Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىڭ
[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بەلكىم ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، Windows 8 ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئۇيغۇرچە تەرجىمىنىڭ تېخىمۇ توغرا، يەرلىكلەشتۈرۈش سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن، سىزنى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىمىز.
مۇھىم ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىگە قىممەتلىك تەكلىپ بېرىشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز.
Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىش ئۈچۈن، بۇ يەرنى چېكىڭ
=================================
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
مۇنبەر قائىدىسى بويىچە مەۋھۇم ئىسىم ياكى تەخەللۇس بىلەن تىزىملاپ كىرىسىز، ھەقىقىي ئىسىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئاتالغۇلارغا پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، ئىنگلىز تىلىدا يازىسىز. ئىنگلىز تىلىدا ئىپادىلەشتە قىينالسىڭىز، ھەرگىزمۇ google تەرجىمانىغا زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ، ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، پىدائىيلار ئۇنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشى مۇمكىن. ھېچقانداق پىكىر يازمايلا، تور بېكىتىڭىزنىڭ ئۇلانمىسىنى ئېلان شەكىلدە قالدۇرماڭ. مۇنبەرگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت،…قاتارلىق كىتابلاردىكى مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرۈپ چىقىڭ. مەسىلەن: ئىسىم، سۈپەت، پېئىل يەنە سۆز ياسىغۇچى ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار دېگەندەك. ئىنكاس يازغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئىنكاسلارنىڭ يازسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، ھەرگىزمۇ ئىملا، ئاتالغۇ،…جەھەتتىكى قىسمەن يېتەرسىزلىكلەرنى زورمۇ-زور تىلغا ئېلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، رەھمەت!
===========
بىرىنچى: مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرىدا، سۆز تۈركۈمى پېئىل بولغان ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىشتا، لۇغەتلەردە قېلىپلاشقان «-ماق\-مەك» شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن: دەلىللىمەك، لېكىن، ئارايۈز تەرجىمىسىدىكى تىزىملىك، كۇنۇپكىلاردا پېئىلنىڭ «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» (ئىسىمداش) شەكلى قوللىنىلغان. مەسىلەن: دەلىللەش. ئۇنىڭدىن باشقا جايلاردا پېئىلنىڭ باشقا تۈرلىنىشىمۇ جانلىق ئىشلىتىلگەن.
لۇغەتلەردە پېئىللارنىڭ «-ماق\-مەك» شەكلىدە ئېلىشنىڭ سەۋەبى مانا:
(1) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، خەمىت تۆمۈر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى
(2) ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئاپتورى قادىر قاۋۇز، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(3) ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئاپتورى Daniel St. John، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(4) خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(5) ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(6) 汉维对比词汇学, 马德元,新疆大学出版社
…
ئىككىنچى: مىكروسوفتنىڭ تەلىپى Windows8 نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش بولۇپ، ئاتالغۇ تەرجىمىسىدە قېلىپلاشقان، ھازىرقى زاماندا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىش، مۇمكىنقەدەر يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلماسلىق، يېڭى ئاتالغۇ ياكى يېڭى تىل ئۇسلۇبىنى Windows8 دا سىناق قىلىپ باقماسلىق، چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدىكى قائىدىلەر ۋە يەرلىكلەشتۈرۈشتە مىكروسوفت تەلەپ قىلغان Windows8 تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىدىكى قائىدىلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىش بولۇپ، تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
ئۈچىنچى: ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مۇنبەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم قائىدىسى شۇكى ئاتالغۇلارغا چۈشكەن بېلەت سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قارارغا تەڭ بولمايدىكەن، پەقەت ئىنكاسنىڭ مۇھىملىقى، ئىلمىيلىكى، پاكىتلىق بولۇشى ئاخىرقى قارار چىقىرىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چوقۇم ئىككىنچى قائىدىگە ئەمەل قىلغان بولسا، ئاندىن مۇنبەر مۇدىرىيىتى (بۇنى تورداشلار خەنزۇچىدىن سەھىپە باشقۇرغۇچى دەپ تەرجىمە قىلغان، بۇلار) قاراپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئاتالغۇنى بېكىتىپ قولۇپ سالىدىكەن، تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە چۈشىنىشى ئۈمىد قىلىدىكەن.
