامام. رەھمەت.
2013-يىل 27-سېنتەبىر
- يازما كۆرۈلۈشى: 76,301 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 09-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 18:03
- ئالدىنقى يازما :بۈگۈن Microsoft Surface 2 ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :Windows 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى
لاسسىدە بولۇپ قاغانتىم تۈنۈگۈن كۆرۈپلا، ئەلۋەتتە ئىش دىگەن ئاستا ئاستا بولىدۇ دە … توختاپ قالمايلى
مۇشۇ بالىلارنى بەزىدە ئۆپكىسى يوقكەن دەپ ئاچچىقىم كەلسە ، بەزىدە بىر قىزغىنلىقنى ۋە ئۈمۈدسىزلىك ئىلكىدىكى بىر توپنىڭ ئۈمۈدكە بولغان ئىنتىلىشىنى كۆرۈپ ، تۇساتتىنلا ئۆزۈمگە ۋە ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ.
قېرىنداشلىرىم ، ئالىم مۇئەللىم« سەۋر قىلايلى » دېگەندىكىن سەۋر قىلايلى! ھېلىمۇ مۇئەللىم كۆپ تىرىشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا :«زادى قوشسۇن ، زادى مۇنداق بولسا بۇلاتتى ، زادى نېمىشقا ئۇنداق بولمايدۇ» دەپ خېجىل قىلمايلى ! ئەگەر مۇئەللىمنىڭچە بولسا ، ئۇ قوللىرىمىزدىكى بارلىق ئۇسكۈنىلەرنى ۋە بارلىق مۇھىتىمىزنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋەتكەن بۇلاتتى. ئەمما ئارمانغا چۈشلۈق دەرمان يوق. بۇ ھېسيات بىلەنلا پۇتىدىغان ئىش ئەمەس. شۇڭا سەۋر قىلايلى ! ھازىرچە مۇئەللىمگە ئامانلىق تىلەش بىلەن بىرگە سەۋر قىلىش بىز قىلالايدىغان ئىش .
ھەممىمىزگە ئامەت يار بولسۇن ! مۇئەللىمنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئەسىلامۇ ئەلەيكوم ئالىم مالىم، تۆنۈگۈن ئالىپ تورىدا مىكروسوفىت قالدۇرغان خەتنى كۆرۈپ كۈڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى(بەك ئاچچىقىم كەلدى)، لىكىن سىزنىڭ ماۋۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ كۈڭلۈم سەل ئەمىن تاپتى،بىز نەچچە ۋاقتىن بىرى كۈچەپ بىلەت تاشلىغان بىزنىڭ بۇنداق چوڭ ئىششىمىز مۇشانداقلا يوققا چىقماس، ئۇزۇن بولدى بۇ تېلفۇننىڭ ئۇيغۇر تېل بۇلىقى ۋە كىرگۈزچىسىنى ساقلاۋاتقىلى، ماۋۇ قۇلۇمىدكى ئاندۇرئىدتىن بەكلا زېرىكتىم، ھە دىسىلا سۈرەت ئاستىلاپ كەتكەن، تازا ئالدىراش ۋاقتلاردا جانغا ئاسقاتمىغان، بولسا ياخشىراق سۆھبەتلىشىپ باقسىڭىز، ھازىر نۇرغۇنلىغان قىرىنداشلىرىمىز سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى تۆت كۆزىمىز بىلەن ساقلاۋاتىمىز،سىزدىن قاچان بىر خەۋەر كىلەركىن دەپ. سۆھبەت نەتىجىسىنى كۆتىمەن، ئاخىرىدا سىزنىڭ تىنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇڭشلۇق، ئائىلىڭىزنىڭ بەخىتلىك بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن.
ئەرەبچە كىرگۈزگۈچ ۋە ئەرەبچە تىل بولىقىنى قوشقىلى تېخى 6 ئاي بولمىدى، سەۋر قىلايلى.
Mobile Guru (Admin, Windows Phone) responded · Feb 19, 2014
Thank you for your suggestions – it’s always great to see such passionate Windows Phone users. Windows Phone currently supports 50 languages, and while we care deeply about all our customers, please understand that we can’t support every language. If and when we do, we will be sure to let you know
ئالىپ تورىدىكى بىرقىسىم تورداشلا يۇقۇردىكى خەۋەرنى قالدۇرۇپتىكەن
كۆڭلۈم بىرقىسما بولغان ئىدى مۇئەللىم سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزنى كۆرۈپ
خاتىرجەم بولدۇم سەۋرقىلايلى!
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەخەت ئاكا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى توختىماي بېلەت تاشلقغان ئىدۇق ! بۇگۇن ئۇنىڭ قالدۇرغان يازمىسىنى كۆرۇپ كۆڭلۇم يېرىم بولۇپ قالدى بەلكىم سىزمۇ كۆسرگەنسىز !! بولسا ئاكا ئۇنىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قايتۇرغان بولسىڭىز !!!! ئاللا خالىسا ئۇيغۇر تىلىمىزنى چوقۇم قاتسۇن !!!! ئاكا ئۇمۇدىمىز سىزدە !!! جاپا چەكتىڭىز رەخمەت سىزگە !!!
