Explorer نى نېمە دەيمىز؟
[ ئاتالغۇلار ]يەنە ئاتالغۇدىن باشلايدىغان بولدۇق، ئىنتايىن مۇھىم بىر ئاتالغۇ بار، بۇ ئاتالغۇ تەرجىمە قىلىنغان، لېكىن تورداشلارنىڭ مەلۇم بىر پىكىرگە مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھازىرچە زادى قايسى مەنىدە ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويمايمەن. ئاۋۋال بۇ رەسىمنى كۆرۈڭ.
File Explorer
يەشمىسى: Windows دا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھۆججەت ۋە قىسقۇچلارنى ئىزدەش ۋە ئېچىشىغا ياردەم بېرىدىغان قورال دېتال.
خەنزۇچە 文件资源管理器 دەپ تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Windows Explorer (خەنزۇچە: Windows 资源管理器) ھەمدە Internet Explorer قاتارلىق كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇلاردىمۇ Explorer دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. ئەمما، Internet Explorer مەھسۇلات نامى بولغاچقا تەرجىمە قىلىنمايدۇ. Explorer ئارىلاشقان تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان ئاتالغۇلار تۆۋەندىكىدەك:
Category Explorer
Component Explorer
Database Explorer
Document Explorer
Field Explorer
MSN Explorer
Resource Explorer
Server Explorer
….
بۇلار بىر خىل تەرجىمە قىلىنسا ياخشى بولىدۇ، ئەمما بۇ File Explorer دېگەن ئاتالغۇنى تېخىچە تۈركچە، ئۆزبېكچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنمىغان ياكى ئۆز پېتى ئېلىنغان، ھازىرچە ئاتالغۇنىڭ يەشمىسى ۋە خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن باشقا پايدىلىنىش ئۇچۇرى يوق، ئەمما، بۇ ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىش داۋامىدا، File Explorer نى ھۆججەت باشقۇرغۇچ، ھۆججەت كۆرگۈچ، ھۆججەت ئىزدىگۈچ، ھۆججەت ئېكسپېدىتسىيەچى دېگەندەك پىكىرلەر بولۇۋاتىدۇ. سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟ Explorer نى زادى قانداق ئېلىش كېرەك؟ يەنە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىڭىز بارمۇ؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 10,880 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 16:59
- ئالدىنقى يازما :شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرسوفت،…قاتارلىق دىيارىمىزدىكى شىركەتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى
- كېيىنكى يازما :تەبىئەتنىڭ مۆجىزىلىرىدىن سىلەرمۇ زوق ئېلىڭلار
ئۇيغۇر تىلىدىكى -غۇ، -قۇ،-گۈ، -كۈ ئۇنۈملۈك ئىسىم ياسىغۇچى قۇشۇمچىلاردۇر.
مېنىڭچە، `ھۆججەت باشقۇرغۇ ` دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن. چۈنكى:
1، `ھۆججەت كۆرگۈ` مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى File Explorer ئارقىلىق ھۆججەتنىڭ ئۆزىنى كۆرمەيدۇ، بەلكى ھۆججەتنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆرۈشـكە ۋە باشقۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ھۆججەتنى مۇناسىۋەتلىك يۇمتاللار ئارقىلىق كۆرىدۇ. بۇ File Explorerنىڭ ئەسلى مەنىسىنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ.
2، `ھۆججەت ئىزدىگۈ` مۇ ئەسلى مەنىنى تارايتىۋېتىدۇ.
3، `ھۆججەت ئېكسپېدىتسىيەچى` بولسا ئۇزۇن، ھەم چەتئەل سۆزى.
مىنىڭچە ‹ئىشلەمچى› دەپ ئالساق قانداق قارايسىلەر؟؟ مىنىڭچە بۇ سۆز شۇ خىل ئىقتىدارنى ئىجرا قىلغۇچى بولغاچقا ‹ئىشلەمچى› دەپ ئالسا مۇۋاپىق دەك ھىس قىلدىم!!!
ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئېيىتقىنى ناھايىتى ئۇرۇنلۇق ، ئازراق تەس كەلسىلا ئاھاڭ تەرجىمسىگە ئۇتۋالساق نىمدىگەن ئۇيات ئىش بۇ، بۇ بىر باشلىنىش ، ئادەتتە مەلۇم بىر ئۇقۇم قېلىپلىشىپ بولغۇچە مۇشۇنداق قۇلاققا غەلىتە ئاڭلىندۇ ، بۇ غەلىتىلىكنى پەقەت بىزدەك خەنچە سۇپىغا كۇنۇپ قالغانلارلا ھىس قىلدۇ ، ئۇنتۇپ قالمايلى ، تىلمىزدا كىيىنكىلەرنىڭ ھەققى بەك كۆپ بەك كۆپ ، بىزدىن كىيىنكى ئەۋلاتلار تۇنجى قېتىم كومپىيوتېر بىلەن ئۇچراشقاندا مۇشۇ ئاتالغۇلار شۇنچىلىك تەملىك ، يېقىملىق بىلنىدۇ، بىز خەنچە سۇپىغا كۆنۇپ قالغانلارنىڭ كىچىككنە مەنپەتى ئۇچۇن ،كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ، ئىزباسارلارنىڭ مەڭگۇلۇك مەنپەتىنى قۇربان قىلساق بولمايدۇ، ھەم ھىچقايسىمىزنىڭ ھەققى يوق، ھەر قانچە قۇپال تەرجىممۇ، بىز مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارغان تەرجىممۇ ئاھاڭ تەرجىمسىدىن يۇز ھەسسە ياخشى،ئانا تىلنىڭ لەززىتىگە نىمە يەتسۇن؟
ئاخىردا مۇشۇ ئىش ئۇچۇن مىننەتسىز كۇچ چىقرىۋاتقان، تىرشىۋاتقان قېرىنداشلىرمىزنىڭ ھەقىقى ئىتقاد،ئەقىدە بىلەن داۋاملىق تىرشىپ، مەندەك ۋە مىنىڭدەك مىليۇنلىغان قېرىنداشلىرنىڭ كۇزدىن ۋە يۇركىدىن ئاخىرقى ھاياجانلىق ياشنى تۈكۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇت قىلمەن.
باشقۇرغۇچ دېگەندىن باشقىسى تازا جايىغا چۈشمەيدىغاندەك.
مەن ھۆججەت كۆرگۈچ دىگەن ئاتالغۇنى مۇۋاپىق كۆردۈم .كۆرگۈ دىگەن سۆزدىن كۆرگۈچ دىگەن سۆز، ئاتاشقا بەكراق قولاي بۇلىدىكەن.
بېيجىڭغىمۇ بارمۇ يا ،ئالىم ئۇستاز؟ مەن بييجىڭدا ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىپ بەرسەم دەيمەن.
رەھمەت سىزگە! يېقىندا يەنە بېرىپ قېلىشىم مۇمكىن، لېكىن ۋاقتى ئېنىق ئەمەس
بۇرۇن مەنبە باشقۇرغۇچ دەپ ئالغاندەك ئىسىمدە. مۇشۇمۇ بولىدۇ جۇمۇ… شەخسى قارشىم
مەن ھەممە ئاتالغۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋېتىشنى بەك ئارزۇلارپ كەتمەيمەن، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا بولىدىغاننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەن تۆھپىكارلىرىمىز شۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان سۆزلەرگە نىسبەتەن ئىزاھاتىنى ئىشلەپ چۈشەندۈرسە. مەن ئويلايمەن كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرى شۇنچە كۆپ، ئەمما كومپىيۇتېر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تولۇق چۈشۈنىدىغان تىلشۇناسلىرىمىز ئاز، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى كومپىيۇتېردا تونۇتۇش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىگە سېلىنغان مەبلەغ ئاساسەن شەخىسلەرنىڭ تۆھپىسى بىلەن بولۇپ كەلدى، مەن شۇ تۆھپىكارلارغا ئالاھىدە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا، ئىلگىرى computerدېگەننى خەنزۇچە ئاتالغۇسىدىن ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىپ «ئېلىكتىرونلۇق مېڭە» دەپ تەرجىمە قىلىۋالغان، مانا ئەمدى يەنە قايتا باشتىن كومپىيۇتېر دېگەنگە ئۆتۈۋالدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ «كومپىيۇتېر»دېسەك جاھاندىكى 计算机دېگەنگە ئۆزگەرتىۋالغان خەنزۇلاردىن باشقا ھەممە مىللەت كىشىلىرى چۈشىنىدىغان بولدى. مائۇس دېگەنمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش.
