خەنزۇچە Windows 8 دە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

خەنزۇچە Windows 8 دە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بىلوگىمدا نۇرغۇن تورداشلار خەنزۇچە Windows 8 ياكى خەنزۇچە تىل بولىقى قاچىلانغان ئىنگلىزچە Windows 8 مۇھىتىدا، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. تەكشۈرۈپ باقسام ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئىكەن، دۈشەنبە كۈنى 17-چېسلا بۇ خاتالىق Microsoft شىركىتىگە دەرھال مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى. Microsoft شىركىتى دەرھال ياماق سېلىپ تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلىپ بەردى، Microsoft شىركىتىگە رەھمەت!


ئۇيغۇرچە مۇنداقلا تەرجىمىسى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم،
شىركەت بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئېلېكتىرونلۇق خەت بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ خەنزۇچە مەشغۇلات سىستېمىسىدا كۆرۈنمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى تاپتۇق. ئالدى بىلەن خەنزۇچە Windows دا ئەڭ يېڭى ياماقلارنى چۈشۈرۈپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭلار، تەپسىلاتى مۇنداق:

كونترول تاختىسىدىن Windows Update نى تاللاپ، بارلىق ئىشلەتكىلى بولىدىغان يېڭىلانمىلارنى تەكشۈرۈپ باقىمىز، ناۋادا يېڭىلاش تىزىملىكىدە ZDP KB2756872 ياماق كۆرۈنمىسىمۇ، يېڭىلاشقا بولىدىغان ياماقنىڭ ھەممىنى يېڭىلايمىز. كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ Windows Update قا قايتا كىرىپ، يېڭىلانمىلار قايتا تەكشۈرۈپ باقىمىز. بۇ قېتىم KB2756872 نى كۆرەلەيمىز. مۇشۇ ياماقنى (ئەلۋەتتە بارلىق يېڭىلانمىلارنى) قاچىلىساقلا بولىدۇ.

رەھمەت سىزگە
==============
ئادەتتە مەشغۇلات سىستېمىسىنى يېڭى قاچىلىغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن بارلىق ياماقلارنى ۋاقتىدا يېڭىلاشقا ئادەتلىنىش كېرەك، مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلىغاندا بۇ مېنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىمدۇر. ئەمما نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر بۇنىڭغا سەل قارايدۇ، ئەكسىچە ئۆزىگە ئىش تېرىپ بېرىدىغان ھەر خىل پاراس-پۇرۇس، چىچا-پىچا دېتاللارنى قاچىلاپ كومپيۇتېرنى تېخىمۇ ئاستىلىتىۋېتىدۇ ياكى دۇرۇس بولمىغان دېتاللارنى ئىشلەتكەن بولغاچقا يېڭىلاشتىن ئەنسىرەپمۇ قالىدۇ.

مۇشۇ يازما ئارقىلىق يەنە ئەسكەرتىپ قوياي، Microsoft ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئۈچۈن ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇۋاتىدۇ. سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتقانلار، يانچۇقىدا 248 يۈەن پۇلى بارلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 40 نەچچە كۈن ئىچىدە سېتىۋالساڭلار بولىدۇ، 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ باھاسى ئېنىقلا 1000 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا ئالىم مۇئەللىم سەمىمىزگە سالمىغان دەپ يامانلاپ قالماڭلار.
==================================================