ئۇلار جاۋاپ يېزىپتۇ.ئۇلار بىزنى ۋاختىنچە قوللىمايدىكەن.(يىغلاۋاتقان چىراي ئىپادىسى)
شۇنداق، ھازىرغىچە 50 تىلنى قوللايمىز دېدى. ئالدىنقى قېتىمدا 30 تىلنى قوللىغان. Windows دا ئۇيغۇر تىلى 94-ئورۇندا قوشۇلغان ئىدى. سەۋر قىلايلى، ھامان بولىدۇ.
add uyghur language for wp8
دىگەنگە تاشلىماي ،100نەچچە مىڭ بىلەتنى ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى ۇچۇن تاشلاپتۇق…
ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇشقا تاشلايلى
add uyghur language for wp8
دىگەن شۇ
ۈبۈب
سۆھبەت دىمەك -نەتىجىنىڭ يېرىمىدۇر ، ئىش ئۆملۈكتە ، كۈچ بىرلىكتە دىگەن مۇشۇ . بىزنىڭ قىزغىنلىقىمىز مىكروسوفىتىتىلەرنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ . بىزنىڭ قىزغىنلىقىمىز ۋۇىندۇۋۇسفۇن تارىخىدا رىكورىت بولۇپ قالىدىغان بولدى . ياشىسۇن بىرلىك !
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم , ئالىم مۇئەللىم , ۋىندوۋس فونغا ئۇيغۇرچە تىل,قوشىدىغاننىڭ بىرەر شەپىسى باردەكمۇ يا؟ ئادەم سەت تەقەززا بۇپ,كەتتى دەيمە , ۋىندوۋس فوننىڭ 8.1نەشىر چىقىشقا ئارانلا بىر ئاي قالدى . ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلسا بۇلاتتى .
ئۇزۇنغا قالماي جاۋابىنى بېرىمەن، ھازىر سۆھبەتلىشىۋاتىمىز
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەخەت ئاكا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى توختىماي بېلەت تاشلقغان ئىدۇق ! بۇگۇن ئۇنىڭ قالدۇرغان يازمىسىنى كۆرۇپ كۆڭلۇم يېرىم بولۇپ قالدى بەلكىم سىزمۇ كۆسرگەنسىز !! بولسا ئاكا ئۇنىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قايتۇرغان بولسىڭىز !!!! ئاللا خالىسا ئۇيغۇر تىلىمىزنى چوقۇم قاتسۇن !!!! ئاكا ئۇمۇدىمىز سىزدە !!! جاپا چەكتىڭىز رەخمەت سىزگە !!!
شۇنداق، بۇ ئىشتىن خەۋىرىم بار، ئەڭ مۇھىمى ئۇلار بۇ قىزغىنلىقنى كۆردى. دۈشەنبە ئەتىگەندە Windows ۋە Windows Phone خەلقئارا بۆلۈمىدىن كەلگەن يەنە بىر خەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئىنتايىن مۇھىم سوئاللارنى سوراپتۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىر سوئاللىرىغا راستچىللىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىدىم. ھازىر Windows Phone 8 نى 8.1 (كىچىك) يېڭىلاش باسقۇچىدا، ھەرگىزمۇ چوڭ يېڭىلاشقا كىرمەيدىكەن. لېكىن ماڭا تېخى ئېنىق ئۇقتۇرۇش قىلمىدى، بۇ ھامان بولىدىغان ئىش. شۇڭا سەۋر قىلايلى.
Manda symbaian sestemlik telpun bar ,wp sestemlik telpun yok ,xundaktemu 3 tal belat taxliedem ,aran tasta hah yalwurup ,oyda tor yokte uyghurqa qeksela alla halsa qukum brne aliman ,wei xin ,qq da yatkuzup kuyay degan xu hatlarne kesep rasemga aylandurup koysagla ,ana telemiznig gullinixene arzu kilman qq710470122
ئۇيغۇرچىلا بولسا باشقا كونا نۇسخىدىكى windows phone يانفۇنلارغا يېڭى ئۇيغۇرچە سېستىمىنى يىزىش مودا بۇلۇپ قالامدۇ نىمە ؟
مەن ئۈلەي لا دىدىم تىر شايلى دوسلا ئۇندىدار لادا تارقىتايلى
ئانا تىلىمىزنى تىزرەك قوشسا بولاتتى.ھىلىمۇ ئېسىمدە 2006-يىلى ئانا تىلىمىز ۋىن يەتتىگە كىرگۈزۈلدى دەپ توردا ئېلان قىلىنغاندا خوشلۇقتىن يىغلاپ سالغان ئىدىم. يەتتە يىل بولدى ئۇنداق قىلماڭلار؟بىزمۇ ئانا تىلنىڭ ئىنسانغا بىردىغان ھوزۇرىدىن بەھىرلىنىپ باقايلى.
ئاز قالدى، سەۋر قىلايلى.
ئالىم مۇئەللىم , ئۇلارنىڭ بىلەت تاشلايدىغان بەتنى ئۆزگەرتىۋېتىشتە زادى نىمە مەقسىتى بار بولغىيتى . ئادەم ئويلىسا نۇرغۇن ئېھتىماللىق بار ئىكەن , بۇ ئۇلارنىڭ بۇ تۈرگە تاشلىغان بېلىتىڭ يېتەرلىك بولدى دىگىنىمۇ ياكى ئانا تىلىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا تۈرگىمۇ قاراپ قوي دەپ ئەسكەرتىش بەرگىنىمۇ ؟