مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئورگان تەرەپتىن ئېلان قىلىنىپ ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمگەن بۇ كۈنلەردە، ھەرقايسى تور بېكەتلەردىن تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بەس-بەستە يازغان تېما ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئەمما بەزى تور بېكەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. مەن گەپنى سەل باشتىن باشلاي.
Windows 7 خەنزۇچىدىن باشقا يەنە جۇڭگودىكى 7 مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلالايتتى. ئۇلار زاڭزۇچە (藏语)، مۇڭغۇلچە (蒙古语)، يىزۇچە (彝语)، ئۇيغۇرچە (维吾尔语)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 德宏傣文, 西双版纳新傣文, 八思巴文 لاردىن ئىبارەت. Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى مەن بەش قولدەك ئوبدان بىلىمەن، ئورگان تەرەپ تىل بولىقىنى چىقىرىمەن دېسە، قائىدە بويىچە Windows قا كىرگەن تەرتىپ بويىچە ئويلىشىدۇ. ھېچبولمىغاندا جۇڭگودا خەنزۇچىدىن باشقا يەنە بىرەر تىلنى تاللايمەن دېسە زاڭزۇچە (تىبەت) ياكى مۇڭغۇلچىنى تاللىغان بولاتتى. زاڭزۇچە ۋە مۇڭغۇلچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تېخنىكىسىمۇ خېلە پىشىپ يېتىلگەن، بەزى دېتاللىرىنىڭ تېخنىكىسى تېخى بىزنىڭ ئالدىمىزدا. ئەلۋەتتە دۆلەتمۇ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ قېتىم ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى ئالدىدا ئويلىشىپ، ئىلتىماسنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى كېيىن دەپ بېرەي. لېكىن كېيىن چوقۇم زاڭزۇچە (藏语) ياكى مۇڭغۇلچە (蒙古语)نىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللايدۇ.
Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بەلگىلەنگەن پىلاندىن بۇرۇن ئېلان قىلىۋېتىشىنى مەنمۇ بىلمىدىم. چۈنكى، تىل قوشۇشتىن پارسچە (ئىران)، ئۆزبېكچە (ئۆزبېكىستان)، قازاقچە (قازاقىستان)،…. تىل بولىقىنى ياكى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى باشقا تىل بولىقى كۇرد (تۈركىيە، كۇردىستان)، پوشتۇ (پاكىستان، پەنجاپ)،…نى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىن باشقا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى تىل بولىقىنى تېخىچە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇلار تەييار بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارغىمۇ ئاز قالدى.
ئەمدى گېپىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ يەردە بەزى تور بېكەت (مۇنبەر ياكى بىلوگلار)نى ئاشكارە تىلغا ئالغۇم كەلمىدى، ئەمما بۇ تور بېكەتلەر Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ، بەزى ئۇچۇرلارنى قوشۇپ، ئېنىق ئېيتقاندا پېتىغداپ ياكى بۇلغاپ بولغاندىن كېيىن بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاپ، ئۆز تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى تەمىنلەپتۇ، ھەتتا ئۆز تور بېكىتىنىڭ ئېلانى سۈپىتىدە بىلوگىمغا ئىنكاس يېزىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن نېمە ئويدا، سىلەر زادى نېمە كويدا؟ ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بەزى پىكىرى ئۆتكۈر تورداشلارمۇ بۇ ئىشقا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، ئۇنداق قىلماسلىقنى تاپىلاپتۇ.
