نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows 8 بۈگۈن كەچ 9:15 دا رەسمىي تارقىتىلدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۈگۈن يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى (پەيشەنبە) كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:15 دە، مىكروسوفت شىركىتى ئامېرىكا نىيويورك شەھىرىدە Windows 8 نى رەسمىي تارقاتتى. نەچچە كۈن ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتى جۇڭگودا Windows 8 تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۈگۈن كەچتە Windows 8 نىڭ سېتىلىش باھاسى، نەشرى نامى، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى(OEM ياكى زاۋۇت)لارنىڭ Windows 8 قاچىلانغان ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلىنىدۇ.

Windows 8 نىڭ پۈتۈن دۇنياغا ماس قەدەملىك تارقىتىش ۋاقىتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
نۆۋەتتە جۇڭگو رايونىدا سېتىلىدىغان باھاسى تېخى ئاشكارىلانمىدى. لېكىن، ئەتە قۇربان ھېيت كۈنى چوقۇم ئاشكارلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغايسىز.
ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، Windows 8 نى بەس-بەستە ئىشلىتىشكە نېسىپ قىلسۇن!

قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى ئەتە كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما، تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن كۆرۈش ھەقىقەتەنمۇ ئەرزىيدۇ.

نەق مەيداندىن تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئادرېسى

http://www.microsoft.com/en-us/news/presskits/windows/

============
باشلانغىلى 15 مىنۇت بولدى

======

Windows ۋە Windows Live ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش لېدىرى Steven Sinofsky ئەپەندى ناھايىتى ئېنىق، جانلىق چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ…،
لېكىن باشقا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە بۇ توغرىسىدا تۈزۈك خەۋەرمۇ يوق، ھەي!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
222 پارچە باھا يېزىلدى
  • بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىمىزدا مىلىلىتىمىز ،ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىز ئۈچۈن موشۇنداق ئېسىل سوۋغىنى تەييارلىغان ئالىم مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى قېرىنداشلارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:00
  • ئالىم مۇئەللىم ئەجرىڭىزگەچەكسىز تەشەككۈرلەر بولسۇن، ئاللا ئۆمرىڭىزنى تېخىمۇ ئۇزۇن، ئەقلىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، شۇنداقلا قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. سىزنىڭ ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلى يولىدىكى تۆھپىلىرىڭىز ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مۇھىم بىر قەدەم ھەم بۆسۈش خاراكتىرلىك نەتىجە، ئىشقىلىپ مەن بەك ھاياجانلاندىم ھەم چەكسىز ئىپتىخارلاندىم، نەق مەيدان فىلىمىنى كۆرۈپ ئۆزۈم بىلمەي كۆزۈمگە ياش ئالدىم. ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، كۆزنەك8نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى قەيەردىن سېتىۋالىمىز، ھازىر سىزدىن بۇيرۇتۇپ سېتىۋالساق بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:00
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىنداش ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا (ۋە ھەتتا كومپيۇتېردا) مۇكەممەل قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىدەك بۈيۈك نەتىجىسى بىلەن قۇتلۇقلايمەن، ئانا تىل-يېزىق نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ۋە دەۋىر بۆلگۈچ ئىش بولغۇسى، يارقىن كېلەچەكنىڭ ناماياندىسى بولغۇسى، ئۈمۈت ئاتا قىلغۇسى.
    ھۆرمەتلىك ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئاخىرى ئاردۇقىڭىز چىقىپتۇ، مېھنىتىڭىزنىڭ ئەجىرىنى كۆرگەيسىز، ئائىلىڭىزگە ياخشىلىقلار يار بولغاي، بارلىق دوستلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇباراك بولسۇن.
    ھۆرمەت بىلەن غۇلجىدىن قازاق دوستىڭىز نۇرمۇھەممەت رايون ئوغلى قىرىقباي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:06
  • ئالىم مۇئەللىم. بۈگۈن windows8 نىڭ كەسپىي نەشىرىنى توردىن سېتىۋىلىپ قاچىلىدىم. تەڭشەش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىدا windows7 دىن چوڭ پەرقى يوقكەن. شۇ metro ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىشكە ئانچە كۆنەلمىدىم، قاچىلىغاندىن كېيىن ئەپ دۇكىنى ئاپتۇماتىك ھالدا يىڭىلاش بارلىقىنى ئەسكەرتتى، يېڭىلىغاندىن كېيىن، ھاۋا رايى كالىندار،ئۇيۇن دىگەندەك metro دىكى قوللانچىلار ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىپتۇ، بىراق تىل بولىقىنى ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرۇپ باقاي دەپ شۇنچە قىلساممۇ 语言包无法使用 دىگەن ئەسكەرتىش چىقىۋالدى. ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي تارقىتىلمىدۇ ياكى مەن توغرا مەشغۇلات قىلالمىدىممۇ بىلمىدىم. بىر تەلىم بەرگەن بولسىڭىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:54
    • مېنىڭكىدىمۇ شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلدى