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
424 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 15
  • مەن يەنە بىرنى ئېلىپ ساقلاپ قويدۇم ، يېڭى كومپىيۇتېر ئېلىپ قالسام شۇنىڭدا ئىشلىتىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:52
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم، مىكروسوفتنىڭ بۇ چۈشەنچىسى بەلكىم نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرى ئاسان قىلدى بولغاي، بۇ ئىنتايىن ياخشى چۈشەندۈرۈش بولۇپتۇ، مېنىڭچە يېڭلانمىنى چۈشۈرۈش ئىنگىلىزچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈشتىن ۋاقىت تېجەيدۇ ھەم كومپيۇتېرغىمۇ پايدىلىق دەپ ئويلايمەن. ئەمدى رەسمىي گېپىمگە كەلسەم، مەن بىر توربەتتە ئوفىس دېتاللىرى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى توغرۇلۇق تېما كۆرۈپ قالدىم، ئادېرسى: http://www.birhon.com/?p=3439 ئەھۋالدىن قارىغاندا ئوفىسنىڭ بۇ تىل بولىقىمۇ پۈتۈپ بولدىمۇ نېمە؟ بولسا مۇشۇنداق ئۇچۇرلار سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىن تۇنجى بولۇپ تارقىتىلسا، بولمىسا ئادەم باشقا يەرلەردە كۆرسە ئوشۇق ھاياجانلىنىپ، ئوشۇق ئىزدەپ، ئوشۇق ئىككىلىنىپ قالىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:49
  • مەنمۇ ۋاقتىم بولسىلا كومپىيۇتېرىمنىڭ يېڭىلانلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرىمەن. شۇڭا مەندە تىل بولىقىنىڭ قاچىلانماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى. ئنتايىن رازىمەنلىك بىلەن ئىشلىتىۋاتىمەن.
    كۈتۈپخانىغا ئېلىپ چىقىپ كومپىيۇتېر ئىشلەتسەم باشقا مىللەتتىن بولغان ساۋاقداشلار قاراپ قالىدۇ… ھى… ھى….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:46
  • ئەسسەلامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،مەنمۇ ۋىندوۋس 8 نىڭ ھەقىقى نەشرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتەي دېگەنتىم.بىراق ھازىر ئىدارىنىڭ كومپىيوتېرىنى ئىشلىتىۋاتىمەن،سېتىۋالغاندىن كېيىن قاچىلاپ ئىشلىتىپ،كېيىن يەنە ئۆزۈم شەخسى كومپىيوتېر سېتىۋالغاندا يەنە قاچىلاپ ئىشلىتەلەيمەنمۇ؟ بىر قېتىم قاچىلاپ ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن يەنە باشقا كومپىيوتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيمەنمۇ دېمەكچى؟ بۇ سوئالنى باشقىلاردىن بەك جىق سوراپ كەتتىم.بىراق قانائەتلىنەرلىك بىر جاۋاپقا ئېرىشمىگەن بولغاچقا سىزدىن يەنە بىر قېتىم سوراشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن.جاۋاپسىز قويمىسىڭىز.رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:24
    • ياق، بۇنىڭ جاۋابىنى مەن بەك كۆپ قېتىم تەكرارلىدىم، قارىغاندا تەپسىلىي كۆرمەپسىزدە. سىزنىڭ سېتىۋالدىغىنىڭىز پەقەت بىر ئاچقۇچ (25 خانىلىق ھەرپ-بەلگە)، سىزگە ئۆيگە قۇلۇپ سېتىۋالغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئاچقۇچى بىلەن خوشنىڭىزنىڭ قۇلۇپىنى ئاچالامسىز؟ بۇنىڭ پەقەت بىرلا ئامالى بار. خوشنىڭىزنىڭ ئۆيىگە سىز سېتىۋالغان شۇ قۇلۇپنى يۆتكەپ سالىسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن خوشنىڭىزغا دەپ قويىسىز، پىكىرىنى ئالىسىز، ماقۇل دېسە شۇنداق قىلالايسىز.

      ھازىر 248 يۈەن خەجلەپ ئىدارىنىڭ كومپيۇتېرىدا ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي كومپيۇتېرىغا قاچىلايمەن دېسىڭىز، ئالدى بىلەن ئىدارىدىكى Windows 8 نى تولۇق ئۆچۈرۋېتىڭ، ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭكىگە قاچىلاڭ، Microsoft قا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ، ماقۇل دەپ قالسا، يېڭىسىغا قاچىلاپ ئىشلىتىسىز. شۇڭا ھازىر سېتىۋالسىڭىزمۇ، ئىدارىنىڭ كومپيۇتېرىغا قاچىلىماي تۇرۇڭ ياكى ئىدارىغا دەپ بىرنى ئالدۇرۇڭ.

