Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن) ۋە ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]Windows 8 نى سېتىۋېلىش (ياكى ئىشلىتىش) ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك 2 خىل ئۇسۇل بار
(1) دەرىجە ئۆستۈرۈش
248 يۈەن ئېتىبار باھا بىلەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز. ناۋادا، 2012-يىل 6-ئايدىن باشلاپ، ماركىلىق كومپيۇتېر ئالغان بولسىڭىز، 98 يۈەن تاپشۇرۇپ، 7 Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز.
(2) Windows 8 قاچىلانغان ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋېلىش
مۇشۇ ئايلاردا يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان Sony, Dell, 联想،….قاتارلىق ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىز، ئىچىدە Windows 8 ھەقىقىي نەشرى قاچىلانغان بولىدۇ. بۇ يەردە (2)-ئۇسۇلنى تونۇشتۇرمايمەن، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ماركىدىكى خالىغان كومپيۇتېرنى سېتىۋالسا بولىدۇ.
بىرىنچى: دەرىجە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)نى سېتىۋېلىش
ئالدى بىلەن سىزدە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ياكى Paypal ھېساباتى بولۇشى كېرەك (مۇشۇنداق ئېنىق دەپ تۇرساممۇ ئادەتتىكى بانكا كارتىلىرىدا سېتىۋېلىشقا بولمامدۇ دەپ سوئال سوراپ يۈرمەڭلار)، مەن پەقەت ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئارقىلىق سېتىۋېلىشنى تونۇشتۇرىمەن (مۇشۇنداق دەپ تۇرساممۇ يەنە Paypal دا سېتىۋېلىشنى نېمە ئۈچۈن تونۇشتۇرمىدىڭىز دەپ سوراپ يۈرمەڭلار)، شۇڭا ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرمىگەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرمىسىمۇ بولىدۇ. ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرىش ئۈچۈن، بانكىلارغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلىڭ، بۇ يەردە جاۋاب بېرىپ بولالمايمەن، رەھمەت!
(1) ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچ ئادرېس بالدىقىغا تۆۋەندىكى ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ، Microsoft تور بېكىتىگە يۆتكىلىڭ.
http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/buy?ocid=GA8_O_MSCOM_Prog_FPP_Null_Null
بۇ بەتتىن 仅需 ¥248# 即可下载专业版 (پەقەت 248 يۈەن تاپشۇرۇپ، كەسپىي نەشرىنى دەرھال چۈشۈرۈش)نى بېسىپ، Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 5.18MB
(2) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى قوش چېكىپ ئىجرا قىلىڭ.
(3) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى) كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ، دەرىجە ئۆستۈرۈشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ماسلاشمايدىغان (ياكى سىغىشمايدىغان) ئۈسكۈنە ياكى پىروگرامما (دېتاللار)نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
(4) كېيىنكى (下一步)نى باسسىڭىز، ساقلاپ قالىدىغان مەزمۇنلارنى تاللاش دىيالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. بۇ يەردە 3 خىل تاللاش بار.
Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەر
پەقەت خۇسۇسىي ھۆججەتنى ساقلاپ قېلىش
ھېچقانداق مەزمۇنلارنى ساقلىمايمەن
بۇنىڭ ئىچىدىن 1-تاللاش يەنى Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەرنى ساقلاپ قېلىشنى تاللاڭ (تەۋسىيە قىلىمەن)، ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.
(5) سىزگە ماس كېلىدىغان Windows 8 نىڭ باھاسى 248 يۈەن دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن زاكاز قىلىش (订购)نى تاللاڭ.
(6) سىز زاكاز قىلغان مەزمۇن كۆرۈنىدۇ، ھېسابات قىلىش (结账)نى تاللاڭ.
(7) پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش ئادرېسىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ
(8) پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى تاللايسىز، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىناۋەت كارتىسى (信用卡)نى تاللاپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ
(9) پۇل تۆلەش ئۇچۇرىدا يەنە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ. مەھسۇلات ئاچقۇچى بۇ يەرگىمۇ ئەۋەتىلىدۇ. مېنىڭ ئىشلەتكىنىم قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى (باشقا بانكىنىڭ بولسىمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ). بولۇپمۇ كارتا نومۇرىڭىز، ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە كارتا بىخەتەرلىك كودىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ.