تۆتىنچى: ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلىش تەس، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلار بار، ئەمما، ئۇنىڭغا پىكىر بەرمەك بەك ئاسان، شۇڭا، پىكىر يازغاندا پاكىتلىق مۇنازىرە قىلىڭ. مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ ئاتالغۇلار 1-2 يىل بۇرۇن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئارايۈز تەرجىمىسى رەسمىي باشلانغاندا، ئېكران يۈزىدىكى ئورنى ۋە جۈملىگە ئاساسەن، بەزىلىرىدە ھەقىقەتەنمۇ خاتالىق بايقالغان. ئەمما، جۈملە تەرجىمىسىدە بۇ خاتالىقنىڭ ھەممىسى تۈزىتىلگەن. مەسىلەن: email كەلگەندە، ئۈستىدىكى To, From دېگەن سۆز «غا»، «دىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ئەمما، ئەمەلىي تەرجىمىدە بۇ «تاپشۇرۇۋالغۇچى»، «ئەۋەتكۈچى» دەپ ئېلىنسا ئەڭ مۇۋاپىق بولغاچقا، شۇنداق ئېلىنغان، ئەمما، سۆزلۈك ئامبىرىدا ئۇ يەنىلا قوشۇمچە «غا»، «دىن» دەپ ئېلىنغان. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. شۇڭا، بەزىلەر ئىشنىڭ تېگىنى بىلمەي تۇرۇپ قايناپ سۆزلەپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا، چوڭ خاتالىقنى تاپتىم دەپ بايقىسىڭىز، ئالدى بىلەن مۇشۇ يەرگە يېزىڭ، 1-2 كۈنگىچە مۇۋاپىق جاۋاب ئالالمىسىڭىز، ئاۋۇ يەرگە يازسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.
ناۋادا، قولۇپ سېلىنغان ئاتالغۇلار ئىچىدىن زور خاتالىقنى بايقاپ، ئىنكاس يازالمىسىڭىز، مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويۇڭ. مەن چوقۇم يەتكۈزۈپ قويالايمەن. قۇلۇپنى يەنە ئېچىشقا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى تاماملىنىدىغان بولغاچقا، كۈندە 4-5 ئاتالغۇغا قۇلۇپ سېلىنمىسا، بۇ خىزمەت بېكىتىلگەن مۆھلەت ئىچىدە تاماملانمايدۇ.
مەن ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە جەمئىي 20 كىشىگە تەكلىپنامە ئەۋەتتىم، ماڭا خەت يازغان 35 كىشى ئىچىدىن تەلەپ بويىچە تاللاپ چىقتىم. مىكروسوفت شىركىتىدىكى مەسئۇل خادىممۇ ئىلگىرى مەن تەۋسىيە قىلغان مۇشۇ ساھەدىكى 15 نوپۇزلۇق كىشىلەرگە يەنە تەكلىپ ئەۋەتتى (ئۇلارنى قاتناشماي قالمىسۇن دەپ). ئەمما، ھازىر مۇنازىرىگە قاتنىشىۋاتقانلار 80 دىن ئېشىپ كەتتى. قارىغاندا ئۇلار ئۆز-ئارا ئەۋەتىپ بۇ تەكلىپنامىنى ۋاششاڭ قىلىۋەتكەندەك قىلىدۇ. ھەتتا بىلوگلىرىغا، تور بېكەتلەرگە مەزمۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ، چالا تەرجىمە قىلىپ چاپلاپ قويۇپتۇ (بۇنداق قىلىش بىر ئەخلاقسىزلىق ئىدى). بۇمۇ مەيلى، كەڭ دائىرلىك پىكىر ئېلىنسا تېخىمۇ ياخشى، شۇڭا، تەلەپ بويىچە تىزىملاش كودى ئېلىۋېتىلدى.
