Windows 8 بۈگۈن كەچ 9:15 دا رەسمىي تارقىتىلدى
[ IT خەۋەرلىرى ]بۈگۈن يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى (پەيشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:15 دە، مىكروسوفت شىركىتى ئامېرىكا نىيويورك شەھىرىدە Windows 8 نى رەسمىي تارقاتتى. نەچچە كۈن ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتى جۇڭگودا Windows 8 تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۈگۈن كەچتە Windows 8 نىڭ سېتىلىش باھاسى، نەشرى نامى، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى(OEM ياكى زاۋۇت)لارنىڭ Windows 8 قاچىلانغان ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلىنىدۇ.
Windows 8 نىڭ پۈتۈن دۇنياغا ماس قەدەملىك تارقىتىش ۋاقىتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
نۆۋەتتە جۇڭگو رايونىدا سېتىلىدىغان باھاسى تېخى ئاشكارىلانمىدى. لېكىن، ئەتە قۇربان ھېيت كۈنى چوقۇم ئاشكارلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغايسىز.
ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، Windows 8 نى بەس-بەستە ئىشلىتىشكە نېسىپ قىلسۇن!
قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى ئەتە كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما، تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن كۆرۈش ھەقىقەتەنمۇ ئەرزىيدۇ.
نەق مەيداندىن تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئادرېسى
http://www.microsoft.com/en-us/news/presskits/windows/
============
باشلانغىلى 15 مىنۇت بولدى
======
Windows ۋە Windows Live ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش لېدىرى Steven Sinofsky ئەپەندى ناھايىتى ئېنىق، جانلىق چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ…،
لېكىن باشقا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە بۇ توغرىسىدا تۈزۈك خەۋەرمۇ يوق، ھەي!
- يازما كۆرۈلۈشى: 22,830 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 14:29
- ئالدىنقى يازما :بۈگۈن Surface قا زاكاز باشلاندى
- كېيىنكى يازما :بۈگۈن كەچتىكى رادىيو سۆھبىتى ھەققىدە
http://imgdata.hoop8.com/1210/141-565125577.jpg
كۆرۈپ بېقىڭلار …
http://p13.freep.cn/p.aspx?u=v20_p13_photo_1210281326176953_0.jpg
كۆرۈپ بېقىڭلار …
ئالىم مۇئەللىم ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچان چىقار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
يۇقىرىدا ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئۇزۇن ئىنكاسىغا كىم دىققەت قىلدى؟ مەن ئاشۇ ئۇزۇن ئىنكاس ئىچىدە ئالىم مۇئەللىمنىڭ جاپاسىنىڭ كەينىدە باشقىچە بىر خىل جاپانى ھىس قىلدىم، ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەندىكىن ئالىم مۇئەللىمنىڭ قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بەلكىم ھىس قىلالايمىز، بەلكىم ھىس قىلالمايمىز. قۇربىتىمىز يەتكەنلىرىمىز ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋېلىپ قوللاپ بىرەيلى، يەتمىگەنلىرىمىز بۇغداي سۆزىمىزنى ئايىماي مەدەت بىرىپ تۇرايلى، مۇئەللىمنىڭ بۇ ئىشتىن پايدا ئېلىپ مىليونېر بولۇپ كېتىشى ناتايىن، بىزنىڭمۇ بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىپلا دۇنياۋى ئىلغار مىللەتكە تەۋە بولۇپ كېتىشىمىز ناتايىن، ئەمما نۆۋەتتىكى خىرىسقا تولغان جەمئىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ھېچ بولمىغاندا مۇشۇنداق ئاناتىلىمىزنى قوللايدىغان سېستىمىلار ئارقىلىق ھىس قىلىپ تۇرالايدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇ.
قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
مىكروسوفىتنىڭ تور بېكىتىدىن نەشىر كۆتۈرۈش ياردەمچىسىنى چۈشۈرۈپ ئاندىن سېتىۋالىمىز .كەسپى نەشىرى 248 يۈەن . ئىناۋەتلىك كارتا ياكى پايپال ئارقىلىق پۇل تۆلەيمىز . كۆپىنچەيلەندە بۇ نەرسە يوق ، بولۇپمۇ مەن ماۋۇ ئىناۋەتلىك كارتىنى چۈشەنمىدىم . مەن پايپال ئارقىلىق پۇل تۆلىدىم . پايپالدىن بىر ھىساۋات تىزىملىتىسىز . تىزىملىتىش ئۇسۇلى بەك ئاسان . ئاندىن تاۋباۋ تورىدىن پايپالغا پۇل قاچىلاپ بىرىدىغان دوكاندارلار بار . بەك قىممەت ئەمەس . سېتىۋالىدىغان پۇلىڭىزدىن كۆپ ئېشىپ كەتسە 20 يۈەن ئېشىپ كىتىدۇ . پۇلنى قاچىلىتىپ بولغاندىن كېيىن . نەشىر يۇقۇرلىتىش قورالىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالىمىز . پۇل تۆلەش ئۇسۇلىدىن پايپالنى تاللايمىز . سېتىۋىلىشنى باسسىڭىز پۇل تۆلەيدىغان يەر چىقىدۇ . پايپال ئىسىم ۋە پارولنى كىرگۈزسىڭىزلا پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ . پۇل تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ساقلاپ تۇرسىڭىز سىزگە ئاچقۇچ نومۇرىنى چىقىرىپ بىرىدۇ . كەينىدىنلا چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ . مېنىڭ بىر سائەتتە چۈشۈپ بولدى . چۈشۈرۈپ قاچىلاش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ .مەن ھېچنىمە ئېلىپ قالمايمەن . تولۇق باشتىن قاچىلايمەن دىگەننى تاللاپ قاچىلىدىم .بۇرۇنقى سىناق نۇسخلىرىغا قارىغاندا بەك مۇقىم ، سۈرئەت ئالاھىدە تىز ئىشلەيدىكەن .قوزغىلىشىمۇ شۇنداق تىز .
پايپالغا تىزىملاتقاندا، فامىلە ۋە ئىسىم دېگەن يەرنى قانداق تولدۇرىمىز؟ بانكا كارتا بىجىرگەندە ئىشلەتكەن ئىسىم بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك دەپ تەلەپ بار ئىكەن.
ئادەتتە كارتىغا پۇل يۆتكىگەندە ئىشلەيدىكەن ئۇ يەر .سىز ھازىر ئۇ يەرنى فامىلىگە دادىڭىزنىڭ ئىسمىنى ، ئىسىمغا ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىنى يېزىپ تولدۇرۇپ تىزىملىتىڭ . ئاندىن تاۋباۋدىن پۇل قاچىلاتسىڭىزلا ، ئۇفامىلە ئىسىملار ھازىرچە پۇتلاشمايدۇ
كارۋان ئەپەندى، سىز دېگەن ئۇسۇل بويىچە پايپالغان تىزىملاتتىم، ھەمدە تاۋباۋدىن پۇل قاچىلىدىم. ئاندىن win8 يۇقىرلىتىش ياردەمچىسىنى ئىشلتىپ، سېتىۋالغان ئىدىم. لېكىن پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، 正在处理你的订单 دېگەن باسقۇچتىلا تۇرىۋالدى. 2 سائەت ساقلىساممۇ ئوخشاش. پايپالغا كېرىپ قاراپ باقسام، 正在处理 دەپ تۇرىدۇ. ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ پۇل يۇقاپ كەتكەن بولامدۇ؟
مەن ھازىر ئىشىلتىۋاتقان win7ھەقىقىي نەشىردىكىسى ئەمەس ،مەنمۇ win8نى 248يۈەنگىلا سېتىۋالالايمەنمۇ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك پۇل تۆلەيمەنمۇ.تۈنۈگۈن ئىگە تەرەپ تور بېتىدە كۆرسەم بىرخىللا باھا باركەن.
خاپا بولماڭ ئۇ ئادەمنىڭ دىگەن گىپىگە!!! سىز ئۇچۇرغان ئەھۋالغا مەنمۇ ئۇچۇرغان، چۈنكى جەمىيەتتە ئورغۇيلارمۇ خېلى جىق، سىز ئۇلاردىن ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنى سورىسڭىز ئۇلار دەپ بىرەلمەيدۇ.(قاتتىق قايغۇرغان چىراي ئىپادىسى) ئەڭ ياخشىسى ھەممەيلەن سىز دىگەندەك ئۆزىمىزدىن باشلايلى ! ئۇنداقلارغا ئۇلارنىڭ باللىرى بولسىمۇ ئەقىل تېپقالسا تەنقىت تەربىيە بىرىپ قۇيار (ئۇلۇغ ئاللاھ دىن ئۇلارغا ئىنساپ تىلەپ ئامىن!)
