Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقى ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقىنىڭ تېزرەك ئەمەلگە ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ ياكى بېلەت تاشلاڭ.
ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى بەتنى زىيارەت قىلىڭ.
http://windowsphone.uservoice.com
ئاندىن سەل ئاستىغا سۈرۈپ، Please enter your feature suggestion (تەۋسىيەلىك تەكلىپلەرنى كىرگۈزۈڭ) دېگەن جايغا ئىنگلىزچە تەكلىپ يازسىڭىز بولىدۇ. ياكى ئىدىيەيىڭىزنى كىرگۈزۈڭ (Enter your idea here) دېگەن جايغا Uyghur دەپ كىرگۈزۈپ، ئىلگىرى باشقىلار بەرگەن تەكلىپلەرگە بېلەت تاشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىر قېتىمدا كۆپ بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە قوللاش جەھەتتە Microsoft شىركىتى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇپ، Windows نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن باشقا قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ ھەم بۇ جەھەتتە بىزگە (ماڭا) بەرگەن ئېنىق ئىپادىسى بار. ئەمەلىيەتتە Windows Phone ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ھامان قوشىدۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تەكلىپ بېرىشى ۋە بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشنى تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن. بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بۇ يەردە بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
ئىنگلىزچە بىلمىسىڭىزمۇ ماۋۇ رەسىمدىكىدەك جايغا ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ، ئاۋۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىكى Vote 3 نى (يەنى 3 بېلەت تاشلاش)نى بېسىۋەتسىڭىزلا تامام. رەھمەت.
2013-يىل 27-سېنتەبىر
- يازما كۆرۈلۈشى: 76,303 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 09-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 18:03
- ئالدىنقى يازما :بۈگۈن Microsoft Surface 2 ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :Windows 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى
We need to Uighur language input methodدەپ پىكىر يوللاپ قويدۇم،گوگولغا خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلدۇرغان، گىرامماتىكىسى توغرىمۇ بىلمىدىم،لىكىن مەنىسىنى چۈشەنمىسە مىكروسوفتتىن ھەيدىۋەتسە بولىدۇ.
بۇ كۈن ئـاخىرى يېتىپ كەلدى، مېنىڭ قولۇمدا ئاندورىيد يانفونى بار ئېدى نوكىيا لۇمىيا 920 چىققاندا شۇنىڭغا كۆزۈم چۈشۈپ ئابدورىيد يانفونۇمنى سېتۋەتكەن ئەمدى پۇلنىڭ بارىدا ئاشۇ تېلفۇننى سېتىۋالغاچ تۇراې ئەتە كومپيۇتېرنى ئاچقاندا بېلەت تاشلاي چ چ ئۈندىدارلارغا تارقتۋىتەي
قارىسام ئۆزبەك ، تاتار، قىرغىزلارنىڭ بۇرۇنلا چىقىپ بوپتۇ، كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇ قالىدۇ بىزنىڭكى تىلمىزنىڭ چىقمىغانلىقىدىن، كۈندە تورغا چىقسام تەكشۈردىغان ئىشىم مۇشۇ office نىڭ تىل بولىقىنى تەكشۈرۈش، سىزنىڭ شىركىتىڭىز قىلغان بولسا بوپتىكەن دەپمۇ قالىمەن بەزىدە، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلىرىمىز قىلغاندىكىن كىم قىلسا ئوخشاش، لېكىن قاچان چىقار دەپ بەكلا تەلمۈرۈپ كەتتىم بۇ تىل بولىقىغا……….
شۇنداق، Office نىڭ ئۇيغۇرچىدىن باشقا بارلىق يېڭىدىن قوشۇلغان تىل بولىقى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىدى، ئۆز ۋاقتىدا يەنە 2012-يىلى 3-ئايدا بىزگە خېلە تېڭىپ باقتى، ئۇ چاغدا بىز Microsoft تور بېكىتىدە 100 ئاتالغۇلار پىكىر ئېلىۋاتقان چاغ ئىدى، كېيىن Windows نىڭ ھەسسىلەپ خىزمەت مىقدارى سەۋەبىدىن ھازىرچە يېتىشىپ بولالمايمىز، ئالدى بىلەن Windows نى سۈپەتلىك تاماملاشقا تىرىشايلى دەپ سەۋەب كۆرسەتتۇق، office نىڭ سۈپەت تەكشۈرۈشنى پات يېقىندا قىلدى، ئۇلار دېگەن سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتسىلا مېنىڭچە يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشىدىن ئۈمىد بار. ئۇ گۇرۇپپىدىكى بالىلارمۇ مېنىڭچە سۈپەتلىك تاماملايدۇ، ئاز قالدى سەۋر قىلىڭ.
