2012-يىلى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تەۋسىيەلىك يۇمشاق دېتاللار
[ تاغدىن-باغدىن ]ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:
2012-يىلى دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى، ئەمما ئۇلارنى «ئالىم ئەھەت بىلوگى»دا بىرمۇبىر تونۇشتۇرۇپ بولالمايمەن. مەن پەقەت يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىلىقلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن. تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتاللار ئاساسەن ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن يېڭىدىن يەرلىكلەشتۈرۈلگەن (تەرجىمە قىلىنغان) ياكى داۋاملىق يەرلىكلەشتۈرۈلۈۋاتقان (تەرجىمە قىلىنىۋاتقان) يۇمشاق دېتاللار بولۇپ، چۈشۈپ قالغان بولسا ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويساڭلار بولىدۇ. ناۋادا سانى 10 غا يەتسە 2012-يىلىدىكى 10 نادىر يۇمشاق دېتاللار دەپ ئېلان قىلساقمۇ بولىدۇ. ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى ھازىرچە ھېچنېمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ھازىرچە 2012-يىلى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نادىر يۇمشاق دېتاللارنىڭ تىزىملىكى نامزات شەكىلدە بېرىلدى، چۈشەندۈرۈشى كېيىن تولۇقلىنىدۇ، بىلىدىغانلار ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
Windows 8
Microsoft شىركىتى ئىشلەپچىقارغان دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك كومپيۇتېر ئىشلىتىش مەشغۇلاتىنى زور دەرىجە ئاددىيلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئازدە، بىخەتەر ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدىكى خىزمەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون ئارىسىدا مۇھىم بىرىكىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، پۈتۈنلەي يېڭى Metro ئارايۈزى ئىشلىتىگەن، سەزمە ئېكراندا مەشغۇلات قىلىش تېخىمۇ قۇلايلىق. ئۇنىڭدا يەنە Windows دۇكىنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يۇمشاق دېتال لايىھەلىگۈچىلەر ئۆزى ياسىغان يۇمشاق دېتاللارنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرەلەيدۇ. Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى 2012-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىندى.
=======================
Ubuntu
Ubuntu بولسا Debian GNU/Linux ئاساسىدىكى AMD64 ،X86 ۋە ppc قۇرۇلمىنى قوللايدىغان، دۇنياغا يۈزلەنگەن كەسپىي ئېچىش كوللېكتىپى (Canonical Ltd) نىڭ باشچىلىقىدا ئېچىلىۋاتقان ئوچۇق مەنبەلىك GNU/Linux مەشغۇلات سىستېمىسى. Ubuntu بولسا GNU/Linux نىڭ ئومۇملىشىشىغا بولۇپمۇ ئۈستەليۈزىنىڭ ئومۇملىشىشىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇپ، ھەقسىز ئوچۇق مەنبەلىك مەشغۇلات سىستېمىسى. ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى 12.10 بولۇپ، 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلىنغان.
www.ubuntu.org
============================
Outlook.com
Microsoft شىركىتىنىڭ ھەقسىز ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمەت سۇپىسى
www.outlook.com
===========================
SkyDrive
Microsoft شىركىتىنىڭ ھەقسىز بۇلۇت مۇلازىمەت سۇپىسى.
http://www.skydrive.com
===========================
Bing Map
Microsoft شىركىتىنىڭ ھەقسىز خەرىتە مۇلازىمەت سۇپىسى.
http://map.bing.com
==========================
LibreOffice
Linux، Windows ۋە Macintosh قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىجرا بولىدىغان ھەقسىز ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى.
http://www.libreoffice.org/
=============================================================================
Skype
ئوخشىمىغان سۇپا، ئۈسكۈنىلەردە ئىجرا بولىدىغان، كەڭ ئومۇملاشقان ھەقسىز ئىنتېرنېت ئالاقە قورالى بولۇپ، تېكىست، ئاۋاز ۋە سۈرەتلىك پاراڭلىشىشقا بولىدۇ. ھازىر بۇ يۇمشاق دېتال Microsoft شىركىتىگە تەۋە.
==========================================
WordPress
ھازىرغا قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان شەخسىي نەشرىيات سۇپىسى بولۇپ، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىلوگ ياكى كەسپىي تور بېكەتلەرنى ناھايىتى تېزلا ياساشقا بولىدۇ، پۈتۈنلەي ھەقسىز.
http://ug.wordpress.org
========================================
Salaat Time
دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى ناماز ۋاقتىنى ئاپتوماتىك ھېسابلايدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئورگان ئېلان قىلغان ئۆلچەم بويىچە ناماز ۋاقتىنى ھېسابلاپ بېرەلەيدۇ. يېڭى نۇسخىسىدا شىنجاڭدىكى شەھەر ۋە ناھىيەلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئارايۈزى تەمىنلەنگەن.
http://www.salaattime.com/salaat-time/salaat-time-translations/
========================================
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى مۇنبەر سۇپىسى ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىنغانمۇ؟ تىل بولىقىنى ئورگان تەرەپتىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ-يوق؟ پىششىق بىلىدىغانلار ئىنكاس يېزىپ قويساڭلار. ئەلۋەتتە بۇلاردىن باشقا يەنە ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان (يەرلىكلەشتۈرۈلگەن) يۇمشاق دېتاللار بولسا تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ، رەھمەت!
