شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرسوفت،…قاتارلىق دىيارىمىزدىكى شىركەتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۈگۈن چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش مەركىزى 5-قەۋەت يىغىن زالىدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى 31 ئۇچۇر تېخنىكا كارخانىسى ئۆز-ئارا كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 5-6 ئۇيغۇر كارخانىسى بار. يىغىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 4:30 دا باشلىنىپ 6:00 دە ئاخىرلاشتى، ئارقىدىن يەنە ئۆز-ئارا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مېڭ فەنلى، ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام، پروفېسسور تۈرگۈن ئىبراھىم قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.
ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى تۈرگۈن ئىبراھىم بىلەن ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم
كېلىشىم ئىمزالىدى.
ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى تۈرگۈن ئىبراھىم بىلەن ئېرپان شىركىتىدىكى ئىلھام مۇئەللىم بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.
ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات بازىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىپ تەبرىكلىدى.
بۇنىڭدىن كېيىن ئۇچۇر پەن-تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كېلىشىم ئىمزالىغان شىركەتلەرگە خالىغانچە بېرىپ، مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى تېخىمۇ پۇختىلايدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن زور پۇرسەت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
================
ئۇيغۇرسوفت شىركىتى Windows 8 نى سىناشقا كۆرسىتىلگەن مۇھىم شىركەت بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا مىكروسوفت ئەۋەتكەن 20 تال دىسكىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى. مەن Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنىڭ ئارگىنال دىسكىسىنى ئۇستاز تۈرگۈن ئىبراھىم مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ، Windows 8 سىناشقا تەكلىپ قىلدىم ۋە مىكروسوفتتىكى خادىملارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدۈم.
مەن يەنە Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنىڭ ئارگىنال دىسكىسىنى ئۇستاز ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بەردىم، مىكروسوفتتىكى خادىملارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدۈم. ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم بەزى تەپسىلاتلارنى سورىدى ۋە ناھايىتى قىزىقىش بىلەن ئاڭلىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قارلۇق شىركىتىنى سىناشقا تەكلىپ قىلىپ، Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنىڭ ئارگىنال دىسكىسىنى شىركەت مەسئۇلى پەخرىدىن قارلۇق ئەپەندىمگە بەردىم.
=========
(بۇ رەسىمنى بېسىپ، پۈتۈن كۆرۈڭ)
(كوللېكتىپ رەسىم)
=============
مەن بۇ دىسكىلارنى يەنە تىل-يېزىق ئورۇنلىرى، نەشرىيات، تىل تەربىيەلەش مەركەزلىرى،… قاتارلىقلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمەن، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ،…قاتارلىق 10 نەچچە ۋىلايەتلەردىكى شەخسلەرگىمۇ ئەۋەتىپ بەرمەكچى، بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئايرىم تېما يېزىپ توختالماقچى بولۇۋاتىمەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,434 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:29
- ئالدىنقى يازما :ئالىم ئەھەت بىلوگى بىر ياشقا كىردى
- كېيىنكى يازما :Explorer نى نېمە دەيمىز؟
يۇقىرقى ئورۇنلار تاپشۇرۇۋالغان ۋىندوۋس 8 نىڭ دىسكىسى ئۇيغۇرچىما؟ بىز قاچان ئۇيغۇرچە سىستىمىنى ئىشلىتەلەيمىز؟
سىز توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن سېستىما بىلەن ئوخشاش. لېكىن، ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ دېسكا خۇددى مىكروسوفت شىركىتى ئەۋەتكەن تەكلىپنامىگە ئوخشايدۇ.
ھازىر تىلۋىزىيە ئىستانسىلىرى پۇل تېپىشقىلا كىرىشىپ كەتتى .
ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتى بۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى مىسال.
تىلۋىزورنىمۇ قۇرۇق يۇغۇزۇپ كۈرىدىغان كۈنلەر كەلدى ھازىر
تېلۋىزىريە ئىستانسىلىرى تەلەي يۇلتۇزى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پىروگىرامىلىرى ئىشلەش ، كورىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىريە فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن ئالداش تۇرسا ، بۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىدىغان نەدىكى چولىسى دەيسىلەر . ئۇلارمۇ ماشىنا بولمىغاندىن كېيىن چارچايدۇدە !!!
بلوگدا تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىدىكلەرمۇ بار، شۇلارغا دەپ قويسىڭىز بولغىدەك. ھەر ئىشنى شۇ پۇرسەتكە نائىل كىشىلەر قىلمىسا، باشقىلار زورلىساقمۇ تەس، شۇ كىشلەر ئۆز رولى ۋە پۇرسىتىنى جارى قىلدۇرسا …
بەك قۇتلۇق ئىش بوپتۇ. مەن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم.ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ رۇناق تاپسۇن.