مەن تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمىدىم ، ياردەم قىلساڭلار قەيەردىن چۈشۈرىمىز ،http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/language-packs#lptabs=win8 ماۋۇ ئادرىستا چۈشۈرۈش ئورنى چىقمىدى
تىل بولىقى تېخى ئېلان قىلىنمىدى
تىل بولىقى قاچان تارقىتىلار ئەمدى ، ساقلايلى ،
ئايەم كۈنىدىكى بۇ قىممەتلىك «ھېيتلىق»تىن سۆيۈندۈم. ئالىم ئەھەد ئەپەندىنىڭ تېنى ساغلام بولغاي!
ھە تىخى مەن ئاۋۇ ئادرىسقا كىرسەم .تىل بولىقى تۈردە ئۇيغۇرچە دەپ تۇرىدۇ، ئەتىدىن بىرى نىمىشقا چۈشۈرەلمەيدىغاندىمەن دەپتىمەن .
ئاپلا ما مىنىڭ 专业版 ئىكەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىغىلى بولار ھە
ماگىزىندا ھىچ نەرسە يوقكەن ، ماگىزىنغا دىتاللارنى قاچان چىقىرار
سىز قارىغاندا سېتىۋالمىغان ئوخشىمامسىز . ماگزىندا خېلى كۆپ نەرسە باركەنغۇ .
قاچىلىغاندا خاتا قاچىلاپتىمەن ، قايتا قاچىلىدىم ، دۇكاندىكى نەرسىلەر ئەمدى چىقتى مانا
خاسلىقنى يوللاپ قوياي دىسەم يا يوللىغىلى بولمايدىكەن بۇ يەرگە
ئەسسالسمۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ! مېنىڭ شۇنى سورىغىم كېلىۋاتىدۇ ، Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىنى ئىشلەتسە ، c تىلىنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلىپ يۇمتال ئىشلەشكە بولامدۇ ؟
ئالىمجان مۇئەللىم
سىز بۇ سېستىمىنى قاچان سېتىپ بېرىسىز بىزگە…
ھەممىمىز توردىن سېتىۋالامدۇق؟
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە مىكروسوفت شىركىتى نيويۇركتا يېڭى بىر ئەۋلاد مەشغۇلات سىستىمىسى Windows8نى رەسمىي ئېلان قىلدى ،شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ئەسلىدىكى سىستىمىنى Windows8گە يۇقىرى كۆتۈرۈش بولىقى چۈشۈرۈش ھۆججىتى بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. جۇڭگودىكى ئابۇنتلار 248يۈەن تۆلەش ئارقىلىق ئەسلىدىكى سىستىمىسىنى Windows 8 Pro (كەسپى نۇسخىسى)غا يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.
Windows 8مەشغۇلات سىستىمىسىغا نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بۇلىقىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى باھاسى 39.99دوللار (جۇڭگو 248يۈەن) قىلىپ تەڭشەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان سىستىمىلاردىن Windows Vista ،Windows XP ياكى Windows 7 قاتارلىق مەشغۇلات سىستىمىلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئابۇنتلار، Windows 8 نەشىر يۇقىرى كۆتۈرۈش ياردەمچىسى(Upgrade Assistant)دىن پايدىلىنىپ، توردا سىستىمىسىنى Windows 8مەشغۇلات سىستىمىسىغا ئۆزگەرتىۋالسا بۇلىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە سېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن Windows 8مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ باھاسى 69.99ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 437يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) قىلىپ تەڭشەلدى.
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا Windows 7مەشغۇلات سىستىمىسىنى سېتىۋېلىپ كومپيۇتېرىغا قاچىلاپ ئىشلەتكەنلەر Windows Upgrade Offer نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياردەمچىسى ئارقىلىق ،سىستىمىنى 14.99دوللار(خەلق پۇلى 98يۈەن)تۆلەپ Windows 8 مەشغۇلات سىستىمىسىغا ئالماشتۇرالايدۇ. 140دۆلەتنى قوللاش ئۈچۈن سىستىما نەشىر يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋاقتى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە بۇلىدىكەن.
ھەراست بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن…..
ئۆتكەندە RTM نۇسخىسى چىققاندا قاچىلاپ سىناپ باققانتىم ،
تىلنى ئۇيغۇرچىگە تەڭشىگەندە ، بەزى خەنزۇچە خەتلەر قالايمىقان كود شەكلىدە چىقىۋالغانتى . بۇ نىمىنىڭ ئىشى ؟ ياكى مەن توغرا تەڭشىيەلمىگەندىمەنمۇ؟ باشقىلاردىنمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققانلار بارمۇ؟ ئەگەر خاتالىق مەندە بولسا بۇ ئەھۋالنى قانداق ئوڭشايمىز؟…………
9200 نەشرىدە ئوڭشالغاندەك قىلغانتىغۇ ؟