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى am 09:05
    • قانچە يۇەنگە سىتىۋالدىڭىز ، ئادرىسنى قالدۇرسىڭىز مەنمۇ كۆرۆپ باقاي دىگەنتىم .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 12:06
      • 248 يۈەنگە سېتىۋالدىم، paypal ياكى بانكا ئىناۋەت كارتىسى ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىز بولىدىكەن!

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 14:37
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزدوستلار ئالدى بىلەن سەھرايىم بلوگتىن بارلىق دوستلىرىمغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن سالامەتلىك ۋە ئىمان تىلەيمەن، ئايىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە تۇرمۇشۇڭلارغا بەخىت، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، ھەر بىر كۈنۈڭلەرگە شادلىق ۋە بەرىكەت تىلەيمەن! كۈنلۈرۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۈن، ئائىلەڭلار تىنىچ ئامان بولسۇن، شادلىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولغاي .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى am 06:26
  • ئىش قىلىپ Windows 8 ئوقۇشلۇق تارقىتىلىپتۇ. ئالدى بىلەن ئۇنى مۇبارەكباد قىلىمىز! نېمىلا دېگەن بىلەن microsoft مۇ چوڭ بىر شىركەت. ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىش تەرتىپى بار. شۇڭا مەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ رەسمىي تارقىتىلىشىنى سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتىمەن.
    ئۈمىدىم شۇكى ئۇيغۇرچەت تىل بولىقىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ياكى ش ئۇ ئا ر تىل يېزىق كومتىتىدىن مۇبارەكلىگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. (بورادەرلەر بۇ تېمىنىڭ ئاستىغا تىل يېزىق كومتېتىنى ئەيىپلەيدىغان ئىنكاسلارنى يازمىساڭلار. قاقشاش بىلەن ئىش ھەل بولمايدۇ. بۇنداق ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۆزىمىزگە گۇناھ يۈكلىمەي. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلەيلى.) ئۇلار تەبرىكلىسە بۇ سىستېما دۆلەتنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشەتتى. قېنى ئۇ كۈنلەرمۇ كېلەر، ئنشائاللاھ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى am 08:23
    • مېنىڭچە : بۇ ئىش جۇڭگو دۆلىتىنىڭ ئىشى ئەمەس
      ھەم ش ئۇ ئا ر قاتارلىق ئورۇنلار ھەرگىزمۇ مىكروسوفتنىڭ ئېلانىنى ئىشلىمەيدۇ !

      ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇنداق ئىشلار شىركەت (كارخانا) نىڭ ئىشى

      Windows 8 جۇڭگۇدا سىتىلسىلا شۇنىڭ ئۆزى دۆلەتنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتى دېگەن گەپ

      (جۇڭگو دۆلەت قانۇنى ھەم باشقا قانۇن قائىدەگە خىلاپ گەپ سۆزلەر بولسا كەچۈرۈڭلار دېگەن چىراي ئىپادىسى )

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 12:54
      • بۇ دېگىنىڭىزمۇ راست. مېنىڭ ئويلىغىنىم شۇكى، ئەگەر ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى قوللىسا، كېيىن شىنجاڭدا ئاممىۋى ئەسلىھەلەر، مائارىپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش، پويىز ئىستانىسى، ئايىرپورت، بانكا … قاتارلىق ئورۇنلارغا كومپىيۇتېر سەپىلىگەندە ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىمۇ قوشىدۇ، دېمەكچى. بولۇپمۇ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرچە سىستېما بولسا بۇنىڭ پايدىسىنى شۇ ۋاقىتتا كۆرىمىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 21:37
      • ليەنشاڭ، خەيئېر،…قاتارلىق ماركىلىق كومپيۇتېرلارنى ئالسىڭىز، ئىچىدىن ھەقىقىي Windows چىقىدۇ، تىل تۈرىدىن ئۇيغۇرچىنى تاللىسىڭىز، مىكروسوفت ئورگان تور بېكىتىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى (سىغىمى 2.5 مېگابايت) نى چۈشۈرىدۇ، خەنزۇچە Windows ئېلان قىلىندى دېگەن گەپ ئۇيغۇرچىمۇ ئېلان قىلىندى دېگەن گەپ، ئۇيغۇرچىنى پەقەت خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە نەشرىگە قاچىلاشقا بولىدۇ، شۇڭا باشقىلاردىن بۇنداق ئىشلاردىن غەم قىلىش بىھاجەت، ئالدىن بىلەن ئىشلىتىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى، شۇ مەكتەپ، شۇ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىمۇ ئادەم ئىشلەيدۇ، شۇ ئادەملەر ھېچبولمىغاندا تىل تۈرىدىن ئۇيغۇرچىنى تاللاپ بىر قېتىم بولسىمۇ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقسا، مۇشۇنىڭ ئۆزى نەتىجە.

