نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرى (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرى (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى

يېقىندا ئاتالغۇ ۋە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەربىيەلەش ئىشلىرى بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ، بىلوگىمدا يېڭى تېما يېزىپ بولالمىدىم. مەن ئۈچۈن بىلوگىمدا تىل-يېزىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك خۇشخەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش مۇھىم، ئەمما قىلمىغان ياكى قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى داۋراڭ قىلىش ياخشى ئادەت ئەمەس. بۇ ئىش مۇقىملاشقاندىن كېيىن، سىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىمەن.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن تورداشلار كومپيۇتېر ساھەسىدە تىل-يېزىقىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندى. بولۇپمۇ كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقانلار بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، Microsoft شىركىتى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، Microsoft شىركىتى يەنە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈشتە ئىشلەتكەن (بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىشلىتىدىغان) ئاتالغۇ ئامبىرىنى تولۇقلاپ ئېلان قىلدى. بۇ بىز ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم خۇشخەۋەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئامبىرى مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئورتاق بولۇپ، ئىزچىللىقنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي يەنە تەرجىمە ئۇسلۇبى قائىدىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

http://www.microsoft.com/language

Microsoft مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن تەرجىمە ئۇسلۇبى قائىدىسى تۈزۈلىدۇ، ئاتالغۇلار تەرجىمە قىلىنىدۇ، ئاندىن ئارايۈز ئۇچۇرلىرى تەرجىمە قىلىنىدۇ، ئاخىرىدا تەرجىمە سۈپىتىنى تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇ تەرجىمىسى بويىچە تەكشۈرىدۇ. شۇڭا تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇ ئامبىرى Microsoft ئۈچۈن مۇھىم ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ.

سىز بۇ تور بېكىتىدە Microsoft مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلارنىڭ 100 نەچچە تىلدىكى تەرجىمىسىنى تاپالايسىز. بۇ ئاتالغۇنى قوغداش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئامباردا ئازدۇر-كۆپتۇر سەۋەنلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ بارا-بارا تۈزىتىلىدۇ، تولۇقلىنىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
72 پارچە باھا يېزىلدى
  • بەك بەلەن بولدى جۇمۇ. دېتاللارنىڭ تەرجىمىسىدە تازا ئوبدان پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 19:35
  • ئايرىم تەرجىمىلەردە بەزى سەۋەنلىك باردەك قىلىدۇ، تەكشۈرۈپ باقسىڭىز. مەن پەقەت سىناپ باقاي دەپ face دەپ ئىزدىگەن. نەتىجە ئىچىدە مۇنداق بىر قۇر باركەن:
    Cat face ئىت چىراي Windows Live Shared Controls W5M2

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى am 00:12
    • بولىدۇ، تەكشۈرۈپ باقايلى، بۇ چىراي ئىپادىلىرىنىڭ نامى ئىدى. مۇز چىراي، كۈلگەن چىراي،…دېگەندەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 14:08
  • خەنزۇچىنىڭ مۇرەككەپ ئاددىي نۇسخا دىگەندىكىدەك، ئۇيغۇرچىدىمۇ سىلىق ، بۇيرۇق نۇسخا دەپ ئىككى خىل بولامدۇ نېمە؟

    ئوپىن ئوفىس دېگەندەكلەرگە بۇيرۇق شەكلىدە ئېلىنغان، ۋىن 8 دە بولسا سىلىق، سىپايە…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 21:00
    • بۇ توغرىسىدا ئالىم مۇئەللىم ئىلگىرى چۈشۈنچە بېرىپ بولغان.
      يەنى بۇيرۇق پېئل قوللىنىلمايدۇ دەپ ئەسكەرتكەن.
      خەنزۇچىدىكى ئاددىي ۋە مۇرەككەپ ھەرگىزمۇ پېئىل قوشۇمچىلىرىغا قارىتىلغان نەرسە ئەمەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى am 09:57
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ! ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك !

    ھېشكىم دېمىسە مەن دەيمەن مۇئەللىم كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭە (چاقچاق )

    ئارامنىمۇ ياخشى ئېلىڭ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ بىزگە ئەڭ ئاۋۋال سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز كېرەك. سىز سالامەت بولسىڭىز ئاندىن باشقا ئىشلار يۈرىشىدۇ.
    ئادەتتە پروگرامما كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانلاردا چاچ چۈشۈش، گىمىروي، ئۆسمە ئۇستىخان، كۆز ئاجىزلىق دېگەندەك كېسەللىكلەر ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ئەمما سىزنى ھازىرغىچە ساغلام تۇرىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۆزىڭىزنى بەك ئاسراڭ مۇئەللىم ! ئاللاھ سىزنى ئامان قىلسۇن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى am 08:28
  • بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بولۇپتۇ. سىز دېگەندەك بۇ ئىشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى يەنە 5 ~10 يىلدا ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.
    ئانا تىلىمنى سۆيىمەن دېگۈچىلەر مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي ئىش قىلىپ ئۆز ئانا تىلىنى سۆيسە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
    بەزى تورداشلارنىڭ سۇئاللىرىدىن قارىغاندا، تەرجىمە ئۇسلۇبى قائىدىسنى چۈشىنىشتە مەسىلە بار ئوخشايدۇ. شۇڭا مۆھلىتى كەلسە تەرجىمە ئۇسلۇبى قائىسىنىمۇ ئېلان قىلىپ قويسىڭىز بولىدىغان ئوخشايدۇ.
    مەن ھازىرغىچە Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن شۇنداق رازى. (لېكىن Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ مەسىلىسى ئايرىم مەسىلە. )