ئالىم مۇئەللىم قاچانلاردىراق ئۇيغۇرچە نەشىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولامىز ؟
شۇڭا، تېلېۋىزورنى ئاز كۆرۈڭ، ئالىم ئاكىمىزنىڭ ماۋۇ گىپى بەك ياخشى بوپتۇ.
بەكلا خۇش بولدۇم. بۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ شىركەت كارخانا ئورگانلىرىغا بېرىپ پراكتىكا قىلالىغان بولسا …
بۇ بەك قۇتلۇق خەۋەر بوپتۇ. مەن ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقوغۇچىسى بولغانلىقىمدىن بەك پەخىرلىنىۋاتىمەن. بۇ يەنە شىنجاڭدىكى ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرىگە بېرىلگەن ياخشى پۇرسەت. شىركەتلەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىنىستىتۇتىمىزغا كېلىپ، ياراملىق ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ. شىنجاڭدا ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرى ھەقىقەتەن بەك ئاز، بار بولسىمۇ كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك، خادىم سانى ئاز. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە بولغان ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى ۋە بازارلىرى ئېچىلىپ كەتسە، ئىنىستىتۇمىزدىكى ئوقوغۇچىلارمۇ يۇرتىمىزدىكى ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرىدە ئىشلەپ كەتسەك نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە!
ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشىنى شۇنداقلا ئۆزگىچە بولغان ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋە بازارلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
بۇ بىر ياخشى باشلىنىش
ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى am 09:11
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم~!
بەك ياىشى ئىش بوپتۇ، ئىش ئۆملۈكتە كۈچ بىرلىكتە!
ئاللا ئىلمىڭلارنى زىيادە قىلسۇن. باسقان قەدىمىڭلار بەرىكەتلىك بولسۇن!
ھۇررا!!!
مۇبارەك بولسۇن قەدىرلىك ئىنىم ئالىمجان!
باسقان قەدىمىڭىزدىن قىزىل گۈللەر ئۈنۈپ كەتسۇن!!!
مانا، مەلۇم بولدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىلىم -پەندە ئانا تىلنى جارى قىلدۇرۇپ تۈرلۈك يېڭىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرەلەيدۇ!!!
ئىنشا ئاللاھ يېقىن كەلگۈسىدە تارىختىكىدەك دۇنيا ئىلىم – پەن ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ باشلامچىلىرى بولۇپ پۈتكۈل دۇنيانى يېڭىۋاشتىن زىلزىلىگە كەلتۈرىۋېتىدۇ!
مەن بۇ خەۋەرنى رەسىملەر بىلەن قوشۇپ تۇلۇق كۆچۈرۈپ ئېلىپ ، كىتاۋىمنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىكى كاتتا مۆجىزىلىرى» بۆلۈمىگە ئورۇنلاشتۇرسام قانداق دەيسىز؟
سىزنىڭ مىكروسوفت بىلەن ئالاقىڭىز قويۇق بولغاندىكىن بارلىق wp7 يانفۇنى ئىشلەتكۈچىلەرگە ۋاكالىتەن مىكروسوفت شىركىتىگە دەپ باقسىڭىز wp7 پەقەت تور يۈزىدە ئۇيغۇر يىزىقىنى قوللىمايدىكەن ، ئۇيغۇر يىزىقىدىكى سىستىما بولۇش ئالدىدا ،ئەمدى يانفۇنمۇ بىر ئۇيغۇر يىزىقىنى تور يۈزىدە قوللىسىكەن دىگەن ئۈمىتتە .
Windows بۇنداق بولغان يەردە، بۇ كىچىك ئىش، ئۇنىڭ ئەگەشمە مەھسۇلاتلىرى پۈتۈنلەي مەجبۇرىي شۇنداق بولىدۇ.
بەك ياخشى بولۇپتۇ،بىزدىمۇ ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىدىكى ۋىندوۋس بار بولىدىكەن… سىزدەك ئوغلانلىرىمىزغا رەھمەت.
مەنمۇ ئۇيغۇرچە يانفۇن ئىشلەتكۈچىلەردىن بىرى.ئىقتىدارلىرى پەقەت ياخشى ئەمەس،……..يا…كىچەلمەيمەن……………… يانفۇنلارمۇ تىلىمىزنى تونىغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.
ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە ئەپلەر كەم، شۇڭا قولايسىز بىلىنىدۇ. يانفونغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ھازىر ئاساسەن مەسىلە ئەمەس، شۇڭا بەلكىم پات ئارىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە ئەپلەر بارلىققا كىلىشى مومكىن.
بۇ ئىشلارغىمۇ ئاز قالدى