ماڭا ئوخشاش ئىكەنسىز
مەن ئۇيغۇر سۆزىگە ماس ئىزدەلگەن تىلفۇنغا ئائىت پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۈچتىن بىلەن تاشلىۋەتتىم… تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن…
ھە راس ئالىم مۇئەللىم، ھېلىقى office نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىچۇ؟ كۈندە ئېچىپ تەكشۈرۈپ كۆزۈم تىشلىپ كىتەي دېدى؟ قاچانلار چىقار تىل بولىقى؟؟؟
مەنممۇ 3 تال بىلەت تاشلىۋەتتىم ئىنگىلىزچە خىتى جىىقراققا تاشلىدىم ھى ھى ھى ئىنگىلىزچە بىلمىگەندىكىن ئامال يوقتە 89 بىلەت چۇشۇپ تىكەن بىرىگە.. ئامما بىر قىتىملام بىلەت تاشلىغىلى بولامدۇ قانداق؟ قايتا تاشلاي دەپ تاشلىيالمىدىم
ئەتىگىچە يەنە 10 نەچچە بېلەت تاشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئىشقىلىپ Uyghu دېگەن خەت بولسىلا تاشلاۋېرىڭ.
مەنمۇ ئۈچ بىلەت تاشلىۋەتتىم…
رەھمەت، بارىكاللا!!
كەتتى بىر بىلەت ..
ئارانما؟تاشلىغاندىنكىن، 3 نى تاشلىماپسىز مانداق.
شۇ 3 كەتتى دىمەكچى . ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىگە 3 دىن بىلەت تاشلىدىم .
مەنمۇ بىر بېلەت تاشلىۋەتتىم. مىكروسوفىت شىركىتى ئۇيغۇر يېزىقىنى ۋىندوس يانفۇنىغا قوشقىدى ئىلاھىم.
دېگىنىڭىز كەلسۇن، Windows قا قوشۇلۇشقا نېسىپ ئەتكەن بۇ تىلىمىزنى ئەمدى ھامان Windows Phone غىمۇ قوشىدۇ، بولسا دوستلىرىڭىزغىمۇ تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ، ناۋادا بېلەت سانى 50 مىڭدىن ئاشسا، ئېنىقلا بالدۇر ئويلىشىدۇ.
مەن بىرىنجى بولۇپ قولايمەن ، مەن نەچچە ۋاقتىن بېرى شۇنى خىيال قىلىپ يۈگەن ، ھەم سىز گە دەپ بېقىشنى ئويلىغان ،يەنە مەن سىزنىڭ 离散数学دەرسىڭىز گە بەك ئامراق ، زېھنىنى ئاچىدىغان دەرىسكەن
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم! بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، مەنمۇ بىلەت تاشلىۋەتتىم. ئەمدى ھەممىمىز تەشۋېق قىلساق بولغۇدەك، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەت تاشلىسا…
****************
ئالىم مۇئەللىم، مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئالىم بار ئىدى. ۋېندوۋس سەككىزگە ئەپ ئاچقاندىن كىيىن بىۋاستە ئەپ دۇكىنىغا يوللىماي يەرلىكتە قاچىلاش بولىقى ھاسىللاپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ مەسىلەن: مەن بىر ئەپنى تاماملىغان، بىراق ئۇنى ئەپ دۇكىنىغا يوللىغۇدەك سەۋىيەگە يەتكۈزەلمىدىم، ئەمما ۋاقتىنچە باشقىلارغا تەمىنلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىگە ئىرىشش دېگەندەك! بولاقلاش ئېلىپ بارغاندا «بىۋاستە ئەپ دۇكىنىغا چىقىرامسىز ياكى يەرلىكتە ققاچىلاش بولىقى ھاسىللامسىز؟» دەپ تاللاش بار ئىكەن، يەرلىكتە ھاسىللاش دېگەننى تاللاپ، ئوڭۇشلۇق ھاسىللىغاندىن كىيىن قارىسام ھېچبىر قاچىلاش پروگىراممىسى كۆرۈنمەيۋاتىدۇ!
قاچىلاش پىروگىراممىسىنى يېڭىدىن قۇرۇش دېگەن يەرنىڭ ئىچىدىن قىلىسىز.