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:56
  • ئۇيغۇرچىنى شۇنداق ياخشى قوللايدىغۇ،مەن 920نى ئالغان،سىستىمىسى ئوخشاش بولمىسا..4g تورمۇ جوڭگودا تېخى ئومۇملاشمىدى.چەتئەلگە چىقىپ تۇرىدىغان ئوخشىمامسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى am 05:29
    • ئۇنداق ئەمەس.4ج تورى ئۇزاققا قالماي ئومۇملاشسا يەنە 4ج تورنى قوللايدىغان يانفون ئالماي دىگەن.نىمە دىگەن بىلەن يانفۇننى 1 يىلدا بىر قىتىم ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇدە.ئۇزاقراق ئىشلىتەي دىگەن شۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 21:21
  • wp8گىمۇ كۇچەپ قويسىڭىز.nokia820دىن بىرنى ئالغان ئۇيغۇرچە خەت تازا نورمال ئەمەس.يەنە كىلىپ بۇنىڭ جۇڭگۇ نۇسغىسىنى ئالغان،ئەسلىدە شىياڭگاڭ نۇسغىسىنى ئالدىغان گەپ ئىكەنتۇق.ھەرگىز جۇڭگۇ نۇسغىسىنى ئالماڭلار 4gتورى يوق ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 17:22
  • بەك ياخشى بوپتۇ…ھەممىمىز ئانا تىلىمىز ئۈچۈن تېرىشايلى دوستلار. ئانا تېلىمىزنى قوغداشدا ھەممىمىز بىر كىشىلىك تۆھپە قوشايلى!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 17:01
  • نەتىجە مىكروسوفتنى قوللىشىمىزغا باغلىقمۇ ياكى ئۆزىمىزنىڭ ناھايىتى ئەقىللىق مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاشقا باغلىقمۇ ؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 15:04
  • refresh your PC
    بىلەنreset your PC
    نىڭ چۇقۇم پەرىقى بار،بىراق تەرجىمىسى ئوخشاش بۇلۇپ قاپتۇ.
    سۆزلۈك ئامبىرىدىكى 8772بىلەن 8775گە قاراڭ ،تەرجىمىسى «كومپيۇتېرىڭىزنى ئەسلىگە قايتۇرۇڭ
    »دەپ ئېلىنىپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 12:06
    • ئەمما تەرجىمىدە توغرا ئېلىندى، پەرقلىق تەرجىمە قىلىندى، ئاستىدىكى تەرجىمە قىلىنغان جۈملىلەرگىمۇ ئوبدان قاراپ، تەپسىلىي كۆرۈپ پىكىر بېرەرسىز.
      ====================================================
      Reset your PC كومپيۇتېرىڭىزنى قايتا قوزغىتىڭ Windows 8
      Can’t reset your PC كومپيۇتېرىڭىزنى قايتا قوزغىتالمىدى Windows 8
      Ready to reset your PC كومپيۇتېرىڭىزنى قايتا قوزغىتىشقا تەييارلاندى Windows 8
      ===================================================
      To refresh your PC, the Users, Program Files, and Windows directories need to be on the same drive.
      كومپيۇتېرىڭىزنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئىشلەتكۈچىلەر، پىروگرامما ھۆججەتلىرى ھەمدە Windows مۇندەرىجىلىرى ئوخشاش بىر قوزغاتقۇچتا بولۇشى كېرەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 21:50
      • سۆزلۈك ئامبىرىدا جۈملىلەرنىڭ تەرجىمىسۇ بارمۇ ؟ مەن ئەجەپ كۆرمەپتىمەن،ياكى سىز ئەۋەتكەن تورىدن ئىزدىسە بۇ سۆزلەر ئۇچىرايدىغان جۈمىلىلەر كۆرۈلەمدۇ؟
        =================================
        جۈملىلەردە بۇ سۆزلەر ئوخشىمىغان تەرجىمە قىلىنىپتۇ ،بىراق ،ئاتالغۇ ئامبىرىدا ئۇنداق ئەمەس،جۈملىدە توغرا تەرجىمە قىلىنسىلا بولدىمۇ ،ئاتالغۇ مۇھىم ئەمەسمۇ ؟گىپىڭىزدىن مۇشۇ مەنە چىقىپ تۇرىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى am 05:26
        • نېمە دەپ چۈشەنسىڭىز ئىختىيارىڭىز. لېكىن مەن ئۇنداق گەپنى دەپ باقمىغان.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:06
      • دەيمەنغۇ ئەمدى،ئاتالغۇنىڭ گىپىنى قىلسام،جۈملىلەردە توغرا ئېلىندى دەپ،ئەگىپلا ئۆتۈپ كەتتىڭىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:19
  • ئالىم مۇئەللىم ، ئىگەمدىن سىزۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە چىن كۆڭۈلدىن بەخىت-سائادەت تىلەيمەن!!! مۇشۇنداق كومپىيوتېر ئالىملىرىمىز كۆپلەپ چىقسا بىز پەخىرلەنمەي تۇرالمايدىكەنمىز!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:59
  • ساقلاپ-ساقلاپ ئاخىر چىقتى.
    ====
    ئاۋۇ رەسىمدە Messaging Application Programming Interface نىڭ تەرجىمىسى «ئۇچۇر قوللانمىسى پىروگىرامما يۈزى» دەپ تۇرىدۇ، بۇنىمۇ تۈزىتىدىغان قاتارتىغا كىرگۈزسەك بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:46
  • بەك ياخشى بوپتۇ. ئىشلار پەيدىنپەي ياخشىلىنىدۇ. بىراقلا بەش بارماقنى ئېغىزغا سالغىلى بولمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:30
  • تىل يېزىقىمىز ئۈچۈن بېسىلغان بۇ قەدەملەردىن خۇشپۇراقلىق گۈللەر ئۈنۈپ،ھەر تەرەپكە خۇش پۇراقلار تارالماقتا.كەچكىچە ئانا تىلىمىز توغرىسىدا داتلاش،قاقشاشتىن ،زەررىچە بولسىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت ئەلادۇر.ئالىم مۇئەللىم بۇ قەدەملەرنى مەزمۇت قەدەملەر بېسىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر تۈركۈم ئىز باسارلارنى كەينىدىن ئەگەشتۈرۈپ،بۇ ساھەدە ،جۈملىدىن ئانا تىلىمىزنىڭ دۇنياۋى يۈزلىنىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.ساغلاملىق،نەتىجە،بەخىت دائىم يار بولغاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:42
  • ئوغلانلىرىمىزغا تەشەككۇر!@@!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 20:37