Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقى ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقىنىڭ تېزرەك ئەمەلگە ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ ياكى بېلەت تاشلاڭ.
ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى بەتنى زىيارەت قىلىڭ.
http://windowsphone.uservoice.com
ئاندىن سەل ئاستىغا سۈرۈپ، Please enter your feature suggestion (تەۋسىيەلىك تەكلىپلەرنى كىرگۈزۈڭ) دېگەن جايغا ئىنگلىزچە تەكلىپ يازسىڭىز بولىدۇ. ياكى ئىدىيەيىڭىزنى كىرگۈزۈڭ (Enter your idea here) دېگەن جايغا Uyghur دەپ كىرگۈزۈپ، ئىلگىرى باشقىلار بەرگەن تەكلىپلەرگە بېلەت تاشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىر قېتىمدا كۆپ بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە قوللاش جەھەتتە Microsoft شىركىتى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇپ، Windows نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن باشقا قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ ھەم بۇ جەھەتتە بىزگە (ماڭا) بەرگەن ئېنىق ئىپادىسى بار. ئەمەلىيەتتە Windows Phone ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ھامان قوشىدۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تەكلىپ بېرىشى ۋە بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشنى تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن. بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بۇ يەردە بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
ئىنگلىزچە بىلمىسىڭىزمۇ ماۋۇ رەسىمدىكىدەك جايغا ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ، ئاۋۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىكى Vote 3 نى (يەنى 3 بېلەت تاشلاش)نى بېسىۋەتسىڭىزلا تامام. رەھمەت.
2013-يىل 27-سېنتەبىر
- يازما كۆرۈلۈشى: 140,747 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 09-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 18:03
- ئالدىنقى يازما :بۈگۈن Microsoft Surface 2 ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :Windows 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم , مىنىڭچە ئاۋۇ ئەڭ كۆپ بىلەت تاشلانغان تۈر خېلى يېتەرلىك بىلەت سانىغا ئېرىشتى . شۇڭا ئەمدى ئۇيغۇرچە سېستىما تەلەپ قىلىپ ئاشۇ تۈرگىمۇ كۆپرەك بىلەت تاشلاپ قويايلى
دوستلار بۇ ئادرىستىن ئاچساق ئەڭ يۇقىرى بىلەت تاشلانغان تۈر بەت يۈزىدە كۈرۈندىكەن . شۇڭا تەشۋاق قىلغاندا يەنىلا مۇشۇ ئادرىسنى تەشۋىق قىلايلى
http://windowsphone.uservoice.com/forums/101801-feature-suggestions/filters/top
بولسا ماۋۇ ئادىرىسقا تاشلاڭ، بۇرۇنقى پىكىردىن باشقا ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك باشقا پىكىرگىمۇ تاشلىۋىتەيلى، شۇنداق قىلساق ئۇيغۇن بولىدۇ
ئادىرىس مۇشۇ شۇ
http://windowsphone.uservoice.com/forums/101801-feature-suggestions/filters/top?query=uyghur
لىكىن بۇ قېتىم شۇنى تونۇپ يەتتىمكى،تېلفۇندا تورغا چىقىدىغانلار ۋە ئۈندىدار ئوينايدىغانلارغا قىلغان تەشىقات راۋۇرۇس ئۈنىمىنى كۆرسەتتى.
ئەلۋەتتە تاشلاۋىرمىز دە،داۋاملىق تاشلايمىز.
