Windows 8 بۈگۈن كەچ 9:15 دا رەسمىي تارقىتىلدى
[ IT خەۋەرلىرى ]بۈگۈن يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى (پەيشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:15 دە، مىكروسوفت شىركىتى ئامېرىكا نىيويورك شەھىرىدە Windows 8 نى رەسمىي تارقاتتى. نەچچە كۈن ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتى جۇڭگودا Windows 8 تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۈگۈن كەچتە Windows 8 نىڭ سېتىلىش باھاسى، نەشرى نامى، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى(OEM ياكى زاۋۇت)لارنىڭ Windows 8 قاچىلانغان ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلىنىدۇ.
Windows 8 نىڭ پۈتۈن دۇنياغا ماس قەدەملىك تارقىتىش ۋاقىتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
نۆۋەتتە جۇڭگو رايونىدا سېتىلىدىغان باھاسى تېخى ئاشكارىلانمىدى. لېكىن، ئەتە قۇربان ھېيت كۈنى چوقۇم ئاشكارلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغايسىز.
ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، Windows 8 نى بەس-بەستە ئىشلىتىشكە نېسىپ قىلسۇن!
قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى ئەتە كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما، تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن كۆرۈش ھەقىقەتەنمۇ ئەرزىيدۇ.
نەق مەيداندىن تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئادرېسى
http://www.microsoft.com/en-us/news/presskits/windows/
============
باشلانغىلى 15 مىنۇت بولدى
======
Windows ۋە Windows Live ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش لېدىرى Steven Sinofsky ئەپەندى ناھايىتى ئېنىق، جانلىق چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ…،
لېكىن باشقا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە بۇ توغرىسىدا تۈزۈك خەۋەرمۇ يوق، ھەي!
- يازما كۆرۈلۈشى: 22,797 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 14:29
- ئالدىنقى يازما :بۈگۈن Surface قا زاكاز باشلاندى
- كېيىنكى يازما :بۈگۈن كەچتىكى رادىيو سۆھبىتى ھەققىدە
ئالىم مۇئەللىم، «ئەلكۈيى توربېكىتى »گە قارىسام مىكروسوفىت Widows8 سېستىمىسىكى DVD يۈرۈشلىكى جۇڭگو بازارلىرىدا سېتىلمايدۇ دېگەندەك خەۋەر بار ئىكەن. ئۇنداق ئەھۋالدا بىز Windows8 سېستىمىسىنى پەقەت تور ئارقىلىقلا سېتىۋالالامدۇق؟
شۇنداق، مىكروسوفتنىڭ بىلدۈرۈشىچە Windows 8 نى جۇڭگودا قاپقا سولاپ ساتمايدىكەن. باشقا دۆلەتلەردە ئۇنداق ئەمەس. جۇڭگودا تور ئارقىلىق ياكى يېڭى كومپيۇتېر ئارقىلىق ساتىدىكەن، بەلكىم ساختا Windows 8 نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوخشايدۇ.
ھەي مىكروسوفىت ! ئۇلار ئەجىبا يولداشلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بارلىقىنى بىلمەمدىكىنا؟ ئۇلار باشقا دۆلەتتىكى DVD يۈرۈشلىكىنى سېتىۋىلىپلا بۇ يەردە سېتىۋەرسە بۇنى تۇسۇپ قالالمايدۇدە.ئۇنىڭدىن باھاسىنى جۇڭگۈ بازىرىدا تۆۋەن قىلىپ جىق ساتسا يەنىلا ئوخشاش بولمامتى -ھەي! مەن ئويلاپ باقسام ھازىرغىچە دۇرۇس ۋىندوۋوسنى ئىشلىتىپ باقماپتىمەن. بەك ئەپسۇس! بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قانچىلىپ پۇل تېپىپ ئەقلىمنى بولغىدىم.(ھەسىرەتلەنگەن چىراي ئىپادىسى)
Widows8نىڭ DVD يۈرۈشلىكىنى مىكروسوپىت جۇڭگو بازارلىرىدا ساتمىغان بىلەن ساختىپەز لەرWidows8 ستىۋىردۇۇ
قاراپ تۇرۇڭلار مۇشۇ بىرنەچچە ھەپتەئىچىدە قىزىل بايراق كوپىيۇتېربازىرنى 5كوي 10 كويلۇق Widows8 ساختاسىستېمىلار قاپلاپ كىتىدۇ!
بۇبىر پەرەز
ئالىم مۇئەللىم بۇگۈن بۇسېستىمىنى سىزدىن سېتىۋىلىشقا مۈمكىن بۇلامۇ، تىل بولىقى ئېلان قىلىنمىسىمۇ ھەقىقى نۇسقىسىنىڭ پەيزىنى سۈرگەچ تۇرساق بۇلاتتى ،بەك تەقەززا بولۇپ كەتتۇق.