      قائىدە بويىچە كومپيۇتېردىن 10 نى ئالسىڭىزمۇ، Windows 8 دىن 10 نى سېتىۋالسىز، ياكى بولمىسا پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان ئۇيغۇرچە Ubuntu نى ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:33
      • مەن بۇرۇن Windows7 توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغاندا ئەسلى سېستىمىنى يۇۋېتىپ 60 كۇندىن كېين يېڭى كومپىيوتىرغا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ، دىگەندەك قىلغان، ئېنىق كۈن سانىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 13:45
  • تىل بۇلىقى چىققاندىن بىرى جىق ھەپىلەشتىم،تۈنۈگۈن 5 سائەت ھەپىلىشىپ بولمىغانتى،ئىنگىلىسچە ئۇيغۇرچە قوش تىللىق بوپ قالدى، ماۋۇ رەسىمدىكىدەك،http://alkuyi.cn/Public/attachments/photo/20121220/1355932810.jpg.
    ئۆيگە كىرىپ سىناپ باقاي.بۇگۈن تىلىفون قىلسام مۇشۇنداق دىگەنتى،ئەسلى ئالىم مۇئەللىم ھەل قىپتىكەندە،رەخمەت سىزگە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:12
    • ياماقنى قاچىلاپ بولساممۇ خەنزۇچە ھالەتتە يەنە بولمىدى،لىكىن ئىنگىلىسچىنگە تەڭشەپ ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى قاچىلىسام نورمال بولدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:55
  • مانا بىر ئاي كۇرس ئېچىپ تاپقان پۇل 5000سومدىن ئېشىپتىكەن، چىقىملارنى چىقىرىۋېتىپ، 8 بالىغا 300سومدىن ئۈلەشتۈرگەنتۇق. بىردەمدىلا 300سومغا ئىگە بولدۇم.ھې ھې ھې. ئەمدى windows8 سېتىۋالىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:38
  • مەنمۇ باھاسى ئۆسۈپ كىتىشتىن بۇرۇن، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ سىتىۋىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. شۇ ۋەجىدىن، تور بىكىمدەwindows8 نى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتىمەن.http://www.kyomm.com/uy

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:32
  • ئالىم مۇئەللىم، ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى قوللىنىدىغان قېرىنداش مىللەتلەر ئۈچۈن كۆپ ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز.
    ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. چارچاپ قالماڭ! بىزگە سىز لازىم!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:20
    • ئەگەر بىز ۋىن8 قاچنلىغان كومپۇيتۇرمىز بۇزلۇپ قىلپ سىتۋىتىپ باشقا كومپۇيتۇر ئالساق.ۋىن8نى يەنە شۇ يىڭى ئالغان كومپۇيتۇرغا قاچلىغلى بولامدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 20:29
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەندە پايپال…… كارتام بولمىغاچ سېتىۋالامماي ۋاتىمەن ماڭا ۋاكالىتەن ئېلىپ بەرگەن بولسىڭىز سىزنىڭ ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى تاپالمىدىم
    سىزنى ئاۋار قىلىدىغان بولدۇم كارتا نومۇرىڭىزنى يوللارپ بەرسىڭىز
    ulinish@hotmail.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:16
  • ئالىمكا ياخشىمۇ سىز!
    مەن 14-چىسىلا ۋىن8 نى سېتىۋېلىپ قاچىلىغان ھەم ئۇيغۇر تىلى بولىقىنى قاچىلاپ، سېستىمامنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلەتكەن ئىدىم. خەت نۇسخىسىنىڭ بىرئاز قوپاللىقىنى نەزەرگە ئالمىغاندا ھەقىقەتەنمۇ بەك ياخشى ئىكەن. لىكىن ئىشلىتىش داۋامىدا يەنىلا نۇرغۇن جايلاردا خەنزۇ تىلى بارلىقىنى، سېستىمىنىڭ تېخى مۇكەممەل ئۇيغۇرچە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ ئۇيغۇر تىلى بولىقىنىڭ تېخى تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ بولالمىغىنىمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ؟ تۇيۇقسىزلا خەنزۇ يېزىقى پەيدا بولۇپ قالسا ئادەمنىڭ كۆڭلى بىرقىسمىلا بولۇپ قالىدىكەن. ۋىن 8 نىڭ تولۇق ئۇيغۇرچە بولىشىنى، خەنزۇ يېزىقىنىڭ ئۇچىراپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلاتتىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 09:57
    • بۇ ئىشلاپ بىر-بىرلەپ بولىدۇ. ئېكران يۈزىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم جايىنىڭ تەرجىمىسى تاماملانغان، ھەتتا ياردەم ھۆججەتلىرىمۇ بار تېخى (ئىلگىرى تىل بولىقىدا ياردەم ھۆججەتلىرىنىڭ تەرجىمىسى بولمايتتى). لېكىن بۇلار بىر-بىرلەپ ئېلان قىلىۋاتىدۇ، كومپيۇتېرىڭىزغا ياماق سېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:03
      • ئالىم مۇئەللىم مەن نىمىشقا Windows 8 نىمە ئۇچۇن ئاكتىپلانمايدۇ ، بىر قىرىندىشىمىز ئىلىپ بەرگەن ئىدى .