ئەڭ ئاخىرقى تەۋسىيە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (خەمىت تۆمۈر)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (3 توملۇق) كىتابنى ئوقۇپ چىقىڭ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدا بولسۇن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,260 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 03-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 12:27
- ئالدىنقى يازما :hybrid boot، live tile،…قاتارلىق ئاتالغۇلار ھەققىدە
- كېيىنكى يازما :zoom, account,…قاتارلىق ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ (يېڭىلاندى)
باياتىن ئەسلى بەتكە كىرىپ كۆرۈپ چىقتىم. مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاتالغۇلار ناھايىتى ياخشى ئېلىنىپتۇ. بىر- ئىككىسىگە قارىتا باشقىچىرەك ئويلىغان بولساممۇ، بىۋاسىتە ئەسلى ئادرېستا يېزىپ قالايمىقان قىلغاندىن كۆرە مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
zoom: چۈشەندۈرۈشىدىن قارىغاندا بۇ بىر نەچچە بارماقتا مەشغۇلات قىلغاندا، بارماقلارنى بىر- بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە سىيرىشنى كۆرسىتىدىكەن (خاتا چۈشىنىۋالغان بولسام ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىزلەر). ھەم ئۈستىدىكى pinch نى تارايتماق دەپ ئالغاندىكىن، شۇنىڭغا قارىمۇ- قارشى قىلىپ «كېڭەيتمەك» ياكى «يىراقلاشتۇرماق» دېگەندەك ئېلىنسا مۇۋاپىق بولامدۇ قانداق.
thumb keyboard: چەكمە كونۇپكا تاختىسىغا قارىتا ئېيتىلغان بولسا، «باسما كونۇپكا تاختىسى» دەپ ئېلىنسا قانداق بولار. بەرىبىر مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەھۋالدا كونۇپكا تاختىسىنى بارماقتا باسىمىز.
homework app: بۇنىڭدىكى app باشقا يەردىكىلىرى بىلەن ئوخشاش قىلىپ «ئەپ» دەپ ئېلىنسا ماس كېلەرمۇ.
action: مېنىڭچە بۇ كومپيۇتېردىكى بىرەر ئوبيېكتنىڭ ھەرىكىتى بولغاچقا، ئادەتلەنگىنىمىز بويىچە «مەشغۇلات» دېيىلسە قانداق بولار.
available : چۈشەندۈرۈشى بويىچە بولغاندا «تەييار» دېگەن سۆز تېخىمۇ يېقىن كېلەمدۇ قانداق.
favorite: توردىن ساقلىۋالغان، بىز ياقتۇرغان ئادرېس دەپ چۈشەندۈرۈلۈپتۇ. شۇنداقتا «ساقلانما» ياكى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كەلگەن «خەتكۈچ» دەپ ئىپادىلەنسە مۇۋاپىقمۇ قانداق.
Inbox folder: بۇنى «خەت قوبۇللاش» دەپ ئالسا مېنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. تولۇق قىلىپ «خەت قوبۇللاش ساندۇقى قىسقۇچى» ياكى ئاددىي قىلىپ «قوبۇللاش قىسقۇچى» دېگەندەك ئېلىنسا مۇۋاپىق بولارمىكىن.
بىلىدىغانلىرىمنىڭ تايىنلىقلىقىغا باقماي ئاز- تولا بىلجىرلاپ باقتىم. مۇۋاپىق بولمىغانلىرىنى نەزەرگە ئالماي، مۇۋاپىقكەن دېگەنلەرگە تورداشلارمۇ ئۆز پىكرىنى قويۇپ باقسا دەپ ئويلايمەن.
بۇلار بۈگۈن ئويلىغانلىرىم،بۇبىلوگدا كىشىلەر تىخىمۇ كۆپ بۇيەردە مۇزاكىرە قىلىش ئاقىلانىلىك دەپ قارايمەن،چۈنكى ئويىمىزنى ئۇيغۇرچىدا قىينالماي ئىپادىيەلەيمىز.ئېنگىلىزچە بىلمەيدىغانلارمۇ پىكىرگە قاتنىشالايدۇ.بۇيەرگە تىزىلمىغان ئاتالغۇلارغا پىكرىم يوق.
snapped app .1 :لەيلەك ئەپ،مەنىسىدىن شۇنداق چۈشەندىم.چۈنكى“pin“سۆزىنى“قاداش“دەپ ئالدىم؛بۇسۆزنى يەنە ئويلىساق بولىدۇ،لىكىن“قادالغان ئەپ ”دەپ ئىلىشقا مەن قارشى.
snap (verb) قادىماق:بۇنى مۇۋاپىق ئەمەس،مەنمۇ ۋاقتىنچە ئويلاپ چىقالمىدىم.ھەممىمىز ئويلايلى.
