خەنزۇچە Windows 8 دە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

خەنزۇچە Windows 8 دە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بىلوگىمدا نۇرغۇن تورداشلار خەنزۇچە Windows 8 ياكى خەنزۇچە تىل بولىقى قاچىلانغان ئىنگلىزچە Windows 8 مۇھىتىدا، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. تەكشۈرۈپ باقسام ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئىكەن، دۈشەنبە كۈنى 17-چېسلا بۇ خاتالىق Microsoft شىركىتىگە دەرھال مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى. Microsoft شىركىتى دەرھال ياماق سېلىپ تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلىپ بەردى، Microsoft شىركىتىگە رەھمەت!


ئۇيغۇرچە مۇنداقلا تەرجىمىسى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم،
شىركەت بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئېلېكتىرونلۇق خەت بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ خەنزۇچە مەشغۇلات سىستېمىسىدا كۆرۈنمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى تاپتۇق. ئالدى بىلەن خەنزۇچە Windows دا ئەڭ يېڭى ياماقلارنى چۈشۈرۈپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭلار، تەپسىلاتى مۇنداق:

كونترول تاختىسىدىن Windows Update نى تاللاپ، بارلىق ئىشلەتكىلى بولىدىغان يېڭىلانمىلارنى تەكشۈرۈپ باقىمىز، ناۋادا يېڭىلاش تىزىملىكىدە ZDP KB2756872 ياماق كۆرۈنمىسىمۇ، يېڭىلاشقا بولىدىغان ياماقنىڭ ھەممىنى يېڭىلايمىز. كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ Windows Update قا قايتا كىرىپ، يېڭىلانمىلار قايتا تەكشۈرۈپ باقىمىز. بۇ قېتىم KB2756872 نى كۆرەلەيمىز. مۇشۇ ياماقنى (ئەلۋەتتە بارلىق يېڭىلانمىلارنى) قاچىلىساقلا بولىدۇ.

رەھمەت سىزگە
==============
ئادەتتە مەشغۇلات سىستېمىسىنى يېڭى قاچىلىغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن بارلىق ياماقلارنى ۋاقتىدا يېڭىلاشقا ئادەتلىنىش كېرەك، مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلىغاندا بۇ مېنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىمدۇر. ئەمما نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر بۇنىڭغا سەل قارايدۇ، ئەكسىچە ئۆزىگە ئىش تېرىپ بېرىدىغان ھەر خىل پاراس-پۇرۇس، چىچا-پىچا دېتاللارنى قاچىلاپ كومپيۇتېرنى تېخىمۇ ئاستىلىتىۋېتىدۇ ياكى دۇرۇس بولمىغان دېتاللارنى ئىشلەتكەن بولغاچقا يېڭىلاشتىن ئەنسىرەپمۇ قالىدۇ.

مۇشۇ يازما ئارقىلىق يەنە ئەسكەرتىپ قوياي، Microsoft ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئۈچۈن ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇۋاتىدۇ. سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتقانلار، يانچۇقىدا 248 يۈەن پۇلى بارلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 40 نەچچە كۈن ئىچىدە سېتىۋالساڭلار بولىدۇ، 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ باھاسى ئېنىقلا 1000 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا ئالىم مۇئەللىم سەمىمىزگە سالمىغان دەپ يامانلاپ قالماڭلار.
==================================================

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
424 پارچە باھا يېزىلدى
  • A5系列 联想IdeaCentre دىمەكچى ئىدىم،

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:29
  • سۇئالىمغا ھىچبىر جاۋاب بەرمەيسىزغۇ؟