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 16:36
      • مەن تور بىكىتىڭىزگە ئەزا بولاي دىسەم، پەقەتلا تىزىملىتالمىدىم، مىكروسوفىت خەت ساندۇقىنى ۋە 126 ۋە تىڭشۈن ئابونىتلار خەت ساندۇقىنى ئىشلىتىپمۇ تىزىملىتالمىدىم.
        مەن ۋىن 8 نى 100 كويغا ۋاكالىتەن سىتىۋالغان ئىدىم، مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلىغاندىن كىيىن، ۋىن 8 قوزغىلىپلا قىتىۋىلىش ھەم مائۇس ئىستىرىلكىىى ئىكران يۈزىدە كۆرۆنمەسلىك ھادىسىسى يۈز بەردى. كومپىيۇتىرنى قوزغىتىش كونوپكىسىدىن قايتا قوزغاتماقتىن باشقا ئامال يوقكەن.
        سىستىما ئىشلەۋاتقان ھالەتتە تۇرۇپلا، مائۇس ئىستىرىلكىسى يوقاپ كىتىپ، سىستىما قىتىۋىلىش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبى نىمە؟
        كومپىيۇتىرىم Lenovo ماركىلىق IdeaCentre ئىدى. ئىچكى سىغىمى 2G ئىدى.

        مەن 100 كويغا ۋاكالىتەن سىتىۋالغان نومۇردىن گۇمانلىنىپ قالدىم، بولمىسا ۋىن 7 نىڭ ھەقلىق سىستىمىسىدا بۇنداق ئەھۋال كۆرۆلمەيىتتى. ئىنتايىن راۋان ئىدى.

        بۇ ئەھۋالنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟
        بۇ كومپىيۇتىرنىڭ مەسىلىسىمۇ ياكى ۋىن8 نى قاچىلىغاندىن كىيىنكى ئىچكى سىغىمنىڭ يىتىشمەسلىك مەسىلىسىمۇ؟ ھىچ قانداق ئاگاھلاندۇرۇش كۆزنىكى يوق. ۋىن8نى دەپلا، ئەمدى كومپىيۇتىرمنى بىمالال ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن.
        بىر كۈندە 5 تىن 10 قىتىم كومپىيۇتىر قىتىۋالدى ھەم قايتا قوزغىتىشىمغا سەۋەپ بولدى.

        بۇ مەسىلىنى ھەل قىلسام بولاتتى، مەن ۋىن 8 نى سىتىۋالغانلىقىمدىن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىمەن. لىكىن ھازىر……. شۇ
        چ چ : 513411369

