Explorer نى نېمە دەيمىز؟
[ ئاتالغۇلار ]يەنە ئاتالغۇدىن باشلايدىغان بولدۇق، ئىنتايىن مۇھىم بىر ئاتالغۇ بار، بۇ ئاتالغۇ تەرجىمە قىلىنغان، لېكىن تورداشلارنىڭ مەلۇم بىر پىكىرگە مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھازىرچە زادى قايسى مەنىدە ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويمايمەن. ئاۋۋال بۇ رەسىمنى كۆرۈڭ.
File Explorer
يەشمىسى: Windows دا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھۆججەت ۋە قىسقۇچلارنى ئىزدەش ۋە ئېچىشىغا ياردەم بېرىدىغان قورال دېتال.
خەنزۇچە 文件资源管理器 دەپ تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Windows Explorer (خەنزۇچە: Windows 资源管理器) ھەمدە Internet Explorer قاتارلىق كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇلاردىمۇ Explorer دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. ئەمما، Internet Explorer مەھسۇلات نامى بولغاچقا تەرجىمە قىلىنمايدۇ. Explorer ئارىلاشقان تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان ئاتالغۇلار تۆۋەندىكىدەك:
Category Explorer
Component Explorer
Database Explorer
Document Explorer
Field Explorer
MSN Explorer
Resource Explorer
Server Explorer
….
بۇلار بىر خىل تەرجىمە قىلىنسا ياخشى بولىدۇ، ئەمما بۇ File Explorer دېگەن ئاتالغۇنى تېخىچە تۈركچە، ئۆزبېكچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنمىغان ياكى ئۆز پېتى ئېلىنغان، ھازىرچە ئاتالغۇنىڭ يەشمىسى ۋە خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن باشقا پايدىلىنىش ئۇچۇرى يوق، ئەمما، بۇ ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىش داۋامىدا، File Explorer نى ھۆججەت باشقۇرغۇچ، ھۆججەت كۆرگۈچ، ھۆججەت ئىزدىگۈچ، ھۆججەت ئېكسپېدىتسىيەچى دېگەندەك پىكىرلەر بولۇۋاتىدۇ. سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟ Explorer نى زادى قانداق ئېلىش كېرەك؟ يەنە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىڭىز بارمۇ؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 10,902 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 16:59
- ئالدىنقى يازما :شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرسوفت،…قاتارلىق دىيارىمىزدىكى شىركەتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى
- كېيىنكى يازما :تەبىئەتنىڭ مۆجىزىلىرىدىن سىلەرمۇ زوق ئېلىڭلار
مىنىڭچىمۇ كۆرگۈ(چ)دەپ ئاتاش مۇۋاپىق تەك تۇرىدۇ. مەن باشتا قوللانغۇ(چ) دەپ ئاتىساق كەڭرەك مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ دەپ ئويلىغان .
كۆرگۈچ دېسەك بىۋاستە تەرجىمىسى نەخ چۈشىدۇ، لېكىن ئىقتىدار جەھەتتىن ئېيتقاندا يەنىلا باشقۇرغۇچ دېسەك بەكرەك مۇۋاپىق بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.
widget دىگەننى نىمە دەپ ئالىمىز؟ خەنزۇچىدە 小工具,部件دىگەندەك ئالىدىكەن.
يەنى ۋىندوۋس نىڭ ئۈستەل يۈزىنىڭ يان تەرىپىگە چىقىرىپ قويىدىغان كىچىك سوفتلار،ياكى ئەپلەركەن .
يانئەپ،يان قورال ؟
ئېنىقلىمىدىن قارىغاندا بۇنى باشقۇرغۇچ دىسەك مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ. چۈنكى كۆرگۈ(چ)،ئىزدىگۈچ دىگەنلەر ئۇقۇم جەھەتتىن،ئىقتىدار جەھەتتىن تار بولۇپ قىلىدۇ،يەنى مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا بۇلار باشقۇرۇشنىڭ تەۋەسىگە كىرىپ كېتىدۇ دىسەكمۇ بولۇدۇ.
چۈنكى بۇ تەمىنلەنگەن ئىقتىدار ئارقىلىق ھۈججەتلەرنىڭ ئىسمى،خاسلىقى،چوڭلىقى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆرگىلى، ھۈججەتنى ئىسمى (كېڭەيتىلگەن ئىسمى ياكى باشقا ئورتاق بەلگىلەر ئارقىلىق ) بويىنچە ئىزدىگىلى، ھۈججەتنى بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا كېسىپ،كۆچۈرۈپ، چاپلىغىلى، يەنە ئىسمىنى ئۆزگەرىتكىلى بولۇدۇ. لېكىن ھۈججەت مەزمۇنىنى مەخسۇس سوفت بولمىسا كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا نۇقۇل ھالدىكى مەلۇم بىر ئىقتىداردىن چىقىش قىلىپ ئىسىم قويغاندا تازا مۇۋاپىق بولماي قالىدۇ. شۇڭا باشقۇرغۇچ دىگەن ئاتالغۇ بۇنىڭغا مۇۋاپىق كېلىدۇ دەپ قارايمەن.
مۇشۇ بانادا يەنە ئورتاقلىشىۋالسام:
clipboard , 粘贴板 ئاتالغۇسىنى ئامانەت،ياكى ئىشتاختا(بولسا بىراقلا تاختا دەپ ئالساق) دەپ ئالساق قانداق بولار؟،چۈنكى ئامانەت دىگەندە بۇلارنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ئوخشىشىپ قالىدىكەن. يەنى ئىككىلىسىدىلا باشقىلارغا ھاۋەلە قىلىپ ئامانەت قويۇپ قويۇدىكەنمىز، ھەر ئىككىسى ۋاقىتلىق ساقلاپ بېرىدۇ، لازىم بولغاندا ئېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.يەنى ئىككىلسى ۋاقىتلىق باشقىلارغا ساقلاپ بېرىش رولىنى ئوينايدىغان ئەھۋاللاركەن.