2.badge ئەسكەرتمە بەلگە: توغرىسى ئەسكەرىتمە
”بەلگە“ سۆزى ئوشۇق. بۇ جايدا كۆرگىلى بولىدىغان بەلگىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش لازىم بولسا“ئەسكەرتىش بەلگىسى /ئەسكەرتىش بەلگە“دىسەك ئەڭ مۇۋاپىق
3.account picture ھېسابات رەسىمى:توغرىسى ھېسابانت رەسىمى
”ھېسابات رەسىمى“دىسە رەسىم خۇددى ”ھىسابات دەپتىرىنىڭ رەسىمى“ دىگەندەك تەسىر بىرىدىكەن،بۇنىڭدىن ”ئىشلەتكۈچىنىڭ رەسىمى“دىگەن مەنە پەقەت چىقمايدىكەن.
4.People كىشى:توغرىسى كىشىلەر
كۆپلۈك ئىلىنسىلا ئەسلى مەنىسى بىلەن تەرجىمە قىلىنىپتۇ،بۇنىڭدىن ئۆتە مۇۋاپىقمۇ بولماس.
5.rotate (gesture action ئايلاندۇرماق ئايلاندۇرماق: توغرىسى چۆرگىلىتىش/يورغىلىتىش
”ئايلاندۇرماق“دىيىلسە ئۇقۇم خاتالىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن،مەسىلەن Mp3ھۆججىتىنىWMAھۆججىتىگە ”ئايلاندۇرۇش“دىگەندىكى ”ئايلاندۇرۇش“ بىلەن ئۇقۇم ئىنق بولماسلىق كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
6.pinch (gesture action) تارايتماق تارايتماق:توغرىسى يېغماق/يېغىش
بىزدە پۇت-قولىنى يېغىش.بارماقنى يېغىش(جۈپلەش)،پۇتىنى يېغىش،چاتىرىقنى يېغىش دىگەن سۆزلەر بار.
7.Stretchسۆزى بۇ جەدۋەلدە يوقكەن،لىكىن مەن بۇ سۆزنى ”كەرىش/كەرىمەك“دەپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.چۈنكى بىزدە ”بارماقلىرىنى كەرىپ،بىلەكلىرىنى كەرىپ،غۇلىچىنى كەرىپ،چاتىرقىنى كەرىپ،ئوقيانىڭ كىرىچىنى كەرىپ…دىگەندەك نۇرغۇن ئىبارىلەر بار.بۇنىڭدىن ماس سۆز بولسا مەيلى،لىكىن تىخى يوق بولسا مۇشۇ ئەڭ مۇۋاپىق.
8.zoom (gesture name) يىراقلىقى:توغرىسى ئىنى
بىزدە رەخىتنىڭ ئىنى(كەڭ-تارلىقى)دىگەن سۆز بار،“رەخىتنىڭ ئىنىنى ئىچىپ كۆرۈش“…دىگەندەك. ”ئەنلەش“-رەخىت ئۇلاپ كىڭەيتىش.بەزىدە يۈزىنىڭ ئىنى با(يۈزى قىلىن)،كۆڭلۈمنىڭ خىلى ئىنى بار(كۆكسى-قارنىم كەڭ)دەپمۇ ئىشلىتىپ قويىمىز.شۇڭا بۇ سۆز بىرقەدەر مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن.
9.pin (verb) قۇلۇپلىماق:توغرىسى قاداش/قادىماق
ئەسلى مەنىسى ئىنىق تۇرسا، بۇنى باشقىچە ئىلىشنى چۈشۈنەلمىدىم.بىزدە“كۆزۈمگە قادىلىپ تۇرماي،يوقىلە! ”،كۆزىگە قادىلىپ قاراش،كۆزگە قادالغان تىكەن….دىگەندەك سۆز-ئىبارىلەر بار.مەنىسىمۇ مۇشۇ سۆزنىڭ كومپېيوتىردىكى مەنىسى بىلەن ئوخشاش.
10.metered data plan ئېقىم مەلۇمات پىلانى:توغرىسى ئىقىم سەرپىيات پىلانى
بىز ھەممە نەرسىنى“سەرپىيات“قا قاراپ سىتىۋالىمىز،ھەق تاپشۇرىمىز.شۇڭا ”سەرپىيات“ئەڭ مۇۋاپىق.
11.time allowance بەلگىلەنگەن ۋاقىت:توغرىسى بىرىلگەن/تەمىنلەنگەن ۋاقىت
ئىنىقلىمىسى ۋە بىرىلگەن رەسىمگە بىرلەشتۈرگەندە،time limitsنى ”ۋاقىت چەكلىمە“،ماس سالدا ۋاقىت چەكلىمىنى ئىچىش/ئېتىش. ئاستىدىكى تاللاشتىكى“allowed ”نى ”تەمىنلەندى“،“blocked“نى“ئىتىلدى“ دەپ ئىلىش موۋاپىق.
