مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئورگان تەرەپتىن ئېلان قىلىنىپ ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمگەن بۇ كۈنلەردە، ھەرقايسى تور بېكەتلەردىن تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بەس-بەستە يازغان تېما ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئەمما بەزى تور بېكەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. مەن گەپنى سەل باشتىن باشلاي.

Windows 7 خەنزۇچىدىن باشقا يەنە جۇڭگودىكى 7 مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلالايتتى. ئۇلار زاڭزۇچە (藏语)، مۇڭغۇلچە (蒙古语)، يىزۇچە (彝语)، ئۇيغۇرچە (维吾尔语)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 德宏傣文, 西双版纳新傣文, 八思巴文 لاردىن ئىبارەت. Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى مەن بەش قولدەك ئوبدان بىلىمەن، ئورگان تەرەپ تىل بولىقىنى چىقىرىمەن دېسە، قائىدە بويىچە Windows قا كىرگەن تەرتىپ بويىچە ئويلىشىدۇ. ھېچبولمىغاندا جۇڭگودا خەنزۇچىدىن باشقا يەنە بىرەر تىلنى تاللايمەن دېسە زاڭزۇچە (تىبەت) ياكى مۇڭغۇلچىنى تاللىغان بولاتتى. زاڭزۇچە ۋە مۇڭغۇلچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تېخنىكىسىمۇ خېلە پىشىپ يېتىلگەن، بەزى دېتاللىرىنىڭ تېخنىكىسى تېخى بىزنىڭ ئالدىمىزدا. ئەلۋەتتە دۆلەتمۇ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ قېتىم ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى ئالدىدا ئويلىشىپ، ئىلتىماسنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى كېيىن دەپ بېرەي. لېكىن كېيىن چوقۇم زاڭزۇچە (藏语) ياكى مۇڭغۇلچە (蒙古语)نىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللايدۇ.

Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بەلگىلەنگەن پىلاندىن بۇرۇن ئېلان قىلىۋېتىشىنى مەنمۇ بىلمىدىم. چۈنكى، تىل قوشۇشتىن پارسچە (ئىران)، ئۆزبېكچە (ئۆزبېكىستان)، قازاقچە (قازاقىستان)،…. تىل بولىقىنى ياكى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى باشقا تىل بولىقى كۇرد (تۈركىيە، كۇردىستان)، پوشتۇ (پاكىستان، پەنجاپ)،…نى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىن باشقا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى تىل بولىقىنى تېخىچە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇلار تەييار بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارغىمۇ ئاز قالدى.

ئەمدى گېپىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ يەردە بەزى تور بېكەت (مۇنبەر ياكى بىلوگلار)نى ئاشكارە تىلغا ئالغۇم كەلمىدى، ئەمما بۇ تور بېكەتلەر Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ، بەزى ئۇچۇرلارنى قوشۇپ، ئېنىق ئېيتقاندا پېتىغداپ ياكى بۇلغاپ بولغاندىن كېيىن بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاپ، ئۆز تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى تەمىنلەپتۇ، ھەتتا ئۆز تور بېكىتىنىڭ ئېلانى سۈپىتىدە بىلوگىمغا ئىنكاس يېزىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن نېمە ئويدا، سىلەر زادى نېمە كويدا؟ ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بەزى پىكىرى ئۆتكۈر تورداشلارمۇ بۇ ئىشقا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، ئۇنداق قىلماسلىقنى تاپىلاپتۇ.

بۇنداق قىلمىش «Microsoft Windows 8 تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»گە ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، Microsoft بۇنداق قىلمىشنى ئەڭ ئېغىر كۆرىدۈ، ۋاقتى كەلگەندە قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ. كېيىن تىل بولىقىنى توردىن چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەندە، چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى «ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»(ئۇيغۇرچە)نى توردىن كۆرەلەيسىز. ھەرقانداق ئادەمنىڭ تىل بولىقىنى ئۆز ئالدىغا قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە، ئۆز ئېلانلىرىنى قوشۇشقا،…ئاشكارە تارقىتىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

يەنە بىرسى بۇ كەسپىي ئەخلاق جەھەتتىمۇ قەبىھ قىلمىشتۇر. ناۋادا Microsoft مەھسۇلاتلىرىغا زىيادە ئامراق بولساڭلار، مەن ئالاقىلىشىپ بېرەي، بېيجىڭدىكى Microsoft ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ 1-2 ئايلىق پىراكتىكانت خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىڭلار، كەسپىي ئەخلاق ۋە قىزغىنلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ كېلىڭلار. لېكىن، بۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. باشقىلار كۆرسە بۇلاردىمۇ بۇنداق ئىش بار ئىكەن ئەمەسمۇ دەپ ھەيران قالىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى نام-ئاتاق ئەمەس.