بۇنداق قىلمىش «Microsoft Windows 8 تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»گە ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، Microsoft بۇنداق قىلمىشنى ئەڭ ئېغىر كۆرىدۈ، ۋاقتى كەلگەندە قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ. كېيىن تىل بولىقىنى توردىن چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەندە، چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى «ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»(ئۇيغۇرچە)نى توردىن كۆرەلەيسىز. ھەرقانداق ئادەمنىڭ تىل بولىقىنى ئۆز ئالدىغا قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە، ئۆز ئېلانلىرىنى قوشۇشقا،…ئاشكارە تارقىتىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
يەنە بىرسى بۇ كەسپىي ئەخلاق جەھەتتىمۇ قەبىھ قىلمىشتۇر. ناۋادا Microsoft مەھسۇلاتلىرىغا زىيادە ئامراق بولساڭلار، مەن ئالاقىلىشىپ بېرەي، بېيجىڭدىكى Microsoft ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ 1-2 ئايلىق پىراكتىكانت خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىڭلار، كەسپىي ئەخلاق ۋە قىزغىنلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ كېلىڭلار. لېكىن، بۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. باشقىلار كۆرسە بۇلاردىمۇ بۇنداق ئىش بار ئىكەن ئەمەسمۇ دەپ ھەيران قالىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى نام-ئاتاق ئەمەس.
يەنە مۇھىم بىرسى ھەممە ئادەم ئورگان تور بېكىتىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا، ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا بولغان ئېھتىياجنى ۋە قىزغىنلىقنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. بۇ Microsoft نىڭ باشقا مۇھىم مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كېڭەيتىشكە بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ.
ئەگەر تور بېكىتىڭىز بولسا، ئازىراق ئېلان ئورنىدىن ۋاز كەچسىڭىزمۇ Windows 8 نى تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. مەن تېخى بارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە Windows 8 توغرىسىدا بەس-بەستە تەشۋىقات بولامدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن. گەرچە چۆچۈرىنى خام سانىغان بولساممۇ، ھازىرمۇ كېچىكمەيسىز، تور بېكىتىڭىزدە ھازىرغىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىۋاتقان Microsoft نىڭ ئاشۇ كىچىككىنە eot تېخنىكىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ، 2-3 ئاي تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار ئېتىبار مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالسۇن. ئىناۋەت كارتىسى سەۋەبىدىن سېتىۋالالمىغانلارغا ئىناۋەت كارتىسى بارلار ياردەملىشىپ ئېلىشىپ بەرسۇن. لېكىن ئىمكان بار پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماڭ. چۈنكى دۇرۇس يۇمشاق دېتال سېتىۋالىمەن دەپ ئالدىڭىزغا كەلدى، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس. 250 يۈەن بەرسىمۇ 2 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىڭ. ئەجرىڭىزنى باشقا يەردىن تېپىڭ. بىرسىگە ياخشىلىق قىلسىڭىز، چوقۇم شۇ كىشى قايتۇرۇشى كېرەك دەيدىغان تامادا بولماڭ. ياخشىلىق ھامان ياخشىلىقتۇر، بەلكىم سىز ئويلاپ باقمىغان باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن سىزگە قايتىشى مۇمكىن.
ياكى بۇ دېگەن تىجارەت دېسىڭىز، دوللارچى تونۇشلىرىڭىزغا دەپ قويۇڭ. مۇشۇ قارا سوغۇقتىمۇ 100 دوللار ئالماشتۇرسا، ئاران نەچچە پۇڭ ياكى نەچچە موچەن پايدا ئالىمەن دەپ بانكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ. ماۋۇ 40 دوللارلىق نەرسىنى ئېلىپ ساتىمەن دېسە گەپ يوق 1-2 دوللار پايدا ئالالايدۇ. ئۇلاردا دوللار چىقىم قىلالايدىغان نۇرغۇن كارتا بار.
ئارتۇق ۋاقتىڭلار بولسا، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بۇزىمەن دەپ يۈرمەي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىڭلار، مەسىلەن: Windows 8 دۇكىنىغا ئەپ يېزىشنى مەشىق قىلىڭلار. شىركەت بولساڭلار Windows دۇكىنىغا تىزىملىتىشقا ياردەملىشىمەن. شەخس بولۇپ ئەپ يېزىپ قالساڭلار Windows دىكى ئۇيغۇرسوفت دۇكىنىدا ئېلان قىلىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.