تىلىمىزدىن تېپىلغانلىرى تەرجىمە قىلىنسا، تېپىلمىغانلىرى ئەسلى تەلەپپۇز بويىنچە قوبۇل قىلىنسىمۇ بوپ قالسىمۇ ئۇيغۇرلارغا زىيان قىلمىسا كېرەك.
بۇنى ئىشلىتىدىغان كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تىل سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇشى ناتايىن، ئىمكان بار ئۆز تىلىمىزدا تەرجىمىسى تېپىلسا، شۇ پېتى ئېلىش، مەسىلەن: ئابۇنت ئەمەس خېرىدار، ئاككونت ئەمەس ھېسابات، ئانالوگ ئەمەس تەقلىدىي، كاتالوگ ئەمەس مۇندەرىجە،….دەپ ئېلىندى، كومپيۇتېر، ئىنتېرنېت،…دېگەندەك ئادەتلەنگەن ۋە قېلىپلاشقان ئاتالغۇلار ئۆز پېتى ئېلىندى. مەھسۇلات نامى، ئىقتىدار نامى، شىركەت نامى تەلەپ بويىچە پۈتۈنلەي ئىنگلىزچە ئېلىندى. مەسىلەن: Windows, Office, iPhone, Internet Explorer, Google,….
كۆرگۈچ دېگەننى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇنى كۆپ ساندىكى كىشلەر ئاسان چۈشىنەلەيدۇ.
مەسلەن: توركۆرگۈچ، ھۆججەت كۆرگۈچ
ئالىم مۇئەللىم، كورلىغا بىرەر سان يوق ئوخشىمامدۇ! ھاھا.
بولسا بىزلەر تەرەپكىمۇ بىرەرنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز…
ئورنى ۋە ئىقتىدارى جەھەتتىن ئېيتقاندا باشقۇرغۇچ دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارايمەن.
كۆرۈش، ئۆچۈرۈش قاتارلىقلار كەڭ جەھەتتىن باشقۇرۇش قاتارىغا كىرىپ كېتىدۇ.
باشقۇرغۇچ دېگىنىمىز تۈزۈكراق ئىكەن..كۆرگۈچ دېسەك ئىشلىتىش جەھەتتىن ماس كەلگەندەك قىلغان بىلەن يەنىلا 100%بولمايدىكەن.بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىز؟
资源管理器نى ئشلەتكەندە ھۆججەتلەر تىك قاتار بويىنچە تۈرى بويىنچە كۆرىندىكەن.شۇڭا ‹تۈرلەندۈرگۈچ›ياكى ‹تۈرلىگۈچ› دىسەك بولامىكى
ھۆججەت باشقۇرغۇچ
تور كۆرگۈچ بىلەن ماسلىشىدۇ …
بىر سۆزنى تەرجىمە قىلغاندا ئىمكان بار سۆز بىرىكمىسىگە تەرجىمە قىلىۋالمىسلىقىمىز لازىم، يەنە ساپ ئۇيغۇرچە(تۈركىي) سۆز بىلەن ئىپادە قىلالىساق تېخىمۇ ياخشى. شۇڭا زىيارەت قىلغۇچ دېگەندەك تەرجىمىلەر مۇۋاپىق ئەمەس مېنىڭچە. ‹‹كۆرگۈ›› گە قارىغاندا ‹‹كۆرگۈچ›› نى كىشىلەر ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.