يەنە مۇھىم بىرسى ھەممە ئادەم ئورگان تور بېكىتىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا، ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا بولغان ئېھتىياجنى ۋە قىزغىنلىقنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. بۇ Microsoft نىڭ باشقا مۇھىم مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كېڭەيتىشكە بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ.

ئەگەر تور بېكىتىڭىز بولسا، ئازىراق ئېلان ئورنىدىن ۋاز كەچسىڭىزمۇ Windows 8 نى تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. مەن تېخى بارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە Windows 8 توغرىسىدا بەس-بەستە تەشۋىقات بولامدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن. گەرچە چۆچۈرىنى خام سانىغان بولساممۇ، ھازىرمۇ كېچىكمەيسىز، تور بېكىتىڭىزدە ھازىرغىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىۋاتقان Microsoft نىڭ ئاشۇ كىچىككىنە eot تېخنىكىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ، 2-3 ئاي تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار ئېتىبار مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالسۇن. ئىناۋەت كارتىسى سەۋەبىدىن سېتىۋالالمىغانلارغا ئىناۋەت كارتىسى بارلار ياردەملىشىپ ئېلىشىپ بەرسۇن. لېكىن ئىمكان بار پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماڭ. چۈنكى دۇرۇس يۇمشاق دېتال سېتىۋالىمەن دەپ ئالدىڭىزغا كەلدى، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس. 250 يۈەن بەرسىمۇ 2 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىڭ. ئەجرىڭىزنى باشقا يەردىن تېپىڭ. بىرسىگە ياخشىلىق قىلسىڭىز، چوقۇم شۇ كىشى قايتۇرۇشى كېرەك دەيدىغان تامادا بولماڭ. ياخشىلىق ھامان ياخشىلىقتۇر، بەلكىم سىز ئويلاپ باقمىغان باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن سىزگە قايتىشى مۇمكىن.

ياكى بۇ دېگەن تىجارەت دېسىڭىز، دوللارچى تونۇشلىرىڭىزغا دەپ قويۇڭ. مۇشۇ قارا سوغۇقتىمۇ 100 دوللار ئالماشتۇرسا، ئاران نەچچە پۇڭ ياكى نەچچە موچەن پايدا ئالىمەن دەپ بانكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ. ماۋۇ 40 دوللارلىق نەرسىنى ئېلىپ ساتىمەن دېسە گەپ يوق 1-2 دوللار پايدا ئالالايدۇ. ئۇلاردا دوللار چىقىم قىلالايدىغان نۇرغۇن كارتا بار.

ئارتۇق ۋاقتىڭلار بولسا، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بۇزىمەن دەپ يۈرمەي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىڭلار، مەسىلەن: Windows 8 دۇكىنىغا ئەپ يېزىشنى مەشىق قىلىڭلار. شىركەت بولساڭلار Windows دۇكىنىغا تىزىملىتىشقا ياردەملىشىمەن. شەخس بولۇپ ئەپ يېزىپ قالساڭلار Windows دىكى ئۇيغۇرسوفت دۇكىنىدا ئېلان قىلىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.

تور بېكەتلىرىڭىزدە بىرنەچچە ئاي بولسىمۇ Windows 8 توغرىسىدا تەشۋىق قىلالامسىز-يوق؟ Microsoft بىزدىكى يۇمشاق دېتال قىزغىنلىقىنى بىر كۆرۈپ باقسۇن، قېنى مەرھەمەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
393 پارچە باھا يېزىلدى
  • ماخەق بىسمىللا دىمەي ، ناچارلىق قىلىشنى باشلاپتۇ دە…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:21
  • نۇمۇسسىزلارنىڭ توربېتىنى تېپ چىقىپ ،سازايى قىلىش كېرەك ،
    خەپ،،،،،،