ياق، توردىن سېتىۋالىسىز، جۇڭگودا قاپلىق نۇسخىسىدىكى Windows بازارغا سېلىنمايدىكەن.
مىنىڭ كومپىيوتىرىم win7 ئائىلە ئادەتتىكى نەشىرى،كومپىيوتىر بىلەن بىرگەقاچىلىنىپ كەلگىنى ئىدى .لىكىن مەندە كومپىيوتىر سېتىۋالغان تالۇندىن باشقا ھىچنىمە يوق بۇنداق ئەھۋالدا مەن win8نى قانداق ئوسۇلدا 248يۈەن باھا بىلەن سېتىۋالالايمەن؟
ئاڭلىسام خوتەندە ئۇيغۇر سوفىت تارماق دۇكىنى بار ئىكەن بۇيەردە يېڭىلاپ بىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەمدۇ؟بۇ راستىلا ئۇيغۇرسوفىت تارمىقىمۇ؟
1-سوئالغا جاۋاب: ئالدى بىلەن نەشرىنى ئۆستۈرۈش ياردەمچىسىنى چۈشۈرۈپ، ئىجرا قىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ، بولىدىغان ياكى بولمايدىغاننى ئۇ بىر نەرسە دەيدۇ، بولىدىكەن دېسە، 248 يۈەن پۇل تۆلەپ، 1200 يۈەن قىممىتىدىكى Windows 8 كەسپىي نەشرىنى سېتىۋالالايسىز، مۇددىتى كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىغىچە.
2-سوئالغا جاۋاب: خوتەندە ئۇيغۇرسوفتنىڭ تارماق دۇكىنى يوق، پەقەت ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىنى قوشۇمچە ساتىدىغان ئورۇن بولۇشى مۇمكىن. بىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
ئالىم مۇئەللىم بىزدەك Windows 7نىڭ 10يۇەن لىگىنى ئىشلىتىۋاتقانلار قانداق سىتىۋىلىپ قاچىلايمىز ، بىز كۆپرەك پۇل تۆلەمدۇق يا ئوخشاشلا248يۇەن مۇ؟بىز مۇ نەشرىنى ئۆستۈرۈش ياردەمچىسىنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىش كىرەكمۇ؟
سىزدىكىسى دۇرۇس نۇسخىسى بولسا، 248 يۈەنگە ئالىدىكەنسىز.
ئۇنى دىدۇق ،بۇنى دىدۇق ،ماڭا نىسبەتەن بىر ھەققىي پايدىلىق ئۇچۇر يوق ،ھەممىشە قانداق سىتىۋىلىش توغرىسىدىكى سۇئاللار جاۋابسىز قالىدۇ. بىرسى بىرنىمە دىگەن ،يەنە بىرسى يەنە بىرنىمە دىگەن.بەك قالايمىقان. مۇشۇنداق مۇھىم ۋاقىتىدا ستىۋىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىدىغان بىر ئادەممۇ يوق ،قانچىلىق تەشۋىقنى قىلغىنىمىز بىلەن مۇشۇ سىتىۋىلىشتەك ھالقىلىق باسقۇچتىن ئۆتمىسەك ،تەشۋىق قىلغىنىمىز بىكار بۇلىدۇ.مۇھىم ئىشلارنى بىر يەرگە قايرىپ قۇيۇپ نەدىكى ئىشلارغا باشقا تۇرۇپ يۈرىدىكەنمىز. بىزدەك ئادەتكىدەك ئىستىمالچىلارنىڭ ئويلىشىدىغىنى پەقەت باش قاتۇرمايلا ئەڭ ئاسان ،ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇلدا ئالماقچى بولغان مەھسۇلاتقا تىزدىن ئېرىشىش خالاس.مۇشۇنچىلىكلا ئاددىي !
ئىشىمنىڭ جىقلىقىدا كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلمايلا مەھسۇلاتنى سىتىۋالاي دىگەندە ئەجەپ ئاچچىغىم كەلدى. خەنزۇچە توردا ئىزدىسەم بىردەمدىلا تىپىپ بۇلاتتىم ئەرقاچان .بىز بەزى ئىشلاردا ھەققىيقەتەن خام كەنمىز.
ماۋۇ بەتكە كىرىپ http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/buy ئاستىدىن 仅需 ¥248# 即可下载专业版 نى تاللاپ، Windows8-UpgradeAssistant نى چۈشۈرۈڭ. ئاندىن Windows8 دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسىنى ئىجرا قىلسىڭىز بولىدۇ. پۇلنى ئىناۋەت كارتىسىدىن تاپشۇرىسىز. باشقا قالايمىقان مەنبەلەرگە ئالدىراپ ئىشەنمەڭ، مىكروسوفتتىن سېتىۋېلىڭ.
paypal نى ئىشلىتەلمىسەك ، ئۇنىڭغا ھېساب يۆتكەش ئىشىنى قاملاشتۇرالمىدۇق .