تور بېكەتلىرىڭىزدە بىرنەچچە ئاي بولسىمۇ Windows 8 توغرىسىدا تەشۋىق قىلالامسىز-يوق؟ Microsoft بىزدىكى يۇمشاق دېتال قىزغىنلىقىنى بىر كۆرۈپ باقسۇن، قېنى مەرھەمەت.
- يازما كۆرۈلۈشى: 160,602 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:06
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
- كېيىنكى يازما :خەنزۇچە Windows 8 دە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش
«ئۇيغۇرچە تىل بولىغىنى Microsoftنىڭ ئۆزىدىن چۇشۇرۇڭلار ،،،،،،،،،،،بۇ Microsoftشىركىتىنىڭ مۇندىن كىيىن ئۇيغۇر تىلنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۇل بۆلىشىگە پايدىلىق» دىگەن دىنمۇ ئىنىق چۈشىنىشلىك ،چۇڭقۇر مەنىلىك گەپ بولمايدۇ ،قىرىنداشلار! ھەممەيلەن ئانا تىلىمىز ئۈچۇن ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، بۇ يەردە ھىچ كىم شەخسى مەنپەتنى كۆزلىمەيۋاتىدۇ،،،،،،،،
تېلۋۇزۇرغا ئېلان بېرىدىغان ئىشمىكىن يا. بۇنداق قىلدىغان بايلىرىمىز چىقارمۇ .
ياكى بولمىسا ئۈرۈمچى ، قەشقەردە ئوقۇيدىغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى تەشكىللىنىپ تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىدىغان پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرامسىلەر يا .
مەن كۆپ سورالغان سوئاللارنىڭ pdf شەكلىنى تەمىنلىسەم ، qq ياكى renren دھ تەشۋىق قىلالامسىز؟
ماۋۇ بولىدىغان گەپكەن. مەن قىلالىشىمچە قىلىشنى خالايمەن.
abduwayit28@hotmail.com
مەنمۇ قوشۇپ مۇنبەرلەردە تەشۋىق قىلىپ بېرىمەن.
بىز ئاشۇنداق مىتى قۇرۇتلارنىڭ دەستىدىن مۇشۇ كۇنگە قىلىۋاتىمىز ، بۇ كۈنلەر تىخى بىزگە ئاز……………………….
بىز ئاشۇنداق مىللەت ئەمەس ئۇ ئاشۇ ئادەمدىكى مەسىلە مىللەتكە ئارتىپ قويماڭ
ھازىر ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر ئارىسىدا ئەلكۈيى تورى،مىسرانىم تورى قاتارلىق تور بىكەتلەرنىڭ زىيارەتچىللىرى ئەڭ كۆپ،ئەمما بۇ ئىككى توربىكەتwindows8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى چىققان كۈنى بېشىنى ئىچىگە تىقىپ چىڭ تۇرىۋالدى،مەن ئاخىرى بۇ ئىشقا چىدىماي مىسرانىم مۇنبىرىگە،ئەلكۈيى مۇنبىرىگە windows8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى نىڭ چىققانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس تىما يوللۇدۇم،مىسرانىم تورىغۇ تەستىقلىدى،ئەمما ئەلكۈيى تورى تەستىقلىمىدى.مېنىڭ يەنە ئاچچىقىم كېلىپ ئەلكۈيى مىكرو بىلوگىغا مۇنۇ تىمىنى يوللۇدۇم::#تەكلىپ-پىكىر# ئەلكۈيى تورىغا تەكلىپ: ھەممىمىز ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بۈگۈن 2012-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى،.