    ئالىم ئاكا ئاللاھ خالىسا سىزنى مەڭگۈ قوللايمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:17
  • ھەي بولدى مەن ئارتۇق سۆزلىمەي، ئاشۇنداقلارنى ئېچىقىپ ئېتىۋەتكىلى بولسسىغۇ ، بىرنەچچىنى ئېتىپ باشقىسىغا ئىبرەت قىلاتتۇق!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:09
  • ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارەت ئېقىم سانى كۆپ ، لېكىن سان كۆپ سۈپەت ئاز دېگەندەك سۈپەتلىك نەرسىلەر ئاز…شۇنداقتىمۇ ئەلكۈيىدە زىيارەت ئېقىم سانى كۆپ ، ئونۋېرساللىقى كۈچلۈك بېكەتلەر زور كۈچ بىلەن تەشۋىقات قىلسا بولاتتى، لېكىن ھازىرقى ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس، مەن ئەلكۈيى قۇرغۇچىسى ئۈمىدۋارنىڭ ئانا تىلىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:01
    • **** تورى كۇرگۇچىلىرى
      ئازراق پۇلغا چىدىماي، پوق يەپ قالماڭلار، سىلەرمۇ بىلسەڭلار بۇ سىلەنىڭ مەجبۇرىيىتىڭلار! ئىسىت ، لەنەت سىلەرنىڭ مۈشۈكتەك بېشىڭلانى تىقىۋېلىپ ولتۇرغىنىڭلارغا!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:06
  • ئالىم مۇئەللىمنىڭ 8 windows تىكى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا قوشقان تۆھپىسى ۋە بۇ ھەقتىكى يازمىلىرى مېنى ھەقىقى نەشىرىنى ئېلىپ سېتېۋىلىشىمغا زور تۈرتكە بولدى، مانا ھازىر ئالىم مۇئەللىمنىڭ «Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن) ۋە ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش » تېمىسىدىكى ئۇسۇل بويىچە ئوڭۈشلۇق ھالدا ئىناۋەت كارتىسى ئارقىلىق ھەقىقى نۇسخسىنى سېتىۋېلىپ چۈشۈرۈۋاتىمەن، چۈشۈۇپ 70% بولدى، بولسا كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەقىقى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىشىنى، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئورگان تەرەپ تورىدىن چۈشۈرۈشىنى، قولىمىزدىن كەلگەن ئۇسۇللار ئارقىلىق ( مەسلەن توربەت، مىكرو بىلوگ ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ) تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلىشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:56
    • تەۋسىيە بىلەن بىللە تەشۋىقات قىلالامسىز؟
      ئالاقە:kokasman12@126.com
      ئىلاۋە: ھېچقانداق بېكەتنىڭ ئېلانى يوق. پەقەت كۆپ سورالغان سوئاللار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 16:58
  • مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا —دەيتۇق ئەسلى ئالىم مۇئەللىم.(چاقچاق جۇمۇ)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:48
  • بۇ ئېلان قىلىنغان تېما دەرھال ئۆچۈرۈلدى، ئۇ ئەزانىڭ تېمىسىغا ئانچە دىققەت قىلماپتۇق ھەم بۇنداق بولۇشىنى ئويلاپمۇ كۆرمەپتۇق. روھلان تور بېكىتىدە ئىزچىل windows8 نى تەشۋىق قلىىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق، بۇ ئىش ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇر خەلقىدىن كەچۈرۈم سورايمىز.
    windows8 نى تەشۋىق قىلىش يۈزىسىدىن بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان 2-قېتىملىق دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۈچۈنمۇ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا 2 دانە windows8 نىڭ ھەقىقىي نەشرىنى سوۋغا قىلىش پائالىيتى تەشكىللىدۇق.
    2-قېتىملىق دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لايىھەسى
    http://www.rohlan.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=18536&fromuid=1

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:46
    • windows8 نى تەشۋىق قىلىش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى، بىر نەچچەيلەن كۆپ سورالغان سوئاللار نى تۈزگەن، مۇمكىن بولسا تور بېتىڭىزدە تەشۋىق قىلىپ قويغان بولسىڭىز.
      ھۆرمەت بىلەن
      كۆك ئاسمان
      ئالاقە:kokasman12@126.com

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 17:10
  • ھازىر قارىساممۇ شۇ پېتى تۇرۇپتۇ ئىزدىنشتا بىر كۈن بولدى بىرەر باشقۇرغۇچى ئۆچۈرۋىتەيمۇ دىمەپتۇ چۈشۈرگەنلەر
    esir21的分享
    分享时间:2012-12-14 14:41
    浏览次数:107
    转存次数:6
    下载次数:58 گە يېتىپتۇ……