信用卡 نى چۈشەنمىدىم .
ھەتتا بانكىغا كىرىپ Windows 8 ئالاتتىم ئۇنىڭدا 信用卡 دەپ تۇرىدۇ . دېسەم قاراپ تۇرىدۇ ھېچنىمنى چۈشەنمىگەندەك .
بۇ 信用卡 لارمۇ ھەرخىل ھەم نۇرغۇن بانكا بىجىرىدىكەن .
قايسى بانكادىن 信用卡 نىڭ قايسى خىل تۈرى ھەم قايسى مۇلازىمىتىنى ئاچتۇرۇش كىرەك .
مەن ماۋۇ توردىن سېتىۋىلىشتىن ھەقىقەتتەن زىرىكتىم !!!!
ئېنگىلىزچە نەشىرىنىڭ قاپلىق نۇسخىسنى سېتىش ئورنىغۇ باردۇ مەلىم .
باشقا دۆلەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن ياردەم تەلەپ قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ .
مەندە قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى بار ئىدى، ئادەتتىكى كارتا بىلەن پەرقى بار، ئۈستىدە يەنە VISA دېگەن خەت بار، بۇنداق كارتىدا ئامېرىكا دوللىرى ۋە خەلق پۇلى چىقىم قىلغىلى بولىدۇ. ئادرېسى مانا: http://creditcard.ccb.com/creditCard/20111227_1324955923.html
بانكىغا كىرىپ مۇشۇنداق كارتا بېجىرىمەن دېسىڭىز بولىدۇ.
مەن 10يۇەنگە ئالغان يىرىم يىل بولدى نۇرمال ئىشلەۋاتىدۇ ،دۇرۇس نۇسخىسىمۇ بىلمەيمەن ، مەن ئەرزان بولغاندىن كىيىن ساختىسى دەپ ئويلىغان. مۇ؟نەشرىنى ئۆستۈرۈش ياردەمچىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام ( 17 سىستىما سىغىشتى ،6تۇرلۇك سىستما تەكشۈرۇشكە توغرا كىلىدۇ ) دىگەن ئۇچۇر چىقتى ، http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/buy دىن چۇشەدىم ،دىمەكچى بولغىنىم مىنىڭ كومپىيۇتىرىم دىكى Windows 7 غا ماس كىلەمدىكىن دىمەكچى
‹‹پۇلنى ئىناۋەت كارتىسىدىن تاپشۇرىسىز›› دەپسىز ،تاۋباۋ تورىدىن مال سىتىۋالدىغان بانكا كارتىسى بولمامدا ؟ ئىناۋەت كارتىسى يوقلا چوقۇم بىجىرشىمىز كىرەكما؟ كەچۇرۇڭ مۇئەللىم ئۈششاق ئادەتتىكى سۇئاللارنى كۆپ سورىۋەتتىم ، بىلىدىغان لىرمىز بەك ئازكەن ، ئەمدى ئۈگىنىشكە بەل باغلىغان، بىز ئالى مەكتەپتىكى چاغدا Windowsيوق ئىدى، كومپىيۇتىر تاپماقمۇ ئىنتايىن تەس ئىدى ، ئىختىسادى جەھەتتىن ئەمدى ئۆيۇمدە كومپىيۇتىر سىتىۋالغۇداك دەرجىگە كەلدىم
مەن خوتەن رايونىدا ئىناۋەت كارتىسى بىجىرەلمىگەن. چۈنكى، ئۇ يەردە مۇقىم دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە بىجىرىپ، تىجارەتچىلەرگە ياكى سەييارىلەرگە بىجىرمەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە سودا سانائەت بانكىسىدىن بىجىردىم. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ چوقۇم سىزنىڭ ئىشلەيدىغان خىزمەت ئورنىڭىز ياكى تىجارەتخانىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن چىقىرىپ بېرىدىغان كىرىم ئىسپاتى بولۇشى كېرەك.
تۇرۇشلۇق ئورۇندا توردا ئۆستۈرۈش مۇلازىمىتى يوق دەيدۇ؟؟؟؟؟
بۇنى ھەل قىلىۋەتتىم …
促销代码 ؟؟؟؟
بۇنى يازمايلا سىتىۋىلىشنى چەكسەملا چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتى.
قارىغاندا بىز دەك خەنزۇتېلى سەۋيسى يوقلار ستىۋىلىپ ئىشلىتەلمەيدىكەنمىزدە
بەك مۇھىم مەسىلىگە يۇلۇقتۇم،قاچىلاش جەريانىدە بەك كۆپ دىتاللار سەككىز بىلەن ماس كەلمىدى دەپ چىقىۋالدى؟ قانداق قىلىمەن،كۆمپىيوتىرنى 2011يىلى ئالغان.