        ئەگەر بۇ ئىشتا غەم قىلىش توغرا كەلسە ھەممىدىن ئاۋۋال مىكروسوفت بەكرەك غەم قىلسا ئەڭ توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ سىستېما مىكروسوفتنىڭ، ئەمما ئۇلار غەم قىلمايدۇ. چۈنكى غەم قىلغان بولسا ئۆز ۋاقتىدا، بىزدىن ھەر جەھەتتىن ئەۋزەل ئورۇندا تۇرىدىغان زاڭزۇ (تىبەت)، مۇڭغۇل يېزىقىنى ئالدىدا قىلاتتى. چۈنكى بۇلار 10 يىل ئىلگىرى مىكروسوفت ئورگان تەرەپتىن Windows XP دا خەت نۇسخىلىرى ۋە كىرگۈزگۈچلىرى قوشۇلغان، ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلى تېخى مىكروسوفتنىڭ بوسۇغۇسىغا قەدەم باسالماي، Windows VISTA غا كەلگەندە ئاندىن قوشۇلغان، لېكىن كۇنۇپكىدا خاتالىق كۆرۈلگەن (ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشتا مىكروسوفتنى ئەيپلىگىلى بولمايدۇ، تېگىنى سۈرۈشتە قىلسا بىزدىكى «ف»نى تاللىۋېلىش خاتالىقى ئىدى)، كېيىن مىللەت نامىمىزنى ئەمدى قېلىپلاشتۇردۇق دەپ Microsoft Uighur دېگەن خەت نۇسخىسى نامىنى خاتاغا چىقاردۇق، بۇ قېتىممۇ يەنە كۆرۈنمە يۈزىدىكى خەت نۇسخىسى سەت ئىكەن دېدۇق. ئىشقىلىپ ياخشى تىلەكلەردىن قاقشاش، ئاغرىنىشنى ئۇلارغا سوۋغات قىلدۇق، 2009-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان Windows 7 دە جۇڭگودىكى 7 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تىلى كىرگۈزۈلگەن، تىل بولىقىنى چىقىرىشقا توغرا كەلسە، قائىدە بويىچە ئۇيغۇر تىلىغا 5-، 6-ئورۇندا نۆۋەت كېلەتتى، ھېچبولمىغاندا، زاڭزۇ (تىبەت)، مۇڭغۇلدىن كېيىن 3-ئورۇندا ئۆچرەت كېلەتتى، كەسكىن مۇنازىرىدە نېمە ئۈچۈن؟ قانداق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر تىلىنى 1-ئورۇندا ئويلاشقانلىقىنى مەن كېيىن دەپ بېرەي.،،،،،شۇڭا مۇشۇنداق بىر قاتار جەريانلاردىن مەن مىكروسوفتنى غەم قىلماسلىققا ئۇناتقان يەردە، بىز باشقا ئىشلاردىن غەم قىلمايلى. ئىشلەتمەيدىغان ئادەمنى زورلىساقمۇ ھەرگىز ئىشلەتمەيدۇ، مۇشۇ ساھەدە خېلە تەسىرى بار بىر كىشى تېخى 10 كۈن ئاۋۋال مەلۇم بىر تويدا بىر يەردە ئولتۇرۇپ قاپتىكەنمەن، ئۇ كىشى ئوچۇقتىن ئوچۇق مېنىڭ يۈزۈمگە ئۇيغۇرچە Windows نىڭ نېمە پايدىسى، ئۇنى كىممۇ ئىشلىتەر دەپ ئېغىردىن-ئېغىر غەم قىلىپ كەتتى. ھەيران قالدىم. مەن بۇنداق بولۇشنى زادى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

        ئىشلىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار بەس-بەستە ئىشلىتەيلى، كومپيۇتېر سېتىۋېلىشقا قۇربى يېتىدىغانلارمۇ ئازىراق كۈچەپ ھەقىقىي (دۇرۇس) نۇسخىسىنى سېتىۋالايلى، قىممەت كۆرسەك ئوغرىلىق قىلسۇن دەيدىغان ئىش يوق. مەسىلەن: 1500 يۈەنگە بىر قوينى قۇربانلىق قىلىشنى ئېغىر كۆرگەن بولسا، ئۇنى ئوغرىلاپ كەل دەيدىغان ئىش يوق. كەپتەر ياكى توخۇ بولسىمۇ بوغۇزلاش كېرەك. بۇنىڭغا ئىنسان بولۇپ ياشاۋاتقان، 18 ياشتىن ئاشقان ئادەملەرنىڭ چوقۇم كۈچى يېتىدۇ. يەنە بىر مىسال پالانى يېڭى ئېچىلغان داڭلىق ئاشخانىدا بىر تەخسە پولۇ 18 يۈەن ئىكەن، باشقا تاماقلىرىمۇ بەك قىممەت دەپ تىللايمىز، قىممەت بولسا، تىللاپ يۈرمەي شۇ يەرگە بارمىسىڭىزلا بولدى، سىزنى ھېچكىم زورلىمىدى. پۇلىڭىزغا چۇشلۇق پولۇ يەيمەن دېسىڭىز بۇلاقبېىشى (سەنشىخاڭزى)غا بېرىپ، كونا ماللار بازىرىغا كىرسىڭىز، 3 يۈەنلىك گۆشسىز پولۇ يېسىڭىزمۇ بولىدۇ. شۇڭا، قانداق ياشاش ھەممىسى ئۆزىمىزگە باغلىق. باشقا ئىنساندىن ئۈمىد كۈتۈش، باشقىلاردىن غەم قىلىش بىز ئىنساننىڭ ئىشى ئەمەس.