مەيكېرسوفىت ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىنكاسنى ئالدىنقى رەتكە چىقىدىغان قىلىپ قۇيۇپتۇ.ئۇلاربىزگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان ئوخشايدۇ بېلەت تاشلىغاندا بىرسىگىلا تاشلاۋەرمەي ئەڭ جېقى بىلەن قۇشۇپ ئاۋۇ ئۇيغۇرچە خەت بارلىرىغىمۇ تاشلاپ قۇيۇشنى ئۇنۇتمايلى دوستلار،ھىچكىممۇ ئۆز تىلىدىكىسىگە بېلەت تاشلىماي ،يات تىلدىكىسىگە بېلەت تاشلىغاننى نۇرمال دەپ قارىمايدۇ !!!!!!؟؟؟؟؟؟
ئالدىغا چىقىرپ قويغىنى ئەمەس بۇ ، كەينىگە چىقىرىپ قويۇپتۇ دەڭ، ئاۋۇ ھازىر كۆرۈنگەن ئۇيغۇر دەپ خەت بار تەشۋىقاتلار ھەممىسى بىلەت سانى ئەڭ ئازلىرى، بىلەت سانى ئازلىرىنى باشقا چىقىرىپ قويۇپتۇ دەڭ…ئامال بار ماۋۇ ئادىرىسقا كىرىپ بۇرۇنقى پىكىرگە بىلەت تاشلاڭ
http://windowsphone.uservoice.com/forums/101801-feature-suggestions/filters/top?query=uyghur
بۈگۈن مەنمۇ Top ideas دېگەن يەردىن ئۇيغۇرچە ئۈچۈن 3 بىلەت تاشلىۋەتتىم. مانا ئەمىسە، ئۇلار ئۆزگەرتىۋەتسە بىز يەنىلا تاپالايمىز. دۇنيادا بىزدەك ئەقىللىق مىللەت يوق.
ئالىم مۇئەللىم، مۇشۇ سۈرئەت بويچە يەنە تاشلاۋېرەمدۇق ؟ باشقىلار دېگەندەك بەك چەكتىن ئاشۇرۋېتىپ چاتاق چىقمىسۇن يەنە. كىيىنكى قەدەمنى سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىز بۇيچە ئېلىپ بارايلى.
سىز ئەنسىرمەي تاشلاۋىرىڭ… ئۇيغۇرچە دىگەننى تېپىپ تاشلاۋەسىڭىز ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ… بولسا ماۋۇ ئادىرىسقا كىرىپ تاشلاڭ:http://windowsphone.uservoice.com/forums/101801-feature-suggestions/filters/top?query=uyghur
بۇنىڭدا بىلەت يۇقىرىدىن تۈۋەنگە بۇرۇنقىدەك تەرتىپ بويىچە چىقىدۇ، ھەم ئۇيغۇر دەپ خەت بار تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى چىقىدۇ، بولسا تورداشلار مۇشۇ ئادىرىسنى ئۈندىدارغا يوللىۋەتسەڭلار، بۇرۇنقى ئارىسقا كىرىپ باشقىغا بىلەت تاشلاپ چىقىپ كەتمىسۇن، ئەڭ ئاز بىلەت تاشلانغان ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك پىكرگىمۇ ئون نەچچە مىڭ بىلەت تاشلىنىپ كىتىپتۇ، بولسا ئاشۇ كۆپرەك بىلەت تاشلىغانلارغا تاشلايلى، مۇشۇ ئادىرسىنى ئۈنىدارغا يوللاپ قويساڭلار…
مىكروسوفىت راسىت قورقۇپتۇ مانا . ۋىندوۋۇسفۇنغا پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرلاردەك قىزىقىدىغان مىللەت يوقكەن دەپ ھۆكۈم چىقارغاندۇ -ھە !
ھە , ئەسلى مۇنداقكەندە , ئۇنداقتا باشقىلارغا تەشۋىق قىلغاندا ئەڭ كۆپ بىلەت تاشلىغانغا تاشلاشنى ئەسكەرتىپ قويساق بولغۇدەك . بولمىسا بىلەت تاشلىغانلار ئۇقۇشماي ئۇدۇل كەلگىنىگە تاشلاۋەرمىسۇن يەنە….
ئالىم مۇئەللىم . ئەگەر بىلەت تاشلاش سۈرئىتى مۇشۇنداق تېز بولىۋەرسە مىكروسوفىت شىركىتى قالايمىقان بىلەت تاشلاندى دەپ بۇ تۈرنى بىكار قىلىۋەتمەس ھە؟
تور بېكىتىنىمۇ ئۆزگەرتىۋاپتۇ، بىلىپ تاشلاۋاتامدۇ ياكى بىلمەي تاشلاۋاتامدۇ-دەپ؟
بىز ئۇلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويۇپتۇقتە، بۇمۇ بولغىنى، نەچچە ئۆزگەرتىپ قويسىمۇ ئۇيغۇر دېگەن دېگەن سۈيۈملۈك خەتنى بىر قاراپلا تونۇۋالىمىز. تاكى ئۇلار ئۇيغۇرچە يېزىقنى قوشقۇچە تاشلاپ ھارمايمىز.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم , ئالىم مۇئەللىم . ئەگەر بىلەت تاشلاش سۈرئىتى مۇشۇنداق تېز بولىۋەرسە مىكروسوفىت شىركىتى قالايمىقان بىلەت تاشلاندى دەپ بۇ تۈرنى بىكار قىلىۋەتمەس ھە؟تۆۋەنگە سىيرىپ باشقىلار بەرگەن پىكىرلەرگە قاراپ باقسام ئۇلار خېلى كۆپ پىكىرلەرنى رەت قىلىۋېتىپتۇ.