12.push-button reset بىر كۇنۇپكىدىن قايتا تەڭشەش:توغرىسى كۇنۇپكىدىن قايتا تەڭشەش
”بىر“سۆزى ئوشۇقچە. مۇشۇ تەرجىمىدىن باشقا ماسراقىنى تاپالمىدىم.
13.tab (noun) بەتكۈش:توغرىسى بەتكۈچ
بۇ سۆز ”خەتكۈچ“دىن تەقلىد قىلىپ ياسالغان ،شۇڭا ”بەتكۈچ“دەپ ئالىمىز.
14.wizard يېتەكلىگۈچ:توغرىسى يېتەكچى
”يېتەكچىنىڭ ئەسكەرتمىسى بويىچە مەشخۇلات قىلىڭ“دىگەندەك.بىزدە يەنە يېتەكچى ئوقۇتقۇچى… دىگەندەك سۆزلەر بار. يېڭى سۆزنى ئازراق ياسايلى.
15.credentials كىملىك ئۇچۇرلىرى:توغرىسى تەنتەك
بۇ سۆز ھازىر ئشلىتىشتىن قالدى،لىكىن بۇ سۆز دەل كىملىكىنى ۋە ئەمەل-مەنسىپىنى ئىسپاتلىيالايدىغان نەرسىنى كۆرسىتەتتى.بۇنى بىز ئەمدى ئىشلەتسەك بولىدۇ،مەسىلەن كىملىك،پاسسپورت،خىزمەت ۋە باشقا كىنىشكىلەرنى يىغىپ تەنتەكلەر،تەنتەكلىرىم دىسەك تامامەن بولىدۇ… ”كىملىك ئۇچۇرلىرى“دىگەن ”personal information“بولىدۇ.
16.customize ئىختىيارى:توغرىسى ئۆزرايى/ئۆزخۇش/ئوزباب
بىزدە“ئۆزخۇشۇم،ئۆزرايى“دىگەن سۆزلەر بار،بۇلار دەل تەرجىمىسى.“ئاممىباب“دىگەنگە بىقىپ،“ئۆزباب“دىدىم.
17.email address ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسى: ئېخەت ئادرىسى
ئالدىنقى قىتىم بىرلىككە كىلىپ بولدى دىگەن.شۇ ئۆلچەم بىلەن مىڭىش كىرەك.ئېنگىلىزچىسىمۇ قىسقارتىلغان نۇسخىسى بولغاندىكىن،بىزمۇ ماس ھالدا قىسقارتىلغان بويىچە ئالىلى.
18.attachment قىستۇرۇلما:توغرىسى قىستۇرۇق
بۇ سۆزنى بەك ئاز ئىشلىتىمىز،ئىشلىتىدىغان يىرى مۇشۇ بولسا كىرەك.
19.available يېتەرلىك:توغرىسى تەييار/ھازىرجاۋاپ
خۇددى ”تەييار چۆپ،تەييار خىمىر“دىگەندەك ئىشلىتىشكە تەييار ھالەتتىكى نەرسە.“ھازىر جاۋاپ“نى پەقەت ئويلۇشۇپ بىقىشقا سۇنۇلدى
20.favorite تاللانغان :توغرىسى خۇشلۇق(ياختۇرغان)/ئەركەم /ئەرمەك
نى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز. ھايۋاناتلاردىن ياختۇرغان بىر نەچچىنى تاللاپ ”ئەرمەك“ دەپ باقىمىز. شۇڭا بۇنى دەپ باقتىم،توردايەنە مەۋھۇم“宠物pet“ بار بولدى،شۇڭا ”ئەرمەك“نى شۇنىڭغا ئاتاپ قويساقمۇ بولىدۇ،بۇ يەردە ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.
21.Inbox folder خەت قوبۇللاش :توغرىسى قوبۇللاش قىسقۇچى /كەلگەن خەت قىسقۇچى
بۇ يەردە ”خەت“ سۆزى مەۋجۇت ئەمەس.شۇڭا مەن“ Inbox folder“نى قوبۇللاش قىسقۇچى،“ Outbox folder“نى يوللاش قىسقۇچى دەپ تۇراي.
