نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows 8 بۈگۈن كەچ 9:15 دا رەسمىي تارقىتىلدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۈگۈن يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى (پەيشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:15 دە، مىكروسوفت شىركىتى ئامېرىكا نىيويورك شەھىرىدە Windows 8 نى رەسمىي تارقاتتى. نەچچە كۈن ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتى جۇڭگودا Windows 8 تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۈگۈن كەچتە Windows 8 نىڭ سېتىلىش باھاسى، نەشرى نامى، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى(OEM ياكى زاۋۇت)لارنىڭ Windows 8 قاچىلانغان ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلىنىدۇ.

Windows 8 نىڭ پۈتۈن دۇنياغا ماس قەدەملىك تارقىتىش ۋاقىتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
نۆۋەتتە جۇڭگو رايونىدا سېتىلىدىغان باھاسى تېخى ئاشكارىلانمىدى. لېكىن، ئەتە قۇربان ھېيت كۈنى چوقۇم ئاشكارلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغايسىز.
ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، Windows 8 نى بەس-بەستە ئىشلىتىشكە نېسىپ قىلسۇن!

قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى ئەتە كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما، تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن كۆرۈش ھەقىقەتەنمۇ ئەرزىيدۇ.

نەق مەيداندىن تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئادرېسى

http://www.microsoft.com/en-us/news/presskits/windows/

============
باشلانغىلى 15 مىنۇت بولدى

======

Windows ۋە Windows Live ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش لېدىرى Steven Sinofsky ئەپەندى ناھايىتى ئېنىق، جانلىق چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ…،
لېكىن باشقا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە بۇ توغرىسىدا تۈزۈك خەۋەرمۇ يوق، ھەي!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
222 پارچە باھا يېزىلدى
  • قايتىدىن ئۆچۈرۈپ ،ئۈستەل يۇزىدىلا قاچىلاي دىسەم چۈشۈرگەن ھۆججەتنى پەقەت تاپالمىدىم.؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 14:55
  • ئاخىرى مانا سەكككىزلىك بۇلۇپ قالدۇق، ئەمدى شۇ سىزنىڭ ئەمگەك نەتىجىڭىزگە قاراشلىق بۇلۇپ قالدۇق مۇئەللىم !~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 15:56
  • مەن Windows 8 نىڭ 248 يۈەنلىك نەشرىنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىدىغان نۇسخىسىدىن بىرنى سېتىۋالغان ، بىراق ئۆزىنىڭ ھېلىقى Windows8-UpgradeAssistant دىگەن دىتالى بىلەن چۈشۈرسە سۈرئەت بەك ئاستىكەن ، يەنە 24 سائەت كىتىدۇ دەپ چىقىۋاتىدۇ . باشقىچە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى يوقمىدۇ ؟ يا ئىشتىن چۈشكەندە ئېچىپ قويۇپ كەتكىلى بولمىغان بۇ كومپىيۇتېرنى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 16:50
    • ئادەتتە بىر سائەتقۇ !

      تور سۈرئىتىڭىز ھەددىدىن زىيادە ئاستا ئوخشايدۇ .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى am 04:48
      • شۇ ، ئىشخانىنىڭ تورى بەك ئاستا ! ئۆيدىكى كومپىيۇتېردا چۈشۈرەي دىسەم ھېلىقى دىتالنى قوزغاتسا قايتىدىن زاكاس قىلىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار چىقىدىكەن ، چۈشۈرىدىغان يېرى يوق . ھەي … ئاخشام كومپىيۇتېرنى ئوچۇق قويۇپ كەتسەم ھېلىقى Windows Update قوزغىلىپ بىرمۇنچە ياماقلارنى قاچىلاپ مىنڭ چۈشۈرۈش پروگرامماممنى توختىتىپ قويۇپتۇ .