ئالىم مۇئەللىم، تىلفونغا ئۇيغۇرچە قېتىشقا بىلە تاشلاي دەپ كىرسەم بىزنىڭ تاشلىغىنىمىز يوق باشتا، قارىسام ئۇلار ئەڭ ئاز بىلەت تاشلانغان پىكىرنى بىرىنچى بەتتە كۆرسىتىدىغان قىپ قويۇپتۇ تور بەتنى، ئىنىگلىزچە top دىگەن خەتنى باسقاندىن كىيىن ئاندىن يۇقىرى بىلەتكە ئىرىشكەنلەر كۆرنىدىكەن، بۇلار بىزنى بەك تاشلىدى دەپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزدىمۇ ياكى بىرەر ئويۇن ئويناۋاتامدۇ بۇلار؟؟؟
بىزمۇ بەك ئاشۇرۇۋەتتۇق ئەمەسمۇ؟! نورمال تەرتىپتە بولسا بولاتتى، 10 كۈن ئىچىدە 100 مىڭ بېلەت چۈشسە، ئەلۋەتتە گۇمانلىق بولىدۇ-دە، چەتئەللىكلەر ساختىلىقنى ئېغىر ئالىدۇ. ئەمما ئۇلار بۇ قىزغىنلىقنى كۆردى.
شۇ مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، قارىغاندا تىلفۇننى بىزدەك ئوينايدىغان مىللەتلەر ئاز ئوخشايدۇ جۇمۇ… مەنمۇ ھەيران قالدىم بىلەت تاشلاش سۈرئىتىگە، ھازىر سەل پەس كويغا چۈشۈپ قاپتىكەن، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ دەپ مەنمۇ باسسىلا يەنە شۇ بۇرۇنقى پىكىر چىقىدىغان ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر دەپ خەت با پىكىررنىڭ ھەممىسى چىقىدىغان توربەت ئادىرسىنى ئۈندىدارغا يەنە يېڭىدىن تەھىرىرلەپ يوللىۋەتتىم (چىشنى چىقىرىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى) ، بۇ خاتامۇ توغرىمۇ بىلمەيمەن، لىكىن بۇمۇ بىر قىزغىنلىقتە، ئۇلارمۇ تەسىرلىنىپ قالا ئەمدى…ھا ھا ھا…
لېكىن ئەڭ ئازبىلەتمۇ بىزنىڭكى ئىكەن، ئەڭ كۆپ بىلەتمۇ بىزنىڭكى… ئۇيغۇر دىگەن خەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكلىپ نەچچە ئونى چىقىدىكەن، قارىغاندا قىزغىنلىق خېلىلا يۇقىرىكەن…
توغرا دەيسىز مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇرلار مىكروسوفت تىكىلەرگە يەنە بىر قېتىم ئۆزىمىزنىڭ قىزغىنلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قۇيايلى (سەت ھىجايغان چىراي)
ھە ھۇ ،بىر ئىككى ئۈچ ئىتتىپاقلىق كۈچ،چىدىغانغا چىقارغان يەنە بىر ەرئاي تاشلايلى.تارىختىكى رېكورتنى بۇزۇپ قالامدۇق تېخى!
ئالىم مۇئەللىم ، wp8.1 ئېلان قىلىنسا ،wp8 ئىشلتىۋاتقانلار تېلفۇننڭ ئۆزىدىن يېڭى نەشىرگە دەرىجىسنى ئۆستۈرەلەمدۇق يا……
مېنىڭچە شۇنداق بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ چوڭ دەرىجە ئۆستۈرۈش ئەمەس.