Explorer نى نېمە دەيمىز؟
[ ئاتالغۇلار ]يەنە ئاتالغۇدىن باشلايدىغان بولدۇق، ئىنتايىن مۇھىم بىر ئاتالغۇ بار، بۇ ئاتالغۇ تەرجىمە قىلىنغان، لېكىن تورداشلارنىڭ مەلۇم بىر پىكىرگە مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھازىرچە زادى قايسى مەنىدە ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويمايمەن. ئاۋۋال بۇ رەسىمنى كۆرۈڭ.
File Explorer
يەشمىسى: Windows دا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھۆججەت ۋە قىسقۇچلارنى ئىزدەش ۋە ئېچىشىغا ياردەم بېرىدىغان قورال دېتال.
خەنزۇچە 文件资源管理器 دەپ تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Windows Explorer (خەنزۇچە: Windows 资源管理器) ھەمدە Internet Explorer قاتارلىق كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇلاردىمۇ Explorer دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. ئەمما، Internet Explorer مەھسۇلات نامى بولغاچقا تەرجىمە قىلىنمايدۇ. Explorer ئارىلاشقان تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان ئاتالغۇلار تۆۋەندىكىدەك:
Category Explorer
Component Explorer
Database Explorer
Document Explorer
Field Explorer
MSN Explorer
Resource Explorer
Server Explorer
….
بۇلار بىر خىل تەرجىمە قىلىنسا ياخشى بولىدۇ، ئەمما بۇ File Explorer دېگەن ئاتالغۇنى تېخىچە تۈركچە، ئۆزبېكچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنمىغان ياكى ئۆز پېتى ئېلىنغان، ھازىرچە ئاتالغۇنىڭ يەشمىسى ۋە خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن باشقا پايدىلىنىش ئۇچۇرى يوق، ئەمما، بۇ ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىش داۋامىدا، File Explorer نى ھۆججەت باشقۇرغۇچ، ھۆججەت كۆرگۈچ، ھۆججەت ئىزدىگۈچ، ھۆججەت ئېكسپېدىتسىيەچى دېگەندەك پىكىرلەر بولۇۋاتىدۇ. سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟ Explorer نى زادى قانداق ئېلىش كېرەك؟ يەنە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىڭىز بارمۇ؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 10,883 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 16:59
- ئالدىنقى يازما :شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرسوفت،…قاتارلىق دىيارىمىزدىكى شىركەتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى
- كېيىنكى يازما :تەبىئەتنىڭ مۆجىزىلىرىدىن سىلەرمۇ زوق ئېلىڭلار
ئالىم مۇئەللىم مەن گەرچە كومپۇيۇتېرنى تازا بىلمىسەممۇ بىر ئىشقا ھەيران بوپ قالدىم ،نىمىشقا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئالدىغا يېزىلىدىغان ئېنگىلىزچە ياكى رەقەملەر يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىغا بېرىپ قالىدۇ؟
كەزگۈچ دېگىنى بوپتۇ.ئېكىسپىدىتسىيەچى دەپ ئالغاندىن كۆرە قىدىرغۇچى دەپ ئالغان ياخشىمىكىن
مېنىڭچە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىسىم يەنىلا شۇ ھۆججەت باشقۇرۇچى دىگەن ئىسىم!!!
«كەزگۈ» دېسەك قانداق؟ يەنە مېنىڭچە «كەزگۈچ» دېگەندىن «كەزگۈ» ياخشىراق بىلىندى.
كېزەر دېسەكمۇ بولغۇدەك، مەسىلەن:File Explorer
ھۆججەت كېزەر،Internet Explorer تور كېزەر دېگەندەك
مېنىڭچە بۇرۇندىن بار سۆز بايلىقىمىزنى ئىشلەتسەك بولامىكى؟! زىيارەتچى ، بۇنىڭ مەنىسىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى چۈشىنىۋالغۇلى بولىدۇ….كۆرگۈ دېگەن سۆز مېنىڭچە بەك سۈنئى ياسالغان ئىسىم بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭدىن كەزگۈچ دېسەكمۇ بولغۇدەك
بۇنداق سۈنئىي ياسالغان، باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل ئۇسلۇبىنى ئۇيغۇرچىغا كەيگۈزۈپلا ياساپ چىققان بىر-ئىككى ئاتالغۇدىن باشقىلىرى ئومۇملىشالمايۋاتىدۇ، خۇددىي توكتا چىققان چۈجەدەك ھاياتى كۈچى ئوزۇنغا بارمايۋاتىدۇ.
شۇڭا «تور كۆرگۈ» دەپ ئېلىنماي، «تور كۆرگۈچ» دەپ ئېلىندى
كۆرگۈ
مەنچە ‹‹ كۆرگۈ ›› دىگەن ئاتالغۇ يىقىملىق ئاڭلىنىدىكەن .
مۇشۇ ساھەدە جاپا چىكىۋاتقان بارلىق مىھنەتكەش ئۇستازلارغا ، دوسلارغا چىن دىلىمدىن رەخمەت ئىيتىمەن .
ھارمىغايسىلەر .
مىنىڭچە بولغاندا ھۆججەت باشقۇرغۇچى دىسەك مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن .
«كەزگۈچ» دېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغاندەك ھېس قىلدىم.
ئىككىنچى تاللاش: باشقۇرغۇچىسى
ئۈچىنچى تاللاش: كۆرگۈچ
يېڭى سېستىما بازارغا سېلىنسا ئەلكاتىپ تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۇپ كېتەرمۇ؟
‹‹كەزگۈچ ›› چۇ؟
ھۆججەت كۆرگۈچ ياكى ھۆججەت كۆرگۈ دە ئالساق مۇۋاپىق بولغۇدەك. تور كۆرگۈ ياكى تور كۆرگۈچ بىلەنمۇ ماسلىشىدۇ. ھەم قىسقا ھەم ئوبرازلىق.
چۇنكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھۆججەت ياكى تور ۋە ياكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى دېگەندەكلەرنى كۆرىدىكەنمىز.
مېنىڭچە ھۆججەت كۆرگۈچ دەپ ئېلىنسا مۇۋاپىق كالگۈدەك .
تەكت(تەكتى) باشقۇرغۇچى(قازغۇچى)
مەنبە باشقۇرغۇچى (قازغۇچى)
تەكت: بىر نەرسىنىڭ ئاسىتى قىسمى، ئۇلى .
كۆچمە :ئەسلىسى،كېلىش مەنبەسى ،كىلىپ چىقىشى.