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى am 08:09
  • ئۇنداق جىق ۋاقىت كەتمەيدۇ.2-3 سائەت كىتىدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 21:33
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم.مۇئەللىم ھېيتىڭىزغامۇبارەكبولسۇن ۋىن8نىڭ ئۇيغۇرچى DWD نۇسقىسىنى سېتىۋالالامدۇق؟؟؟ېنىقراق جاۋاپ بەرسىڭىز؟؟؟يەنى قانچىلىك ۋاقىتساقلايمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 21:35
    • جۇڭگو دۆلىتىدە مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلىدۇ .
      بىر نەچچەيلەن بىرلىشىپ
      ئامىرېكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئېنگىلىزچە DVD نۇسخىسنى زاكاز قىلساق بولىدىغاندەك قىلىدۇ .
      زاكاز قىلساقمۇ جۇڭگودىن ھەق تاپتشۇرۇش دېگەندەك نۇرغۇن ئىشلاردىن قېيىنىلىمىز .
      شۇڭا ئالىم مۇئەللىمنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

      Windows8 PRO نۇسخىسى بولسىلا بولاتتى
      باش سېستىما قاچىلاش تەرتىپى ئېنگىلىزچە كېينكى تىل تاللاش ھالىتىدە
      ئېنگلىز / جۇڭگو ئاسان خەت / جۇڭگو ئۇيغۇر تىلى / غا تاللاپ
      ياكى ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان تىلغا تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .

      مېنىڭ تەۋسىيەرىم : ھەم مېنىڭ ئارزۇيۇم ئېنگىلىزچە نەشىرىنى قاچىلاپ ئاندىن ئۆزىمىز چۈشنىدىغان تىلغا تەڭشەش

      مەلىم : مۇمكىن بولارمۇ ؟ ياردەم قىلىشىڭىزنى نۇرغۇنلىغىغان قېرىندىشىڭىز ئۈمىد قىلىدۇ ،
      ئېنىق جاۋاب بىرىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

      (ئالىم مەلىمدىن ئۈمىد كۈتكەن چىراي ئىپادەسى )

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 12:03
      • نەشرى ئۆستۈرۈش ياردەمچىسىنى چۈشۈرۈڭ، ئۇ كومپيۇتېرىڭىزنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ، قاچىلاشقا مۇمكىن بولسا، سىزگە بولىدۇ-دەيدۇ. ئىناۋەتلىك كارتىدىن 248 يۈەن پۇل تاپشۇرىسىز. ئاندىن بۇ دېتال Windows 8 Pro نى كومپيۇتېرغا چۈشۈرىدۇ ھەمدە مەھسۇلات ئاچقۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاندىن سىزگە ئۇنى بىۋاسىتە قاچىلامسىز؟ بارماق دىسكىغا ئۇيۇپ بېرىمەنمۇ؟ ياكى ISO ھۆججىتىنى ھاسىل قىلىپ بېرەمدىم دەپ سورايدۇ، ناۋادا، باشقا كومپيۇتېرلارغىمۇ قاچىلىماقچى بولسىڭىز، ئاۋۇ ISO ھۆججىتىنى دىسكىغا ئويۇۋالسىڭىز بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاۋۇ DVD دىسكىسى يوق دەيدىغان ئىش مەۋجۇت بولمايدۇ.
        =====
        ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىز، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغاندا بىۋاسىتە قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 15:58
      • كەچۈرسىز مەلىم ۋاقتىڭىز ئىلىپ قويۇپتىمەن
        ISO ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ بىرىدىغىنى تۇنجى قېتىم سىزدىن ئاڭلىدىم ، بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغاچقا دېسكا ئالىمەن دەپ تۇرۋاپتىمەن . رەھمەت سىزگە !

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى am 04:00
  • مەن ئۆيدىكى توردا چۈشۈرۈۋاتقان. بىر كېچە قۇيۇپ قويسام، ئاران 1 پىرسەنت چۈشۈپتۇ دېسە…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 12:38
    • ئادەتتە تور سۈرئىتىڭىز 2Mbs بولسا، 1:30 ئىچىدە چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. سەۋرى قىلىڭ. مەن بايا چۈشلۈك تاماققا بېرىپ كېلىشنىڭ ئالدىدا ماڭدۇرۇپ قويغان، تاماق يەپ كەلگۈچە ھەممىنى تەييار قىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارقىلىق ISO ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ، بارماق دىسكىغىمۇ ئويۇۋالدىم،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 16:00
  • بۇ توربەتتە200 يۈنلىقتىن تارتىپ 30يۈنلىكىچە باركەن