ھازىر ئەلكۈيى تورى ئۇيغۇر تورچىلقىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ،كۈندىلىك زىيارەت سانى700مىڭغا يىتىدۇ،بولسا ئەلكۈيى تورىنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر يېزىپ توردا تەشۋىق قىلسا Windows 8نى ئىشلىتىغانلار كۆپىيىدۇ دەپ قارايمەن.تورداشلار بۇتەكلىپكە قۇشۇلامسىلەر؟ئەلكۈيى تورى ئۇيغۇرچە تور بىكىتى،بۇ خوش خەۋەرنى تەشۋىق قىلىش ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيتى دەپ قارايمەن،بۇنداق بولغاندا ئەلكۈيىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق بۇلىدۇ…ئەگەر تەشۋىقاتقا ھەق تەلەپ قىلسا مەن ئۆزۈم تۆلەشكە رازى… ئەلكۈيى تورىدىكىلەر بۇ مىكرو بىلوگىمنى كۆردى بولغاي بىرنەچچە سائەتتىن كىيىن ئەلكۈيى خەۋەرلىرى نامىدا كىچىك بىر خەۋەر بىرىپلام بولدى قىلدى،ئەسلى بۇئىككى تور بىكەت باشلامچى بۇلۇپ ئۆزلىرىنىڭ باش بىتىدە يوغان قىلىپ تەشۋىقات ئىستونى ئىشلەپ تارقاتقان بولسا ياخشى بۇلاتتى،بۇنداق قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئىستىقبالىغىمۇ پايدىسى بۇلاتتى،نىمىشقا دىمەمسىلەر،ھازىر ئۇلارنىڭ توربىكىتىنى بىكەت قىلىپ تۇرىۋاتقىنى مانا مۇشۇ بىزنىڭ ئاتا يېزىقىمىز،بۇيېزىق يۇقالسا ئۇلارغا نەدىكى نانكەن. Windows 8نى كۆپرەك تەشۋىق قىپ قويسا ئاتا تىلىمىزنى ئىشلىتىدىغانلار كۆپەيسە ئۆزلىرىنىڭ توربىكىتىنىڭ زىيارەتچىللىرى ئاشىدۇ ئەمەسمۇ.ئەجىبا ئۇلار مۇشۇنچىلىك ئەقەللىي ساۋاتنى بىلمەمدىغاندۇ؟
ئەلكۈيىدىكىلەر بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ، نەق پۇل تاپىدىغان ئىش بولسا قىلىدۇ.
ئۇلار دوستانە ئۇلىنىش ئورنىنىمۇ ئايلىقىنى 200 دىن ساتىدىغان تۇرسا
ھى ھى ھى … http://www.alkuyi.com ئادىلجان دىگەندەك ئازىرقى چوڭ بېكەتنىڭ بىرسى سىز نەدە قالغانسىز ھە
دەھشەت توغرا گەپ قىلىپسىز، ئەلكۈيى ئادەتتە مۇراجىئەتنامىنىمۇ پۇل ئېلىپ چىقىرىدىغۇ دەيمەن… ئەلكۈيى مۇشۇ پېتى يېڭى تۈر ئويلاشماي ماڭسا ھازىرغۇ جىق بوشىشىپ كەتتى، بۇندىن كېيىن كەينىدىلا قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى يېڭىچە ئوي پىكىرلىك ئىختىساسلىقلار ئەمدى كوچىغا چىقىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ…
windows 8 تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلغۇڭىز بارمۇ؟ ماتىېرىيالنى مەن تەمىنلەيمەن، پەقەت تەشۋىق قىلىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
تور خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ
kokasman12@126.com
بۇ XXXXX نىڭ قۇرغۇچىسىنى پۇلغا دۈم چۈشكەن بىر ناچار ناكەستى گۇي دەيدىغۇ، قولىدا ئىشلەپ چىققان دوستلىرىمدىن ئاڭلىسام، نەچچىسى مائاش ئالالمىغاننىڭمۇ گىپىنى قىلىۋاتىدۇ،
بۇ بىلوگدا پاكىتسىز گەپ قىلماڭ، غەيۋەت بولۇپ قالسا، ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.
