خەنزۇچە Windows 8 دە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

خەنزۇچە Windows 8 دە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بىلوگىمدا نۇرغۇن تورداشلار خەنزۇچە Windows 8 ياكى خەنزۇچە تىل بولىقى قاچىلانغان ئىنگلىزچە Windows 8 مۇھىتىدا، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. تەكشۈرۈپ باقسام ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئىكەن، دۈشەنبە كۈنى 17-چېسلا بۇ خاتالىق Microsoft شىركىتىگە دەرھال مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى. Microsoft شىركىتى دەرھال ياماق سېلىپ تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلىپ بەردى، Microsoft شىركىتىگە رەھمەت!


ئۇيغۇرچە مۇنداقلا تەرجىمىسى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم،
شىركەت بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئېلېكتىرونلۇق خەت بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ خەنزۇچە مەشغۇلات سىستېمىسىدا كۆرۈنمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى تاپتۇق. ئالدى بىلەن خەنزۇچە Windows دا ئەڭ يېڭى ياماقلارنى چۈشۈرۈپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭلار، تەپسىلاتى مۇنداق:

كونترول تاختىسىدىن Windows Update نى تاللاپ، بارلىق ئىشلەتكىلى بولىدىغان يېڭىلانمىلارنى تەكشۈرۈپ باقىمىز، ناۋادا يېڭىلاش تىزىملىكىدە ZDP KB2756872 ياماق كۆرۈنمىسىمۇ، يېڭىلاشقا بولىدىغان ياماقنىڭ ھەممىنى يېڭىلايمىز. كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ Windows Update قا قايتا كىرىپ، يېڭىلانمىلار قايتا تەكشۈرۈپ باقىمىز. بۇ قېتىم KB2756872 نى كۆرەلەيمىز. مۇشۇ ياماقنى (ئەلۋەتتە بارلىق يېڭىلانمىلارنى) قاچىلىساقلا بولىدۇ.

رەھمەت سىزگە
==============
ئادەتتە مەشغۇلات سىستېمىسىنى يېڭى قاچىلىغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن بارلىق ياماقلارنى ۋاقتىدا يېڭىلاشقا ئادەتلىنىش كېرەك، مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلىغاندا بۇ مېنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىمدۇر. ئەمما نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر بۇنىڭغا سەل قارايدۇ، ئەكسىچە ئۆزىگە ئىش تېرىپ بېرىدىغان ھەر خىل پاراس-پۇرۇس، چىچا-پىچا دېتاللارنى قاچىلاپ كومپيۇتېرنى تېخىمۇ ئاستىلىتىۋېتىدۇ ياكى دۇرۇس بولمىغان دېتاللارنى ئىشلەتكەن بولغاچقا يېڭىلاشتىن ئەنسىرەپمۇ قالىدۇ.

مۇشۇ يازما ئارقىلىق يەنە ئەسكەرتىپ قوياي، Microsoft ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئۈچۈن ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇۋاتىدۇ. سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتقانلار، يانچۇقىدا 248 يۈەن پۇلى بارلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 40 نەچچە كۈن ئىچىدە سېتىۋالساڭلار بولىدۇ، 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ باھاسى ئېنىقلا 1000 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا ئالىم مۇئەللىم سەمىمىزگە سالمىغان دەپ يامانلاپ قالماڭلار.
==================================================

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
424 پارچە باھا يېزىلدى
  • قېرىنداشلار قايسىڭلاردا Windows 8 نىڭ 32 بىتلىقىنىڭ چۈشۈرۈپ iso قىلىپ ساقلاپ قويغۇنۇڭلار بار ؟ بار بولسا ماڭا ياردەم قىلىڭلار مەن بۇ جەھەتتە ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇپ قالدىم . سىلەرنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ، رەھمەت .
    چ چ : 894421305