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:31
    • ئىزدىنىشتىنمۇ ئۆچۈردى ئاخىرى ، لىكىن يەنىلا 61 كىشىگە تارقىلىپتۇ ئۇ **** نەرسە . بولسا قىرىنداشلار قايسى توربەتتە مۇشۇنداق ئەخلاقسىز قىلمىش كۆرسەڭلار ، ئىنكاس يىزىپ رەددىيە بىرىش بىلەن بىرگە ، ئاددىرسىنى مۇشۇ يەرگىمۇ چىقىرىپ قويساڭلار ھەممىمىز تەڭ نەسىھەت قىلساق ، گەپ ئاڭلىمىسا يەنە تەڭلا ئەرز قىلساق ئۈنۈمى ياخشىراق بولامدىكىن دەيمەن .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:18
  • ئىزدىنىش تورىدىمۇ بىرسى بەيدۇ بوشلۇقىغا چىقرىپ قويغىنىنى ھەمبەھىرلەندۈرۈپ قويۇپتىكەن 35ئىنسان چۈشۈرۈپ بوپتۇ بىر سائەت ئىچىدىلا…..يا ئۆچۈرۋەتمىدى….چىقارغان كىشى ھارامدىن قورقمىسا چۈشۈرگەن كىشىمۇ ھارامغا شىرىك بولسا…..ھەي….ئەجەپ ئامراق مۇشۇ ھەقسىزگە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:25
  • بىز ئۈچۈن شۇنداق ياخشى ئىشنى قىلىپ بەرگەن مىكرو سوفىت شىركىتىگە رەھمەت. خالىس توھپە قوشقان قېرىنداشلارغىمۇ رەھمەت.دوستلارغا تەكلىۋىم بىز باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسنى قەدىرلەشنى بىلىۋالايلى.ناچار ئىشلارنى كۆرگەندە ئۇلارنى تۇسايلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:25
  • ناچار گۇيلا باركەن. پوق يەيدىغان ساراڭلار. تۆۋە دەيمەن، نېمە قىلىدۇ ئۇنداق قىلىپ. ئۆزى كۆرسەتكۈسى بولسا بىرەر نەرسە ياساپ باقسا بولمامدۇ؟ دېمىسىمۇ ئالىم مۇئەللىم شۇنچە جاپا بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلۋاتسا، بىزمۇ ھەھۇدەپ تەشۋىق قىلىپ ھەقلىق سېتۋېلىڭلاردەپ يۈرسەك. ھەي… نومۇس قىلمايدىغان گۇيلەركەن بۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:18
  • تورداشلارمۇ ھېسىياتىغا بېرىلىپ ۋىندوۋس 8 نىڭ ساختا نەشرى ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرسەڭلار خۇشال بولۇپ بېرىلىپ كەتمەڭلار. تېما، ئىنكاس ئېگىسىگە ئەسكەرتىش بېرىڭلار. نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىل – يېزىقىمىزغا كۆيۈنىشىمىز، ئاسرىشىمىز، بىزگە، يېزىقىمىزغا ياردەمدە بولغان ئۇيغۇرسوفت، مىكروسوفتتەك ھەرخىل ئورگان شىركەتلەرگىمۇ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ، ئاشۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىغا ئائىت توغرا بولغان ئۇچۇرنى تەشۋىق قىلىپ، ئاشۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك. ئەگەر سېتىۋالغۇدەك قۇربىتىمىز بولمىسا، ئۇنداقتا تۇزكورلۇق قىلماي، ئۆزىمىزدە بارىنى ئىشلىتىپ، قانائەت قىلىپ يۈرۈيلى، تۇزكورلۇقنى ئاقىۋىتىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر. ئەمما ماۋۇ قېتىم باشلىنىشىدىلا ئۇيغۇرسوفت، مىكروسوفتقا تۇزكورلۇق قىلساق… نەتىجىسى… سۆيۈملۈك، گۈزەل، ئوماق ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىز ۋىندوۋس 8 تىن ۋىندوۋس 9 قا ئۆتەلمەي تېخىمۇ ناچار ئەھۋالدا قالىدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:15