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 16:27
      • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! ئاللا ئىشلىرىڭىزغا بەركەت ئاتا قىلسۇن .
        مەن سىز كۆرسەتكەن يول بىلەن كومپىيوتۇرۇمغا ئۇيغۇرچە تىل بۇلقىنى مۇۋاپىقيەتلىك قاچىلىدىم . رەھمەت سىزگە !
        سىزدىن سۇرايدىغىنىم كومپىيوتۇردا ئۇيغۇرچە خەتلەر ئازىراق كۈرۈمسىز كۈرنىدىكەن خەت نۇسقىسىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا چىرايلىق خەت نۇسقىللىرىغا ئالماشتۇرغىلى بۇلامدۇ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:06
  • ئاخىرى ھەل بولۇپتۇ دە !
    يەنە بىر گەپ باللا تىل قوشىدىغان يەرگە چوقۇم ئىنگىلىزچىنى قوشۇپ قويۇڭلار ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ھەممە تىلنى ئۆچۈرۋەتسەڭلار شىفىر كىرگۈزىدىغان چاغدا ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىدىن باشقىنى تاللىغىلى بولماي سىستىمىغا كىرەلمەيدىكەنسىلەر ھا ھا ھا !!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 09:50
  • ئاخىرى ھەل بولۇپتۇ دە ! مەنمۇ ھەل قىلالماي ئىنگىلىزچە تىلنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئاندىن ئۇيغۇرچە تىلنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم .

    يەنە بىر گەپ باللا تىل قوشىدىغان يەرگە چوقۇم ئىنگىلىزچىنى قوشۇپ قويۇڭلار ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ھەممە تىلنى ئۆچۈرۋەتسەڭلار شىفىر كىرگۈزىدىغان چاغدا ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىدىن باشقىنى تاللىغىلى بولماي سىستىمىغا كىرەلمەيدىكەنسىلەر ھا ھا ھا !!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 09:49
  • سىز دىگەن مەسلىگە مەن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇنجى ھېس قىلغان. بۇ بىلوگىڭىزغا قارىسام ،ئويغۇرچە تىل بۇلىقى ئېلان قىلىندى دەپسىز،لىكىن مەن تىل مايىللىقلىرى دىگەندىن ئويغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچكە قارىسام ،چۈشۈرۈشكە بۇلىدۇ-دەپ خەت چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن سىز يۇقارقى ئىېيىتقانلىرىڭىزغا ئوخشاش داۋاملىق كۆزنەك سەككىزنىڭ يامىقىنى ياماۋەردىم. ئاخىرى سېستىما قايتا قوزغالغاندا قارىسام ، ئويغۇرچە كىرگۈزگۈچكە چۈشۈرۈشكە بۇلىدۇ دەپ خەت پەيدا بۇلۇپتۇ. ئاندىن چۈشۈرگەن. مەسلەن بىز خەنزچە ھالەتتە تۇرغان بولساق،我的电脑غا مائوسنىڭ ئوڭ كۇلۇپكىسىنى چىكىپ ئاندىن 属性خاسلىققا توغۇرلاپ مائوسنىڭ سول كۇلۇپكىسىنى بىر چىكىمىز. ئاندىن بىر دىئالوگ رامسكى چىقىدۇ . ئاندىن سول ئاستىنقى تەرەپتەرەپ windows 更新دىگەن خەت بار. بۇنى بىر چىكىمىز. ئاندىن مۇشۇ دىئالوگ رامكىسىنىڭ سول ئۈستىدەرەك 检查更新دەپ خەت بار. مۇشۇ خەتنى بىر چەكسەك بۇ ۋاقىتتا سېستىما ئاپتۇماتىك يېڭىلانما ئىزدەيدۇ. ئىزدەپ تاپقاندا بولسا
    X个重要更新دەپ خەت چىقىدۇ. مۇشۇ خەتنى چىكىپ قارىساق مۇھىم يېڭىلانمىلار چىقىدۇ. ئالدىدىكى تۆت چاسە كاتەكنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى مائوس بىلەن ئۇرۇپ ، ئاندىن دىئالوگ رامكىسىنىڭ ئاستىدىكى 更新نى بېسىپ تاكى 100پىرسەنىت بولغىچە ساقلايمىز ئاندىن كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىمىز. يەنە تەكشۈرمىز. يەنە يېڭىلانما بولسا يەنە يېڭىلايمىز. ئاندىن ئويغۇرچە تىل بۇلىقىنى چۈشۈرسەك بۇلىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 09:39
    • ئەمىسە نىمىشقا شۇ ۋاقىتتا چۇشەندۇرۇش بىرىۋەتمىدىڭىز بۇنىڭغا؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:46
      • چۈنكى بۇ بىلوگ مىنڭ ئەمەس، ئاتاكاچىلىق قىلماي دىدىم. چۈنكى مىنىڭ بىلىمىممۇ چەكلىك ئەمەسمۇ؟ ھازىرمۇ كىچىكمەيسىزغۇ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:42
    • سىز بۇنى ئالىم مۇئەللىمگە ئۈگىتىۋاتامسىز، ياكى باشقا ئىشلەتكۈچىلەرگىمۇ؟ مەن بۇ ئابزاسلارنى خاتا چۈشىنىۋالمىغاندىمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 19:48
    • مەن ھېچقانداق ياماق چۈشۈرمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرچە قىلغان ئدىم. كېيىن قارىسام 29 تال ياماق تۇرىدۇ. ئاندىن يامىدىم بۇ ياماقلارنى!!!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى am 10:48
  • رەخمەت بۇ بەك مۇيۇمكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 09:37
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مەن ۋىن8 نى دىسكىغا ئۇيۇپ قاچىلىغان نورمال قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئاكتىپلاي دەپ ئاكتىپلاشنى باسسام بۇنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ چىقىۋالدى.
    مەسىلىنىڭ سەۋەبىگە قارىسام
    0x8007007b نۇمۇرلۇق خاتالىق كۈرۈلۈپتۇ مۇشۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 09:27
    • مىنىڭچە سىز 1-قېتىم تېلغۇن ئارقىلىق ئاكتىپلىۋالغان ئوخشايسىز. سېستىمىىنى قايتا قاچىلىغان ھامان، بۇنداق ئاكتىپلاش ئۇسۇلى ئەمەلدىن قالىدۇ. شۇڭا يەنىلا …….