    ۋىن8 نىڭ كەسپى نەشىرىنىڭ ئاچقۇچ نومۇرىنى تەمىنلىگۈچى، ساختا نومۇر بىلەن تەمىنلىدىمۇ – يا بىلمىدىم، ھەر بىر- ئىككى سائەتتە بىر قىتىم، ۋىن8 قىتىۋالىدۇ.
    كومپىيۇتىرىم A5系列 联想IdeaCentreAboutAbout تىپلىق ئىدى. باشقىلارنىڭكىدە نورمال ئىشلىگەن ۋىن8، مىنىڭكىدە نىمىشقا پات-پات ئۇخلىۋالىدۇ؟ 100 كوي پۇلۇم كۈچىنى كۆرسەتمەيۋاتامدۇ – يا!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:27
  • مەن تور بىكىتىڭىزگە ئەزا بولاي دىسەم، پەقەتلا تىزىملىتالمىدىم، مىكروسوفىت خەت ساندۇقىنى ۋە 126 ۋە تىڭشۈن ئابونىتلار خەت ساندۇقىنى ئىشلىتىپمۇ تىزىملىتالمىدىم.
    مەن ۋىن 8 نى 100 كويغا ۋاكالىتەن سىتىۋالغان ئىدىم، مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلىغاندىن كىيىن، ۋىن 8 قوزغىلىپلا قىتىۋىلىش ھەم مائۇس ئىستىرىلكىىى ئىكران يۈزىدە كۆرۆنمەسلىك ھادىسىسى يۈز بەردى. كومپىيۇتىرنى قوزغىتىش كونوپكىسىدىن قايتا قوزغاتماقتىن باشقا ئامال يوقكەن.
    سىستىما ئىشلەۋاتقان ھالەتتە تۇرۇپلا، مائۇس ئىستىرىلكىسى يوقاپ كىتىپ، سىستىما قىتىۋىلىش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبى نىمە؟
    كومپىيۇتىرىم Lenovo ماركىلىق IdeaCentre ئىدى. ئىچكى سىغىمى 2G ئىدى.

    مەن 100 كويغا ۋاكالىتەن سىتىۋالغان نومۇردىن گۇمانلىنىپ قالدىم، بولمىسا ۋىن 7 نىڭ ھەقلىق سىستىمىسىدا بۇنداق ئەھۋال كۆرۆلمەيىتتى. ئىنتايىن راۋان ئىدى.

    بۇ ئەھۋالنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟
    بۇ كومپىيۇتىرنىڭ مەسىلىسىمۇ ياكى ۋىن8 نى قاچىلىغاندىن كىيىنكى ئىچكى سىغىمنىڭ يىتىشمەسلىك مەسىلىسىمۇ؟ ھىچ قانداق ئاگاھلاندۇرۇش كۆزنىكى يوق. ۋىن8نى دەپلا، ئەمدى كومپىيۇتىرمنى بىمالال ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن.
    بىر كۈندە 5 تىن 10 قىتىم كومپىيۇتىر قىتىۋالدى ھەم قايتا قوزغىتىشىمغا سەۋەپ بولدى.

    بۇ مەسىلىنى ھەل قىلسام بولاتتى، مەن ۋىن 8 نى سىتىۋالغانلىقىمدىن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىمەن. لىكىن ھازىر……. شۇ
    چ چ : 513411369