  • شۇنى دەيمەن، تىل بولىقى ئىلان قىلىنغان كۈنىلا قارىسام، خەت نۇسخىسىنى ئوڭشىدىق، ئۇنى قىلدۇق ،بۇنى قىلدۇق دەپ، مۇنبەر، مىكرۇبىلوگ دىگەن يەرلەرگە يىغىپ كىتىپتۇ، بۇ نى كۆرۇپ ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۇچتى. بۇ بىزنىڭ كومپيۇتىر تىخنىكىمىزنىڭ خىلى يۇقۇرلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بىرەلەيدۇ، خەت نۇسخىسى ھەقەقىتەن كۆركەم ئەمەسكەن بىراق، بىر مەزگىل ئىشلەتسە ئادەمگە بۇمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن،ئىككى كۈن ئىشلىتىپ مەن تامامەن كۆنۆپ كىتىپتىمەن، شۇ تىخنىكىمىز بولغاندىكىن خەقنىڭ نەرسىسىنى ئوپىراتسىيە قىلغۇچە ئۆزىمىز يىڭى نەرسىلەرنى ياسىساق بولىدۇغۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:48
  • بارلىق ئۇيغۇر مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋە باشقا كىشىلەر ئۆز توربېتىنى تەكشۈرۈپ، ۋىندوۋس8 كە مۇناسىۋەتلىك بولغان تېمىلارنى تەكشۈرۈپ چىقىشىنى، ساختا نەشىردىكى ۋىندوۋس 8 نى تەشۋىق قىلغان، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى مىكروسوفت ئورگان تەرەپتىن سىرت تەمىنلىگەن ھەر قانداق تېما ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسنى يۇيىۋېتىشىنى قاتتىق ئۈمىد قىلىمەن! بەزەن بىلەرمەنلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇيغۇرنىڭ تور – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يولىنى توسۇپ قويمىسۇن، ھازىر مىكروسوفتنىڭ ئالاقىدار توختام نىزاملىرىغا خىلاپ ئىش قىلىپ، نەتىجىدە ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىز ۋىندوۋس 8 تىن ۋىندوۋس 9 قا ئۆتەلمەيدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:44
    • تورداشلارمۇ ھېسىياتىغا بېرىلىپ ۋىندوۋس 8 نىڭ ساختا نەشرى ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرسەڭلار خۇشال بولۇپ بېرىلىپ كەتمەڭلار. تېما، ئىنكاس ئېگىسىگە ئەسكەرتىش بېرىڭلار. نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىل – يېزىقىمىزغا كۆيۈنىشىمىز، ئاسرىشىمىز، بىزگە، يېزىقىمىزغا ياردەمدە بولغان ئۇيغۇرسوفت، مىكروسوفتتەك ھەرخىل ئورگان شىركەتلەرگىمۇ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ، ئاشۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىغا ئائىت توغرا بولغان ئۇچۇرنى تەشۋىق قىلىپ، ئاشۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك. ئەگەر سېتىۋالغۇدەك قۇربىتىمىز بولمىسا، ئۇنداقتا تۇزكورلۇق قىلماي، ئۆزىمىزدە بارىنى ئىشلىتىپ، قانائەت قىلىپ يۈرۈيلى، تۇزكورلۇقنى ئاقىۋىتىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر. ئەمما ماۋۇ قېتىم باشلىنىشىدىلا ئۇيغۇرسوفت، مىكروسوفتقا تۇزكورلۇق قىلساق… نەتىجىسى… سۆيۈملۈك، گۈزەل، ئوماق ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىز ۋىندوۋس 8 تىن ۋىندوۋس 9 قا ئۆتەلمەي تېخىمۇ ناچار ئەھۋالدا قالىدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن!!!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:25
    • مەزكۇر پىكىرنى قوللايمەن!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:39
  • ئالىم مۇئەللىم مەن خىلى بۇرۇنلا Windows 8 نى بۇ سىستىمىنى سىتىۋىلىشىمدىكى مەخسىدىممۇ ئانا تىلىمىزنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن خۇشاللىقىمدىن ئىدى. يىقىندا ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى چىقىپتۇ دەپ ئاڭلاپ ئالدىراپ تىنەپلا ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپتىمەن. قاچىلىسام ھازىر كومپىيۇتىرىم پۈتۈنلەي ئەرەپچە بولىۋالدى. قانداق قىلسام ئۇيغۇر چىسىنى تولۇق چۈشۈرۈپ قاچىلىيالايمەن. ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:29