    http://s8.taobao.com/search?q=windows8&pid=mm_24976057_0_0

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 14:38
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم.مىنىڭكىدە.ۋىن8 كورۇپبېقىش نۇسقىسى باتى.مەنمۇ248يۇن لىكىنى سېتىۋالامدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 17:08
    • ئاۋۋال سىناپ باقمامسىز قېنى؟ ئۇلار ئالدى بىلەن پۇلنى ئېلىۋالمايدۇ، بولمىسا بولمايدىكەن دەيدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 21:46
    • شۇنداق .مىنىڭمۇ شۇنداق ئىدى،مەنمۇ سىتىۋالدىم .بىراق قاچىلاش جەريانىدا ئازراق ئۆزگەرتىش قىلىسىز،قىلالمىغان يەر بولسا مەندىن سوراڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 12:19
  • Windows 8 يېڭى بىر ئەۋلات مەشخۇلات سېسىتمىسى بازارغا سېلىنىپ ناھايىتىمۇ ياخشى بۇپتۇ ،ئۇزۇندىن بىرى ئارزۇ قىلىپ كىلۋاتقانلارنىڭ تىلىگى ئىجاۋەت بۇپتۇ .مەنمۇ سېتىپ ئالسام بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى am 11:47
  • خەلا يىللاردىن بىرى يىللاردىن بىرى بۇ كۇمپىيۇتىر دىگەن بۇ نەرسىگە كۈپ كىشلەر قىزىققان بولسىمۇ يانىلا بۇپ كىشلەرگە سىرلىق بۇلۇپ كەلگەن ئىدى ،ئەمدى بۇ سىرلارمۇ تەل تۈكۈس يىشىلىپتۇ .مەن ھەقىقەتە خوش بولدۇم ،بۇ بەك قالتىس ئىش بۇپتۇ ،بىز تەشۋىق قىلايلى ،قېرنداشلىرىمىز سېتىپ ئالسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:03
  • خەلا يىللاردىن بىرى بۇ كۇمپىيۇتىر دىگەن بۇ نەرسىگە كۈپ كىشلەر قىزىققان بولسىمۇ يانىلا بۇپ كىشلەرگە سىرلىق بۇلۇپ كەلگەن ئىدى ،ئەمدى بۇ سىرلارمۇ تەل تۈكۈس يىشىلىپتۇ .مەن ھەقىقەتە خوش بولدۇم ،بۇ بەك قالتىس ئىش بۇپتۇ ،بىز تەشۋىق قىلايلى ،قېرنداشلىرىمىز سېتىپ ئالسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:07
  • خەلا يىللاردىن بىرى بۇ كۇمپىيۇتىر دىگەن بۇ نەرسىگە كۈپ كىشلەر قىزىققان بولسىمۇ يانىلا كۈپ كىشلەرگە سىرلىق بۇلۇپ كەلگەن ئىدى ،ئەمدى بۇ سىرلارمۇ تەل تۈكۈس يىشىلىپتۇ .مەن ھەقىقەتەن خوش بولدۇم ،بۇ بەك قالتىس ئىش بۇپتۇ ،بىز تەشۋىق قىلايلى ،قېرنداشلىرىمىز سېتىپ ئالسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:09
  • كۆزنەك 8 نى ئىشلىتىۋاتقانلار msn دا پاراڭلاشمايلىمۇ، قىنى ئۇنداقتا مىنى قوشىۋىلىڭلار ، سىلەرمۇ قالدۇرۇڭلار بىزمۇ قوشىۋالايلى abdumijit@outlook.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:09
  • ھەي!!! ئاخىرى Win8مى ئىشلىتىكەنمىز دە ..ئالىم ئەپەندى ..شىركىتىدىلا تارقاتماي ھەقلق بولسىمۇ توردا سىتىشنى يولدا قولسا تىىىمۇ ياخشىكەن…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:51
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم .سېتۋىلشتا قىيىنچىلققا ئۇچراۋاتقان دوسلارنى كۆزدە تۇتۇپ مۇمكىن بولسا سىز تارقاتسىڭىز بوپتكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:01