تۆۋەندىكى تەرجىمە ئاتالغۇلارنى تازا مۇۋاپىق ئەمەس مۇزاكىرە قىلىش كىرەك دەپ قارايمەن
layout لايىھە
instant message (noun) تېز ئۇچۇر
profile ئارخىپ
sign in تىزىملاپ كىرمەك
sign out تىزىملاپ چىقماق چېكىنمەك
sign up تىزىملىتىش
action ھەرىكەت
confirm دەلىللىمەك
enhanced مۇكەممەل
Account ھېسابات ھېسابات
attach قىستۇرماق قىستۇرماق
instant message (verb) تېز ئۇچۇر
map (verb) خەرىتە
contact ئالاقە
refresh your PC كومپيۇتېرىڭىزنى ئەسلىگە قايتۇرۇڭ
reset your PC كومپيۇتېرىڭىزنى قايتا تەڭشەڭ
ئۇستىدىكى ئىنكاستا
sign in تىزىملاپ كىرمەك
sign out چېكىنمەك
sign up تىزىملىتىش
action ھەرىكەت
دىگەنلەرنى ئوشۇق قىتىۋاپتىمەن،بۇلارغا پىكرىم يوق.ھۆججەتنى تەھرىرلەشتە خاتالىشىپتىمەن،ئۆزرىلەر بولسۇن.
بىلىككە تىزىملىتالماي قالدىم.شۇڭا، بۇ يەرگە يېزىۋاتىمەن. ۋىندوۋس 8نىڭ 记事本سىغا ئۇيغۇرچە يېزىپ، چېكىت ياكى پەش قويساق جۈملىنىڭ بېشىغا كېلىۋالىدىكەن. ئارقىسىغا ئۇلاپ خەت يازساق چېكىت، پەشلەر جايىغا چۈشىدىكەن. ئەگەر، بىر جۈملە خەت يازساق چېكىت، پەشلەر نى جايىغا چۈشۈرۈش بەك ئاۋارىچىلىقكەن. باشقىلارغىمۇ سىناپ بېقىش تەكلىپىنى بېرىمەن.
راستىنلا شۇنداق ئىكەن. بەلكىم ئۇلار ئىنگىلىزچە تىنش بەلگىسى ئىشلەتكەن ۋەياكى خەنزۇچە ۋىندوۋىس بولغانلىقى ئۈچۈن سولدىن ئوڭغا يېزىلىپ شۇنداق بولغان بولىشى مۈمكىن. مەن بۇنداق ئىشقا بۇرۇنمۇ يولۇققان. مۈمكىن بولسا بۇمۇ مۇشۇ قېتىم ھەل قىلىنىپ كەتسە….. مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش پىكىردە.
تولىمۇ پىكىر قاتناشتۇرغۇم بار ئىدى. لىكىن ھېلىقى كۆرسىتلگەن بەت ئىنگىلىزچە ئىكەن. مىنىڭ پىكىر بەرگۈدەك بىلىمىم يوق ئوخشايدۇ. غەيرەت قىلىڭلار! كۆپنىڭ كۆزى كۆپ دەپ، ئۇيغۇرچىمۇ مۇزاكىرە قىلىنسا بەزى تېخمۇ ياخشى مۇۋاپىق سۆزلەر مەيدانغا كېلىشى مۈمكىن، ئەلۋەتتە زىيانلىق تەرىپىمۇ بار….. باشقا تورلاردىمۇ كېڭەيتىپ مۇزاكىرە ئىنكاس يوللاش ئېلىپ بېرىلسا……. قىززىققۇچىلار….ئەجىر سىڭدۈرگۈچىلەر غەيرەت قىلىڭلار!!
مەنمۇ شۇ،بىلىككە تىزىملىتىش مۇمكىن بولمىدى.مەنمۇ مۇشۇ مەسىلىنى بايقىدىم،يەنە ۋىندوۋسنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ مۇنبىرىدە تىخىمۇ ئىغىر ئەھۋال بار،ئېنگىلىزچە خەت ئارىسىغا ئۇيغۇرچە يازسا جۈملىنىڭ بىشىغا بىرىۋالىدىكەن،كەينىگە ئۇلاپ خەت يازسىمۇ قايتىپ كەلمىدى.
