مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرى (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرى (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى
يېقىندا ئاتالغۇ ۋە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەربىيەلەش ئىشلىرى بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ، بىلوگىمدا يېڭى تېما يېزىپ بولالمىدىم. مەن ئۈچۈن بىلوگىمدا تىل-يېزىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك خۇشخەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش مۇھىم، ئەمما قىلمىغان ياكى قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى داۋراڭ قىلىش ياخشى ئادەت ئەمەس. بۇ ئىش مۇقىملاشقاندىن كېيىن، سىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىمەن.
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن تورداشلار كومپيۇتېر ساھەسىدە تىل-يېزىقىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندى. بولۇپمۇ كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقانلار بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، Microsoft شىركىتى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، Microsoft شىركىتى يەنە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈشتە ئىشلەتكەن (بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىشلىتىدىغان) ئاتالغۇ ئامبىرىنى تولۇقلاپ ئېلان قىلدى. بۇ بىز ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم خۇشخەۋەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئامبىرى مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئورتاق بولۇپ، ئىزچىللىقنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي يەنە تەرجىمە ئۇسلۇبى قائىدىسىنى ئېلان قىلىدۇ.
http://www.microsoft.com/language
Microsoft مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن تەرجىمە ئۇسلۇبى قائىدىسى تۈزۈلىدۇ، ئاتالغۇلار تەرجىمە قىلىنىدۇ، ئاندىن ئارايۈز ئۇچۇرلىرى تەرجىمە قىلىنىدۇ، ئاخىرىدا تەرجىمە سۈپىتىنى تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇ تەرجىمىسى بويىچە تەكشۈرىدۇ. شۇڭا تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇ ئامبىرى Microsoft ئۈچۈن مۇھىم ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ.
سىز بۇ تور بېكىتىدە Microsoft مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلارنىڭ 100 نەچچە تىلدىكى تەرجىمىسىنى تاپالايسىز. بۇ ئاتالغۇنى قوغداش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئامباردا ئازدۇر-كۆپتۇر سەۋەنلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ بارا-بارا تۈزىتىلىدۇ، تولۇقلىنىدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 11,957 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 04-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:03
- ئالدىنقى يازما :بۇ يېڭى ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟
- كېيىنكى يازما :ئىشخانا يۇمشاق دېتالىنىڭ ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى
ئالىم مۇئەللىم بايراملىق دەم ئېلىۋالسىلا. گەرچە ئۈچ كۈنلا بولسىمۇ.(ئارام ئالسىلا دېگەن گەپنى مەن دەۋالدىم) ھې ھې ھې
يەنە بىر خاتالىق: ئىقتىساد دېگەن ئەپتە كورىيە «كورېيە»، ياپۇنىيە «ياپونىيە» بولۇپ قاپتۇ.
بەك ئېسىل ئىش بولۇپتۇ، قىلغان ئەجرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت، ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىش ئاخىرى روياپقا چىقىپتۇ.
مەن close نى ئزدەپ باقتىم، ئۇيغۇرچە مەنىسى ئىككى خىل ئېلىنىپتۇ، يەنى ياپماق، تاقاش دەپ، مەسىلە دەپ قاراپ ئىنكاس قىلىپ قويدۇم، باشقا مەقسەت يوق.
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ، تېخىمۇ تىرىشقايسىز .
بىرەر قېتىم بولسىمۇ، بىرنەچچە كۈن ئوبدان ئارام ئېلىڭ دەيدىغان گەپ يوقمۇ؟؟؟
بىزنىڭغۇ دىگۇمىز بار ،بىراق شۇ ئارام ئىلىشقا ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلى ئۇنماسمىكىن دەيمەن، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇيغۇر تىلىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرۇشتىكى ،قىسقىسى ئۆزىمىزنىڭ بىمالال ئىشلىتىشىمىزدىكى بىرىنچى قەدەمنى ئەمدە ئالدۇق ئەمەسمۇ(بىزغۇ ھىچنىمە ئىش قىلىپ بىرەلمىدۇق ،توغىرسى ئۇ قەدەمنى سىلەر ئالدىڭلار) شۇڭا قىلىدىغان ئشلار كۆپ تىخى،پەقەت «جاپا چەكتڭىلار »دىمەكتىن باشقا ئامال يوق بولۇپ قالدى
ھې ھې ،ئالىم مۇئەللىم سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم،.ئەلۋەتتە دەم ئېلىشقىمۇ چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كىرەك.
ياخشى ئارام ئېلىشنى ھەرۋاقىت ئۇنۇتماڭ….
