2012-يىلى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تەۋسىيەلىك يۇمشاق دېتاللار
[ تاغدىن-باغدىن ]ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:
2012-يىلى دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى، ئەمما ئۇلارنى «ئالىم ئەھەت بىلوگى»دا بىرمۇبىر تونۇشتۇرۇپ بولالمايمەن. مەن پەقەت يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىلىقلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن. تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتاللار ئاساسەن ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن يېڭىدىن يەرلىكلەشتۈرۈلگەن (تەرجىمە قىلىنغان) ياكى داۋاملىق يەرلىكلەشتۈرۈلۈۋاتقان (تەرجىمە قىلىنىۋاتقان) يۇمشاق دېتاللار بولۇپ، چۈشۈپ قالغان بولسا ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويساڭلار بولىدۇ. ناۋادا سانى 10 غا يەتسە 2012-يىلىدىكى 10 نادىر يۇمشاق دېتاللار دەپ ئېلان قىلساقمۇ بولىدۇ. ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى ھازىرچە ھېچنېمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ھازىرچە 2012-يىلى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نادىر يۇمشاق دېتاللارنىڭ تىزىملىكى نامزات شەكىلدە بېرىلدى، چۈشەندۈرۈشى كېيىن تولۇقلىنىدۇ، بىلىدىغانلار ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
Windows 8
Microsoft شىركىتى ئىشلەپچىقارغان دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك كومپيۇتېر ئىشلىتىش مەشغۇلاتىنى زور دەرىجە ئاددىيلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئازدە، بىخەتەر ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدىكى خىزمەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون ئارىسىدا مۇھىم بىرىكىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، پۈتۈنلەي يېڭى Metro ئارايۈزى ئىشلىتىگەن، سەزمە ئېكراندا مەشغۇلات قىلىش تېخىمۇ قۇلايلىق. ئۇنىڭدا يەنە Windows دۇكىنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يۇمشاق دېتال لايىھەلىگۈچىلەر ئۆزى ياسىغان يۇمشاق دېتاللارنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرەلەيدۇ. Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى 2012-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىندى.
=======================
Ubuntu
Ubuntu بولسا Debian GNU/Linux ئاساسىدىكى AMD64 ،X86 ۋە ppc قۇرۇلمىنى قوللايدىغان، دۇنياغا يۈزلەنگەن كەسپىي ئېچىش كوللېكتىپى (Canonical Ltd) نىڭ باشچىلىقىدا ئېچىلىۋاتقان ئوچۇق مەنبەلىك GNU/Linux مەشغۇلات سىستېمىسى. Ubuntu بولسا GNU/Linux نىڭ ئومۇملىشىشىغا بولۇپمۇ ئۈستەليۈزىنىڭ ئومۇملىشىشىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇپ، ھەقسىز ئوچۇق مەنبەلىك مەشغۇلات سىستېمىسى. ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى 12.10 بولۇپ، 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلىنغان.
www.ubuntu.org
============================
Outlook.com
Microsoft شىركىتىنىڭ ھەقسىز ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمەت سۇپىسى
www.outlook.com
===========================
SkyDrive
Microsoft شىركىتىنىڭ ھەقسىز بۇلۇت مۇلازىمەت سۇپىسى.
http://www.skydrive.com
===========================
Bing Map
Microsoft شىركىتىنىڭ ھەقسىز خەرىتە مۇلازىمەت سۇپىسى.
http://map.bing.com
==========================
LibreOffice
Linux، Windows ۋە Macintosh قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىجرا بولىدىغان ھەقسىز ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى.
http://www.libreoffice.org/
=============================================================================
Skype
ئوخشىمىغان سۇپا، ئۈسكۈنىلەردە ئىجرا بولىدىغان، كەڭ ئومۇملاشقان ھەقسىز ئىنتېرنېت ئالاقە قورالى بولۇپ، تېكىست، ئاۋاز ۋە سۈرەتلىك پاراڭلىشىشقا بولىدۇ. ھازىر بۇ يۇمشاق دېتال Microsoft شىركىتىگە تەۋە.
==========================================
WordPress
ھازىرغا قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان شەخسىي نەشرىيات سۇپىسى بولۇپ، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىلوگ ياكى كەسپىي تور بېكەتلەرنى ناھايىتى تېزلا ياساشقا بولىدۇ، پۈتۈنلەي ھەقسىز.
http://ug.wordpress.org
========================================
Salaat Time
دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى ناماز ۋاقتىنى ئاپتوماتىك ھېسابلايدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئورگان ئېلان قىلغان ئۆلچەم بويىچە ناماز ۋاقتىنى ھېسابلاپ بېرەلەيدۇ. يېڭى نۇسخىسىدا شىنجاڭدىكى شەھەر ۋە ناھىيەلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئارايۈزى تەمىنلەنگەن.