        بۇ يەردە دېگەن گەپ ھەرگىزمۇ ئوغۇز بۇرادەرگە دېيىلگەن گەپ ئەمەس، مېنىڭ ئىدىيەمدىن ئۆتمىگەن نۇرغۇن سوئاللارغا(ئەمەلىيەتتە باشقىلارمۇ مۇشۇ يەردە بولسۇن، باشقا جايلاردا بولسۇن مەندىن سوراپ بولغان سوئاللارغا) بىراقلا جاۋاب بەردىم، ئەمدى بۇنداق ئىشلاردىن غەم قىلماي، ئۆزىمىز ئالدى بىلەن ئىشلىتىپ بېقىشنى، بىر-بىرىمىزگە ھەق نەشىرىنى، ئىقتىسادىمىز يار بەرمىسە سەۋرنى تەۋسىيە قىلايلى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:01
      • ئالىم مۇئەللىم سىزنى ئاخىرغىچە قوللايمىز ….ئاللا خالىسا ئىشلىرىڭىز ئاسانلىشپمۇ قالۇر . .

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:53
      • بۇ گېپىڭىزگە« كامالىي بەرھەق» دېيىشتىن باشقا ئىمكان قالمىدى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:11
      • ئەتىگەندە كەيپىم سەل ياخشى ئەمەس ئوخشايدۇ، ئەمما يەنە بىر دېسەم بۇ سىزگە دېگەن گەپ ئەمەس، مەن ھەر خىل گەپلەرنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم، بۇنى يا ئايرىم تېما قىلىپ يوللىساممۇ تازا قاملاشماس ئىدى. ئەمدى سەل جىم بولاي.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:32
  • قەيەردىن سېتىۋالىمز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى am 09:55
    • مىكروسوفتنىڭ ئورگان تورىدىن قاچىلاش ياردەمچىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز، لېكىن پۇل تۆلەش سەل قېيىن، بانكا ئىناۋەت كارتىسى بولمىسا بولمايدىكەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:26
      • سىز شۇ يەردىن سېتىۋىلىڭ …..

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:45
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار ……. قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن……… يەنە ، ئالىم مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرسوفىت گۇرۇپپىسىدىكى ، ۋە نامسىز تۆھپىكار قېرىنداشلېرىمىزغا ئوتلۇق سالام………
    Windows 8 نىڭ تارقىتىلىشى ۋە ئۇيغۇر تىلى يېزىقىنىڭ قوشۇلىشى ھەربىرىمىزنى ئىنتايىن سۈيۈندۈردى …..
    مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىپ تۆھپە قوشۇۋاتقان باھادىرلېرىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئىشلېرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز…….
    ئۇستازلاردىن سوراپ باقسام ؛ …. بۇقىتىم ئېلان قىلىنغان Windows 8 نىڭ ئاساسلىق 4خىل نۇسخىسى بار ئىكەن …. ئۇنداقتا بۇ لارنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بار ؟ قانداق ئالاھىدىلىكى بار ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار……….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 13:09
    • دىمەكچى بولغىنىم ؛ Windows 8،Windows 8 PRO , Windows 8 RT , Windows 8 Enterprise قاتارلىق نۇسخىلېرى بار ئىكەن …. بۇ ئاتالغۇلار قانداق تۈرگە ئايرىلىدۇ …. قايسىسى كەسپى نۇسخىسى ؟، قايسىسى ئادەتتىكى نۇسخىسى ، قايسىسى تاختا كومپيۇتېر نۇسخىسى ……. دىگەندەك…….،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:11
  • مەن كەسپى نۇسخسىنى سېتىۋىلىپ قاچىلىدىم . لىكىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن . ئەھۋالدىن قارىغاندا پات ئارىدا تارقىتىلدىغان ئوخشايدۇ .مەن ساقلاشقا رازى .سېتىۋىلىپ ئىشلەتسە بۆلەكچە بولىدىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:33
  • win7نىڭ باھاسى قانچىكەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:11
  • ئەسسالام ئالىم ئاكا! ئەمدى ئادوبى ،كورېل،ئاۋتۇدۋسىك قاتارلىق شىركەتلەرمۇ ئويغۇرچە قوللايدىغان مەھسۇلاتلارنى چىقىرا؟!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 07:45
    • بۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەممىسى ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغۇ . . سىز قايسى نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانسىز . . ئۇيغۇرچە يېزىق قوللاش دەمسىز يا ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزى دەمسىز …