بۇ **** تورى مەخسۇس چولپانلارغا بىلوگ ئېچىپ بېرىپ، ئۆزىنى كۆز كۆز قىلىپ يۈرمەمدۇ…
ھېلىغۇ بۇ ئىشكەن… بەزى ئىشلار توغرۇلۇق مۇلاھىزە يوللانسىمۇ، گەرچە ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق يېرى بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ سەۋىيەسى يەتمەمدۇ ياكى باۋشەنگۈيى بەك چىڭمۇ، كۆزىنى مىتىلدىتىپ ئولتۇرۋالىدۇ…
ئەلۋەتتە ئۇلاردىمۇ مەسئۇلىيەت ئېڭى بولۇشىنى تەۋسىيە قىلايلى
خاككېرلار يوقمۇ؟ ئاشۇنداق ئوغۇرلۇقچە تىل بولىقىنى ئۆزگەرتكەن، ئۆز ئالدىغا چۈشۈرۈش ئورنىنى بەلگىلىگەن تور بېكەت، بلوگلارغا بىرىنجى قېتىدا ئەسكەرتىش بېرىش، ئۇمۇ بولمىسا شۇ يازمىنى ياكى شۇ تور بېكەتنى ئېچىلماس قىلىۋەتسەڭلار!
مەن ئالىپبەگ نىڭ پىكرىنى قوللايمەن !!!!!
ئاشۇنداق قانۇنسىز، كەسپى ئەخلاققا يات ئۇلىنىشلارنى تور بېتىدە قويغان، بوشلۇققا يوللىغان ناكەس تور بېكەت، بلوگ، *** گۇيلارنىڭ تىزىملىكىنى بىر تۇرغۇزۇپ چىقايلى باللا، زادى قانچىسى باركىن ؟
ئاشۇنداق تېگى پەس ، ناكەس گۇيلارنى *** دىن بولغانمىكى دەپ قالىمەن.
ئەركىشى دېگەن ئەركىشىدەك بولمامدۇ ؟ باشقىلار نەچچە يىل جاپا تارتىپ ، ئەجىر سىڭدۈرۈپ مىڭبىر جاپادا قىلغان ئىشنى، ئۆزىنىڭ ئىشۇ كىچىككىنە مەقسەتلىرى ئۈچۈن قالايمىقان قىلغان ، قىلىۋاتقان خۇمسىلار ئەجەبا ، باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلىنىشتىن يۈزى ئۇيالمامدىغاندۇ؟؟؟
ئاشۇنداقلارغا ئاخىرقى گېپىم : تويۇڭ بولسا مېنى چاقىرىشنى ئۇنۇتما، ئاخىرىسىنى مەن چىقىرىپ بىرەي.
شۇنداق قىلغانللارنى كۆرسەك شۇ تور بىكەتتە پاش قىلىدىغان يەر بار شۇ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى پاش قىلساق بولىدۇ!
مەن بايا پاش قىلىپ قويدۇم سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ !
ھە راس باشقا بىر قانچە مۇنبەر داشلارغىمۇ ئېلىشىپ بەرگەن مۇنبەردىكى نامىم ablimitwws
windows8 ئوغۇرلانغان نەشىرنى ئىشلىتىش خەقنىڭ ھەققىنى يىيىش دىگەنلىك . باشقىلارنىڭ ھەققىدىن تاكى شۇ كىشى ئۆتمۈگىچە ياراتقۇچىمۇ ئۆتمەيدۇ . سېتىۋېلىشتا قىينالسىڭىز مىنى ئىزدەڭ ھەقسىز ئېلىشىپ بېرىمەن 248 يۈئەنگە . مەندە VISA ئىناۋەت كارتىسىدىن بىرقانچىسى بار . 550934544 چ چ ، 18699177737 تېلفون
ئالىم مۇئەللىم ناھايتى توغرا ئىيتتى، ھىچ بولمىسا شەخسى بلوگ مۇنبەرلىرىمىزد ئىلان قىلىپ تەشۋىق قىلىپ قويايلى، شۇنداقلا مۇشۇ تىل بولىقىنى ئۆز بوشلۇقىدا تەمىنلەۋاتقانلارغا قاتتىق زەربە بىرەيلى، ئۇنداق ئەزالارنىڭ تىمىلىرىنى ئۆچۈرۈپ ئەزالىق نامىنىمۇ بىكار قىلۋىتىپ باشقىلارغا ئىبرەت بىرەيلى، بولسا photoshop قا ئۇستا دوستلار ھەرخىل رازمىردا سۈپەتلىك كۆركەم ئىلان ئىشلەپ قويغان بولساڭلار بىكار تۇرسا تۇرىدىغان ئىلان ئورۇنلىرىغا تەشۋىق قىلىپ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ دۇنياۋى چوڭ يۇمشاق دىتالغا ئۇيغۇرچە تىلىمىزنىڭ قوشۇلغانلىقىنى تىخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈريلى!