ئارام ئالسىڭىز «ئۆزبېكىستانغا ساياھەت» كە چىقىپ كېتىدىكەنسىز ئەمەسمۇ؟ ھاھاھا
بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بوپتۇ.بالدۇرراق مۇشۇنداق بولۇشىنى ئۈمۈت قىلغان ئىدىم.قانداق بولسۇن زادى بىر ئۆلچەم بولمىسا زادى بولمايدۇ.
ئالىم مۇئەللىم بىلوگىڭىزنى ھەركۈن دىگۈدەك زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن.يېڭى تېما بولمىسا بۇرۇنقى تېمىلارنى تەكرار ئوقۇيمەن.بۇ بىلوگدىكى ھەممە ئۇچۇرنىڭ قىممىتى بار،خۇددى توق پىشقان ياڭاق مىغىزىدەك،شاكال يوق،شۇڭا مەن زىيارەت قىلىشقا بەك ئامراق.
قولىڭىزغا دەت كەمىسۇن…
ھەقىقەتەن مۇھىم قەدەمدىن بىرى بېسىلىپتۇ.
كومپۇتېر ئاتالغۇلىرىنىڭ قىلىپلاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئاخىرى بېسىلىپتۇ-دە.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:بەك ياخشى ئىش بوپتۇ بۇ!بىز سىزدىن كۆپ مىننەتتار،ھارمىغايسىز!ھە راس ئالدىنقى قېتىم ئېلىكتۇرۇنلۇق خەت ساندۇقىڭىزغا خەت ئەۋەتكەن ئىدىم،كۆرگەنسىز ھە؟ئاشۇ توغۇرلۇق مەلۇماتىڭىزغىمۇ كۆپ تەشنامەن!ئامان بولۇڭ!
بەك ياخشى بوپتۇ ، مېنىڭچە رايونىمىزدىكى كۆپۈنچە كىشىلەر كومپىيوتېرنى خەنزۇچە يېزىقىتىكى سېستىمىنى ئىشلىتىپ كۆنگەن،ھازىر ۋىندوۋىس8 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىققاندىن كىيىن بەلكىم خەنزۇچە ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغاچقا بەزى ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىدا قانداق ئاتاشنى ۋاقتىنچە بىلەلمەي ئىشلىتىشتە سەل قىينىلىپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن ، شۇڭا بۇنىڭغا خەنزۇچە ئاتالغۇنى ئۇيغۇرچىگە تەرقخمە قىلىش تۈرى قۇشۇلغان بولسا بىزگە تېىخمۇ قۇلايلىق بۇلاتتى
بۇ پىكىرمۇ ئورۇنلۇق،ئالىم مۇئەللىم ئالدىراش بولۇپ قالدى،بۇنىمۇ ئېلان قىلىشى مومكىن.
ئالىم مۇئەللىم ئۇتۇقلىرىڭىزغا بارىكاللا ! تېخىمۇ تىرىشقايسىز .
ئىتايىن ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ،ئالىم مۇئەللىم جاپا تارتتىڭىز .
بەك ياخشى بوپتۇ،
ھە راست ،ئالىم مۇئەللىم سىلىگە بىر خاتالىق ئۇچۇرى يوللىغان ئىدىم ،كۆردىلىمىكىن بىلمىدىم ؟
بۇ مىنىڭ بىر ئارزۇيۇم ئىدى،بىر قانچە سۆزلەرنى تەكشۇرۇپ باقتىم،تىخى مىنىڭ ئويلىغىنىمدەك مۇكەممەللەشمىگەن بولسىمۇ ،يەنىلا خۇشال مەن ،بىرىنچى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق بىلسۋالغاندىكىن كىيىنكى قەدەملەرنىمۇ ئاستا ئاستا بىسۋالىمىز،شۇنداقلا كۆپ رەخمەت سىلەرگە!
ھەممە ئادەم قايىل بولغۇدەك ئاتالغۇ بېكىتىش ئاسان ئىش ئەمەس، ئەمما ئىشنى باشلىماي زادى بولمايدۇ، بۇ يېڭى باشلىنىش كەلگۈسىدىكى ئاتالغۇ ئۈچۈن پۇختا ئاساس بولالايدۇ. بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى ھازىر بىۋاسىتە كۆرۈش سەل تەس بولسىمۇ، ئەمما 5-10 يىلدىن كېيىن بۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولىدۇ، قەدىرىگە يېتىدىغانلار كۆپىيىدۇ. دۇنيانىڭ باشقا جايىدىكىلەرمۇ بۇنىڭدىن بىمالال پايدىلىنالايدۇ. شۇڭا ئېغىر خاتالىق بولسا، پاكىت بىلەن بۇ يەرگە سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. مېنىڭچە…، ئويلىغىنىمدەك…، پەرزىمچە،…دېگەندەك پاكىتسىز سۆز-ئىبارىلەر ئاتالغۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چوڭ رولى بولمايدۇ.