(10) ئاخىرقى باسقۇچتا سىز زاكاز قىلغان ئۇچۇرلارنى جەزملەشتۈرىسىز.
(11) سىز بەرگەن زاكاز بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، يەنى بانكا كارتىڭىزدىن 248 يۈەننى تۇتۇپ قالىدۇ.
(12) مەھسۇلات ئاچقۇچىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇ ئاچقۇچنى پۇختا ساقلاڭ، ئۇ يەنە ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزغا ئەۋەتىلىدۇ.
(13) Windows 8 نى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا 2Mbs لىق توردىمۇ 1 سائەت 30 مىنۇت ئىچىدە چۈشۈرۈپ بولىدۇ، سەۋر قىلىپ ساقلاپ تۇرۇڭ.
===========================================
ئىككىنچى: Windows 8 نى DVD ئوپتىك دىسكىسىغا ئويۇش
==========================================
(14) چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈستەليۈزىدە Windows8-Setup.exe (ياكى 安装 Windows.exe) دېگەن سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ.
(15) Windows8-Setup.exe سىنبەلگىسىنى قوش چەكسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك ئېكران كۆرۈنۈشى پەيدا بولىدۇ.
1-دەرھال قاچىلاش
2-ساقلاش ماددىسى (بارماق دىسكا ياكى ISO ھۆججەت) قۇرۇپ قاچىلاش
3-سەل تۇرۇپ ئۈستەليۈزىدىن قاچىلاش
مەن ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭ ئىچىدىن مەن 2-تۈرنى تاللىدىم. ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.
(16) بۇنىڭ ئىچىدىن «ISO ھۆججەت»نى تاللاپ، ساقلاش (保存)نى بېسىڭ.
(17) «ISO ھۆججەت»نى ساقلايدىغان جاينى تاللاڭ.
مەن يەنە قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى يازىمەن. ئاندىن يەنە بۇ ئىنگلىزچە Windows 8 نىڭ تىلىنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىگە تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى مۇشۇ يەردە تونۇشتۇرىمەن. داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز. لېكىن تۈزۈك ئىنكاس چۈشمىسە، بۇ تېمىغا قىزىقمايدىكەن دەپ داۋامىنى يازمايمەن.
(مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، بۇ تېمىنى خالىغان يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ)
- يازما كۆرۈلۈشى: 8,082 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 15:54
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 نىڭ 57 خىل تىل ئارايۈزى بولىقى
- كېيىنكى يازما :Surface ھەققىدە دەسلەپكى تەسىرات
كۆزنەك 8 سىستېمىسىنىنىڭ سىناق نەشىرىنى ئىشلىتىپ ھەقىقەتەن رازى بولغان ئىدىم. بىراق ماۋۇ ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋېلىش سەل ئاۋارچىلىق ئىش ئىكەن. بۇنىڭغا بىر ئامال قىلساق بۇلاتتى؟
پۇل تۆلەش ئاۋارىچىلىقكەن، بىزگە ياتراق. ئەمما سىناق نۇسخىدىن بىراقلا رەسمىي نۇسخىغا يېڭىلىغىلى بولىدىكەن. مەن رەسمىي نۇسخىسىغا كۆچۈپ بولدۇم.
شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى سەككىز كۆز بىلەن كۈتكەچ مەزكۇر يازمىنى جان تىكىپ يازغان ئىنكاسخۇمار ئالىمكامغا ئىنكاسدىن بىرنى تارتۇق قىلىۋەتتىم، رەھمەت ھاجەتسىز…
بەكلا تەپسىلى ھەم چۈشىنىشلىك بوپتۇ
ناھايىتى تەپسىلى ۋە چۈشىنىشلىك بوپتۇ، مۇئەللىم رەھمەت سىلىگە.
مەن سېتىۋېلىپ بولدۇم ! ئەپسۇس ، قېرىشقاندەك خاتىرە كومپىيۇتېرىم بۇزۇلۇپ قالدى . ئەمدى قاچىلىيالماي قاراپ ئولتادىم .