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 09:45
      • ياق مەن تېلفۇن ئارقىلىق ئاكتىپلىمىغان.
        ھەم تۇنجى قېتىم قاچىلىشىم.
        لېكىن iso ھۆججەتنى توردىن چۈشۈرگەن win8 قاچىلىغۇچىسىدا بەك ئاستا چۈشىدىكەن.
        ھازىر win8 قاچىلىغۇچىسىدا چۈشۈرىۋاتىمەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:51
      • مەنمۇ 6 سائەتتە ئاران چۈشۈرگەن، ھەمدە iso قىلىپ دېسكىغا ئۇيىۋالدىم. ھەر قېتىم قاچىلاشتىن بۇرۇنلا سىزگە مىكروسوفىتتىن ئەۋەتكەن مەخپى ئاچقۇچ نۇمۇرنى سېلىپ قاچىلايسىز. شۇنداق راۋان ئىشلەيدىكەن. ياردەم كېرەك بولسا ئۇچۇر قىلىڭ ! رەھمەت!

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:41
      • مىكروسوفتنىڭ تور بېتىدىن چۈشۈرسەك سۈرئىتى بەك ئاستىكەن. شۇڭا، شۈنلېي ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تور بەتلىرىدىن ۋىندوۋس 8 كەسپىي نۇسخىسىنىڭ قاچىلاش ھۆججىتى (تەخمىنەن 2.4 گېگابايت چوڭلۇقتا، مەن بىر يېرىم سائەتتە چۈشۈرۈپ بولدۇم)نى چۈشۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى قاچىلاپ، تولۇق قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كوماندا بۇيرۇقى (ھېلىقى قارا ئېكران ھالىتىدە dos بۇيرۇقىدەك كۆرۈنىدىغان) ئارقىلىق بىز سېتىۋالغان ئاچقۇچ ئارقىلىق سىستېمىنى ئاكتىپلىغىلى بولىدىكەن. كونكرېت جەريانىنى بەيدۇلاپ تاپقىلى بولىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:25
      • ئورگان تور بېكىتىدىن بەكلا تېز چۈشىدىكەنغۇ، مەن چۈشۈرسەم 3 مىنوتقا قالماي چۈشۈپ بولدى، شۇ يەردىن چۈشۆرسىڭىز خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ، ئەگەر يەنە قاچىلانمىسا ۋېروسخورنى ئېتىۋېتىپ سىناپ بېقىڭ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 18:18
باھا بېتى: 1 2 3 15