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 16:27

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:23
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
    مەن ۋىن7 ھالىتدە تۇرۇپ تەڭشەكلەرنى ساقلاپ قىلىش ئاساسىدا ۋىن8 نى قاچىلىدىم ، قارىسام ۋىن 7 دىكى يۇمشاق دىتاللىرىم ۋىن8 كە ئۆز پىتى چىقىپتۇ ، بەك خوش بولدۇم .
    لىكىن ۋورد تا ئۇيغۇرچە يازسام خەتلەر نۇرمال چىقىمىدى . مەن ئەسلىدە قاچىلاقلىق بولغان ئەلكاتىپ 5.5 نەشىرنى ئۇچۇرسەم بۇ ئىش ئوڭشىلارمۇ ؟ قانداق ئۇچۇرمەن ؟
    ياكى باشقا ئۇسۇلى بارمۇ ؟ بىلىدىغانلارنىڭ مىنى جاۋاپسىز قويماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:49
  • ئالىم مۇئەللىم ..مەنمۇ Win8 نى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ، تىلنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىسەم خەت شەكىلى كۈزۈمگە سىغمىدى.
    قانداق قىلسام خەت شەكلىنى بىر قەدەر سىلىق ، چىرايلىق خەت شەكلىگە ئالماشتۇرالايمەن ؟ ياكى بولمىسا ئەلكاتىپ قاتارلىق خەت نۇسخىسىنى Win8 نىىڭ فونتىس رايۇنغا تاشلىسام ئوڭشىلامدۇ ؟ بىلدىغانلار جاۋاپ بەرگەيسىلەر ‹….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 16:21
    • توردا بۇنداق تەييار قوراللار بار، بىزنىڭ بالىلار قىلغانلىرىمۇ بار. شۇنى ئىزدەپ بېقىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 17:48
  • ئالىم مۇئەللىم مەن windows8نى ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ۋاقتىمدا ئېلخەت مۇلازىمىتىنى ئۇلىماپتىكەنمەن، ئەپلەرنى ئىشلىتەي دېسەم ئىچكى باشقۇرغۇچى ھېساباتى ئارقىلىق ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، باشقا ئىشلەتكۈچى بىلەن سىناڭ دەيدۇ. باشقا ئىشتلەتكۈچىنى قۇرۇپمۇ قىلىپ باقتىم. يەنىلا ئوخشاش ئەھۋال… سىستېمىنى قايتا قاچىلىشىم كېرەكمۇ يا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:59
  • ئەمگىكىڭىزدىن سۈيۈندۇق ئالىم مۇئەللىم ، ئەمما بىر مۇھىم ئىش ، خەت نۇسىخىسى پەقەتلا چىرايلىق ئەمەس ، ياكى نورمال بىز ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچىمۇ ئەمەس ، مۇشۇنىڭ ئۈچۈن يەنە ئازراق كۈچ چىقارساڭلار مۇكەممەل بۇلار ئىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 19:42
  • ئانا تىلىمدىكى سېستىما ماڭا چەكسىز ھۇزۇر بېغىشلىدى. بۇ ئىشقا بىۋاستە قاتناشقان ئالىم مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى ئاقىللىرىمزغا شۇنداقلا بۇ ئىشقا ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىنى قۇشقانلار كۆپ تەشەككۈر! مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم باھار بايرىمىدا باشلىقنىڭ بالىسىغا 200 يۈەنلەپ بايراملىق بەردى(مەنمۇ 100يۈەن بەردىم، پەقەت بەرگىم يوق ئىدى.كۆزى ئۇچۇق كەتتى دە ئىسىت) كۆزنەك 8 نى تەشۋىق قىلسام خىجىل بولماي قىممەتكەن دەيدۇ. 7000يۈەنگە نوركا كىيگەنلەرگە 248يۈەن بەك ئېغىر كىلەرمىش…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 15:20
  • ئالىم ئەپەندى بۇ جەھەتتە ماڭا بىر يارىدەم قىلغان بولسىڭىز ، مەن يېقىندا win8 نىڭ ئەسلى نۇسقسىنى سېتىۋالغان ئىدىم قاچىلاپ بولۇپلا ياماقلىرىنى پۇتۇنلەي يېڭىلىدىم سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىز بويۇنچە قىلدىم ئەمما ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى چۇشۇرەلمىدىم ، چۇنكى ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى چۈشۈرەمسىز دىگەن خەت پەقەتلا چىقمىدى ، سېستىمىنى قايتا-قايتا قاچىلىغان بولساممۇ يەنىلا ئوخشاش يارىدىمىڭىزنى ئايىماسلقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 23:46
    • مەن بۇيەردە ناھايىتى تەپسىلىي چۈشەندۈردۈم، يەنە بىر ئوقۇپ بېقىڭ.
      ../?p=2273

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى am 00:36
      • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئەپەندى ، مەن بۈگۈن ياماقلارنى قاچىلاپ بولۇپ ئاخىر ئۇيغۇرچە بولىقىنىمۇ چۈشۈردۈم ، ئەمدىكى مەسىلە خەت نۇسقىسىنى چىرايلىق قىلىش بولدى . بىلمىدىم كۆزنەك 8 دە خەت نۇسقىسى قاچىلاش ئۈچۈن باشقا تەڭشەش كېتەمدۇ بولسا خەت چىرايلىق قىلىشتىن ۋە خەت نۇسقىسى قاچىلاش تىن يەنە بىر يول كۆرسەتسىڭز

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:04
  • مەنمۇ يۇقىرىدىكى مەسىلىگە يولۇققان ، ئالىم مۇئەللىمنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ئاۋال ئاكتىپلاپ ئاندىن ئۇيغۇرچە ياماق چۈشۈردۈم .
    مەن سېستىمىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتىپ بولۇپ ، زاپاس ساقلىۋالغان .
    win8-uy.gho دېگەن نامدا
    بۇ زاپاس ھۆججەتنى قايسى خىل ئۇسۇلدا قايتۇرىمىز ؟ توردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى am 11:29
  • ياخشىمۇ سىز ؟ مەن ئۇيغۇرچە تىل بولقىنى چۈشۈرەلمىدىم ، يەنە مەسلە بار مۇ نىمە ؟ مەن سىز دىگەندەك قىلغانتىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:27
  • خۇداغا شۈكىرى، ئۇنى بۇنى قىلىپ ئولتۇرۇپ 13-قېتىمدا ۋىندوۋس8نى مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىۋالدىم، ھازىر ياماقلارنى يېڭىلاۋاتىمەن….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 19:20
  • win8 قانداق ئاكتىپلاشتۇرمىز ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن ……………..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 17:08
  • نىمە ئۇچۇن فىلەش قاچىلانمايدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 16:44
  • سەخىل تور خاتىرىسى دەبۇ. ئادەم بەك سۈيۈندۈردۇ. جاپا چەكتىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 14:37