سۇئال: ئويغۇرچە تىل بۇلىقى قاچان ،تەخمىنەن نەچچە ئايدا چىقار؟ چۈنكى بىز بۇ يەردە تەشۋىقاتنى جىق قىلىپ ئەمدى دوستلار بىزنى تىل بۇلىقى چىقتىمۇ،ئەمسە چىققاندا بىراقلا ئالىلى دەيدۇ. مەن ئانا تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى دەپ جەمىيەتكە ئاران بىر يىل كۆزنەك سەككىز سېستىمىسىنى ھەقسىز باشقىلارغا قاچىلاپ ۋە قانداق سېتىۋىلىش مۇلازىمىتى قىلماقچى بۇلىۋاتىمەن.ھازىر شۇ ئانا تىل بۇلىقىنىلا ساقلاپ ئولتۇردۇق.
مېنى تەڭلىكتە قويماڭلار، بۇنداق ئىشلارنى دېسەم بولمايدۇ، ئورگان تەرەپ ئۆزى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن بىر گەپ بولسۇن.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققان تەقدىردىمۇ كومپيۇتېرىڭلاردا ھەقىقىي Windows 8 بولمىسا، بەرىبىر ئىشلىتەلمەيسىلەر، شۇڭا، ھەممىدىن ئاۋۋال ماۋۇ Windows 8 نى سېتىۋېلىشنى، ھەمدە قاچىلاپ ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەچ تۇرۇڭلار. ھازىرقى مۇھىم ئىش دەل مۇشۇ.
مەنمۇ بۇ ۋىندوس 8 گە بەك قىزىقىۋاتىمەن. مېنىڭمۇ سېتىۋىلىپ ئىشلەتكۈم بار.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچان چىقىدۇ؟
============================
ھامان بىر كۈنى چىقىدۇ، سەۋرى قىلىڭ.
بۇنى مىكروسوفت ئۆزى بەلگىلەيدۇ
ئىچكى قىسىمدا بىرەر خەۋەر يوقمىدۇ؟
تەقەززارلىقىمىزنى ئازىراق بولسىمۇ قاندۇرساق دەيمەن
مەن بارلىق باسقۇچنى بېسىپ بولۇپ، پۇل تۆلەش باسقۇچىغا كەلگەندە چاتاق چىقتى. بۇ كاساپەت سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ 信用卡 نى تونۇمىدى. 信用卡类型无效 دەپ بېزىرىپ تۇرىۋالدى. قانداق قىلارمەن؟
VISA ياكى MasterCard نىڭ بولسا تونۇيتى ، سىزنىڭكى يا 银联 كارتىسى ئوخشىمامدۇ ؟
支付宝دېگەن نەرسىدىن پۇل چىقىم قىلىپ سېتىۋالغىلى بولسىچۇ-ھە!، ھەتتىگىنەي…
شۇنى دېمەمسىز! جۇڭگو رايونىدا مۇشۇنى قوللىمىغان يېرى قاملاشمىدى بۇنىڭ
مەن بۇ يېڭى سېستىمىغا قىزقىپ قالدىم .بىرنى سېتۋالماقچى بولۋاتىمەن.
مىنڭچە باھاسىمۇ بەك مۇۋاپىق ئىكەن
بۇنىڭدىن ئەرزان بولۇپ قالسا سېتۋالغۇسى كەلمەيدۇ ئادەمنىڭ
مەن ئاخىرى بۇ كۆزنەك سەككىزنىڭ ھەقىقى نەشىرىنى يەنى كارخانا نۇسقىسىنى ئىشلەتتىم. مەن بۇرۇن ھېس قىلمىغان نۇرغۇن يەرلىرى ئويغۇرچە قوللايدىكەن. ئاھ ! ئانا تىلىم. ھازىرچە ئىشلىتپ كۆنگەچ تۇراي. قالغان ئىش ئىگەمدىن قالسا سىلەردەك پىداكارلارغا قالدى ! كىلەر يىلى پىراگگىرامما ئۆگۈتۈش سىنىپى ئېچىشنى ئۇنۇتمىغايسىز ! سالامەت بۇلۇڭ !
كوزنەك 8 قاچلانغان تاختا كومپىيوتۇردىمۇ شۇنداقمۇ.؟
ئەلۋەتتە، Windows 8 بولسىلا