مەن ئىشقىلىپ مۇشۇ ئالىم مۇئەللىمگە بەك قايىل جۇمۇ ! ،،مەن تىخە نۇرغۇن ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى مۇشۇ توغرىسىدا خەۋەر ئىلان قىلىدۇ دەپ ئويلىسام ،،،نەدە ،،،بەلكىم ئۇلان شۇ ئازىراق ئىلان پۇلىغا چىدىمىدى بولغاي ! ،،بەك سوغوق مۇئامىلى قىلدى !،، ئالىم مۇئەلىم مۇشۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاللىنىشىنىڭ ،،باشقا موڭغۇل تىبەت تىللىىرىنىڭ تاللانماسلىقى سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ ئۈتەمسز ؟ مىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا بەك بىلگىم بار ،،،،
ئۇلارنىڭ يېزىقى Windows قا بىزدىن بۇرۇن كىرگەن، نوپۇس ۋە نوپۇز جەھەتتە بىزدىن خېلە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىدى، لېكىن بۇنىڭ سەۋەبىنى دېسەممۇ قەدرىگە يەتمىگۈدەك، بولدىلا.
مېنىڭمۇ بىلگىم بار ئىدى .
ئۆزۈم خىياللار بىلەن چالا بۇلا بىلىۋالدىم . لېكىن بۇ خىيالىممۇ گۇمانلىقدە .
قاچان يېزىپ يوللاشقا ۋاقتىڭىز يار بەرسە شۇ چاغدا كۆرسەك بولىدۇ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم:مەنلا ئەمەس نۇرغۇن قېرىداشلىرمىز بۇنىڭ سەۋەبىگە بەكلا قىزقىۋاتدىغۇ دەيمەن ھەم ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن شۇنداق پەخىرلىنۋاتىمەن،ئىمكان بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر توختالغان بولسىڭىز،ئاللاھ قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن!
ئالىم ئاكا مەن تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇخبىرى ئالىمجان بولسا بىز Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرغان بولساق ۋاقتىڭىز چىقارمۇ؟
ياخشى ئويلاپسىز. لېكىن ھازىر يەنە جىددىي ئىشلەۋاتىمىز، 1-ئايدا تېخىمۇ جىددىي بولىدىكەنمىز. ۋاقتىم چىققاندا مەن سىلەر بىلەن ئالاقىلىشاي.
ماقۇل
مىنىڭمۇ مۇشۇ توغرىسىدا بىلگىم بار، بولسا مۇئەللىم بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز…
مېنىڭچە بىز « نېمىشقا ئۇلارنىڭ تاللانمىدى » ئەمەس، « قانداق قىلىپ ئالدى بىلەن تاللانغان ئانا تىلىمىزنى راۋاجلاندۇرىمىز» دېگەنگە كۆڭۈل بۆلسەك بولارمىكى…. مېنىڭچە بۇ ئىشتا ئالىم مۇئەللىمنىڭ تۆھپىسى چوڭ بولدىغۇ دەيمەن….