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 23:25
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ،ياخشىمۇ سىز ؟ سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز بىلەن ئانا تىلىمىز زور نەتىجىلەرگە ئىرىشىۋاتىدۇ ! سىزگە كۆپ رەھمەت .
    مېنىڭ 2 سۇئالىم بار ئىدى ۋاقتىڭىز يەتسە ياردەم قىلسىڭىز بولۇپتىكەن .
    1. مەن باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن Windows 8 نى سېتىۋالغان ئىدىم ھەم شۇنىڭ بىلەن سېستىمىنىڭ iso قىلىپ تەييار قىلىنغان DVD دىسكىسىنى بىللە تەمىنلەپتىكەن ، شۇنىڭ بىلەن قاچىلىسام نۇرمال قاچىلىنىپ بولغاندىكىن كېيىن سېستىما نۇرمال ئىشلىمىدى . يەنى تورغا ئۇلانمىدى ھەم ئۇلىنىپلا خاتالىق كۈرۈلدى دەپ قايتا قوزغۇلۇپ تۇرۇۋالدى . شۇنىڭ بىلەن تەكشۈرسەم ماڭا ئىۋەتكەن بۇ دىسكىدىكى Windows 8 نىڭ 32 بىتلىق بولماستىن بەلكى 64 بىتلىق ئىكەن . مەن ئەمدىكى بۇ نۇرمالسىزلىقنى مۇشۇ بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلۇدۇم ، توغرىمۇ ؟
    2. بۇ Windows 8 نى مەن ئۆزۈم ھېساۋات قىلىپ سېتىۋالمىغان بولغاچقا مىكروسوفت ئورگان بېتىدىن ئۆزۈمنىڭ كومپيوتېرىمغا ماس كىلىدىغان Windows 8 نى چۈشۈرەلمەي شۇنداق قىينىلىپ كىتىپ بارىمەن . ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك ؟ قانداق ئۇسۇلدا ئورگان بېتىدىن ئۆزۈمگە ماس كىلىدىغان Windows 8 نى چۈشۈرۈپ نۇرمال ئىشلىتىپ ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھوزۇرۇنى سۈرەلەيمەن ؟
    ئېغىر كۆرمەي ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 18:47
  • ياخشىمۇسىز مەن كومپىيوتۇرغا ۋىندو8نى قاچىلىغان ئىدىم بىراق بڭر ئىشنى بايقىدىم باھارلىق تىللار ئۇچۇق ھەم چىرايلىق كەن بىراق بىز سېتىۋالغان ۋىن8 مۇ ئاجايىپ چىقۋالىدىكەن مەن ئىنگىلىز چەبىلمىگەن لىكم ئۈچۈن مىكرەسوفت شىركىتىگە ئۇچۇر يوللىيالمىدىم مۇشۇ توغرىسىدا بولسا چوڭراق تېما بىلەن مىكروسوفىت شىر كىتىگە ئۇچۇر يوللىساق بولاتتى بۇنداق بولغان دا ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش قەدىمى تېزبولاتتى ھەممىمىز ئانا تىلىمىز غا يۈز لەنگەن بولاتتۇق شۇڭا كوپچىلىك كۈچ چىقار ساق بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 18:06
  • سالام دوستلار!
    ماڭاwin8تە نورمال خىزمەت قىلالايدىغان، ۋىروسخور تەۋسىيە قىلساڭلارچۇ؟(ھەقسىز بولسا تېخى ياخشى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 23:37
  • بۇرادەرلەر، ماڭا بىر سېستىماسېتىۋېلشىپ بەرسەڭلار بولاتتى. ۋاقىت بەك ئاز قالدى. مەندە 98يۈەنلىك ئېتىبار نومۇرىمۇ بار. kosan22@yahoo.com.cn ماڭا ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويساڭلار دەرھال ئالاقىلىشىمەن. سېستىمىدىن بىرنى ئېلىۋالاي دىگەن ياردەم قىلساڭلار

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:10
  • ياخشىمىز سىز مەنمۇ بىرنى سىتىۋالغانتىم بىراق قاچىلىسام باشتا 18g كىيىن ياماقلىرىنى يىڭىلاپ بىر نەچچە يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلاپ قارىسام25gبوپ قاپتۇ بۇنداق بولىۋارسە cدىسكىنىڭ ئورنى كىچىكلەپ سىسىتىما .استىلاپ قالىدىكەن غۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 22:28
  • Windows8 نىڭ Defender ناملىق ۋىروسخورىنى قانداق قوزغىتىمىز ۋە يېڭىلايمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى am 00:58
  • مەنمۇ ئاخىرى ، مىڭ تەسلىكتە بۈگۈن سېتىۋالدىم.
    ھازىر ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۋاتىمەن.
    ئالالمىغانلار مېنى ئىزدەڭلار؛ مەن ياردەم قىلىمەن.
    بۈگۈن ئىككىنى سېتىۋالدىم؛ يەنە ئۈچنى سېتىۋېلىش پۇرسىتىم بار.
    ئالاقىلىشىش ۋاستىسى:
    QQ:634076511
    Skype:ughuzhan