يەنى,copy to clipboard, past(copy) from clipboard دىگەندەكلەرنى ئامانەتكە كۆچۈرۈش، ئامانەتكە چاپلاش، ئامانەتتىن كۆچۈرۈش دىگەندەك ئىشلەتسەك دىمەكچى.
ئىشتاختا ياكى تاختا دىيىشىم ئاشتاختا دىگەندەك سۆزلەردىن ئىلھاملاندىم.
بىرىنچى ئابزاستىكى سۆزىڭىز توغرا، docx. ھۆججىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن Windows Explorer ئىشلىتىلمەيدۇ، بەلكى MS-Word ئىشلىتىلىدۇ،.
مېنىڭچە Explorer بولسا كەزگۈچ دەپ ئېلىنسا قانداق؟
IEتور زىيارەتچى
ھۆججەت زىيارەتچى
ھۆججەت ئىزدىگۈچ دېسەك بىر قەدەر مۇۋاپىق بولامدۇ، قانداق؟
شەخسى كۇغ قار شىم
مەنمۇ «كۆرگۈ» دىگەن سۆزنى قوللايمەن. مۇشۇ ئەڭ مۇۋاپىق.
كۆرگۈ ، مەنمۇ كۆرگۈ دەپ ئىلىشنى قوللايمەن. بۇ نداق بولغاند ، ھۆججەت كۆرگۈچ ، توركۆرگۈچ …. ھەممىسەگە مۇۋاپپىق كىلىدىكەن !
ھۆججەت ئىزدىگۈچ دېسەك بىر قەدەر مۇۋاپىق بولامدۇ، قانداق؟
مەنمۇ ئەگەر كۆرگۈ(چ) دەپ ئالساق يۇقارقى ئىنگىلىزچە ئاتالغۇلارغىمۇ، internet explorer غىمۇ ماس كېلىدىكەن. ئاۋاز قاتتىم ….ئالىمكا ئەگەر win8ئۇيغۇرچىسى چىقسا قىممەت بولمىسا 650-750 ئەتراپىدا بولسا مەن بىرنى ئالىمەن ئالدىن زاكاس ھە ….
كۆرگۈ دېگەن ئاتالغۇ مۇۋاپىق كىلدىكەن .
مەن ‹‹كۆرگۈ ››دىگەن سۆزنى قوللايمەن.
مەن مۇ خلى ئويلانغانتىم .يەنىلا سوزنڭ تەرجىمىسىدىن
باشقىسىنى تاپالمەپتىم .
كۆرگۈ دېگەن ئاتالغۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ھۆججەت كۆرگۈ
مەنبە كۆرگۈ
ساندان كۆرگۈ
دېگەندەك، نامزات كۆرگۈچ
رەھمەت سىزگە، مەن سىز ۋە ئالىپ (قەيسەر)گە Windows 8 نىڭ دىسكىسىنى ئاتاپ قويغان ئىدىم، ئۇنى قەشقەرگە قانداق ئەۋەتىپ بېرىمەن؟
ئاندىن باشقا يەنە خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپان، قۇمۇل، مايتاغ، قاراماي قاتارلىق ۋىلايەت ياكى شەھەرلەردىكى بىر-ئىككى كەسىپداشلارغىمۇ ئەۋەتىپ بەرمەكچى ئىدىم، بۇ ئىشقا ئەستايدىل قارايدىغان، ئاز-تولا يۇمشاق دېتال تەرجىمە قىلىپ باققانلارغا ئەۋەتسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، شۇڭا تەۋسىيە قىلساڭلار
ئالىم مۇئەللىم، كورلىغا بىرەر سان يوق ئوخشىمامدۇ؟ ھا،ھا
بولسا بىز تەرەپلەرگىمۇ بىرەنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز…
كورلىدىمۇ يۇمشاق دېتال تەرجىمە قىلىپ باققانلار ياكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئىشلىتىدىغانلار بارما؟ (چاقچاق) ئەۋەتىپ بېرىمىز، لېكىن چوقۇم سىناش دوكلاتى تاپشۇرىسىلەر، مەيلىما؟
ھاھا، ئالىم مۇئەللىم خېلى قىززىقچى جۇمۇڭ! كولىنىمۇ سەل چاغلىماڭ ھە، ھاھا (چاخچاق)
مەن ئۈزۈم كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان، پروگرامما تۈزۈش ئىشلىرىنى خېلى بىلىمەن. يۇمشاق دېتاللار ئىچىدىن، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك، ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزلۈك دېتاللارنى تۈزۈشنى ۋە ئىشلىتىشنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن.
بولىدۇ، مەن بىر نەچچە ساۋاقداش، ئاغىنىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، سىناش ئېلىپ بارىلى، بولسا سىناش دوكىلاتىغا قۇيۇلىدىغان تەلەپلەرنى قوشۇپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز!
قەشقەرگە ماڭىدىغان بىرەر تونۇشلاردىن (تېلېفون نومۇرىمىزنى ئەسكەرتىپ) ئەۋەرتىۋەتسىڭىز تاپشۇرۇۋالاتتۇق.
ئەگەر كۆرگۈ(چ) دەپ ئالساق يۇقارقى ئىنگىلىزچە ئاتالغۇلارغىمۇ، internet explorer غىمۇ ماس كېلىدىكەن.
مىنڭچە‹‹ باشقۇرۇش ››ياكى ‹‹ئېختىيارى باشقۇرۇش›› دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولارمىكىن!!