قىززىق ئىشتىن بىرنى دېسەم، ھازىر مەن(مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا…) ئۇيغۇرچىنى ئىشلتىپ كۆنۈپ قاپتىمەن، باشقا تىلدىكى كومپىيۇتېرىنى ئىشلەتسەم غەلىتە تۇيىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
ئالىم مۇئەللىم، رەھمەت سىزگە (ۋە مۇشۇ ئىش ئۈچۈن جاپا چەككەنلەرگە) تەرجىمە شۇنداق يېىنىك ۋە راھەت چىقىپتۇ… ئادەمنى مەپتۇن قىلدىكەن… ئۇيغۇر تىلىمۇ بوش تىل ئەمەسكەن…. (بۇ نۇقتىنىغۇ بۇرۇنلا ھېس قىلىپ يەتكەنمەن… ئەمما بۇ سىستېما ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئانا تىلىمدىن تېخىمۇ ئىپتىخارلاندىم.)
راست يەنە بىر سۇئالىم، سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە ئارا يۈزىدىكى خەت شەكلى بىز ئىشلىتىۋاتقان خەت نۇسخىسىدەك كۆرۈملۈك ئەمەسكەن،(ئەلۋەتتە مەزمۇندا مەسىلە يوق، پەقەت ئۇ خىل خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كۆنمىگەندىكىن….) شۇڭا مەن تورداشلار تەمىنلىگەن خەت سىلىقلايدىغان خەت نۇسخسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن ئىدىم، بۇ ئىش دۇرسمۇ يا تازا ياخشى بولمىغان ئىشمۇ؟
شۇڭا مەن تورداشلار تەمىنلىگەن خەت سىلىقلايدىغان خەت نۇسخسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن ئىدىم، بۇ ئىش دۇرسمۇ يا تازا ياخشى بولمىغان ئىشمۇ؟
===========
خەت نۇسخىسىنى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغانغا ئالماشتۇرۇش چەكلەنمەيدۇ
مەنمۇ سەل تەشۋىشلىنىپ تۇراتتىم خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرغانغا، لىكىن ھازىر ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىنكاسىنى كۇرۇپ كۆڭلۈم ئارامىغا چۇشتى
دەۋرىمىزدە مىللەتنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلىغى،گۈللىنىشى،تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ زىھنىنى بارلىغىنى تەقدىم قىلىپ،بىرئۆمۈر
مىللەتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ئۆتىدىغانلار مىللىتىمىزنىڭ نوپۇسىغا
نىسپەتەن كۆپ ئەمەس،لىكىن ئۇلارنىڭ ئەجرىنى ئۆزىنىڭ مەنپە
تى ئۈچۈن نومۇسسىزلارچە قۇربان قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس
ئەشۇ قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان،ئۆزىنى ئۇيغۇر
دەپ ئىتىراپ قىلغان قېرىنداشلىرىم ئۆزىڭىزنىڭ مەنپەئەتىنى
دەپ 10مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ زىيىنىغا پايدا ئالماڭ!
(ئۇ ئىشلارنى قىلمىسىڭىزمۇ جېنىڭىزنى بېقىپكىتىسىز)
تورداشلا مەن سەلقايناپ قالدىم 。
ئىشىگىم كۆۋرۈكتىن ئۆتتى ، قۇرۇغى نەزىر دىگەندەك ئىش قىلمايلى !!ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بەرمىسەك بولماس !! مەن كۆزنەك سەككىزنى سېتىۋېلىپ شۇنى ھىس قىلدىمكى ، بىز باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىمكەن !!
بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز نىمىشقا نامرات ؟ ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن 5يۈەندىن ئوغىرى نەشىرلىك پىلاستىنكا ساتىدىغان ھارام يەيدىغان دەي سودىگەرلىرىنىڭ دەستىدىن ، ساناقلىقلا ئارتىسلىرىمىز قېپ قالدى .ئەگەر ھەممە ئادەم ئۆز مەنئەتىنى كۆزلىسە. ھىچكىم ناخشىچى بولماس ئىدى. ھەي !!!!
مەن ئالىم مۇئەللىمنىڭ پىكىرىنى قەتئى قوللايمەن، ئۆزىنى سورىمىغان بەزى***لەرگە شۇنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ: بۇزۇشتىن باشقا نىمە ئىش قىلالايسىز؟ ۋۇجۇدىڭىز بۇزۇقچىلىق بىلەن پۈتۈپ كەتكەنمۇ؟