بەزىبىر خەنزۇچىدىكى ۋە ئىنگىلىز چىدىكى تىخى تەرجىمە قىلىنمىغان پەن -تىخنىكا تىببى سۆزلەرنى قانداق قىلىسىز؟؟
ئەلۋەتتە ئۆزىمىز ياسايمىز دە. بىزنىڭ تىلىمىز تېخى ئۇنداق باشقا تىللارنىڭ تەرجىمىسىگە تايىنىپ قالىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىدى.
ۋاي نىمانچە سوغۇقچىلىق بۇ بۈگۈنكى؟ھىچ بىر كىشى بىر پىكىر بەرمەپتۇ بۇ ئىشلارغا. مۇئەللىم، بىر مەسىلە باتتى دىگەندەك ‹خاتىرە دەپتەر›دە ساپ ئۇيغۇرچىلا يازسا نورمال چىقىتى،لىكىن ئېنگىلىزچە ۋە سانلار بىلەن ئارلىشىپ كەلگەندە جۈملە ئاخىرىدىكى پەش-چىكىت راسلا مەسىلىكەن.مەسىلەن:
1.سىز كىم؟
-مەن كۆك دىڭىز.(ساپ ئۇيغۇرچە نورمال)
تۆۋەندىكى نورمال ئەمەس:
1.siz kim?
-men kokingiz.
bular normal emes.
ئىنكاس يازغاندا نورمال ئەمەس،يوللىنىپ بولغاندا نورمال بولۇپ قاپتىغۇ؟ قارىغاندا رەسىمىنى كېسىپ يوللىسام بولغۇدەك.
‹قادىماق ›دىگەن سۆزنى ‹قاداش› دىسە ياخشى بولىدۇ.
باشقىسىغا پىكىرم يوق.
بەزى ھازىرچە جايىدا بولمىغان ئاتالغۇلارغىمۇ كۈنۈپ كۈتىمىزغۇ كىيىن !~~~
جايىدا بولمىغان ئاتالغۇ بولسا ئېنىق دەڭ ، يەنە 9 كۈن ۋاقىت بار
«بارماق كۇنۇپكا تاختىسى» دىگەن سۆزنى كۆرۈپلا، باماق دېسكا سەۋەبىدىن مىكىن ، كاللامغا بارماقدەك چوڭلۇقتىكى كۇنۇپكا تاختىسى ئوخشايدۇ دەپ ئوي كەلدى ، قىزىقىپ رەسىمىگە قارىسام ئۇنداق ئەمەسكەن …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئالىم مۇئەللىم ، app غا ئەپ دەپ نام بىرىپتۇ ، موشۇ نى بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن !! ”ئەپ “ دېگەن نىمە ؟
app دېگەن شۇ application software应用软件 دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى، ئۇزارتىپ چۈشەنمەكچى بولسىڭىز ئەپلىك دېتال دەپ چۈشىنىڭ.
مەنچە ئەپلىك (قوللىنىشچان) پروگىرامما مىكىن؟
World English Dictionary
app
informal computing short for application program
Computing Dictionary
app definition
application program
بېسىپ تۇرماق —- دېگەننى «بېسىپ تۇرۇڭ»
ئايلاندۇرماق ——دېگەننى «ئايلاندۇرۇش»
سىيرىماق ——–دېگەننى «سىيرىش»
سۈرمەك ——–دېگەننى «سۈرۈڭ»
تارايتماق ——دېگەننى «تارايتىش »
….
دېگەندەك «ماق »،«مەك »… قوشۇمچىلىرى قوللىنىلغان سۆزلەرنى تۇرمۇشقا يېغىنراق سۆزلەرگە ئالماشتۇرسا قانداق ، بۇنداق بولسا كومپىيوتېر خۇددىي ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىپ مەشغۇلات قىلۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرەتتى ……….
ئارايۈز تەرجىمىسىدە ئەلۋەتتە شۇنداق چىقىدۇ،
thumb keyboard نى «ئېكران يۈزى كۇنۇپكا تاختىسى»ياكى« سىزىمچان كۇنۇپكا تاختىسى» دىسە قانداق بۇلار ؟
account picture
ئەسلىدىلا account دىگەن سۆزنى «ھىسابات » دەپ تەرجىمە قىلشتا خاتالىق بولغاچقىمۇ ،بۇ سۆزنى تەرجىمە قىلىش سەل تەس بۇلىۋاتىدۇ…. «ھىساباتچى رەسىمى »دىسەك قانداق بۇلار ؟