http://www.salaattime.com/salaat-time/salaat-time-translations/
========================================
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى مۇنبەر سۇپىسى ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىنغانمۇ؟ تىل بولىقىنى ئورگان تەرەپتىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ-يوق؟ پىششىق بىلىدىغانلار ئىنكاس يېزىپ قويساڭلار. ئەلۋەتتە بۇلاردىن باشقا يەنە ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان (يەرلىكلەشتۈرۈلگەن) يۇمشاق دېتاللار بولسا تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ، رەھمەت!
discuz
dedeCMS
phpBB
phpWind
- يازما كۆرۈلۈشى: 25,407 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:28
- ئالدىنقى يازما :خەنزۇچە Windows 8 دە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش
- كېيىنكى يازما :[ۋاقىتلىق تېما] ئۇيغۇرسوفت خادىملىرى يېڭى يىللىق ئارام ئالىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم !سىزنى تونۇغىلى كېمىدا 10يىل بولدى ،ئەپسۇس بۇ بىلوگىڭىزنى بىلمەيدىكەنمەن .بۇكۈنلەردە كۈندە بىلوگىڭىزدىكى يېڭى ئۇچۇرلاردىن ھۇزۇرئېلىپ بەكمۇ خوش بولىۋاتىمەن.سىز بىر تۆھپىكار بولۇپلا قالماي بىر يەنە بىر ساۋاپ تاپقۇچى ئىكەنسىز،
win8نىڭ رەسمىي نۇسخىسنى سېتىۋېلىپ كومپىيوتىرىمنى ئۇيغۇرچە قىلۋالدىم. سىزدىگەن يېڭى چىققان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللارنىڭ ھەممىسنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆردۈم.
يېڭى چىققان ئۇيغۇرچە قۇرئاننى سېتىۋالدىم. ……….. مەن بەلكىم بۇ بىلوگىڭىزنى تاساددىبى ئېچىپ قالمىغان بولسام بۇ خوشاللىقلارغا ئىرىشەلمىگەن بولاتتىم. تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم ، بۇ بىلوگنى قانچىلىك ئادەم بىلىدىغاندۇ؟ ھەممە ئۇيغۇرلار بىلگەن بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى دەپ قالدىم……….
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ماڭا ئىلھام بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت، ئۇنداقتا بىلوگىمنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ.
Zekr قۇرئان ئۆگىنىش يۇمشاق دېتالى
http://www.live-topic.com/2013/02/zekr.html
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،مەن كۆزنەك 8نى قاچىلىغان ئىدىم ،سىمسىز تور نورمال تۇنىدى ،ئەمما ئائىللەدىكى ئىنتىرنىت ئۇلىغۇچتىىن خاتالىق چىقىۋالدى،651خاتالىق دەيدۇ. تۇنجى قىتىم ئۇلىغاندا نورمال ئۇلىنىدۇ ،ئەمما يېرىم مىنۇت بولماي يەنە ئۈزۈلۈپ كىتىدۇ ،بۇ قانداق ئىشتۇ؟ ھەل قىلالمىدىم! بىرەر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز،رەھمەت،تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىڭىزگە مەڭگۈلۈك ئۇتۇق تىلەيمەن!
ئالىم مۇئەللىم، يانفۇن مەشغۇلات سېستېمىسى ئاندرويىدنى بىلكان شىركىتى ئۇيغۇرچە قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان، تەرجىمە قىلىپ روم ياساپ ھەقسىز تارقاتقان، سىز نىمىشقا بۇنى تىلغا ئاممايسىز، بۇنىڭدا ئالاھىدە سەۋەبمۇ بارمۇ؟
مەن پەقەت 2012-يىلىدىكى دېتاللارنى تىلغا ئالاي دەپتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورگان تەرەپتىن تارقىتىلغانلىرىنى بولسا تېخىمۇ ياخشى دەپتىمەن، خاتالىق بولسا كەچۈرۈڭ، ھەممىنى يازايلى دېسەك، ئۇيغۇرچە دېتاللار بەك كۆپ.
Windows Media Center نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىنى http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows-8/feature-packs دىن ئىلتىماس قىلىدىكەنمىز، 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلساق ھەم ئاكتىپلاشتۇرساق بولىدىكەن، بىراق مەن زادى ئىلتىماس قىلالمىدىم، قانچە قېتىملاپ سىنىساممۇ 我们无法处理你的订单。دەپ چىقىۋالدى. بىلىدىغانلار يول كۆرسەتسەڭلار.
ئەگەر ئىلتىماس قىلىپ ئالالمىساق ھازىرقى ئېتىبار باھاسى 88 يۈەن ئىكەن، 1-ئاينىڭ 31-كۈنى پائالىيەت ۋاقتى ئاخىرلىشىدىكەن، نىمىشقا ئىلتىماس قىلىپ ئالغىلى بولمايدۇ؟ ئالىم مۇئەللىم، مەن خەت ساندۇقىڭىزغا خەت ئەۋەتىپ ياردەم سورىغان، خەت بارمىدىمۇ ياكى كۆرمەي قالدىڭىزمۇ بىلمىدىم، بەلكىم نۇرغۇن دوستلىرىمىز بۇ مەسىلىگە يۇلۇقتى بولغاي، ھەقسىز ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋالساق دەيمەن. مىنىڭ خەت ساندۇق ئادرېسىم: amarjan01@outlook.com
دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى ناماز ۋاقتىنى ئاپتوماتىك ھېسابلايدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئورگان ئېلان قىلغان ئۆلچەم بويىچە ناماز ۋاقتىنى ھېسابلاپ بېرەلەيدۇ. يېڭى نۇسخىسىدا شىنجاڭدىكى شەھەر ۋە ناھىيەلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئارايۈزى تەمىنلەنگەن.