بۇلىدۇ ،مۇئەللىم ،بۈگۈن مەن ئالغان surface كەپتۇ ،كەسپىي نوسخىسى ،ئۇنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم .تىل بۇلىقى pc دا چۈشۈرگەندىن چوڭراق تۇرىدۇ.
ئىشلىتىش جەريانىدا چۈشۈنىكسىز تەرجىمىلەرنى سىز دىگەندەك پاكىت ئىسپاتلاربىلەن پىكىر بېرىمەن .
يامان يېرى بۇ خەت بىسىش ياپچۇقى بىلەن قانداق رەسىم تۇتۇشنى ئۇقمىدىم ئەمەسمۇ؟بىلىدىغانلار ئۈگىتىپ قويساڭلار….
مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن،ئۆزەمنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىمنى توغرا ئىپادىيەلمەي قالدىم،بىراق ھەرگىز مۇ بۇ ئىشلارنى ياراتمىغانلىقىم ئەمەس ،جان دىل بىلەن قوللايمەن بۇ ئشلارنى، مەن پەقەت شۇ….مەسىلەن defenderدىگەن سۆزنى ئاقتۇرسام يەنىلا ئېنگىلىسچەdefender دەپ چىقتى….ھەممىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدا مۇشۇلانىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە بولۇپ كەتسكەن دىمەكچى ئىدىم،ئەلۋەتتە بۇنىڭغا يەنە بىر قانچە يىل كىىتىدۇ،خۇددى ئادەم تۇغۇلۇپ ئايىغى چىقىش ئۇچۇنمۇ بىر ئىككى يىل كەتكەندەك
defender دېگەن مەھسۇلات نامى، تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تەلىپى، ھەممە تىلدا شۇنداق، Windows دېگەن ئاتالغۇنىمۇ كۆزنەك دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ.
بۇ ئاتالغۇ ئامبىرى Windows 8 ۋە Windows Services نى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈشتە ئىشلىتىلگەن بارلىق ئاتالغۇلارنى %100 ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (بۇ يەردە ئاستا-ئاستا تولۇقلىنىدۇ دېگەن گەپ مەۋجۇت ئەمەس). ناۋادا يەنە باشقا مەھسۇلات تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ تەرجىمە قىلىنغان ئاتالغۇلىرى ئاندىن بۇ يەرگە قوشۇلىدۇ. باشقىدىن يېڭى مەھسۇلات تەرجىمە قىلىنمىسا، شۇ پېتى تۇرىدۇ دېگەن گەپ. ھەرگىزمۇ ئۇدۇل كەلگەن ئاتالغۇلارنى بۇ يەرگە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويىمىز دېگەن گەپ ئەمەس، خاتا چۈشىنىۋالماڭ.
ھەي……
بەك ياخشى بوپتۇ، تىل-يېزىقىمىزنىڭ مۇكەممەللىكىگە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى چوڭ نامايەندە خارەكتىرلىك ئىش بوپتۇ. ئەگەردە تىل-يېزىقىمىزنىڭ باشقا ساھەلىرىمۇ مۇشۇ لىنىيە بويىچە بىر-بىرلەپ قېلىپلاشقان بولسا، مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىگىسى بولمىغان بۇ تىلىمىزمۇ گۈزەل ئەتىسىنى كۈتۈۋالالىغان بولاتتى.
TBX شەكىلدىكى ھۆججەتنى قانداق ئاچىمىز؟
بۇ ئاتالغۇلاردىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدىكى ماۋۇ http://www.microsoft.com/Language/en-US/LicenseAgreement.aspx ئىجازەت كېلىشىمىگە چىن دىلىڭىزدىن قوشۇلامسىز؟
قۇشۇلۇپ چۈشۈرۈپ بولدۇم ،بىراق قانداق ئىچىشنى بىلمىدىم ئەمەسمۇ ؟!!
Excelدا ئاچسىڭىز كۆرەلەيدىكەنسىز.
wordبىلەن ئىچىپ باقسام ئىچىلدى،بىراق شۇنچە قاراپمۇ بىررەر نەسىنى چۇشەنگەندەك ئەمەسمەن،يەنىمۇ بەكراق قاراپ باقاي