قاراپ باقسام بىرنەچچە خىل تاللاش باكەن ئەمما جىقراق باللا كونۇپكا تاختىسى ياساشقا بىلەت تاشلاپتۇ )مەن ئاشۇنداق چۈشەندىم( قايسى بولسا بىزگە ئەڭ مەنپەتى تىگىدۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ قويسىلا بولاپتىكەن مۇئەللىم
ھازىرچە بولسىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بەك مۇھىم، ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئەۋەتىشكە بولىدۇ، تور بېكەتلەرنى كۆرگەندە ئۇيغۇرچە يازالايمىز، تىل بولىقىمۇ ھامان بولىدۇ، ھازىرچە 70 نەچچە تىلغا يەتتى، يېڭىدىن قوشۇلغان تىل ئىچىدە ئۆزبېكچە كىرگۈزگۈچ بار. ناۋادا 70 تىن يەنە يېڭىدىن 20 تىل قوشۇلسا ئۇيغۇرچە ئەلۋەتتە شۇ قاتاردا كىرسىمۇ مەيلى، بۇ ھامان بولىدىغان تەرتىپىدىكى ئىشلار. لېكىن تېزرەك بولسا، ھەممىمىزگە ياخشى.
چۇقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، پىكىر يوللايمىز.
ئىگلىزچە يازالمايدىغانلارغا تەكلىپ: گوگل تەرجىمانىدا خەنزۇچە يېزىپ، ئېنگلىزچىگە ئۆرۈپ ئاندىن يوللىسمۇ بولىدۇ.
ماقۇل قوللايمىز !!!بىرىنچى بوپ مەن كەپتىمەن مېنىڭمۇ Windows Phoneيانفۇنى ئىشلەتكۈم كېلىۋاتىدۇ .
دېمەك بۇ ئىشلارغىمۇ ئاز قالدى، بۇ ئىشلارنى قىلىشقا قولۇم كۆكسۈمدە
بىلەت تاشلاش ئۈچۈن ئنگلىزچە بىلش كىرەككەندە،ئەپسۇس مەن بىلمەيمەن.
ئەمما ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ، ئاۋۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىكى Vote 3 نى (يەنى 3 بېلەت تاشلاش)نى بېسىۋەتسىڭىزلا تامام. كۆپرەك ئادەملەرگە تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار.
http://windowsphone.uservoice.com/forums/101801-feature-suggestions/suggestions/3715891-for-wp8-uyghur-uighur-keyboard
مۇشۇ ئەڭ كۆپ نومۇر بولىۋىتىپتۇ،مۇشۇنى ئاساسلىق قىلىپ باشقىلىرىنى قوشۇمچە قىلىپ،توختىماي نومۇر بىرەيلى.
شۇنداق، مۇشۇ بىرسىنى ئاساس قىلىپ تاشلاۋەرسەك بولىدۇ، ھازىر قارار قىلىشقا باشلايدىغان پەيتى. بۇ يىل ئاخىرىغىچە قارار قىلىۋەتسە، كېلەر يىلى بىر گەپ بولار ئىدى، بولمىسا 2015-يىلىغا قالىدىغان گەپ.
تىزىملاتقان مۇنبەر،مىكروبلوگلارگە يوللاپ قويدۇم،بەزىلىرى تەستىقلىمىدى دىسە.مىسرانىم تەستىقلىدى.
قاراپ باقسام 1سائەتتە300بېلەت تاشلاندى،يەنىلا ئاستا ھېس قىلىۋاتىمەن.تېما چۈكۈپ كەتسىلا يەنە ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ.دوسلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ تەشۋىق قىلايلى. ئەنۋەرجان سۇلتاننىڭ مۇشۇ بىر پىكرىنىلا قوللاپ نومۇر قوشىلى.
مىنىڭ ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى ئۈچۈن تەييارلىغان يازمام :
Windows Phone 8 ئېلان قىلىندى
ئادىرىسى : ../?p=1623
ئېپى-جىپىنى بىلىۋالغانلار كۆپرەك تاشلايلى،بىر قىتىم بېلەت تاشلاپ بولغاندىن كىيىن ئوڭ تەرەپ ئۈستىگە توغرا كىلىدىغان يەردىكى«sign in»بىسىپ خالىغان 8خانىلىق سانلىق qqتور خەت ساندۇقى بىلەن تىزىملىتىپ كىرسىڭىز بولىدۇ، بېلەت تاشىلاپ بولغاندىن كىيىن «sign out»نى بىسىپ قايتىپ چىقسىڭىز يەنە بېلەت تاشلىغىلى بولىدۇ،يەنى كىرگەندە بىر قىتىم،چىققاندا بىر قىتىم تاشلىغىلى بولىدۇ، كۈندە 10مىنوت ۋاقىت چىقارسىڭىز خېلى بېلەت بولۇپ قالىدۇ. 3بېلەت تاشلىدىم دىگەن ئاغىنىلەر يەنە تاشلاڭلار،نۇرغۇن دوسلارغا تور ب ئاردىسىنى بەرسەم ئىنگىلىسچىكەن بېشىم قېيىپ كەتتى دەپ ھېچنىمە قىلالمىغانلار بار.قولىمىزدىن كىلدىغانلار قاراپ تۇرمايلى!