ئەپەندىم مەن قاچىلاپ باقسام، ئۇيغۇرچە چىقمىدىغۇ. مۇمكىن بولسا يوللاپ قويغان بولسىلا…
‹‹تايماس››ئەپەندىم مەنمۇ بۇدىتالنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم
1. تىل تاللاش رايونىدا ئۇيغۇر تىلى يوقكەن 2.ئورۇن بەلگىلەش
ئېچىلمىدى مۇمكىن بولسا بىرياردەم قىلغان بولسىڭىز ئاللاھ
رەھمەت قىلسۇن!
بەك خىجىل قىلدىڭىز. مەنمۇ قاچىلىسام شۇ ئۇيغۇرچە چىقمىغان ئىدى. ئىنكاسىمنى خاتا ئوقۇۋاپسىز.
ئالىمكا office2013نىڭ ئۇيغۇرچە بولىقىنىڭ پات يىقىنداچىقىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەزى مەلۇماتلارنى ئاڭلاپ قالدىم،بۇراستمۇ؟ شۇنداق بولسا بۇ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دىگەندەك بىر ئىش بولاتتىدە! باھاسى بەك يۇقىرى ئەمەستۇ ھە؟؟
بۇ راست، ھازىرچە باھاسىنى ئويلاشماي تۇرۇڭ، بۇمۇ ۋاقتىدا ئېلان قىلىنسۇن
http://news.cnblogs.com/n/168738/ مىكروسوفتنىڭ officeمۇ تەرجىمە قىلىنىپتۇ.
كۆزنەك 8 نىڭ راست يالغانلىغىنى يالغانلىقىنى قانداق بىلمىز
تارىم ئوغلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار
Windows Media Center نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىنى http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows-8/feature-packs دىن ئىلتىماس قىلىدىكەنمىز، 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلساق ھەم ئاكتىپلاشتۇرساق بولىدىكەن، بىراق مەن زادى ئىلتىماس قىلالمىدىم، قانچە قېتىملاپ سىنىساممۇ 我们无法处理你的订单。دەپ چىقىۋالدى. بىلىدىغانلار يول كۆرسەتسەڭلار.
مىنىڭمۇ سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىدى قىلالىغانلار ياردەم قىلغان بولساڭلار ، ۋە ياكى يول كۆرسەتسەڭلار
ئالىم مۇئەللىم يېقىندا win8 نىڭ باھاسى ئىككى ئۈچ ھەسسە ئۆرلەپ كېتىدۇ دىگەن پاراڭلار كۆپىيىپ قالدى، بۇ راست گەپمۇ بولسا مۇشۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز
بۇ ئېنىق گەپ، 2-3 ھەسسىدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن
قېنى قايسىڭلار دەپ بېرىسىلەر ، مەن بىر كەسپىي دېتالنى تەرجىمە قىلماقچى ، ئىلگىرىمۇ بۇنداق كەسپىي دېتاللارنى تەرجىمە قىلىپ باققان . ئورگان تەرەپ بىلەن قانداق سۆزلەشسەم بولىدۇ ، مېغىزلىق يېرىنى دەپ باقساڭلار (ئېنگىلىزچە سەۋىيەم سۆزلىشىم بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەمدىكىن دەيمەن ) . بەلكىم ئارىمىزدىمۇ مۇشۇنداق ئويلاۋاتقانلار جىقتۇ ، بەرىبىر ئۆزىمىز تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتىپ بەرمىسەك ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئۆگۈنۈشكە ، ياكى بىرەر قېرىندىشىمىزنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىمكانىيەت بولماسلىقى مۇمكىن . ئالىم مۇئەللىمنىڭ مۇشۇ ھەقتە بىر تېما يوللاپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .
مەن ياردەم قىلاي چچ :تىلىفۇن: 15349957776
كم مىنڭ windo ws 8 نى سىتۋىلىشىمغا ياردەم قىلىدۇ
مەن ياردەم قىلاي
QQ:634076511
جاپا چېكىپسىز مۇئەللىم، ھارمىغايسىز!
ئالىم مۇئەللىم يېڭى يىلدا تېنىڭىز سالامەت، ئائىلىڭىز بەختلىك، ئىشلىرىڭىز ئوڭ بولغاي! ئەل قاتارى بىزنىڭ ئېلىكتىر، ئۇچۇر تېخنىكا ساھەرىمىزمۇ يۈكسەلگەي!