discuz
dedeCMS
phpBB
phpWind
- يازما كۆرۈلۈشى: 25,410 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:28
- ئالدىنقى يازما :خەنزۇچە Windows 8 دە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش
- كېيىنكى يازما :[ۋاقىتلىق تېما] ئۇيغۇرسوفت خادىملىرى يېڭى يىللىق ئارام ئالىدۇ
مىنىڭ يەنە adobe شىركىتىنىڭ نوپۇزلۇق ئىككى يۇمشاق دېتالى photoshop ۋەIllustrator نى ئورگان تەرەپتىن تەرجىمە قىلسىكەن دەيدىغان ئارزۇيۇم بار.
سىكايپى بولسا -مىكرو سوفىت شىركىتنىڭ باشقۇرشىدىكى، دۇنيا بۇيچە خىرىدارنى ئەڭ كۆپ ،سۈپىتى ياخشى بولغان پاراڭلىشىش يۇمشاق دىتال.بۇ يۇمشاق دىتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى ئالىپ تورىدىكى ھەۋەسكار بالىلار تاماملىغان. ئەگەر سىكايپى توغرىسىدا مەسىلھەت بولسا مېنىڭ سىكاپيى نومۇرۇم:qurban987 مەن بىلەن ئالاقېلىشىڭلار.كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىمەن.
skypeنىڭ ئۈيغۇرچىسى بارمۇ ؟قانداق تەڭشەيدۇ؟
سالام بۆرە تېكىن،
Windows8 مۇھىتىدىكى Skype تا ئۆزى تىل ھۆججىتى قوشۇپ تىل ئالماشتۈرىدىغان ئىقتىدارى ھازىرچە يوق ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىگە تەرەپ مۇنبىرىدە قايتۇرغان جاۋاب:
http://community.skype.com/t5/Translations/Uyghur-Uighur-translation-for-Skype-Windows/td-p/1100794
قىسقىچە تەرجىمىسى:
مېنىڭچە Windows 8 مۇھىتىدا قوللىنىدىغان Skypeنىڭ تىل ھۆججىتى(LANG) ئارقىلىق تەرجىمە قىلىدىغان ئۇسۇل بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. بىز يەنىلا يەرلىكلەشتۇرگەن(تەرجىمە قىلىنغان) تىللارنى قوشۇش جەريانىدا تۇرۇۋاتىمىز. شۇڭا ھازىرچە ئىشلەتكۈچىلەر تەرجىمە ھۆججىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
مەن Skype نى Windows8 دۇكىننىدىن ئىزدەپ تامالمىدىم! قانداق قىلسام بولىدۇ
win8نىڭ تەشۋىقاتىنى يەنە بىر قېتىم كۈچەيتسەك بولاتتى ،1-ئاينڭ31كۈنىدىن كېيىن قالسا نۇرغۇن كىچىكىپ ئۇققان قېرىنداشلىرىمز ئالماي دىسە كۆڭلى ئۇنىماي ئالاي دىسە پۇلى ئېغىر كىىلىپ قالمىسۇن دەيمىنا،ئەتراپىمدىكى نۇرغۇ ن كىشىلەر بۇ سېستىمىنىڭ چىققانلقىنى بىلمەيدىكەن
شۇنداق، تور، تېلېۋىزىيە، قىسقا ئۇچۇر ۋە ۋېيشىن قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تەشۋىقاتنى كۈچەيتسەك بولاتتى. كېيىن باھاسى ئۆسۈپ كەتسە قېرىنداشلارغا زىيان بولىدۇ.
مەن كۆپ ئىشلىتىدىغان NotePad++ نىڭ ئورگان بېتىدىن چۈشۈرگەن نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە قېتىلىپتۇ. كىم قىلغىنىنى بىلمىدىم. ئەمما شۇ كىشىگە تەشەككۈر .
تور مەنزىلى http://notepad-plus-plus.org/
6.2.3 دە ئۇيغۇرچە يوقكەنغۇ، ئۆزبىكچە،تۈركچىسى باركەن بولمىسا.
باركەن ئۇيغۇرچە XML ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاپلىۋەتسىڭىز بولىدىكەن .. بۇ ئارىسىنىڭ ئەڭ ئاستىغا قاراڭ http://notepad-plus-plus.org/contribute/binary-translations.html
notepad چۈشۈرۈپ ھەرقانچە قىلساممۇ ئۇيغۇرچە قىلالمىدىم. تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار بولۇپتىكەن
ئۇيغۇرچە XML ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاپلىۋەتسىڭىز بولىدىكەن .. بۇ ئارىسىنىڭ ئەڭ ئاستىغا قاراڭ http://notepad-plus-plus.org/contribute/binary-translations.html
Skype ئىشلىتىۋاتقانلار مىنى قوشىۋالساڭلار ، مەن بۈگۈن تىزىملاتتىم،
abdimijit230
Skype ئىشلىتىۋاتقانلار مىنى قوشىۋالساڭلار ، مەن بۈگۈن تىزىملاتتىم،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم .
سۈرفېيس نىڭ ۋىندوۋس8 كەسپى نەشىرى قاچىلانغان نۇسخىسى بازارغا سېلىنغاندىمۇ ؟ ياكى قاچانراق بازارغا سېلىنار ؟ باھاسى تەخمىنەن قانچىلىك بولار ؟
ۋىندوۋس8 رـ ت نۇسخسى قاچىلانغانىدىمۇ ئۇيغۇرچە ئارا يۈزىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ ؟
Windows Media Center نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىنى http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows-8/feature-packs دىن ئىلتىماس قىلىدىكەنمىز، 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلساق ھەم ئاكتىپلاشتۇرساق بولىدىكەن، بىراق مەن زادى ئىلتىماس قىلالمىدىم، قانچە قېتىملاپ سىنىساممۇ 我们无法处理你的订单。دەپ چىقىۋالدى. بىلىدىغانلار يول كۆرسەتسەڭلار.
تارىم ئوغلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار
Windows Media Center نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىنى http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows-8/feature-packs دىن ئىلتىماس قىلىدىكەنمىز، 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلساق ھەم ئاكتىپلاشتۇرساق بولىدىكەن، بىراق مەن زادى ئىلتىماس قىلالمىدىم، قانچە قېتىملاپ سىنىساممۇ 我们无法处理你的订单。دەپ چىقىۋالدى. بىلىدىغانلار يول كۆرسەتسەڭلار.
مىنىڭمۇ سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىدى قىلالىغانلار ياردەم قىلغان بولساڭلار ، ۋە ياكى يول كۆرسەتسەڭلار
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم، بلوگىم مۇكاپاتلىنىپ «ئۇيغۇرسوفىت لوغىتى 2008» گە ئېرىشتىم. ھازىرقى كومپىيوتىرىمنى surface pro بازارغا سېلىنسا ئالماشتۇرىمەن، دەپ تۇرۋاتقان ئۇچاغقىچە ھازىرقى كومپىيوتىرىمغا قاچىلاپ ئىشلىتىپ تۇرسام، كىيىن surface قىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىش ئىمكانىيتى بارمۇ ؟
جەمئىي 2 كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا بولىدۇ، خاتىرجەم ئىشلىتىڭ.
ھەقىقەتەن ئادەمنى سۈيۈندۈرگىدەك ئىشلاركەن، مۇشۇ نەتىجىلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قەھرىمەنلىرىغا چىن كۆلۈمدىن كۆپ مەدىھەلەر بولسۈن!!! (بىرە قىتىم بولسىمۇ ئالدىنقى بەتلەردە ئىنكاس يوللىيالاپتىمەن دىسە. پەخىرلىنىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى.)
ياخشى تېمىلارنى يېزىۋاتسىز ئالىم مۇئەللىم ،،،،
ئۆزىمىزنىڭمۇ ئاشۇنداق ئۆزىمىز ياساپ چىققان يۇمشاق دىتاللىرى قاچانمۇ بارلىققا كىلەر، قارىسام كۈنىمىز تەرجىمە قىلىش بىلەن ئۆتۈپ كىتىپ بارغاندەكلا كۆرۈنىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يازالمايدىغان نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆرۈپ تۇرىمەن، نىمىشقا يازالمايسىز دەپ سورىسا بۇرۇن ئۆگەنمەپتىكەنمەن ياكى يېڭى يېزىق ئۈگەنگەن ….. دىگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ، ئۇلارغا قاراپ كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ، ئىچىمدە نەچچىنى تىللىۋىتىمەن.
شۈكرى، بۇ يەرگە كەلسەم كۆڭلۈم خېلى جايىغا چۈشۈپ قالىدۇ،
مىللىتىمىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى، گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەممەيلەن تېخىمۇ غەيرەت قىلايلى.
مەن ھازىرغىچە مىكروسوڧڧڧڧڧفىت شىركىتىنىڭskydrive ,outlook ،skype قاتارلىق مەسھۇلاتلىرنى ئىشلىتىپ باقتىم. ئۇيغۇرچىسىمۇ ئادەمگە باشقىچە ھۇزۇر بېرىدىكەن. مەن بۇ يۇمشاق دىتاللارنى داۋاملىق باشقىلارغا تەشۋىق قىلىۋاتىمەن.بۇ يۇمشاق دىتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان دوستلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ھەم دوستلارنىڭ تىل- يېزىقىمىز ئۈچۈن بۇ يومشاق دىتاللارنى ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم؛ سىزتونۇشتۇرغان بۇ يۇمشاق دىتاللار بىزئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم دىتاللار كەن بۇنىڭ ئىچىدىن salaat time2.5نى قاچىلىۋالدىم لىكىن تىل تاللاش رايونىدا
arabic,english,frenchقاتار ئۈچتىلدىن باشقا تىليوق كەن ياكى مەن بىلەلمىدىممۇ؟ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر تىلىمىزغا توغرىلىۋالغان بولسام نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى!!!