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى am 00:42
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماڭا بىرنى سېتىۋېلىپ بەرسىڭىز بولاتتى. چچ رىڭىزنى قوشسام ئاپتوماتىك رەت قىلىۋىتىدىكەن قوشالمىدىم. مېنىڭكىنى قوشۇۋالغان بولسىڭىز. 2313080690 بىر ياردەم قىلىۋەتسىڭىز رەھمەت

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:16
  • 248يۈەنگە ھەقىقىتەن ئەرزان ئىكەن ،مەن قاچىلاپ ئىشلەتمىگەن سېستىما قالمىدى، بۇ سېستىما ھەقىقىتەن ئادەمگە باشقىچە تۇيغۇ بېرىدىكەن ،ئۇيغۇرچىمۇ راۋان ،چىرايلىق چىقىدىكەن قاچانغىچە كونا سېستىمىدا يۈرىيسىلەر ،سىلەرنىڭمۇ سېتىۋېلىشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:22
  • مەن خەنزۇچە ھالەتتە قاچىلىغان ئىكەنمەن. ئەمدى ئۇيغۇرچە بولاقنى قانداق قاچىلارمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:15
  • ئاندىن يەنە بىر مەسىلىنى سورىۋالسام ، قانداق قىلغاندا خەت نۇسقىسىنى كۆركەملەشتۈرگىلى بولىدۇ ، سېستىمىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئازراق كۆركەملەشتۈرۋالاي دىگەن ئىدىم ، ياردەم قىلساڭلار ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 12:28
  • مەن « Windows8 »نى قاچىلاپ ھەم ئۇيغۇرچىغىمۇ ئالماشتۇرۇپ بولدۇم، سېستىمامنىڭ ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە ھەممە ئىقتىدارلىرى نورمال. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالىم مۇئەللىمگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن،

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 12:26
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم – ۋىن8نىڭ رەسمى نۇسخىسىنى ئىشلەتسەك ھەر قانداق سېستىما دىتاللىرنى نۇرمال قوللامدۇ ياكى – مەن دىمەكچى ھازىر مەن ئۇيغۇرچە ۋىن 8نى ئىشىلتىۋاتقان ئىدىم بەزىدە ئۈزەمگە لازىم بولغان سستىمىنى قاچىلسام خاتالىق بەلگىسى چىقىۋېلىپ نۇرمال قاچىلانمىدى -بۇنى قانداق قىلمەن (مىنى جاۋاپسىز قويماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن رەھمەت)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 21:46
    • Windows8 نىڭ ئەپ دۇككىنىدا سىزگە لازىملىق ئەپلەر چىقىپ قىلىشى مۇمكىن .

      ھەرقانداق سىستېما ھەرقانداق سىستېما ئەپلىرىنى نۇرمال قوللىمايدۇ !
      ئۆزىگە ماسلاشقاننى قوللايدۇ . ئەپ ياسىغۇچى قايسى سىستېماغا ماسلاشتۇرسا شۇ سىستېمادا خىزمەت قىلىدۇ .!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 17:31
  • win8نى قاچىلغاندىن كېيىن office2007قاچىلىسام نورمال ئىشلىمىدى،قانداق قىلىش توغرىسىدا ياردەم قىلساڭلا.رەخمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:06
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بۈگۈن 8نىڭ ھەقىقى نۇسخىسىنى سېتىۋالغانىدىم ،ئەمما ھەممە جەريانلىرى قاچىلىنىپ بولدى بىراق ئاخىرىدا %正在准备设备100دەپ تۇرغىلى بەك ئۇزاق بولدى مۇشۇ توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسەڭلار

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:49
    • تورلاردا خەقنىڭ 80%، 60% بولۇپ توختاپ قالغان ئەھۋاللىرى بار ئىكەن. سەۋەبىنى قوش كۆرسستىش كارتىسىنىڭ ئىشى دېگەندەك بىر نېمىلەرنى يېزىپتۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققانلارغا ۋە بۇ دوستىمىزغا ياردەم قىلىپ بۇ مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلىۋىتەيلى دوستلار!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:55