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:52
    • بۇلار Windows نىڭ ئالدىدا ئويۇنچۇق دېتاللار، يۇقىرى-سۈرئەتلىك قۇرۇلۇش تاماملاندى، بۇ يولدا ماڭىدىغان ماشىنا-قوڭغۇزلارنىڭ ئىشى ئادەتتىكىدەك ئىشلاردۇر. جۇڭگودا ئۆز دېتاللىرىنى بازارغا سالىدىغانلار ئەمدى خەنزۇچە نەشرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىمۇ بازارغا سېلىشنى ئويلىشىدۇ، چۈنكى بۇنداق دېتاللاردا بەك بولسا 1000-2000 دەك سۆز-جۈملىلەر بولىدۇ، بۇنى ھازىرقى سەۋىيەدە 1-2 سائەت ئىچىدە تەرجىمە قىلىپ بولالايمىز. شۇڭا، باشقا بولماقچى بولغان ئىشلاردىن غەم قىلماي، ماۋۇ بولۇپ بولغان نەرسىنى بالدۇرراق ئىشلىتىپ بېقىشنىڭ غېمىنى قىلايلى، 248 يۈەن تۆلىسىڭىزلا، 1200 يۈەنلىك كەسپىي نەشرىنى ئىشلىتەلەيسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:37
  • ھەجەپ ئۇيغۇرچە نەشىرىنىڭ باھاسىنى ئۇقۇپ بولالماي كەتتۇق دېسە !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:13
    • مىكروسوفت تور بېكىتىدە شۇنداق ئېنىق تۇرمامدۇ؟ 248 يۈەن تاپشۇرۇپ، ھەقىقىي نەشرىدىكى خەنزۇچىنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغاندا، قاچىلىسىڭىز، ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە بولىدۇ شۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:03
  • ئالىم مۇئەللىم بىز سىزنىڭ ئىغىزىڭىزغىلا قاراپ قالدۇق!
    بىز زاكاسىنى سىزدىن قىلمىز. چۇقۇم سىزگە ئازىراقمۇ بۇلسا پايدىسى بار.
    سىزنىڭ ئەجىرىڭىز ئۇچۇن بىزنىڭ سىز قىلىپ بىرەلەيدىغان ئىشىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:49
  • ئىشەنىچ كارتىسى بولمڭسا ئالغىلى بولمايدىكەن ئىشەنچ كارتىسىنى قانداق بىجىرىمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:04
  • مەلىم :
    بولسا سېتىۋىلىش توغرىسدا بىجىرىدىغان كەسىپ تولدۇرىدىغان ئورۇن ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى دېگەندەك ئىشلارنى يېزىشىڭىزغا توغرا كەلدىمۇ قانداق .
    راست گەپ ئەڭ ئاددىيسى مەنمۇ سېتىۋالالمىدىم ھەم ماڭا ئوخشاشلار كۆپتۇ دەپ ئويلايمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:58
    • ھە راست مەلىم :

      Windows8 نىڭ جۇڭگو ئاسان خەت نەشىرى بولغان
      ھەقىقىي نەشىرىدىكى ئوپتىك دېسكانى
      جۇڭگودا سېتىۋىلىش ھازىرچە مۇمكىن بولماسمۇ ؟

      ياكى سىز بىلەن microsoft نىڭ ئۇيغۇر رايونى ( ئۇيغۇرچە نەشىرى ) گە ئايرىم پىلانى بارمۇ ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:06